iltirix يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 13:25:47

ئىناۋەتلىك كارتا (信用卡) ئىلتىماس قىلىشتىن ياردەم ؟

         ئەسسەلامۇئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى سالامەتمۇ سېلەر.
  سىلەرگە ئازراق ھاجىتىم چۈشۈپ بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن . ياردىمىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن . مەقسەتكە كەلسەم مەن ئىناۋەتلىك كارتا (信用卡) بىجىرەي دىگەن ، بانكىغا بارسام دۆلەت خىزمەتچىسى بۇلۇشۇڭ كېرەك دەيدۇ . مەن دۆلەت خىزمەتچىسى دىسەم ، مائاشىڭ 3000 يۈەندىن ئېشىشى كېرەك دەيدۇ ، مەن 4000 يۈەن مائاش ئالىمەن دېسەم ، توردىن ئىلتىماس قىل دەيدۇ ، توردىن ئىلتىماس قىلالىغان بولسام بۇ يەرگە كەلمەيتىم دېسەم ، ئەمىسە ئامال يوق  ، بانكىدىن ئىلتىماس قىلسىڭىز بەك ئۇزۇن ۋاقىت كىتىدۇ ، ھازىر ئىلتىماس قىلىپ قويسىڭىز نەچچە ئايدىن كېيىن قولىڭىزغا تېگىدۇ ، ئەڭ ياخشىسى توردىن ئىلتىماس قىلىڭ دېدى ، مەن ئۇلارغا ئەمىسە توردىن ئىلتىماس قىلىشنى ئۆگۈتۈپ قويۇڭلار دېسەم ، بىز بەك ئالدىراش ھەم ئۆگۈتۈپ قويىدىغان مۇلازىمىتىمىز يوق دەپلا گەپنى ئۈزىۋەتتى ... گەپنى بەك ئۇزارتىۋەتتىم ، ئىش قىلىپ ھازىر بۇ بانكىدىكىلەر بىلەن دوختۇرخانىدىكىلەرنىڭ مۇئامىلىسى بەكلا ناچاركەن . ھەي ... ئامال يوق ....   شۇنىڭ بىلەن بەيدۇغا چىقىپ ئىزدىسەم ئىناۋەتلىك كارتا بىجرىش ئۇسۇللىرى بار ئىكەن ، شۇ بويىچە قىلىپ رايۇن تاللايدىغان يەردە شىنجاڭنى تاللىغاندىن كېيىن پەقەت ئۈرۈمچىنىلا تاللىغىلى بولىدىكەن . ئامال يوق ئىزدىنىشنى ئاختۇرسام ئىناۋەتلىك كارتا توغرىسىدا ئىككى تېما بار ئىكەن ، لېكىن ئىككىلسى ئىلتىماس قىلىشقا مۇناسىۋەتسىز ئىكەن ، شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىكتىن ياردەم سوراپ بۇ تېمىنى يازدىم ، توردىن ئىناۋەتلىك كارتا ئىلتىماس قىلىش تەجرىبىسى بار قېرىنداشلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ، رەھمەت ...

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 16:28:35

مەن سودا-سانائەت بانكىسىنىڭكىنى بېجىرىپ باققان، بىرىنچىسىنى بانكىغا بېرىپ جەدۋەل تولدۇرۇپ ئىلتىماس قىلغان ئېدىم، بىرەر ئايدىن كېيىن چىقىپتىكەن، كېيىن يەنە VISA بەلگىسى بار كارتا لازىم بولۇپ قېلىپ، توردىن بېجىرسەم 10 نەچچە كۈن ئىچىدە چىقىپتىكەن.
قايسى بانكا بىلەن مۇئامىلىڭىز كۆپ بولسا شۇنىڭكىنى بېجىرسىڭىز ئىتتىك چىقامىكىن، ھەرقايسى بانكىلارنىڭ تور بېكىتىدە ئاساسەن توردا ئىلتىماس قىلىش بېتى بار.

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 17:07:33

ماۋۇ قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ http://creditcard.ccb.com

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 17:50:09

مائاشنى قايسى بانكىدىن ئالىسىز؟ئاندىن مەسلىھەت بىرەي

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 17:55:54

جۇڭگو بانكىسىغا بىرىڭ   

iltirix يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 17:58:21

amanpahri يوللىغان ۋاقتى  2014-9-9 17:50 static/image/common/back.gif
مائاشنى قايسى بانكىدىن ئالىسىز؟ئاندىن مەسلىھەت بىرەي

سودا سانائەت بانكىسىدىن .

bibaris يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 18:50:43

مۇشۇئىناۋەتلىك كارتىنى بىجىرىپ ،ۋاقتىدا قايتۇرماي،قاراتىزىملىككە چۈشۈپ قالغانلار خېلى بار ئەتراپىمدا

2828288 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 19:01:11

زورلاپ بىجىرىپ بىرىدۇغۇ  بىز تەرەپتە. سىز قايسى شەھەردە؟ مەن ھېلىقى مودەن كارتىسىنى ئىشلىتىۋاتقىلى 10يىلدەك بولدى.
چوڭراق بانكىلارغا  بارسىڭىز مەخسۇس قەرز، ئىناۋەتلىك  كارتا بىجىرىدىغان خادىملار بار.  باشلانغۇچتىكى مۇئەللىمىڭىزنىڭ ئىسمى نىمە ؟ دىگەندەك جىققىدە سوئاللارنى سورايدۇ. تەلەپكە لايىق جاۋاپ بەرسىڭىز بىر ئايدا چىقىدۇ.
ئاندىن بىرنەچچە بانكىغا بېرىپ بىرلا ۋاقىتتا ئىلتىماس قىلىڭ. بىرسى بولمىسا بىرسى چىقىدۇ.

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 19:52:53

2828288 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-9 19:01 static/image/common/back.gif
زورلاپ بىجىرىپ بىرىدۇغۇ  بىز تەرەپتە. سىز قايسى شەھەرد ...

سىز قايسى شەھەردە قېرىندىشىم ؟

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 19:53:51

بىزدەك خىزمىتى يوق بانكا بىلەن ئالاقە قىلىمىغانلار بىجىرەممەيدىغان ئوخشايدۇ ؟ :(

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 22:19:53

مەن يېزا ئىگىلىك بىلەن پوچتىنىڭكىنى بېجىرىپ باققان،ئىككىلىسىنى بانكىدىن بېجىردىم،ئۈچ تۆت ئايلاردا كەلدى
قايتۇرۇپ بولدۇم دەپ يۈرۈپ 17 كويغا قارا تىزىملىككە چۈشتۈم بىر قېتىم…

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 08:35:48

مەن مۇشۇ ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىمەن دەپ ئىچكىرىدىكى بىر چوڭ شەھەرنىڭ مەن كىرمىگەن بانكىسى قالمىغان.:@

elxatrahim يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 10:10:53

مەنمۇ بېجىرەلمىدىم.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 10:21:49

بۇدا ئۆي ئالىدىغاندا بانكا قەرزى بېجىرسەم ئىناۋەتلىك كارتىدىن بىرنى قىپ بېرەيلى سىزگە دەپ 30 مىڭ كويلۇقتىن بىرنى قىپ بېرىپتى، 10 كۈندە قولۇمغا ئالدىمغۇ.
ئاندىن ماۋۇ دۇكان ئاچقانلارغا يەنە بىر ياخشى ئىش باركەن، ھەرقايسى بانكىلارنىڭ كارتا سۈركەش ماشىنىسىنى ئورناتسا بىر يىل ئىچىدە 100 مىڭلىق كارتا سۈركەپ ئىشلەتسە 100 مىڭ كويلۇق ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىپ بېرەرمىش. ماڭا سودا سانائەت بانكىسى شۇنداق دەيدۇ

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 10:23:44

تېما ئېگىسى سىز مۇئاشلىق بولسىڭىز سىزگە تېزلا بېجىرىپ بېرەتتىغۇ.  دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە ئالدىدا بېجىرىپ تۇتقۇزۇپ قوياتتىكەن. مېنىڭ بىر قانچە ئاغىنلىرىمنىڭ 2-3 دىن كارتىسى تۇرىدۇ. بىزدەك تىجارەتچىلەرگە يوقمىدۇ ئەمدى دەپ تۇرسام ما قېتىملىق پۇرسەتتە ۋاچچىدە كەلدى بۇ كارتىمۇ ماڭا مانا.

iltirix يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 11:38:50

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-9-10 10:23 static/image/common/back.gif
تېما ئېگىسى سىز مۇئاشلىق بولسىڭىز سىزگە تېزلا بېجىرىپ  ...

ئەسلى قائىدە بويىچە مائاشلىقلارغا تىزلا بىجىرىپ بىرىدىكەنتۇق ، لېكىن مەن بانكىغا بىر نەچچە قېتىم كىرسەم ئۇلار بىرىنچىدىن ئالدىراشلىقىنى ئىككىنچىدىن بانكىدىن ئىلتىماس قىلسا ئۈچ تۆت ئاي ۋاقىت كىتىدىغانلىقىنى باھانە قىلىدى ، شۇنىڭ بىلەن باشقىلاردىن مەسلىھەت سورىسام توردىن ئىلتىماس قىلسا 15~20 كۈندىلا بىجىرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيىتتى ، شۇڭا مەنمۇ توردىن ئىلتىماس قىلىپ باقاي دەپ پەقەت قاملاشتۇرالماي بۇ تېمىنى يازغان ، قېرىنداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ بۈگۈن ئەتتىگەن يەنە سودا-سانائەت بانكىسىغا بېرىپ قانچە كۈن كەتسە كەتسۇن دەپ ئىلتىماس قىپ قويدۇم ، ئۇلار كىملىك نومۇرۇم ، بانكا كارتا نۇمۇرۇم ، تىلفۇن نومۇرۇم دېگەندەكلەرنى يېزىۋېلىپ ئەڭ تىز بولغاندا 20 كۈن كىچىككەندە بىر ئايدىن كېيىن خەۋىرىنى بىرىمىز دېدى ، بوپتۇ ئۇلارنىمۇ ساقلاپ باقاي . شۇنداق بولسىمۇ بۇ مۇنبەردىكى توردىن ئىلتىماس قىلىشنى بىلىدىغان قېرىنداشلارنىڭ تەجرىبىللىرىنى سۆزلەپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . ھەممىمىز تەڭ پايدىلانساق ...

Ataman2009 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 12:19:13

ھەجەپ لاۋزا مۇشۇ خەقنىڭ قانۇنى، چەتئەلدا كۆتتىڭىزنى سۆيگۈدەك قىلىپ تۇتقۇزدۇ كارتى،ئالمايمەن دىسىڭىز بانكىدىكىلەر يالۈۇرپ كىتىدۇ،لېكىن بۇ خەقىزە،،،،،،،،

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 12:48:45

iltirix يوللىغان ۋاقتى  2014-9-10 11:38 static/image/common/back.gif
ئەسلى قائىدە بويىچە مائاشلىقلارغا تىزلا بىجىرىپ بىرى ...

مەن ئەڭ دەسلەپتە دۇكىنىمنىڭ بارلىق رەسىمىيەتلىرىنى ئېلىپ شۇ سودا سانائەت بانكىسىغا بارغان ئىدىم. ئۇلار دەسلەپ سەل قىزىقتى، كېيىن ئۇچۇرلىرىمنى تولدۇرۇشقا بىر ۋاراق قەغەز بېرىپ شۇنى تولدۇر دېدى. مەن تولۇق تولدۇرۇپ بولۇپ شۇ كىشىگە بەرسەم ساقلا، بىز ئۇقتۇرۇش قىلىمىز دېدى. قانچە ئۇزۇن ساقلايمەن دېسەم بىر ھەپتە ئىچىدە سېنىڭ دەرىجەڭنىڭ توشىدىغان توشمايدىغانلىقىنى بېكىتىپ بېرىدۇ يۇقىردىن، دەرىجەڭ توشسا بولىدۇ دېدى. (ئادەتتە بىز ئىشلىتىۋاتقان بانكا كارتىمىزنىڭ يۇلتۇز دەرىجىسى 5 يۇلتۇزغا يەتسە تامامەن بېجىرىپ بېرىدىكەن، يەنى سىز مەيلى كادىر بولۇڭ ياكى شەخس بولۇڭ). مەن ئۇنىڭغا مېنىڭ بانكا كارتامنىڭ دەرىجىسى 5 يۇلتۇز، بۇ تامامەن بولىدۇ، چۈنكى سىلەرنىڭ قائىدەڭلاردە شۇنداق باركەنغۇ دېسەم (5يۇلتۇزلۇق بولسا بولىدۇ دېگەن گەپنى شۇ بانكىنىڭ باشقا تارماق بانكىسىدىكى بىر ئۇيغۇر دەپ بەرگەن ئىدى)، ھە شۇ بۇنى تەكشۈرۈپ ئاندىن قىلىمىز دەپ قەغەزنى ئېلىپلا كارى يوق بولدى. ھەپتىدىن كېيىن كىرىپ قانداق بولدى دېسەم ئۇ يولداش خەۋەر كەلمىدى دېدى. شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر تارماق بانكىغا بېرىپ مەن مۇشۇنداق ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرەتتىم ئاۋۇ بانكىدا دېسەم ئۇچۇرنى ئېپ قالغانتى، سادا يوق سەن بىر تەكشۈرۈپ باققىن دېسەم ماقۇل دەپ سېنىڭ ئۇچۇرۇڭ يوللانماپتۇ دېدى. ئاچچىقىمدا قانداق قىلسام تېز ئالالايمەن دېسەم؛ سەن دۇكان ئاچىدىكەنسەن، ئۇنداق بولغاندىن كېيىن ھەرقانداق كارتىلارنى سۈركەش ماشىنىسى ئورناتقىن، بىر يىلدىن كېيىن ساڭا بىر ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىپ بېرەيلى دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسمىيەتلەرنى شۇنىڭغا بېرىپ ھەقسىز ھالدا كارتا سۈركەش ماشىنىسىنى بېجىردىم. بىرەر يىل ساقلاي ئەمدى دەپ تۇرسام ئۆي ئالىدىغان ئىش چىقىپ ئۆي قەرزى بېجىرگەن قۇرۇلۇش بانكىسى ئۆزى بىرنى بېجىرىپ بېرەيلى دەپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ھازىر ئۇ ئىشمۇ پۈتكەن بولدى.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 10:51:30

مۇشۇ ئىناۋەتلىك كارتا دېگەننىڭ قانداق قولايلىقلىرى باركەن؟ زادى بېجىرىشكە ئەرزىمدۇ؟

2828288 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 13:09:06

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-9-11 10:51 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ئىناۋەتلىك كارتا دېگەننىڭ قانداق قولايلىقلىرى با ...

پايدىسى جىق دەيمەن. مەسىلەن كېچىسى پۇل جىددى پۇل لازىم بولۇپ قالسا،دەرھال يۈگۈرۈپ چىقىپ ئالالايسىز. يەنە مائاش چىقىشقا بىر ئىككى كۈن قالغاندا ئۇزۇن يىل كۆرۈشمىگەن ساۋاقدىشىڭىز كېلىپ قالدى دەيلى ياكى بولمىسا بالىڭىز تۇيۇقسىز ئاغرىپ  دوختۇرخانىغا پۇل لازىم بولۇپ قالدى دەيلى،خۇلۇم -خوشنىلار خەنزۇ ، قۇلۇپىڭىز ئەنسۇ بولۇپ قالسا، خەقتىن  سوراي دىسىڭىز «يوق» دەپ قالسا ، باش قاتمايدۇ دەرھال جانغا ئەسقاتىدۇ. زۇۋانسىز،ئۇرۇق-تۇققالىرىڭىزدەك «يائاللا مۇشۇ مائاشچى دىگەن خەق باي بولماي ئۆتىدىغان خەقكەن............»دەپ  ھارغۇچە سىسىق گەپ قىلىپ ئاۋارە قىلمايدۇ.بىر ئاي ئىچىدە قايتۇرۋەتسىڭىز ئۆسۈمى چىقمايدىغانلىرى بار.
بەت: [1] 2
: ئىناۋەتلىك كارتا (信用卡) ئىلتىماس قىلىشتىن ياردەم ؟