«تەڭ تارتايلى بۇ دەتنى»گە خۇلاسە -چوقۇم كۆرۈڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا adip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-9 16:56ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ -ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺷﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﻯ ﺑﯘ ﺋﻮﻳﯘﻧﻐﺎ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ، ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ، ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺕ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ -ﻣﯘﺯ ﭼﯧﻠﻪﻙ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﺭﯨﻘﺎﺑﯩﺘﻰ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﺳﯘﻧﻐﺎﻥ ﯞﻩ ئىلتىماسى ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ 7ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺳﯩﺘﯘﺩﯨﻨﯩﺘﻘﺎ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯧﺮىش ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﺋﻮﻳﯘﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ ،ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ ،ﺑﯘ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﮬﻪﺭ ﺳﺎﮬﻪ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﻮﻟﻼﭖ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﯩﻘﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻗﻼﺷﺘﻰ ،ﺷﯜﻛﺮﯨﻜﻰ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﭘﯘﻟﯩﻤﯘ ﭘﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ 30000ﺳﻮﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﺘﻰ ،8-سېنتەبىر پۇللار ئەۋەتىلىپ بولغۇچ ئىئانىگە يىغىلغان ساخاۋەت سوممىسى ئوتتۇز تۆت مىڭ سەككىز يۈز سوم - 34800 ﺳﻮﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ :
1. شىنجاڭ تىببى ئۇنىۋېرستېتىنىڭ بۇ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانىتلىقىغا قۇبۇل قىلىغان بىر يىگىتگە 8000 سوم پۇل ئەۋەتتۇق .
2.بېيجىڭ تىل ئۇنىۋېستېتىغا بۇ يىل يېڭىدىن قۇبۇل قىلىنغان بىر قىزغا 5000 سوم ئەۋەتتۇق .
3.شىئەن تىببى ئىنىستىتۇتىغا بۇ يىل يېڭىدىن قۇبۇل قىلىنغان بىر يىگىتكە 4000 سوم پۇل ئەۋەتتۇق .
4.خاربىن پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىغا بۇ يىل يېڭىدىن قۇبۇل قىلىنغان بىر قىزغا 4000 سوم ئەۋەتتۇق .
5.بۇلتۇ ر ئالىي مەكتەپنىڭ تۇنجى يىللىقىدىكى ئوقۇش پۇلىنى ئىزدىنىش مۇنبىرى ئارقىلىق يىغىپ بەرگەن بىر قىزغا بۇ يىل 4000 سوم ئەۋەتتۇق .
6.دادىسى كېسەل بولۇپ داۋالىنىۋاتقانلىقتىن ئىككىنچى يىللىق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشتا قىينىلىپ قالغان بىر قىزغا 2000 سوم ئەۋەتتۇق .
7.ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى بىرەيلەن ھاۋالە قىلغان ،بۇ يىل يېڭىدىن قۇبۇل قىلىنغان بىر قىزغا 3600 سوم ئەۋەتتۇق .
8.شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېستېتىغا بۇ يىل يېڭىدىن قۇبۇل قىلىنغان بىر قىزغا 2000سوم ئەۋەتتۇق .
9.شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىغا بۇ يىل يېڭىدىن قۇبۇل قىلىنغان بىر قىزغا 2200 سوم ئەۋەتتۇق .( 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچىدە ،بۇ قىزنىڭ ئەھۋالى ئۈندىداردا تارقىتىلغاندىن كىيىن شۇ قىز بىلەن ئالاقىلىشىپ 4000 سوم ياردەم قىلغان ئىدۇق )
پۇل بەرگەن بالىلارنىڭ ئالاقىدار ماتىرىياللىرى بىر سوم پىلانى خاتىرە دەپتىرىگە چاپلاندى ،بانكىدىن پۇل سالغان ئىسپات قەغەزلىرىمۇ رەسىمگە ئېلىنىپ ئەسلى ۋە رەسىم ئارخىپلىرى خاتىرىگە چاپلاندى ،بىلىشنى خالىغۇچىلارغا ئۈندىدار ياكى چ چ ئارقىىق ئەۋەتىپ بەرسەك بولىدۇ ،لېكىن ئەسلى ئۇچۇرلارنى ئاشكارلىماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم ،غورۇر بىباھا !
خاتىمە ؛
شۇنداق قىلىپ ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى مۇز چېلەك ئويۇنى ھازىرچە ئاياقلاشتى ،لېكىن ساخاۋەت ھەگىز ئاخىرلاشمايدۇ ،بۇ ئويۇننىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزىلىشىگە كۈچ چىقارغان ئىزدىنىش ،جەۋلان ،تەڭرىقۇت قاتارلىق ئىزدىنىش مۇنبىرى مەسئۇللىرىغا ۋە باشقا نامى ئاتالماي قالغان دوسىتلار غا ،ئىشقىلىپ مۇز چېلەك رىقابىنى ساخاۋەت ئويۇنىغا قىزغىن ئىشتىراك قىلغان بارلىق ئەزىزلەرگە ياردەمگە ئېرىشكۈچى 9 نەپەر سىتۇدىنىت نامىدىن كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن .سىزنىڭ ،مېنىڭ قىلغان كىچىككىنە ساخاۋىتىمىز سەۋەبى 9 سىتۇدىنىتنىڭ ئىقتىسادى يۈكى ئاز تولا بولسىمۇ يەڭگۈللىدى . ئۈمىدىم شۇكى ياردەمگە ئېرىشكۈچى سىتۇدىنىتلار تىرىشىپ ئۆگىنىپ بىلىم ئارقىلىق ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە تەر تۆككەي ،ھازىرقى ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى چېكىنىش ۋە ۋاز كېچىشنىڭ باھانەيۇ سەۋەبى ئەمەس ئالغا ئىنتىلىشنىڭ ،تىرىشىپ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچى قىلغاي . ئوقۇشلىرى غەلبىلىك بولغاي ، ئىشىنىڭلاركى سىلەردە تىرىشىپ ئوقۇشقا ئىرادە بولسىلا ئىقتىسادى جەھەتتە ئاز تولا ياردەم بېرىشكە مانا بىز بار !
بىر سوم پىلانى شوئارى ____ ساخاۋەت ئادەتكە ئايلانسۇن !
2014-يىلى 9-سېنتەبىر ،شەھرى بورتالا ،ۋاپادارىم912 يازمىسى
بانكا ئىسپاتلىرىنىڭ بىرتەرەپ قىلىنغان ئىسپاتلىرى تۆۋەندىكىچە ؛
{:112:} ئەمدى قار ياغقاندا قار چىلەك ئوينايلى {:92:} قارلىق تاشلامدىكى دىگەن تىخى {:92:} يۇقىرىقى ياردەم قىلىنغان مەلۇم قىزغا ۋاكالىتەن ياردەم قولىنى سۇنغان بارلىق قېرىنداشلارغا چەكسىز تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن. مۇنبەردە قىلىنغان ئەڭ مەنىلىك ئىش مۇشۇمىن دەپ ئويلاپ قالدىم. سالاھىيەت نۇمرى تەلەپ قىلدىكىن ئىيساجان بانكا كارتاڭلا
ئۆزنى كۆرسىتىشنى خالىمايدىغان ياخشى ئىشنى ياخشى كۆردىغان ئادەمگە ماس كەممىدى ياردەم قولىنى سۇنغان بارلىق قېرىنداشلارغا چەكسىز تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن. بىز كەلكۈن بولالمىساقمۇ سۇ تامچىسى بولالايمىز. بىز كەلكۈن بولالمىساقمۇ سۇ تامچىسى بولالايمىز.
مانا بۇ گەپنىڭ جېنى بار.مانا بۇ بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز! مەن ئىلگىرى تەئىلىق خەت نۇسقىسىنى ئۈگەنگەن، ئالدىراشچىلىقتا تاشلىنىپ قالدى.ھېيييييييي. بۇغداي قارى مۇبارەك ئىنكاسلىرىنى شاللىق قا يىزىپ تاشلاپلا ئېسىل ئەنئەنە.{:112:}شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرستىتىدا ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇۋاتقان يەنە بىر قىز ياردەمگە مۇھتاج..... مەن بۇ ئويۇندا پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدۇم.:lol salambay يوللىغان ۋاقتى 2014-9-11 00:03 static/image/common/back.gif
مەن بۇ ئويۇندا پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدۇم.
:lol ھېچكىم تەكلىپ قىلمىدىما parakende يوللىغان ۋاقتى 2014-9-11 00:30 static/image/common/back.gif
ھېچكىم تەكلىپ قىلمىدىما
دەل ئەكسىچە ھېچكىمنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلەلمىدىم...:lol مازارغا چالما ئاتقاندەكلا... salambay يوللىغان ۋاقتى 2014-9-11 10:22 static/image/common/back.gif
دەل ئەكسىچە ھېچكىمنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلەلمىدىم... م ...
سۇ سائىتىغا بەك دىققەت قىلىدىغان ئاداشلىرىڭىزنى چاقىرىپ ساپىسىزدە:lol salambay يوللىغان ۋاقتى 2014-9-11 10:22 static/image/common/back.gif
دەل ئەكسىچە ھېچكىمنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلەلمىدىم... م ...
مەن تەكلىپ قىلساممۇ ھېچكىم يوق . ئەسلى ئىككىمىز تەكلىپ قىلىشماپتۇق تەقسىر ھە :lol تەقدىر پىشانە دېگەن شۇ ئوخشايدۇ...:lol كۆڭلۈڭلارنى ھەرگىز يېرىم قىلماڭلار :lol
بەت:
[1]