jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 09:29:24

دۈشەنبە ياكى چىنار دەرىخى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jeSat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-8 09:33  

ئاشقازان ئاستى بېزى

ئىشتىن كېلىپ قىلىدىغان بىرىنجى ئىشىم- يۈز، كۆزلىرىمدىكى توپىلارنى سۈرتۈپ ئادالاش، ئاندىن ئەينەكتىكى ياداڭغۇ چىراي، ئۇزۇن چاچلىق ئەبلەخكە قاراپ ‹ مەن بىر ھايۋان › دەپ پىچىرلاش. مانا بۇلار مەن ئەڭ ياقتۇرمايدىغان بىراق ھەر كۈنى قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغان ئىشلار.
ئاش قازان سۈيۈقلىقى، ئۆپكە، جىگەر..دېگەندەك نەرسىلەر ئاڭلىماققا ماڭا ناھايىتى تونۇشتەك بىلىنگىنى بىلەن ئەمىلىيەتتە ئۇلار ماڭا يەنىلا شۇنچىلىك مەۋھۇم، شۇنچىلىك ناتونۇش ۋە شۇنچىلىك يىراقلىقتا بىلىنىدۇ. شۇڭا مەن قۇرقۇنچلۇق بوران ھۇۋلاپ تۇرغان ئاشۇ ئېچنىشلىق ئاپرىل ئاخشىمى ئادەمسىز تار كوچىدا ئۆزۈمنىڭ ئۇنى قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى كۆرىدىغانلىقمنى بىلدۈرۈپ بولالماي ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتىم. ھېچكىم مېنىڭ بۇ قايغۇلۇق، پەشكەشلەرچە تۆككەن ياشلىرىمنى كۆرمىدى، مەنمۇ بىرەر كىمنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمىدىم. دېمەك، دېمەك مەن پۈتۈنلەي تۈگىگەنىدىم، شۇنچىلىك يەڭگىل، ۋە شۇنچىلىق نەپىس..
تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرى مىللىيلىققا ئىگە بولىدۇ، بىراق مەن گىيوتىچە ئىنساپپەرۋەرلىككە ئۆچ! سۆيۈپ تۇرۇپ سۆيمىدىم دېيىش، كۆيۈپ تۇرۇپ كۆيمىدىم دېيىش ئوغۇل بالىنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس!
چۇقۇم بىر نەرسىلەر ئۈچۈن ئالەمچە شادلىققا تۇلۇپ خۇشال بۇلۇشۇم، ھازىرلا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك دەھشەتلىك ئاۋازلار بىلەن مىسلىسىز دەرت-ھەسرەتكە تۇتۇنۇشۇم كېرەك، شۇنداق قىلالىساملا مەن ئاندىن ھەقىقىي بىر تىرىك ياشاۋاتقان ئادەمگە-كۈلكىسىمۇ، ئازابىمۇ بار ھەقىقىي بىر ئادەمگە ئايلىنالايمەن. بىراق شائىر ئۈچۈن نە كۈلكە، نە ئازاب بولسۇن! بولۇم ھەقىقىيتىدە ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىىشش، مەنە- سۆزلەر زىياپىتىگە  مۇھەببەت باغلاش، ئىستىتىكا ئوپىراتسىيەسى، يېرىش، پارچىلاش، ھېس قىلىش، ئاندىن شىددەت بىلەن بۇ دۇنياغا سىغمىغانچىلىق مۇھەببەت بىلەن گويا ئۆز كىيىملىرىنى سېلىپ قىپيالىڭاچ بولغاندەك دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ سەت گەپلەر بىلەن ئىچ- قارنىنى بىراقلا تۆكۈش!
بارلىق قەرىزلىرىمنى تۆلەپ بولدۇم. ئەمدى مەن بۇ نۇر ۋە زۇلمەتكە تولغان  ئەركىن دۇنيانىڭ ئەڭ ئەشەددىي قەھرىمانى بولىمەن. بارلىق دۈشمەنلىرىمنى يەر- بىلەن يەكسەن قىلىپ كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ھەسرەت- نادامەتكە گېرىپتا قىلىمەن، ئۇلار  گويا ئۇزاقى يىلى تەككەن زىققە كىسىلىدەك ئاستا، ئاستا قىينىلىپ ئادەمنىڭ ئىچىنى سۈرگۈدەك بىچارىلىك بىلەن بۇ دۇنيادىن خوشلىدۇ.
بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ بولغانىدىكەن. ئۇ پادىشاھنىڭ ھۆسنى- جامالدا تەڭداشسىز بىر سايىپجامال مەلىكىسى بار ئىكەن. ئۇ بىر كۈنى ئوردا لەشكەرلىرى بىلەن شىكارغا چىقىپتۇ..ئاھ، خۇدا!  قەسەم قىلىمەنكى، چۆچەكلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق باشلىنىدۇ. بۇ.. بۇ.. نېمىدېگەن لاۋزىلىق-ھە!



يۇرۇڭغۇ

مەن شەرق، غەرىب پەلسەپىسىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ئۇ مەشھۇر ئۈچ سولتەكنىڭ بارلىق كىتاپلىرىنى سېتىۋالدىم. نىچشېنى دەھشەتلىك ھاياجانغا سالغان شوپىنخاۋىر، تىل، شېئىر، ئوي مەملىكىتىدە بار كۈچى بىلەن جار سالغان ھايدىگىر، سەمىمىي،  تەلۋىلىكى بىلەن كىشى كۆڭلىنى سۆيۈندۈرىدىغان ژاك دېرىدا..ئاھ، خۇدا! مەن بۇ ئىمانسىزلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى نەقەدەر ياخشى كۆرىمەن-ھە!
نىچشې روھىي كېسەللىك دوختۇرخانىسىدا ‹خۇدا ئۆلدى› دەپ ئېچىنىشلىك ۋاقىرىغىنىچە ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ تېنىمسىز ئىجاد قىلىش روھى، مېھىرسىز، مۇھەببەتسىز قالغان قۇپقۇرۇق قەلبى بىلەن جەۋھەردەك ھەقىقەتلەرنى ئىنسانىيەت دۇنياسىغا ئاپىرىدە قىلدى. 2014-يىلى،8-ئاينىڭ 21-كۈنى تارىختىن بۇيانقى تۇنجى دەم ئىلىشنى كۈنىنى خۇشال ئۆتكۈزۈۋاتقان خوتەن ناھىيە چاقار مەكتەپنىڭ ماتىماتىما، فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى مەمەت ئۆمەر مەتتۇرسۇن خەتەر ئىككىنجى قەۋەتتىكى پىنھان خانىسىدە ئولتۇرۇپ  دۇنيادىكى ئەڭ قۇرقۇنچلۇق ئادەم- تۇغما ئاسىي نىچشې ھەزرەتلىرىگە ئاتاپ ئېسىل بىر پارچە بېغىشلىماقتا يازماقتا ئىدى.
‹ئىرادە، ۋە تەسەۋۋۇر سۈپىتىدىكى دۇني›
كۆز ئالدىمدا نۇر ۋە زۇلمەتكە تولغان بۇ دۇنيا  گىرىمسەن، رەڭگارەڭ كۆرۈنمە ئارىسىدا باشقىچىلا  مەن تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگۈسىز ئىنىقسىزلىك بىلەن زاھىرلەندى. كۆپجۈپ تۇرغان لەۋلىرىمنى چىڭ چىشلىدىم، تۆت بۇرجەك رامكىغا سىغدالغان كۆزلىرىمنى قايتىدىن ئۇۋلىدىم.. تاناي بېشى ئاھالىلەر كومېتىتى يېنىدىكى قادىي پۇخاقنىڭ گۆشكىردىخانىسىدا ئۈچ يۈەنلىك كىچىك گۆشكىردىنى لەززەت بىلەن چاينىغاچ، ئاكا ئاغىينەم بوزلاننىڭ ‹شېئىر يېزىش مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى  ھەقىقىي بىر شېئىر كۆز بىلەن دۇنياغا مۇھەببەت ئاتا قىلىش› دېگەن سۆزلىرىنى ئەسلەپ قالدىم.
ئېيتىلىشى بىلەنلا ھاۋا بىلەن تەڭ غايىب بولىدىغىنى- گەپ. يوقلۇق پايانىدا مەڭگۈلۈك چوڭقۇرلىقى بىلەن مەڭگۈلۈك ئېنىقسىزلىك ئىگە بولىدىغىنى-سۆز. ئەي، شائىر گەپتىن پەرھىز تۇتۇپ سۆزگە يېقىنلاش.. تېشىڭدىن  ئىچىڭگە يۈرۈش قىل. سەن ھەممىدۇر،ھەممە سەندىدۇر!

سايە

بىر تۈپ دەرەخنىڭ سايىدەك قاملاشقان بىر خىيالنى خىيال قىلدىم. كۆكلىدىم ئاندىن يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك...
-تامچە-تامچەھېچنەرسە بولمايدۇ- دېدى. مەن ماقۇل دېدىم، تېلىمدا شىىكەر-شىكەر ئۈنچىلەر...
ئۇزاق بولدى بۇ ھىجراننىڭ دەردى تۈگىمەس،  جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى ئاشۇ ئىگىز چوققىلارنىڭ ئۈستىدە يالىلداپ تۇرغان مۇزلۇق سېغىنىشلارنى ئېلىپ كەتمەكچى مەڭگۈ كەلمەيدىغان جانان كۆلەڭگىسى...
يۈتتى قاراڭغۇلۇق، چەكسىز نۇرىستان ئچى گۆردەك مەنىسىز ئۆتۈۋاتقان بۇ كۈنلەرگە ئېسىلىپ يىغلار. تىتىلىۋاتقان... ھېچلەشكەن سىياق مەۋجۇتلۇق، بولۇم ھەقىقىيتىدە جەۋھەرگە ئايلىنىۋاتقان دۇئادەك بىھۇدە شېئىرىي دېيىلمە. ئاھ، زېرىكىشتىن كېيىنكى بۇ تەسىۋىرلىگۈسىز شادلىق تەنتەنىسىگە نېمىمۇ يەتسۇن!
ئاشۇ تەنسىز جانان، روھىسىز پەسىل ناخشىسى،ياڭرىماس، قايتماس گۇگۇم پەيتىدىكى ئۆلۈۋېلىش ۋەسۋەسسىنىڭ غالجىرلارچە چۇقان سېلىشى..

ئۆلمەس جانان، كۈندە مىڭ ئۆلىدىغان جان!

ئۈنلەر چېچەكلەر، ئۈنلەر ئىشتىياق، قالار پەقەت تاغلاردىن يانغان مۇقەددەس سادالار!
سانسىزلىق....سانسىزلىشش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى  بولغان بىر پارچە قىزىللىق، ئېچىلغان گۈل، توي كېچىسىدىكى ئەسەبىيلىك ۋە مېڭىگە شىددەت بىلەن تېپىۋاتقان يىگىلىگەن نېرۋىنىڭ ئۈمچەيگەندىكى ئوماقلىقى. ئاھ، يەنىلا رەسۋالىقىڭنى قىلىسەن، سەن بەرىبىر ئەمەسسەن ۋەتەن!


دۈشەنبە ياكى چىنار دەرىخى


ئازابلىرىم ئازراق بولسىمۇ يىنىكلىنەر دەپ بۈگۈن بىر كۈن ئۆيدىن تالاغا چىقمىدىم.....

ھېچنەرسىنىڭ  مەۋجۇت بۇلۇشى ناتايىن، سۆزلەر كۆزلەرگە تۇتقۇن، قاتتىق سوغۇق بولغان بىر كۈنى ئۇزۇن چاچلىرى كۆزلىرىنى ئېتىۋالغان، پادىچىلار شىمى كەيگەن 22،23 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئادەم، قاراقاش ناھىيە تاناي بېشى ئەتراپىدىكى كونا كەپىدە ئولتۇرۇپ يانلىرى قىرقىلغان  ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن بىر  خاتىرىگە مۇنۇ  سۆزلەرنى يازدى:

بۈگۈن ناھايىتى سوغۇق، ھەم ناھايىتى ئۇزۇن بىر كۈن بولدى،  بۈگۈن كىشىنى ھاياجانغا سالغۇدەك ياكى ھەسرەت-نادامەتكە تولغان ھېچقانداق ئىش يۈز بەردى، خۇددى بۇندىن بۇرۇنقى سانسىز  دۇشەنبىلەرگە ئوخشاش بۈگۈنمۇ يەنە ئاشۇنداق مەنسىز، جىمجىتلا ئۆتۈپ كەتتى. مەن چەكسىز ۋاقىت دوزىخىغا مىخلانغىنىمچە كەچ بۇلۇشىنى كۈتتۈم.

2014-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت ئەتراپىدا ، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق  دوختۇرخانىنىڭ يۈرەك كېسەللىكلەر بۆلۈمى 234- ياتاقتىكى ھۇشۇر ئەمەت تۈنۈگۈن قىلىنغان ئوپراتسىيەنىڭ تەسىرىدە تا-ھازىرغىچە ھۇشسىز ياتماقتا...

- ھېنىپىخان تېخى  دۇكىنىنى ئاچماپتۇ-، دېدى- لاسكۇي بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق بۇ ئاسىيەم
مەن جىنسىي ئاجىزلىق بىلەن ساپما كەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بېرىلىپ خىيال قىلىۋاتقىنىمدا، جىيەنىم:
ـ  تراپىسيە دېگەن نېمە گەپ ئاكا دەپ-، سوراپ قالدى.
مەن نېمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم، تراپىسىيەنىڭ نېمىلىكىنى بىلسەممۇ بىراق ئۇنىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. شۇنىڭ بىلەن ھېچنىمىنى ئويلىمايلا:
-  ئىشقىلىپ ئۇ ياخشى ئادەم ئەمەس، ئۇ بىر ھايۋاندىن بەتەر ھايۋان!
-   ئۇنداقتا ئۇ ئادەمكەن-،دە!
-   -ياق.
-   ئەمىسە ھايۋانكەن-،دە!
-  ئۇنداقمۇ ئەمەس.
-    ئەمىسە ئۇ نېمە؟
نېمىشقىدۇر ‹ھېچنېمە›  دېگەن سۆزنى ئىشلەتكۈم كەلمىدى، چۈنكى باشقىلار بۇ سۆزنى ئىشلىتىۋېرىپ ئادەم ئىشلىتىشكىمۇ نۇمۇس قىلغۇدەك دەرىجىگە ئاپىرىپ قويدى. مەن تىلىمىزدىكى  ئىشلىتىش چاستوتىسى يۇقىرى سۆزلەرگە بەكلا ئۆچ!
- ئۇ كىمۇ؟

قاراقاش ناھىيلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇلھەمىد ياسىن مۇئەللىم يېنىمدا مەن بىلەن ياندىشىپ كېتىۋاتقان  بىر قىزنى كۆرۈپ شۇنداق سورىدى.
مەن نېمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم، چۈنكى مەن تۇغۇلۇپ – تا ھازىرغىچە بىرەر كىمنىڭ كىملىكىگە ئىزاھات بېرىپ باقمىغان ئىدىم، بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمدىن ‹ ئۇ كىم › دەپ سورىشى نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق-ھە!  شۇنىڭ بىلەن ئويلىمايلا:
-  ئۇ ئوڭ يېنىمدىكى! مەن ئۇنى ھېس قىلىۋاتىمەن.... دېدىم.

شېئىرنىڭ چوڭقۇرلىقى، مەۋجۇتلۇق، نۆلگە تەڭ بۇلۇش، نېتزىنىڭ ئۆلۈمى، چىرايلىق ئايال بىمارنىڭ گۈزەللىكىدىن مەسىتخۇش بۇلۇپ ھۇشىنى يوقاتقان ئەر دوختۇر، پاھىشە، پاھشىنى ئالسا ساۋاب بولىدۇ دەپ پاھىشىنى ئالغان ئاغىينەم، كوچىدىكى چىرايلىق ئايال، كەينىگە كىرىۋېلىش، قارىماي كەتكەندىن كېينكى قىيماي قاراپ تۇرۇش قىزغىنلىقى، ھاراقكەش، بىزنىڭ مەلىدىكى  ھاراقكەشنىڭ ماڭا ئامراق چىرايلىق خوتۇنى... قەزىر بېرىش، ئايدا ئالىدىغان 3000 سوم، ئاھ، خۇدا! ئادەم بولساڭ ھەرگىز قىزلارغا پۇل بېرىپ تۇرما!
دادام  تاماكىنى بەكلا كۆپ چىكىۋالىدىغان بولىۋالدى، ھەر قېتىم تاماكىنىڭ تەسىرىدىن شۇنداق قاتتىق يۆتىلىپ كېتىدۇكى، يۆتەل دەستىدىن دادامنىڭ كۆزلىرى ئېتىلىپ چىقىپ كېتەمدىكىن دەپ ئەنسىرەپ كېتىمەن. شۇڭا دادامنىڭ سالامەتلىكى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى ئەڭ مۇھىمى  دادامنىڭ بۇ دۇنيادىكى خۇشاللىقى ئۈچۈن ھەر ئايلىق مائاشىمدىن زىخ-زىخ چىقىرىپ ئاتايىن يەكەن، مەكىتتىن ئېسىل ‹مەي›لەرنى سېتىۋېلىپ دادامغا ئەكىرىپ بېىرىدىغان بولدۇم.

بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئازاپلىق بىراق مەن ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان  بىردىنبىر كۆڭۈللۈك ئىش:
ھاراق ئېچىشنى ئۆگىنىش.
بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن مەن مەڭگۈ قىلالمايدىغان ئىش:
تاماكا چېكىش.
بۇ دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك ئىش:
چىرايلىق خوتۇن ئېلىش.
ھېچنەرسىنىڭ  مەۋجۇت بۇلۇشى ناتايىن، سۆزلەر كۆزلەرگە تۇتقۇن، قاتتىق سوغۇق بولغان بىر كۈنى ئۇزۇن چاچلىرى كۆزلىرىنى ئېتىۋالغان، پادىچىلار شىمى كەيگەن 22،23 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئادەم، قاراقاش ناھىيە تاناي بېشى ئەتراپىدىكى كونا كەپىدە ئولتۇرۇپ يانلىرى قىرقىلغان  ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن بىر  خاتىرىگە مۇنۇ  سۆزلەرنى يازدى:

ئازابلىرىم ئازراق بولسىمۇ يىنىكلىنەر دەپ بۈگۈن بىر كۈن ئۆيدىن تالاغا چىقمىدىم.....






  




gaqa يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 16:10:56

ئىزدىنىشقا مۇۋاپىقكەنسىز

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 16:49:42

ياخشى يېزىلىپتۇ.

Watandax يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 18:07:39

تىڭىرقىغان بىر ئەۋلاد.....
تىل ئىشلىتىشتىكى نازۇكلۇق مەھلىيا قىلىۋالدى

Qumaltag يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 18:59:50

‏  «بۈگۈن كىشىنى ھاياجانغا سالغۇدەك ياكى ھەسرەت-نادامەتكە تولغان ھېچقانداق ئىش يۈز بەردى »،بۇ جۈملىدىكى يۈز بەردى ئەسلى يۈز بەرمىدى بۇلىشى كېرەكمۇ يا ئەسلىسى توغرىمۇ ؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 19:26:33

كەسىپ ئەھللىرى كۈزتىۋاتقان چىراي

nasirdin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 20:33:55

باراڭ ،
باراڭ ئاستىدا پاراڭ ،
ئولتۇرۇپتۇ ئۈچ تۆت ساراڭ .

كىچە بولسا تاڭ ئاتقاندا يۇرۇيدۇ ،
ئىشتىنىمنى يۇيۇپ يېيىپ قويسام ،شامال چىقسا قۇرۇيدۇ.

مامۇتنىڭ ئىشىكلىرى ئۇچۇق ، تاملىرى پۇچۇق ،
ئۇ يە بۇ يەدە با بىرنەچچە يۇچۇق .

ئاسماندىكى لەگلەكنىڭ يانچۇقىدا ئۈچ سوم با ، پەمىدۇرنى يەۋاپتۇ ، ئەمدى سائەت ئاسايلى دوسلا !
قەشقەدىكى مۇسانىڭ تاتىۋالاي تاپىنىنى ، بىر ئوتلىسۇن يايلاقتا ، ئەمدى ھېچنىمە يىمەيمىز ................................................................. !

asman يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 11:09:46

nasirdin يوللىغان ۋاقتى  2014-9-8 20:33 static/image/common/back.gif
باراڭ ،
باراڭ ئاستىدا پاراڭ ،
ئولتۇرۇپتۇ ئۈچ تۆت ساراڭ ...

سىز زادى نېمە دېمەكچى ئېلىياخۇن ئۇكام؟

nasirdin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 13:15:40

باشقا ئويۇم يوق ، 8 يىل بۇرۇنقى ئىلھامىم ئازراق تۇتتى خالاس .......!

سىز قايسى ئاكامكىن ؟

asman يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 13:19:20

nasirdin يوللىغان ۋاقتى  2014-9-10 13:15 static/image/common/back.gif
باشقا ئويۇم يوق ، 8 يىل بۇرۇنقى ئىلھامىم ئازراق تۇتتى خ ...
8 يىل بۇرۇنمۇ ئۆزىڭىز چەك باسماس «پەلسەپە»ڭىزنى مۇقەددەس ھۆكۈم سۈپىتىدە باشقىلارغا تېڭىپ تۇرۇپ مۇشۇنداق جۆيلۈپ قوياتتىڭىز. ھېلىھەم شۇ كېسىلىڭىز ساقايماپتۇ، ئۈستىدىكى ئىنكاسىڭىزغا قاراپ شۇنى دېگۈم كەلدى.
كىملىكىمنى سۈرۈشتۈرۈپ ئاۋارە بولماڭ، پەقەت مەندىن چوڭ بىر توردىشىم ئىكەن دەپ قارىسىڭىزلا بولدى!

nasirdin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 13:46:50

توغرا دەيسىز ، ئۇ ۋاخلاردا يازغانلىرىم جۆيلۈش دەپ قارىلاتتى ، ئەمدى بىلسەم مەن 8 يىل بۇرۇن جۆيلىۋاپتىكەنمەن ....شۇڭا بۇ «كىسەللىك» مەندە سەل بۇرۇن پەيدا بوپ قاپتىكەن ........
ئەمما ھازىر جاھان تەرەققى قىلىپ جۆيلىگەنلەر ئۇلۇغلىنىپ ، ھەقىقەت سۆزلىگەنلەر پايخان بولىدىغان زامان كەپتۇ ...شۇڭا ئەمدى جۆيلۈپ بولسىمۇ شۇ «ئۇلۇغ»لارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالاي دەيمەن .

سىزگە كەلسەك ، مىنىڭمۇ سۈرۈشتۇرگۈم يوق ئىدى ، بىراق ئۇكام دەپتىكەنسىز باشقىچە يېقىملىق ئاڭلانماسمۇ ، دىمىسىمۇ ئۇ ۋاخلاردا ماڭا ئاكا بولىۋېلىش ئارزۇسىدا كىچىنى كىرپىك قاقماي ئۆتكۈزىدىغانلار ئاز ئەمەس ئىدى . شۇڭا بىرەر كالتە پەم قاتارىدا ئازار يىتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ سورىدىم .   ئەيىپكە بۇيرىماڭ !

asman يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 14:03:17

ئۇ چاغلاردا سىزگە ئاكا بولۇۋېلىشنى ئارزۇ قىلىپ كىرپىك قاقمايدىغانلارمۇ بارمىتتى؟
ھا، ھا، ھا...
يۇمۇرىڭىز خېلى بولۇپ قويىدىكەن...
سىزنى ئۆز ۋاقتىدىمۇ ئەيىبكە بۇيرۇمايتتىم، چۈنكى سىز ئۇ چاغلاردا بويىڭىز چىققان بىلەن ئەقىلدە كىچىك بالا ئىدىڭىز، 8 يىلدىن كېيىنكى بۇ ئىنكاسىڭىزغا قاراپ يەنە ئەيىبكە بۇيرۇماسلىقنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلدىم، چۈنكى سىز تېخىچە چوڭ بولماپسىز ئەمەسمۇ؟
ھازىرمۇ پىيادىلىكلەر كوچىسىنىڭ 2-قەۋىتىدىكى «ئارزۇ تورخانىسى»دا يېتىپ دېگەندەك تورغا چىقىپ يۈرۈۋاتامسىز؟

nasirdin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 14:20:10

:shutup:، شۈ ... تىنىچ !      چوڭلار دىگەن كىچىكلەر بىلەن گەپ تالاشمايدىغان ! مۇنبەر سىزنىڭ يان مىنىڭ ئەمەس ، توختاپ قېلىڭ ! باشقىلارنى بىزار قىلىش ياخشى ئەمەس !

asman يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 14:23:51

ماقۇل، قارىغاندا سىز مەندىن بىزار بولغۇچە مەن سىزدىن بىزار بولىدىغان چىراي...
خۇدايىمغا ئامانەت!

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 14:37:51

ما ئاكا ئۇكا ئىككىڭلا ئىتوت ئوينىساڭلىمۇ خېلى قىزىق چىققۇدەك.:lol
بەت: [1]
: دۈشەنبە ياكى چىنار دەرىخى