xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 01:55:19

بىشارەت(شەھلا)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tadubeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-9 10:04  

بىشارەت


ھېكايە


ھاۋانى بۇرۇن تۆشۈكلىرى بىلەن سۈمۈرىۋىلىپ، ئۆپكىسى لىق توشقاندىن كېيىن، شۇنچىلىك ھوزۇر بىلەن ئاجايىپ سالماق بىر تەرىزدە بوشلۇققا قايتۇرۇپ چىقىرىۋاتقان بىرسىنىڭ تاڭلىيى بىلەن تىلىنىڭ يېپىشىپ قېلىپ تەستە ئاجراشتىن ئىبارەت كىچىككىنە ھەم ھەر قېتىملىق نەپەس ئېلىش پائالىيىتىدە كاشىلا پەيدا قىلىۋاتقان ئاۋارىيەسى تۈپەيلىدىن، تاۋۇش چىقىرىش پەردىلىرى ئاپتۇماتىك غىدىقلىنىپ، قاراڭغۇ ئۆي ئىچىگە ناخشا ئېيتىپ بەرگىلى تۇردى.
بىردەمگىنە ئارامدىن كېيىن يەنە شۇ ئىشلار تەكرارلىنىدۇ،تاملارنىڭ بىزەكلىرى تام ئىچىدىكى كىشىلەرنى مەلۇم خىل ئالاھىدىلىكى بىلەن پەرىقلەندۈرۈشكە ئادەتلىنىپ كەتكەچكە، ئاۋازلاردىن ھەر خىل پەرەزلەرنى قىلىشىپ ئۇلارنى ئالماشتۇرۇپ قويۇشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ سەمىمىلىكى ھەر قانچە داۋالغۇشلار بولسىمۇ پىسەنىتسىز ھالدا مەزمۇت تۇرغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.
يەنە بىر قىسىم جاھازىلار بار، كىملەرنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەستائىدىل خاتىرلەيدىغان بۇ جاھازىلارمۇ تاملاردەك سەمىمىي، پات ئارىدا يۈز بىرىش ئېھتىماللىقى بولغان بىر ئۆلۈم ئۈچۈن تەييارلىنىپ تۇرۇشقان بارلىق مەۋجۇدات، ئۆلۈم يۈز بېرىپ بولغاندىن كېيىن بىر ئېغىز تەسەللىگە يارىمىسىمۇ، بىراق ھادىسىدىن كېيىنكى سۇلغۇنلۇق ئۇلاردا ھەممىدىن بەكىراق روشەن گەۋدىلىنىدۇ.
كىتاپ ئىشكابى قىيسىيىۋالىدۇ، ئىگىسىنى يوقۇتۇش ئازابىدا تەرسالىشىپ، كىتاپلارنى ھېچكىمگە بەرمەيدۇ، تاماق ئۈستىلى ئەسلىدىكىدەك ئوچۇق چىراي ئاچماس بولىۋالىدۇ، تاملار بولسا بىردەمدىلا رەڭگىنى ئۆڭدۈرۈپ، تىراگىدىيەلىك ھادىسە ئۈچۈن ئىپادە بىلدۈرىدۇ، ياكى ھازا ئېچىپ قارلىق تۇتىدۇ.
تام ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ مەلۇم خىل ئەزالىرىغا ئايلىنىش شەرىپىگە ئېرىشكەن بۇ مەنقۇلاتلار، ھامىلىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى بالاياتقۇدەك قىلىقلارنى قېلىشىپ ھەدىدىن ئاشىدۇ.
شۇلاردىن چۈشۈنۈشكە بولىدۇكى، ئۆلۈمدىن ئىبارەت تەبىئىي قانۇنىيەتكە شەرتسىز ماسلاشقان ئىنسانلار ئۇلارنى تەبىئىلا ئۆزلىرىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى قېلىپ تەربىيلىۋالغان، ئىگىسى ئۆلگەندىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ بىچارە سوغاق جانلىقلار ئايرىلىش ھېجرانلىرىنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتىپ شىددەت بىلەن ئۆيدىن ئىبارەت بۇ مۇقۇم ماكاندا ئەسەبىيلىكىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى چېكىنى يارىتىدۇ.
ئۇلار ناخشىغا ئوخشايدىغان خورەكلەرنى سېغىنىدۇ، ئاياقلار سېلىنغاندا پەيدا بولىدىغان پۇراقلارنى ئىزدەيدۇ، سىلانغۇسى، سۈرتۈلگۈسى كېلىدۇ. ئامالسىز قالغاندا يىتىمسىراپ ھوشىدىن كېتىشىدۇ.
ئۆلۈپ كەتكەن بىر كىشىنىڭ رامكىغا ئېلىنغان سۆرىتى شۇ قەدەر ياخشى ساقلىنىۋاتقىنىغا باقماي، كۈندىن كۈنگە خۇنۈكلىشىپ، ئاخىرى فۇتوشوپتا بىر تەرەپ قىلىنغاندەك تونۇغۇسىز ھالغا كېلىپ قالىدۇ. سۆرەتنىڭ ئۈستىگە سۇ تۆكۈلمىگەن، ئىسلاشمىغان، ئەكسىنچە نېپىز ھەم ئەلا سۈپەتلىك داكىدا پۇختا ئورۇلۇپ، بىر قەۋەت يالتىراقتا قاپلىنىپ، توپا-چاڭ كىرەلمەيدىغان ئىشكاپنىڭ ئەڭ يوقۇرىسىدا ئاۋايلاپ ساقلانغان، بىراق جىسمىدىن ئايرىلغان پوترىتىپ بارغانسىرى قىممىتىنى يوقىتىۋاتقانلىقىدىن مەيۈسلىنىپ، ئۆزىگە تەۋە ھاياتتىن ۋاز كېچىش ئارقىلىق، ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىۋاتقان ۋاقىتنىڭ رەھىمسىزلىكىگە ئۈنسىز قارشىلىق قىلىدۇ.
قاچان ئۆلۈشىدىن خەۋىرى يوق بىر ئايالنىڭ، ئۆلۈمىنى ساقلاش جەريانىدا پەيدا بولغان ئىنتىزارلىقىنى بېسىش ئۈچۈن سېتىۋالغان كىيىملىرى، بۇنىڭ ئىچىدە ھەر خىل ئۇششاق ئىچ كىيىملەر، ئۇخلاش خالاتلىرى، كىيىملەرگە ماسلاشتۇرۇپ سېتىۋالغان ئاياقلىرى يەنە سومكىلار، سانىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەردىن تارتىپ، قازان-قۇمۇچ، قاچا-قۇچىلار، ئۆلۈم پەيىتلىرى يېتىپ كەلگۈچە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە  ئىشلىتىپ كۆڭۈل خوشى قىلغاچ ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلانغان، يۇڭ ئەدىيال ھەم يوتقان-كۆرپىلەرگىچە ئايال ئۆلگەن ھامان قىممىتىنى يوقۇتۇشۇپ تەمتىرەپ قالىدۇ ھەم باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلىدىغان تەقدىرىدىن ئەنسىرەپ پېتىدىن چۈشىدۇ، ئۈمۈدسىزلىك ئۇلارنى ۋەيران قېلىۋىتىدۇ.
قىزىلئوڭگەچ راكى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ساۋاقداشلىرى، يېڭىلا پار بېرىلگەن سىنىپ ئىچىدە، (بۇ يەردە ئايدىڭلاشتۇرۋالدىغان بىر مەسىلە، سىنىپقا بىرىلگەن پار، ھەم ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئورتاق بولغان ئوبىكتىپ ھەم سوبىكتىپ نەرسىلەرنىڭ شۇ قەدەر مۇھىم بولۇپ كېتىشى پەقەت ۋە پەقەتلا ئۆلۈم پەيىتلىرىنى ساقلىغاچ زېرىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن تەييارلانغان ئەرمەك بولغانلىقىدىن.) يېڭىلا ئۆلۈم نۆۋىتىنى ئالغان ساۋاقدىشىنىڭ، پات ئارىدا تاماملىنىدىغان ئۆلىمىنىڭ ۋاقتىنى مىنۇتسىراپ ساناۋىتىپ، تۇيۇقسىز ئېزىپ قېلىپ، خىيالىدا ۋاقتىم توشتى دەپ قالسا ھەم ئويلىغىنىدەك ئۆلمەي قالسا، مەن ئۆلمەيدىكەنمەن دەپ بىمەنە ئىشلارنى قېلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ۋاقىتنى سانىماسلىق قارارىغا كېلىپ، لېكىن سانىمىسا ئىچ پۇشىقى بېسىقماي ، ئۆزى يالغۇز ئوينىغاندا، ھەر بىر قاڭقىشى  ئۆلچەملىك ۋاقىت بىرلىكىگە كىرىپ قېلىپ، ھەر بىر بىرلىكنى ماتىماتىكىدا ئۈگەنگەن فورمىلاغا سېلىپ توغرا ھېساپلىۋىلىپ، ئاندىن ئاشۇھېساپلاپ چىقىرىلىغان نەتىجىدىن ئۆزىنىڭ سەپەرگە چىقىدىغان ۋاقتىنى بىلىۋىلىش ئۈچۈن سېتىۋالغان توپىنى قولدىن قولغا ئۆتكۈزۈپ كۆرۈپ باقماقچى بولۇشتى، ئۇلارچە بولسا ئاشۇ دانا ساۋاقدىشى بۇ توپقا ئۆلۈم ۋاقتىنى توغرا ھېساپلاپ چىقىرىشقا ياردىمى بولىدىغان فورمىلانى خاتىرلەپ قويغان بولىشى مۇمكىن ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىسى توپنى ئەستائىدىللىق بىلەن سىلىشىپ، بار كۈچى بىلەن يىپ ئۈچى ئىزدەۋاتقاندا، تۇيۇقسىز سەل بىغەم ھەم ئۆكتەمىراق بىرسى سىلاش نۆۋىتى كەلگەندە، باشقىلار تاپالمايۋاتقان سىرلىق قانۇنىيەت دەل ئۇنىڭ ئەقىللىق كاللىسىنىڭ ئىنكاسىدىن يېشىلىپ كېتىدىغاندەك  بەك ھاياجانلىنىپ كېتىپ توپنى ياخشى تۇتالماي قاچۇرۇپ قويدى، توپ يەرنىڭ تارتىش كۈچى بىلەن قارشىلىق كۆرسۈتۈپ، سىمۇنىت پول ئۈستىدە قاڭقىشقا باشلىدى، قولدىن ئايرىلىپلا شىددەت بىلەن يەرگە سوقۇلدى، ئاندىن يۇقۇرى ئۆرلەپ يەنە چۈشتى، ھەر قېتىملىق يەرگە چۈشىشى ئالدىنقى قېتىملىقتىن ئاجىزلاپ كەينى دوسكىغا يۆلەپ قويۇلغان كېرەكسىز پارتىلارغا چىقىپ ئولتۇرىۋىلىپ، ئۆزىگە قاراپ تۇرغان بالىلاردىن بارغانسىرى يىراقلاپ، ئاخىرى يۇۋاشلىق بىلەن دومىلاشقا باشلىدى، ئۇ بۇ بالىلاردىن ئۆلگۈدەك قورقۇپ كەتكەن ئىدى، ئەگەر مەندىن بىرەر يىپ ئۈچى تاپالمىسا چوقۇم مېنى يېرىۋىتىشىدۇ بۇلار دەپ بىلەتتى ئۇ، چۈنكى ئۇ بايىلا قازا قىلغان ئىگىسىنىڭمۇ ئۆزىدىن شۇنداق بىر نەرسىلەرنى تاما قىلغانلىقىنى، تاپالمىغانسىرى ئەسەبىلىشىپ بار كۈچى بىلەن تامغا قارىتىپ تېپىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. بۇرۇن بۇ بالىلار ئۇنى ئاشۇ ئۆلۈپ كەتكەن بالىغا ياردەملىشىپ تېپىشىپ بىرەتتى، ئۇ چاغدا ئۇلار بۇ توپتىكى ھېكمەتنى بىلمەيتتى، ئەمدىلىكتە بولسا ساۋاقدىشىنىڭ مۇشۇ توپنى تېپىپ يۈرۈپ ۋاقتىنى غەلبىلىك توشقۇزغانلىقىنى كۆرۈشۈپ، ھەممىسى ئۈمۈدىنى ئۆزىگە باغلىمىدى دىيەلمەيدۇ.
ئۇمۇ ھېلىقى ئۆلۈم ۋاقتىنى كۈتۈش ئازاۋىدىن قۇتۇلۇش ياكى ئۇ ئازاپلارنى ئۈنتۈش ئۈچۈن كىيىم سېتىۋالىدىغان ئايالنىڭ كىيىملىرىدەك ئىگىسى ئۆلگەندىن كېيىن باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ يەنىلا ئارام تاپالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.ئاشۇ ئايال كىيىملىرىدىن بىشارەت تەلەپ قىلغاندەك، ئۇ ئۆسمۈرمۇ  ئۇنىڭدىن بىشارەت تەلەپ قىلاتتى، لېكىن ئۇمۇ ئامالسىز بولغاچقا ئىگىسىنى رازى قىلالماي چارچاپ كەتكەن ئىدى. ئەمدىلىكتە بىر توپ ئۆسمۈرنىڭ بىشارەتكە ئىنتىزار بولغان كۆزلىرىنى كۆرۈپ قاچىدىغان يەر تاپالماي قالدى. شۇنداقتىمۇ دومىلاپ باقماقچى، تەلىيىنى سىناپ سىنىپتىن چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ تۇرغىنىدا، بىر مۇنچە دەپتەرلەرنى كۆتۈرىۋالغان سىنىپ مەسئولىنىڭ ئەينەك پايپاق كىيىۋالغان پۈتىدىكى باسنوشكىنىڭ يىنىدا توختاپ قالدى، مۇئەللىم ئۇنىڭغا بىر ھازا قاراپ تۈرۈپ كەتتى، بۇرۇن تالايلاپ كۆرگىنىدە مۇئەللىمنىڭ چالا سۈرمە تارتىلدىغان كۆزلىرىدىن ھازىرقىدەك ئەجەپلىنىش ئەكىس ئېتىپ باقمايتتى، مۇئەللىم ئوقۇغۇچىسىنىڭ بۇ توپنى بىشارەت ئىزدەپ تېپىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ بىلمەسكە سالاتتى، چۈنكى ئۇمۇ بىر نەرسە بىر ئادەم ئۈچۈنلا بىشارەت بىرەلەيدۇ دەپ ئىشىنەتتى. ھەم ئۆزىنىڭ بىشارەت ئۈچۈن تەييارلىۋالغان بىر پاتمان نەرسىلىرى بولغاچقا، بۇ توپنىڭ سىنىپتىكى ئەينەكلەرنى چېقىپ قويۇپ، بىشارىتى ئۈچۈن ھازىرلىۋالغان نىشانلىرىنى يوق قېلىۋىتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆچلۈك قىلاتتى، ھازىر بولسا ئۇنىڭ نەزىرىدىكى بۇ توپ، بىر جاننى غەلبىلىك ئۇزۇتۇپ تارىخىي ۋەزىپىسىنى تامالىغان، ھەم ئىگىسىنى مەخپى بىشارەتلەر بىلەن تەمىنلەپ ئۇتۇق قازانغۇچى ئىدى. مۇئەللىم ئادەتتە ئىشخانىسىدىكى كىتاپ دەپتەرلەردىن، ئۈستەل ئورۇندۇقلاردىن، تەكچىدىكى گۈللەردىن، ھەتتا ئوقۇغۇچىلىرى ئىشلىگەن تاپشۇرۇقلارنىڭ ھەر بىر قۇرىدىن بىشارەت ئىزدەيتتى، يېشى چوڭايغانسىرى كۆزى غۇۋالىشىپ نەرسىلەر ئېنىق كۆرۈنمەس بولۇپ قالدى، نەچچە ئاي بۇرۇن بىر كۆز ئەينەك سەپلەتتى، ئۇ كۆزەينەكنىڭ قارامتۇل گىرۋەكلىرىگە قاراپ، ئاجايىپ سىرلىق ھاياجانغا چۆمدى، بۇ كۆز ئەينەك ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، خۇددى مەشھور شەخىسلەرنىڭ ھاياتلىقىدا ئىشلەتكەن بۆيۈملىرىدەك قىممەتلىك بولۇپ كېتىشى مۇمكىن دەپ ئويلىدى. ھەم بۇ قاراشلىرىدىن رازى بولۇپ، بارلىق ئۈمۈدىنى كۆزئەينىكىگە باغلاپ، بىرەر بىشارەت بايقىغان ھامان ئاخىرەتلىكلىرىنى سېتىۋالماقچى بولۇپ يۈرىۋاتقىنىدا، ئوقۇغۇچىسى ئۆلۈپ كەتتى، ھەر قېتىم مەكتەپ مەيدانىدا تېپىلىپ تۇردىغان بۇ توپنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز ئەينىكىدىن ياراملىق ئىكەنلىكىنى بالدۇراق بىلگەن بولسا، ئۇ ھەرگىزمۇ كۆز ئەينەك سېتىۋىلىشتەك ئەخمەقلىقنى قىلمايتتى، سۇنماس بىرىكمە مادىدىن ياسالغان گىرۋىكى بار كۆزئەينەككە ئېرىشكەندىن كېيىن، بەزى غۇۋا كۆرۈنىدىغان كۆرۈنۈشلەردىن ئېرىشىدىغان بىشارەتكە ئوخشاپ قالدىغان بەلگىلەرنىڭ ئەسلى تۇترۇقسىز نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرىۋىلىپ ئۆلۈم ۋاقىتلىرىغا بولغان تەلۋىلەرچە پەرەزلەردىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى، بەزىدە كۆز ئەينىكىنى ئالدىغا قويىۋىلىپ قارىغانسىرى سۈزۈك كۆرىنىدىغان قارامتۇل گىرۋەكنىڭ نۇرغۇن قىسمەتلىرى بار يالتىراق جىسىملارنى ئېرىتىپ ياساش جەريانىدا چوقۇم كىچىككىنە بولسىمۇ يىپ ئۈچى ساقلىنىپ قالغان بولىشى مۇمكىن دەپ ئۆزىنى بەزلەيتتى. ئەمدى ياخشى بولدى خېلىلا ئەمەلىي تەجىرىبىسى بار بۇ توپ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇپتۇ، ئۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالدىدىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ بۇ توپنى يالغۇز ئۆزىلا ئىگەللىۋالالايدۇ، ئاندىن ئۇنى ئىشخانىسىدىكى ئاستىن-ئۈستىن تۆت ئىشىكى بار، سېرىق رەڭلىك ماتىرىيال ئىشكابىغا سېلىۋىلىپ كۈندە قاراپ بىشارەت ئىزدىيەلەيدۇ، بەلكىم مەلۇم بىر كۈنى توپ ئۇنىڭغا ئۆلۈم ۋاقتىنى بىۋاستىلا ئېيتىپ بېرىشى مۇمكىن. ئۇ يەنە ھەر كۈنى توپتىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى ئەستائىدىل خاتىرلەپ توپلام قېلىپ قويۇش پىلانىنى تۈزدى، شۇنداق قىلسا، پۇلدىن بىشارەت كۆتۈش بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىغان ئەرلەرنىڭ، ھەر خىل مەھسۇلاتلارنى سېتىۋىلىپ كېلىپ بىشارەت تەتقىق قىلىدىغان ئاياللىرى بىلەن بولدىغان جىدەللىرىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان پايدىلىق ماتىرىيال قالدۈرۈپ قويالايتتى، ھەم ئۇ ئاياللارمۇ ئەرلىرىنىڭ تىل دەشناملىرىدىن قۇتۇلۇپ، بىھۇدە پۇل خەجلەپ بىشارەت ئىزدەپ يۈرمىگەچكە ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىشاتتى. كىشىلەر بىشارەت ئىزدەپ تاغلارغا چىقمايتتى، باغلارغا بارمايتتى، تاڭ سەھەردىكى مۇزدەك شەبنەملەر چاپلىشىپ قالغان يېشىل يۇپۇرماقلارغا قاراپ ئورۇنسىز ھاياجانلىنىپ كەتمەيتتى، كىچىلىرى ئۇيقىسىز ئازاپلىق تىنمايتتى، ئۆلۈم ۋاقىتلىرىنى ساقلاپ زېرىككەندە پەيدا بولىدىغان ئازاپلىق تەنھالىقنىڭ دەردىنى تارتمايتتى، ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىمەنە قىلىقلارنى قېلىپ مۇھەببەتلىشىپ يۈرمەيتتى، مۇھەببەتلىشىپمۇ بىشارەتكە ئىگە بولالماي، توي قىلىشىپ جۈپلىشىپ بالىلىق بولۇپ كەتكەنلەر ئازمۇ؟ ئۇنداقلارنىڭ بىچارىلىكى تېخىمۇ يۈرەكنى ئېزىدۇ، توپ-توپ كىشىلەر ئۆيلىرىگە بىكىنىۋىلىپ، ئۆزلىرى بىشارەتكە ئېرىشەلەيمىز دەپ قارىغان دائىرىدىن ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەي، ئۈمۈدسىزلەنگەندە، ئازاپلار ئورنىشىۋالغان كۆزلىرىنى دەرىزىلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاسمانغا تىككىنىچە، ئۆلۈم ۋاقىتلىرى يېتىپ كەلگۈچە ماغدۇرسىزلىنىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن تاماق يېيىشىدۇ، ئۇلار قاچىلىرىنىڭ گىرۋەكلىرىدىن، ھەر بىر تارتىم چۆپتىن، ھەر بىر تال گۈرۈچتىن، ھەتتا ھەر بىر توغرام كۆكتات-گۆشلەرنىڭ تالالىرىدىن زور ئىخلاس بىلەن بىشارەت ئىزدىشىدۇ.  ئۆز-ئارا  سوقۇلۇپ كېتىشكەندە تىنىقلىرىنى تىڭشاپ باقىدۇ. بىشارەتكە ئېرىشەلمىگەنسىرى غالجىرلىشىپ ھەر خىل ئەخمەقلىقلەرنى ئىختىرا قېلىپ قۇتراپ كەتكەنلەرنىڭ بازىرى ئەمدى ئۆلىدۇ، مۇئەللىم ئاشۇ توپنى ھەر كۈنى كۈزۈتۈپ مۇكەممەل بىر توپلام قالدۇرالىسىلا بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ھەل بولىدۇ.ئۇ ئەمدى تۇنجى ئادەم ئۆلگەندىن تارتىپ ئىنسانلار قىزىقىپ كېلىۋاتقان بىشارەتنىڭ يۈشۈرۈنغان ئورنىنى تىپىپ چىقىپ ئۇلۇغ توھپىكار بولىدۇ،دۇنيا تىنجىيدۇ، ئىنسانلار بىشارەتنىڭ زۆلۇمىدىن ئازات بولىدۇ، ئاندىن ھەممىسى كۆللىكتىپ ھالدا بىر توپلام ھەم بىر توپقا ئېرىشىدۇ-دە، تاملارنىڭ، ئىشكاپلارنىڭ، تىتقسىز كىتاپلارنىڭ، يولدىن ئازدۇردىغان مۇھەببەتنىڭ، رەڭگارەڭ ھەم ئالدامچى كىيىملەرنىڭ، غايەت زور قورقۇنۇچلۇق مەئىشەتلەرنىڭ مۇھاسىرىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ ھەقىقىي بەختىيارلىق ئىلكىدە چىھرىدە تەبەسسۇم پارلىغان، ئىنساندىن ئايرىلغان ماددىنىڭ ئازاپلىنىشىغا پۈرسەت بەرمىگەن ھالدا ئۆلۈم ۋاقىتلىرىغا يېقىنلىشىۋاتقان مىنۇتلارنى خاتاسىز ساناپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.
مۇئەللىم راستىنلا توپنى يالغۇز ئىگەللىۋالدى، ئۇنى مۇنبەرنىڭ بىر چېتىگە ئاۋايلاپ قويۇپ قويغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلىرىنى تەرتىپكە چاقىردى، ئۇنىڭ ھاكاۋۇرلۇق بىلەن چىقىۋاتقان ئاۋازى ئادەتتىكىدىن خىلىلا كۈچۈيۈپ ھەم قۇدرەتلىك بولۇپ كەتكەچكە ئوقۇغۇچىلار ۋەھىمىگە چۈشۈپ، تېزلىك بىلەن ئورۇنلىرىغا قايتىشتى.
مۇئەللىم دەرىس سۆزلەۋاتقاندا، ئاجايىپ سىرلىق بىشارەتنى تېپىپ چىقىشقا بولغان تەشنالىقىنى يۇشۇرالمىدى، بۇ تەشنالىق ئۇنىڭ قورۇق باسقان يۈز تېرىلىرىنى يۈشۈرۈش ئۈچۈن قۇيۇق سۈركىۋالغان يۈز مېيىدىن ھەم قىزغۇچ ئەڭلىكىدىن تېشىپ چىقىپ 37 نەپەر ئۆسمۈرنىڭ ئارىسىدا كۆرەڭلىك بىلەن لەيلەپ يۈردى، بىراق بىچارە ئوقۇغۇچىلار چىش يېرىپ ھېچنىمە دىيەلمىدى. ئۇلار مۇئەللىمنىڭ قېرى پۇتلىرىغا كىيىۋاغان پەسىلگە ماس كەلمەيدىغان باسنۇشكىسى بىلەن توپنىڭ كەينىدىن ئىككى مېتىر يۈگۈرەش ئۈچۈنمۇ غەلىتە قىلىقلارنى قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇشقا ئامالسىز ئىدى. ئۇلارغا ئەمدى مۇشۇ مۇئەللىمنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغان كۈزۈتۈشلىرى نەتىجىسىدە يېزىپ چىقىدىغان توپلامىنى كۈتۈشتىن باشقا يول قالمىدى.
سىنىپتىكى ھاياتتىن يىراق كەلگۈسىدە بارلىققا كەلگەن تاملار، ئىشكاپلار، ئۈستەل ھەم ھېلىقى سۆرەت بۇ ئىشقا قانداق قارايدۇ؟ بۇ تېخى سىر.
لېكىن ھەممىگە ئايان بولغان ھەقىقەت شۇكى مۇئەللىم ئۆلۈپ كەتتى، توپ يېرىلىپ كەتتى. بىشارەت ۋاباسى ھەم ئۆلۈم تەشنالىقى ھېلى ھەم يوقالمىدى.
   

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 09:27:12

مۇئەللىمنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغان كۈزتىشلىرى نەتىجىسىدە يىزىلغان توپلام ،
…………………………………………
مۇشۇ شۇمۇ؟

gaqa يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 09:51:41

بىر ئاز زورقۇپ يېزىلغاندەك بىلىندى ماڭا...خۇددى ياخشى بىر ناخشىچى ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى كۆز-كۆز قىلىمەن دەپ، تەبئىلىكىگە تەسىر يەتكەندەك.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 10:14:51

كاللىسى 90 يىللىق كەچمىش بىلەن چىڭقىلىپ كەتكەن، ئەتراپى بولسا ھاياتىنىڭ تا ئەڭ بېشىدىن تېخى بايىلا ئىچىگە چۇڭقۇر تارتىپ خۇددى پۈتۈن پىغانلىرىنى بىر يولىلا چىقىرىپ تاشلىۋەتمەكچى بولغاندەك بېسىم بىلەن چىقىرىۋەتكەن تىنىقىغىچە بولغان نۇرغۇن، نۇرغۇن ئىشلارنى ئەسلىتىپ تۇرغان نەرسە كېرەكلەر بىلەن تولۇپ تاشقان بىر ئىنساننىڭ ھېكايىسى بىر يازغۇچىغا ياخشى بىر ئىلھام مەنبەسى، يېزىش ئۈچۈن تۈرتكە بولالىشى مۇمكىن. ھاياتىمىزدىكى، خۇددى ھېس-تۇيغۇلىرىمىزغا ئوخشاش بىزنى ئوراپ تۇرغان، بىزگە ھەمرا بولۇپ «ياشاپ» ياكى «ئۆلۈپ» كېلىۋاتقان نەرسە كېرەكلەرنى قانداق يېزىش كېرەك؟ نەرسە كېرەكلەرنىڭ كۆزى بىلەن ھاياتقا نەزەر سېلىپ بېقىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى قانچىلىك؟ نەرسە كېرەكلەرنىڭ تارىخى، ھاياتىمىزدىكى ئورنى، رولى، تەسىرى... بۇ ئەسەر ماڭا مۇشۇ خىياللارنى سۈردۈردى...

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 11:29:15

كاللام ئېلىشىپ كەتتى ،بۇ ئەسەرنى ئوقۇغىچە!ئۆزۈمنى سەل-پەل بىنۇرمال ھېس قىلىۋاتىمەن.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 18:43:10

بۇ يېڭىچە پەلسەپە ئىكەن ...
پات ئارىدا يازغۇچى،شائىرە دېگەن ناملىرىڭىزغا «فەيلاسوف» دېگەنمۇ قوشۇلامدۇ نېمە ...

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 19:44:50

شەخسەن كۆز قارىشىم، جۈملە بەك ئۇزۇن.

ئەسەر ياخشى يېزىلىپتۇ.

بىر قېتىم ئۆلچەش ئىشلىرى تۈگىگەندە، ئاپارات بىلەن يىراققا قاراپ ئەتىراپنى كۆزەتكەن ئىدىم. (ئۆلچەش ئاپاراتىنى يۇقىرى ئىنىقلىقتىكى دۇربۇن دىسەكمۇ بولىدۇ. بۇنى كۆرۈپ ئوغۇرلۇقچە ماراش خۇمارى بار ئىكەن دىسەڭلارمۇ مەيلى)
جىلغىدىكى بىر مالچىنىڭ ئۆيىنى كۆزەتكەن. ئۇ ئۆيدىكى كەمپىر بىر دەم ئۆيگە كىرىدۇ. بىر دەم بېرىپ سۇت قوچۇيدۇ. بىر دەم ئۆيى ئەتىراپىدا ئايلىنىدۇ.
شۇ چاغدا پەرىشتىلەر بىزنىمۇ شۇنداق كۆزىتەمدىغاندۇ؟ دەپ ئويلاپ كەتكەن ئىدىم. يىراقتىن بىر ئادەمنى كۆزەتسە ھەرىكەتلىرى ئادەمگە مەخسەتسىز، قالايمىقان كۆرىنىدىكەن.
خۇددى ئۇچۇپ يۈرگەن بىر ھاشارەت، ھەر تەرەپلەردە ئۆمىلەپ يۈرگەن چۈمۈلە بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوقتەكلا.
لىكىن يەنە شۇنى ئويلىدىمكى، ئۇ كەمپىرنىڭ ھەرىكەتلىرى ماڭا نىسپەتەن ئەھمىيەتسىز تۇيۇلغان بىلەن ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن مەخسەدلىك ۋە ئەھمىيەتلىك.
بەزىدە كوچىلاردا ئالدىراش يۈرگەن ئادەملەرنى كۆرگەندىمۇ يۇقۇرقىغا ئوخشاش خىياللارغا چۈمۈپ كېتىمەن.
ئەسەرنى ئوقۇپ يۇقۇرقى ئىشلار ئىسىمگە كېلىپ قالدى.
ئەسەر ماڭا ياقتى. رەھمەت شەھلا ئايلا.
بەلكىم بىز ھەممىمىز بىشارەت ئىزلەپ يۈرگەندىمىز.

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 16:45:22

ئاجايىپ يېزىلىپتۇ، ئالدىرىماي ئوقۇسام بولغىدەك.
تۇيۇقسىز بىر ئىش ئېسىمگە كىلىپ قالدى : بىر چاغلاردا بىر ئىشنى ئېنىقلاش لازىم بولۇپ، بىرسىدىن سورىساق تېنىپلا تۇرىۋالدى ، خەپ ! ھەممە ئادەمنىڭ بېشىدا بىردىن كامېرا بولسا مۇشۇنداق تېنىۋالغاندا سىننى قويۇپ بېرىپ ماۋۇ نېمە دەپ كۆزىگە تىقساق دەپ ئويلاپ بولۇپ ، شۇنداق  «كامېرا›› نىڭ بارلىقى يادىمغا چۈشۈپ سەت سوغۇق تەرلىگەن ئەمما...

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 17:05:43

ئاندىن خورەكنىڭ تاۋۇش چىقىرىش پەردىسدىن چىقىدىغانلىقىغا گۇمانىم بار

yaxar48 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 18:55:05

  بىشارەتلەر  ئاشكارا بۇلۇپ كەتسە بۇ دۇنيادا ياشاشنىڭ ھېچقانداق لەززىتى قالمايدۇ....چەتئەللىك بىرسىنىڭ:‹ئادەم ئۈلۈش ئۈچۈن يارالغان› دىگەن پەتىۋاسى، نۇرغۇن كىشىلەرگە پەلسەپىۋى  دەسمايگە ئايلىنىپ، ،يەنە نۇرغۇن سەپسەتىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشقا سەۋەپ بولدى. ئۆلۈمنى سېغىنىشقا بۇلىدۇ،ئەمما، ئۈلۈم بىشارەتلىرىنى تاشقى ماددى دۇنيانىڭ ھەربىر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىن،ھەتتا پۇراق-تەملەردىن،كېرەكسىز نەرسە كېرەكلەردىن ئىزدەش، ئادەمدىن ئىبارەت ئىلاھى كۈچ تەرىپىدىن ‹ياشاش›ئۈچۈن يارالغان ‹پەرىشتە›نى ،چەكسىزلىككە سوزۇلغان بىر ئاسىي،ئەڭ لەنىتى نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قۇيىدۇ...
  بۇ يازمىنى كۆرۈۋېتىپ،يۈز نەچچە ياشتىن ھالقىپ كەتكەن بىر روسىيىلىك  موماي ئېسىمگە كېلىپ قالدى.ئۇ موماي بەك ئۇزۇن ياشاپ كەتتىم،مىن ئۆلسەم بۇلاتتى دەپ، ئۈلۈمنى كۈتۈۋېرىپ زېرىكىپ،ئاخىرى ئۈلۈۋالغان.
  
بۇ يازمىنى شەھلا ‹ھېكايە› دەپ يازغانلىقى ئۈچۈن، مەنمۇ ‹ھېكايە› ئوقۇش ئىستىتىكا نۇقتام بىلەن ئوقۇپ چىقتىم.بەزى يەرلىرىدە نەپسىم خېلىلا قىسىلىپ قالدى...بىردەم توختىۋېلىشقا توغرا كېلىدىكەن بەزى يەرلەردە...ئادەملەرنىڭ ئەقىل ياكى ئىدراكسىز،ئاڭسىز تەرەپلىرى، روھى پىسخىكىسى ئىنچىكە تەسۋىرلەنمىگەن،ھېچ بولمىغاندا ئۇيغۇر تىلىدا بىر ئىككى ئېغىز دىئالوگ بولسىمۇ يېزىلمىغان بۇنداق ‹ھېكايە›نى، تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم دىسەم ئىشىنەمسىلەر؟....دىمەك شەھلا يەنە ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋېتىپتۇ،تىرىشىڭ!!!.....

yaxar48 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 20:52:45

بۇ ئەسەردە يەنە بىمەنىلەشتۈرۈش بەك قۇيۇق.
بىمەنىلەشتۈرۈشنىڭ مۇنداق پەتىۋاسى بار: ئىنسانىيەتنىڭ ئەھۋالى ماھىيەت جەھەتتە بىمەنىلىشىپ كەتتى....ھەر-بىر ئادەم ياقا يۇرتقا تاشلانغان يىگانە جانلىق...بۇ ناتۇنۇش دۇنيادا ئەسلىدىن بار بولغان ئىنسانىيەت ھەقىقىتى ۋە قىممەت ئۆلچىمى مەۋجۇت ئەمەس،دۇنيانىڭ ۋە ياشاشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق...ئادەملەرنىڭ سۇئال سورىشى بىلەن دۇنيانىڭ سۈكۈتتە تۇرىشى،ئۈمىدسىز سېلىشتۇرمىنى شەكىللەندۇرىدۇ...مانا بۇ بىمەنىلىك.

taz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 19:56:23

بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ تېنىم شۈركەنگەندەك بولۇپ قالدى. تېنىمنىڭ شۈركىنىشى ھەرگىزمۇ بىشارەتتىن ئەمەس، بەلكى بىشارەتتىن ئىبارەت بىز بىلىپ-بىلمەي كۈتۈپ ياشاۋاتقان نەرسىنىڭ شۇنداق ئىنچىكە ھالەتتە كۆز ئالدىمىزغا تاشلىنىشىدىن بولدى.
مەن بۇنى شەھلانىڭ نادىر ھېكايىسى دەپ قارىمايمەن، ئەمما ئۇ تېخىمۇ ئىنچىكىلىككە قاراپ چوڭقۇرلاۋاتقاندەك قىلىدۇ. بۇ چوڭقۇرلاش يەنە ئازراق كەڭلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. مەن موشۇنداق ھېكايىلەرنىڭ پۇچۇقىنى بولسىمۇ يازالىسام دەپ ئويلايمەن.

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 17:21:47

بەزىدە بىشارەت ئىزدەيدىغىنىمىز راست.
بەت: [1]
: بىشارەت(شەھلا)