begir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 08:40:47

NEZERI يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 09:42:28

بېيجىڭدا تاماقتىن قىينالمايسىز. ھازىرقى ئورنىڭىزدىن 10سوم (تاكسى) لۇق يەردە بېيجىڭدىكى ئەڭ مۇۋاپىق تاماقلىنىش ئورنى(新疆办事处,乌鲁木齐办事处) غا بارىسىز.

Mouse يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 10:09:56

بېيجىڭدىكى نوپۇزلۇق دوختۇرخانا بېيجىڭ شىخې دوختۇرخانىسى(北京协和医院)، ئەمما بۇ دوختۇرخانا ئەتراپىدا مۇسۇلمانچە تاماق يوقمىكىن.

pain333 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 12:51:09

ئامال بار ئىشەنچىلىك كەسىپ ئەھلى مۇتەخەسسىسلەردىن ئوبدان مەسلىھەت ئىلىپ ئاندىن ئاپىرىڭ. بۇ يەردە بەزى پۇلدار ئەرەبلەرنىڭ سىز دېگەندەك ئۆلگەن مىڭە ھۆجەيرىلىرىنى تېرىلدۇرۇش ئوپراتسىيەنى مىڭ چىقىملار بىلەن گىرمانىيە دېگەندەك دۆلەتلەردە قىلىپمۇ ئارتۇق چېقىمدىن باشقا كۆرىنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەنلكىدىن داتلاپ ئىنكاسلار قالدۇرۇپتىكەن. بەلكىم بەزى داۋالىنىشلارنىڭ ئۈنۈمى ئادەملەرگە بولغان تەسىرى ئوخشىمىسا كېرەك. بەك ئوماق يېگىت بوپتۇ ئوغلىڭىز. ھەم ئىستىخار سىلىشنى ئۇنۇتماڭ دۇئالىرىم سىلەر بىلەن ئىنشائاللاھ! قالتىس دادا ئىكەنسىز، ئاللاھ مەدەتكار بولسۇن!

musafir786 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 14:30:40

اللە بالىڭىزنىڭ كىسىلىگە شىفا بەرسۇن

bir_uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 15:08:02

pain333 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-8 12:51 static/image/common/back.gif
ئامال بار ئىشەنچىلىك كەسىپ ئەھلى مۇتەخەسسىسلەردىن ئوب ...

توغرا دەيسىز،ئاۋال ئىستىخار سىلىپ باقسا ياخشى بولىدۇ، يافىشىلىق بولسا ئاللاھ ئاسان قىلىدۇ.ئەلۋەتتە دوختۇرخانىلار بىمارلارنىڭ كىلىشىنى ئۈمۈد قىلىپ دوختۇرخفنىغا ئەكىلىۋىرىڭ دەيدۇ.ئەمما يەنىلا باشقىلاردىن سۈرۈشتە قىلىپ بىقىپ ئاندىن بارغان ياخشى.

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 18:32:48

مېنىڭ جىيەن ئوغلۇممۇ ئوخشاش دىئاگىنوزلۇق كىسەلكەن،8 ياشتا 1.5ياشلىق بالىنىڭ ئەقلى بار،ھەركىتى جىق،ـتولا جىلى بولىدۇ.جىق سەۋەپ قىلدۇق،ھازىر ئۈرۈمچىدە مەلۇم شەخسى مەشىقلەندۈرۈپ تەربىيەلەش ئورنىدا بىر ئايدىن ئاشتى مەشقلەندۈرگىلى،ئۈرۈمچىدىكى چوڭ دوختۇرخانىلار ئاساسەن بالا يېشى چوڭلاۋاتقان بولغاچ،مەشقلەندبربشنى ئاساسا قىلىپ،بالىنىڭ ئۆزىنىڭ بوشىنىش،يەپ ئىچىش قاتارلىق ئەڭ ئاساسلىق ماھارىتىنى مەشقلەندۈرۈپ تەربىلەشنى،بولمىسا چوڭايغانچە بالىدىن خەۋەر ئېلىش تەس بولىدىغىنى چۈشەندۈردى،مېڭە يېتىلىشكە نىسبەتەن باشقا ئامال  قىلالمايدىغانلىغىنى بىلدۈردى،شۇڭا شۇ ئورۇندا مەشقلەندۈرىۋاتىمىز.
شۇڭا مۇشۇ ھەقتە ھەرقانداق ئۇچۇر تەمىنلىگۈچىلەر،ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن جىقراق ئۇچۇر بەرسەڭلار.
@begir ئەپەندىم،بولسا ئۇچۇر ئارقىلىق پىكىرلەشسەك.

@bilgejan ئەپەندىم، بولسا قولدىن كېلىدىغان ياردەم بولسا، يول كۆرسەتكەيلا. ئەگەر توردىشىمىز دىگەن داۋالاش پايدىلىق بولسا،بالىنى دەرھال شۇ ئۇسۇلدا داۋالايىتتۇق.

داۋا ئۈچۈن ئادەم ھەممە سەۋەپنى قىلىدىكەن،ئاللاھ شىپالىق بېرەر،شۇ سىڭلىمغا ئىچىم ئاغرىيدۇ بالىنىڭ ئانىسى بولغان.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 18:40:54

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 18:46:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amanpahri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-8 21:39  

............

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 18:47:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amanpahri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-8 21:40  

....................

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 18:48:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amanpahri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-8 21:40  

..........................

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 18:48:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amanpahri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-8 21:40  

..........................

shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 19:12:16

بۇ  دوختۇرخانىغا  ئىشەنچ قىلغىلى بولماسمىكى ، بالىلار دوختۇرخانىسىدىكى بىر دوختۇر شۇنداق دېگەن ھۇجەيرە يېتىشتۇرۇش نامى بىلەن ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىۋاتقان دوختۇرخانىلار ئاساسلىقى ھەربى دوختۇرخانا ۋە شەخسىي دوختۇرخانا ، ئىشەنچسىز ، چەتئەلدىمۇ تېخى سىناق باسقۇچىدا دېگەن، بارسىڭىز بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسىغا بېرىڭ ، بىراق ئالدىن نومۇر زاكاس قىلىپ قويۇڭ، ئامبۇلاتورىيە دە تەكشۇرتۇش ئۈچۈنلا ، ياتاققا ئالدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ، بەك تەس

shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 19:12:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shatmurat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-8 19:13  

تەكرار ئىنكاس بولۇپ قاپتۇ

shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 19:12:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shatmurat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-8 19:17  

ياتاقنى توردىن زاكاس قىلىپ قويۇڭ ، دوختۇرخانىغا يېقىن يەردە قىممەت ھەم ، قىس ، ئىككى ئۈچ بېكەت كىلىدىغان يەردىن ئىزدىسىڭىزمۇ  بولىدۇ ، دوختۇرخانا ئادەم دېڭىزى ،  كېسەل ، ،كۆرسىتىش جاپالىق ھەم مۇشەققەت جەريان
ئاللا ئاسانلىق بەرسۇن

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 20:25:17

يىڭى تۇغۇلغاندا ‹‹ناۋدەنبەي›› نى كۆپرەك ئۇرغۇزىۋەتسىڭىز بۇلاركەن...

مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ ، شۇ يېتىشتۈرگەن ھۈجەيرىلەر ئارقىلىق ئۆلگەن ھۈجەيرىلەرنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش دىگىنى شۇ ئۇكۇلنى ئۇرۇشتىن باشقا ئىش ئەمەس. ھۈجەيرىنى زاۋۇت -ئۈسكىنىلەردە ئەمەس سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ تىنىدە يىتىشتۈرىدۇ، بۇنى قىلىش ئۈچۈن دەل شۇ ئۇكۇلنى ئۇرىدۇ...

Illiterate يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 20:46:14

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 21:45:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-9 13:46  

amanpahri يوللىغان ۋاقتى  2014-9-8 18:32 static/image/common/back.gif
مېنىڭ جىيەن ئوغلۇممۇ ئوخشاش دىئاگىنوزلۇق كىسەلكەن،8 ي ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

مەن مەزكۇر تېمىدىكى كېسەلگە بەزىبىر مەسلىھەتلەرنى بەرگىنىم ئېسىمدە. بۇنى تېما ئىگىسى ئوبدان بىلىدۇ... تېما ئىگىسى ئوغلىنىڭ كېسىلىنى دىققەتنى يىغالماسلىق كېسىلى دەپ ئېنىق ئېيتقانلىقى ئۈچۈن مەن شۇ كېسەلگە قارىتا تۆۋەندىكىدەك مەسلىھەت بەرگەن:

http://bbs.bagdax.cn/thread-17363-5-1.html

بۇ كېسەل ئادەتتە چوقۇم 7 ياشتىن بۇرۇن باشلىنىدۇ، ئۇنداق بولمىسا مۇشۇ كېسەل دەپ دىئاگنوز قويۇشقا بولمايدۇ. دورىلارنى چۈشەندۈرۈشتىن بۇرۇن بۇ كېسەلنىڭ ئۇيغۇرچە دىققەتىنى يىغالماسلىق ۋە جىم تۇرالماسلىق (زىيادە ئاكتىپلىق) كېسىلى دىگەننىڭ ئېنگلىزچە  (Attention Deficit Hyperactivity Disorder) نىڭ قىسقارتىمىسى بويىچە ADHD دەپلا ئالاي.

ADHD بالىلاردا ناھايتى كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەل بولۇپ، بالىلارنىڭ مەكتەپتىكى نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ بىر ئامىل. بۇ كېسەل ھەتتا ياشلىق دەۋىرلىرىگىچە سوزۇلۇشىمۇ مۇمكىن (مىنىڭ بىر گىرمانيەلىك دوستۇم مۇشۇ كېسەلگە گېرىپتار بولغان، لىكىن بۇ يىل مەن بىلەن بىللە مولىكۇلا بىئولوگىيەسى كەسپىدە دوكتۇرلۇقنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا، بۇنداق بالىلار يەنىلا ناھايتى ئەقىللىق بولۇشى مۇمكىن).  بۇ كېسەلنى داۋالاشتا پۈتۈنلەي ساقايتىدىغان دورىلار تىپىلغىنى يوق، لىكىن كېسەللىكنى يەڭگىللەتكىلى بولىدىغان دورىلار بار بولۇپ بۇلار ئىچىدىكى بالىلارغا (6 ياشتىن چوڭ) ئىشلىتىدىغانلىرى 3 كاتوگورىيەگە بۆلۈنىدۇ.

1. چوڭ مېڭىنى غىدىقلايدىغان دورىلار:
بۇلار مىتىل فېنىدات (methylphenidate)، دېكىسمىتىل فېنىدات (dexmethylphenidate)، دېكىستىرو ئامفاتېىمىن (dextroamphetamine) ۋە ئامفاتېىمىن ئارىلاشمىسى (amphetamine mixture) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەكىس تەسىرى:
بۇ دورىلارنىڭ ئەكىس تەىسرى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ئەڭ يامىنى خۇمار قىلىش ئېھتىماللىقى بار. بۇ خىلدىكى ئامفاتىمىن (Amphetamine) نامىدىكى خىمىيىلىك دورىلار زەھەر ئورنىدا ئىستىمال قىلىنىدىغان بولۇپ،كىشىنى خۇشھال قىلىش ۋە باشقا جەھەتتىكى تەسىرلىرى كوكايىن بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش، شۇڭا بۇ دورىلارنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولسىمۇ ئىشلىتىش بەك تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. گەرچە بۇ دورىلانىڭ مىقدارى ئىنتاينى قاتتىق كونتىرول قىلىنىدىغان بولۇپ ئىمكانقەدەر بالىغا خۇمار قىلمىغۇدەك مىقدردا بىرىش خەۋىپسىز دىيلسىمۇ، گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا بۇ دورىلارنى مەن ھەرگىز ئىشلەتمىگەن بولاتتىم، بۇلارنىڭ ساناپ-تۈگەتكۈسىز ADHD دىنمۇ كۆپ ئېغىر كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇمار قىلىش ئېھتىماللىقى (گەرچە تۆۋەن بولسىمۇ) كىشىنى شۈركەندۈرىدۇ.


2. ئاتوموكسىتىن (atomoxetine) تۈرىدىكى دورىلار: بۇلار چوڭ مېڭىنى غىدىقلىمايدۇ ھەم خۇمارمۇ قىلمايدۇ، كۈندە بىر قىتىم ئۇرۇش لازىم بولىدۇ. ئاساسلىقى نورئېپىنېفىرىن (Norepinephrine, NE) دەپ ئاتىلىدىغان ھېسسىياتچان (ئىختىيارى) نېرۋا سىستىمىسىنى قوزغايدىغان ھورمۇننى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق زىيادە ئاكتىپلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئەكىس تەسىرى: ئاشقازاننى بىئارام قىلىش، ئىشتىھانى تۆۋەنلىتىش، باش قىيىش، كەيپىياتى تۇراقسىزلىشىش، ئۇيقۇسى كىلىش، ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىقلار.

بۇ دورا بىر قەدەر كەڭرى ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، مەن بايا جۇڭگونىڭ تور بەتلىرىدىن بۇ دورىنى ئامرىكىدىن ئىمپورت قىلىپ ئىلىپ كىرگەنلىكىنى بىلدىم، شۇڭا سىز سېىتۋالماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى تور بەتتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئىزدەپ كۆرۈڭ.
盐酸托莫西汀
http://baike.baidu.com/view/1732846.htm
http://opendata.baidu.com/yaopin ... i&ie=utf-8&oe=utf-8

3. مەيۈسلىنىشقا قارشى دورا تىپىدىكىلەر: ئۈچ ھالىقىلىق مەيۈسلىنىشكە قارشى دورىلار (tricycle antidepressants) ۋە بۇپروپىئون (Wellbutrin , Bupropion) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار ئاسان تىپىلىدىغان دورىلار بولۇپ، پەقەت ئىككىنچى سەپ دورىلىرى سۈپىتىدە بىرىلىدۇ. بۇلارنىڭ رولى ئاساسلىقى بالىنىڭ زىيادە كۆپ ھەرىكىتىنى ئازلىتىپ، دىققىتىنى يىغىشىغا پايدىسى بار.
ئەكىس تەسىرى:
باش قىيىش، يۈرەك رىتىمىنى تىزلىتىش، مىجەزنى چۇس قىلىش، كۆرۈش سەزگۈسى غۇۋالىشىش، باش ئاغرىقى، ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىقلار، قىسمەن ئەھۋاللاردا تارتىشىپ قىلىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

بۇ دورىلار كۆپ خىل بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىڭ خەنچە ئۇچۇرىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ.

安非他酮

http://baike.baidu.com/view/1732883.htm

ئاخىرىدا بۇ ئۇچۇرلار ئوغلىڭىز ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ پايدىلىق بولسا، شۇنىڭدا مىنىڭ ھاردۇقۇم چىقىدۇ. ياخشى تىلەكلەر بىلەن:

بىلگەجان

==========================

ئەمدى، مېڭە غول ھۈجەيرىلىرىنى كۆچۈرۈشكە كەلسەك، بۇ ئۇسۇل تېخى ئىنسانلاردا قوللىنىش باسقۇچىغا كىرگىنى يوق. ئامېرىكىدا نېرۋا غول ھۈجەيرىلىرىنى كۆچۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق كېسەل داۋالاش نۆۋەتتە 2-باسقۇچلۇق سىناقتا تۇرۋاتىدۇ. بېيجىڭدىكى ئۇ دوختۇرخانىنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيدىغانلىقى ماڭا نامەلۇم.

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 22:23:54

بالىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى:ھازىر 8 ياشتا 1.5ياشلىق بالىنىڭ ئەقلى بار،多动症(چوڭ دوختۇرخانا چىقارغان دىئاگىنوز )،ھازىرغىچە گەپ قىلالمايدۇ،شۇ 1-2 ياشلىق بالا چۈشۈنىدىغان سۆزلۈكنى چۈشۈنىدۇ،ئەمما ھەركىتى جىق،ـتولا جىلى بولىدۇ.جىق سەۋەپ قىلدۇق،ھازىر ئۈرۈمچىدە مەلۇم شەخسى مەشىقلەندۈرۈپ تەربىيەلەش ئورنىدا بىر ئايدىن ئاشتى مەشقلەندۈرگىلى،ئۈرۈمچىدىكى چوڭ دوختۇرخانىلار ئاساسەن بالا يېشى چوڭلاۋاتقان بولغاچ،مەشقلەندبربشنى ئاساسا قىلىپ،بالىنىڭ ئۆزىنىڭ بوشىنىش،يەپ ئىچىش قاتارلىق ئەڭ ئاساسلىق ماھارىتىنى مەشقلەندۈرۈپ تەربىلەشنى،بولمىسا چوڭايغانچە بالىدىن خەۋەر ئېلىش تەس بولىدىغىنى چۈشەندۈردى،مېڭە يېتىلىشكە نىسبەتەن باشقا ئامال  قىلالمايدىغانلىغىنى بىلدۈردى،شۇڭا شۇ ئورۇندا مەشقلەندۈرىۋاتىمىز.بىز ھازىرچە مەشىقلەندۈرۈشتىن باشقا ئامال قىلالمىدۇق،ھىچ بولمىسا بۇ جىيەن ئوغلۇم چوڭايغانچە بىزنىڭ خەۋەر ئېلىشىمىز بارغانچە قولايسىز ھەم تەس بولىدىكەن،شۇڭا ھىچ بولمىسا ئادەتتىكى تۇرمۇش ھەركەتلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇدەك قىلالىساق كۆپ خوش بولار ئىدۇق.
مۇشۇ ئەھۋالغا ئاساسەن سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن ئۇچۇر بىرەرسىز،بىرەلمىسىڭىز ۋاختىڭىز چىققاندا بىرەرسىز،بىز بۇ بالىغا نىسبەتەن بەك سەۋىرچان بولۇپ كەتتۇق.
@bilgejan ئەپەندىم،بىزنىڭ خوتەندە ئېلخەتمۇ ئىشلىمەس بولۇپ قالدى،ھەتتا بەيدۇمۇ ئېچىلمايۋاتىدۇ،نىمە ئىش بىزمۇ بىلمىدۇق.شۇڭا سىزگە ئىلخەت يازالمايمەن.ھەر كۈنى ئېچىپ قويىمەن،ئېچىلسىلا سىزگە تەپسىلى ئۇچۇر يوللايمەن.شۇ چاغدا ياردەم ئۇچۇرى بەرسىڭىزمۇ مەيلى.رەھمەت.

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 22:25:42

ئىنكاسىمنى تىزراق تەستىقلاپ قوياڭلار
بەت: [1] 2
: بېيجىڭدا كېسەل داۋالىتىشتىن ياردەم