jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 20:01:33

يامغۇرلۇق شەھەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jeSat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-7 20:02  

يامغۇرلۇق شەھەر



2014-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت ئىككىدە قاتتىق يامغۇر ياغماقتا.. مەن كونسول كوچىسى ئەتراپىدا كۈنلۈكسىز لاغايلاپ يۈردۈم. شۇئان ئىچىمدىكى مېنى توختىماي خاتىرلەيدىغان يەنە بىر ‹مەن›گە تۆۋەندىكىدەك سۆزلەرنى قىلىپ تاشلىدىم:

(ئۈرۈمچى-يامغۇرلۇق شەھەر)
بۇ يەردە توختىماي يامغۇر ياغىدۇ.
خوتەن-ئىسسقتا تاتلىق گۇڭرايدۇ.
قەشقەردە سودا-سېتىق قىززىيدۇ، زۇلتاپ بىر تال تاماكىنى كۈچەپ شورايدۇ،
ئەتراپىم گۈل،بىراق ھېچكىم سەندەك پۇرىمايدۇ.

مەن بۇ شەھەرگە يىڭىلا كەلگەن. شۇڭا بۇ شەھەرنىڭ ھەممە كوچىلىرى ھەممە ئادەملىرى ماڭا پۈتۈنلەي ناتۇنۇش. مەن بۇ شەھەردە ھېچكىمنى تونۇمايمەن، ھەم ھېچكىممۇ مېنى تونۇمايدۇ. ھېچكىممۇ مېنى ‹يازغۇچىلار تورىدىكى  مەمەت ئۆمەر دېگەن ئاۋۇ›دەپ قارغىمايدۇ، ھېچكىممۇ مېنى ‹مۇئەللىم› دەپ سالام قىلمايدۇ. دېمەك، مېنىڭ بىر نەرسە يازىدىغانلىقىمنى، يىراق بىر سەھرادە ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكىمنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. مەن ناتونۇشلۇقنىڭ كىشىنى مەھلىيا قىلغۇچى مىسلسىز مەسىتخۇشلىقى بىلەن بۇ كوچىدا سەرگەندانلاردەك تۇرۇپ كەتتىم..
ئەنە، تۇلۇقسىز ئوتتورا مەكتەپتە ‹قۇرتلاپ كەتكەن كۆل›ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇپ بىزنى ئاجايىپ يېزىۋېتىپتۇ دەپ بېشىمغا شاپىلاقلاپ كەتكەن ئەختەم ئۆمەر دېگەن يازغۇچى ئون قەدەم ئالدىمدا تۇرۇپتۇ. شۇ چاغلاردا ئوقۇتقۇچۇم ‹ بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئەختەم ئۆمەر بۇلۇپ، ھازىر ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتىدۇ›دەپ سۆزلىگىنىدە بولسا، ئەختەم ئۆمەر ۋە ئۈرۈمچى دېگەن سۆزلەرنىڭ ماڭا گويا مەڭگۈ يىتىپ بارغىلى بولمايدىغان يىراق بىر قىتئەدەك تويۇلۇپ كەتكىنى ھېلىھەم ئىسىمدە تۇرۇپتۇ. ئۇ يۈزلىرى ئاپئاق، سىمىز، ئىللىق چىراي كىشى ئىكەن. مەن دەسلىپىدە چەكسىز بىر ھاياجانغا تۇلۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ سالام قىلىشنى ئويلىدىم-يۇ، بىراق ئۇنداق قىلمىدىم. چۈنكى ئەگەر ئۇنىڭغا سالام بەرسەم ئۇ تۇيۇقسىز ‹كىم بولسىز› دەپ سوراپ قالسا نېمە دەپ جاۋاب بېرىمەن؟ ئەگەر مەن ئۇنىڭ سوئالىغا‹مەن يازغۇچىلار تورىدىكى مەمەت ئۆمەر خەتەر بولىمەن›دەپلا سالسام ئۇ چۇقۇم قوللىرىمنى چىڭ سىقىپ چەكسىز ھاياجان بىلەن گويا ئۇلۇغ بىر ئەرباب بىلەن كۆرۈشىۋاتقاندەك:
‹نامىڭنى ۋە ئەسەرلىرىڭنى ئۇزۇندىن-بۇيان ئاڭلاپ ھەم ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن... مەمەت ئۆمەر، مەمەت ئۆمەر دېسە قانداق بىر ئادەمدۇ دەپتىمەن، ئەسلى بىر كىچىكلا بالىكەنسەنغۇ! يۈر ئىنىم، دىدار غەنىمەت، سېنى مېھمان قىلىمەن› دەپ تۇرىۋالسا قانداق قىلىمەن؟ ئەختەم ئۆمەر داڭلىق ئادەم بولمىغىنى بىلەن مەمەت ئۆمەر داڭلىق ئادەمدە! ھازىر مەمەت ئۆمەر دېسە كىم تونۇمايدۇ! ئۇنىڭ ئۈستىگە  داستىخان مول بۇلۇپ قالسا پۇلىسىنى  مەن تۆلەرمەن ھەقاچان!؟ شۇڭا،   مەن ھېيىتلىق ئالغان گاچىدەك ئۇنىڭغا قاراپ سەت ھېجايغىنىمچە ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتتىم.
ئەنە، مەمىتىمىن ھۇشۇر. ئاپلا، تېخى يېقىندىلا ئۇنىڭ ئانىسى تۈگەپ كەتتى. رەھمەتلىك چوڭ ئاپىمىزنىڭ، ياق! ئانىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي... مەمىتىمىن ھوشۇر بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ جۈدەپ كېتىپتۇ. ۋاي، قەدىردان ئاكا، ئۆزۈڭنى ئاسراپ ئەسەرلىرىڭدەك كۈلۈپ يۈرسەڭچۇ!
ئەنە، جەينامازنى كۆتۈرۈپ تىز-تىز قەدەملەر بىلەن مەسچىتكە كېتىۋاتقان پەرھات تۇرسۇن. مەن ئۇنىڭغا ھەۋەس ۋە ئىللىق تۇيغۇدا قارىدىم، ئۇ مېنى خۇددى  تونۇيدىغاندەك ياكى بولمىسا بىر يەردە كۆرگەندەك تۇيغۇدا ماڭا قارىغىنىچە يېنىمدىن  ئۆتۈپ كەتتى.
بىر گەپ قىلىپ بېرەي-ھە!
پەرھات تۇرسۇن بىلەن قەيسەر تۇرسۇن بىر تۇغقان ئاكا-ئىنىلەر. پەرھات تۇرسۇن چوڭى، قەيسەر تۇرسۇن كىچىكى. ئەييۇھانناس! خۇدانىڭ كارامىتىدە بۇ! بۇ ئىككى ئاكا-ئۇكىلار بىر-بىرىگە قويۇپ قويغاندەك ئوخشىشىپ كېتىدۇ. يۈرۈش-تۇرۇش، كىينىشلىرىدىن تارتىپ گەپ قىلىشلىرىغىچە ھەممىسى شۇنداق ئوخشىشىپ كېتىدۇ،ئەگەر ئوبدان قارىمىسىڭىز ئىككىسىنى ئارلاشتۇرۇپ قويىسىز. ئۇزاقى يىلى ئۈرۈمچىدىكى بىر يېغىندا مېنىڭ شېئىر يازىدىغان بىر ئاغىينەم پەرھات تۇرسۇن بىلەن رەسىمگە چۈشىمەن دەپ قەيسەر تۇرسۇننى پەرھات ئاكا دەپ تۇرۇپ رەسىمگە چۈشۈپ قاپتۇ. يېغىن تۈگىگەندە قەيسەر تۇرسۇن ھېلىقى ئاغىينەمگە: ‹ بۇ رەسىمنى پەرھات ئاكامغا چۇقۇم كۆرسىتمەن، سالىمىڭىزنى ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ قويىمەن› دەپ كېتىپ قاپتۇ. ئاغىينەم يا كۈلەرىنى، يا يىغلارىنى بىلەلمەي ھېلىقى يىغىندىن تىكىۋېتىپتۇ.
پەرھات ئاكا،   ئۆزگىچە ياشىدىڭ، ئۆزگىچە يازىسەن. خۇدادىن ساڭا ھەممىدىن بەك ساقلىق تىلەيمەن. ئامان بول!
ئەڭ يىڭى بىلدۈرگۈ:
يېقىندا ئامېرىكىدا ئوقۇيدىغان بىر ئاغىينەم ئۇيغۇر قوشنا ئايالغا ئۇنىڭ بالىسىنى بۆشۈككە
بۆلىشىپ بېرىمەن دەپ ساقچىخانىغا كىرىپ قاپتۇ. سەۋەبى مۇنداق ئىكەن:
ھېلىقى ئاغىينەم بالىنىڭ ئانىسى بىلەن بالىنى بۆشۈككە بۆلەۋاتسا، تۇيۇقسىز ئۆيگە ئامېرىكىلىق بىر ئايال كىرىپ  قاپتۇ. ئامېرىكىلىق ئايال شۇنداق قارىسا ئاغىينەم بىلەن ھېلىقى ئايال بالىنىڭ يىغلاشلىرىغا قارىماي بۆشۈكنىڭ يىپ-شوينىلىرى بىلەن بالىنى مەھكەم باغلاۋېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئامېرىكىلىق ئايال قاتتىق ۋاقىرىغىنىچە دەرھال ساقچىغا تېلىفون قىپتۇ. ساقچىلار بىردەمدىلا ئۆيگە كېلىپ ئۇلارنى ئېلىپ كېتىپتۇ. ئالاھەزەل ئۈچ سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ھېلىقى ئاغىينەم بىز ئۇيغۇلارنىڭ رەسىملىك كىتابلىرىنى، بوۋاقنىبۆشۈككە تېڭىشنىڭ بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادىتىمىز ئىكەنلىكىنى ساقچىلارغا ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىپ كەتكۈچە چۈشەندۈرۈپ ئاخىرى ساقچىخانىدىن چىقىپ كېتىپتۇ
قوي بوغۇزلاش.
روزى ھېيىت كۈنى، ئامېرىكىنىڭ بوستۇن شەھرىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان يوغان بىر پىچاق بىلەن بىر قوينى ئايەت ئوقۇپ تۇرۇپ بوغۇزلىغان. كىم بىلسۇن ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئۇيغۇر قاسساپ ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپتۇ. شۇڭا مېنىڭ سىزگە دەيدىغان كىچىككىنە بىر نەسىھىتىم: ئامېرىكىغا ھەرگىز چىقماڭ، مۇبادا ئازغىشىپ چىقىپ قالسىڭىز ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بالىڭىزنى ھەرگىز بۆشۈككە بۆلمەڭ، ھەرگىز قوينى چوڭ كوچىدا بوغۇزلىماڭ.
تۈگەللىمە:
كىچىك چېغىمدا دادام دائىم چۈشكۈرسەم بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ:
بالام، ئادەم ھەر قېتىم بىر چۈشكۈرگەندە چۇقۇم ‹ئەلھەمدۇلىللا شۈكرى›دىيىش كېرەك › دەپ نەسىھەت قىلاتتى. مەن شۇ چاغلاردە نېمىشقا بۇنداق دەيدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىم. چوڭ بولدۇم، ھەر قېتىم چۈشكۈرگەندە شۇنداق دەيدىغان بولدۇم، بىراق تا-ھازىرغىچە بۇنىڭ زادى قانداق بىر سەۋەبى بارلىقىنى بىلەلمىگەنىدىم. بىر ھەپتە بۇرۇن بىر ئىنگىلىزچە ماتېرىيال كۆرۈۋېتىپ، ئادەم ھەر قېتىم چۈشكۈرگەندە ئادەمنىڭ ئىچىدىكى بارلىق ئىچكى ئەزالار دەقىقە ھەركەتتىن توختايدىكەن. دېمەك ئادەم چۈشكۈرۈپ بولغىچە ئۇنىڭ ئەزالىرى ھەرىكەتتىن توختاپ ئادەمنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولىدىكەن. چۈشكۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ قىيىن ھەم جانغا تاقىشىدىغان خەتەرلىك ھەرىكەتنى ساق-سالامەت تاماملىغان ئادەم ئۆزىنىڭ ھايات قالغىنىغا شۈكرى قىلىپ چۇقۇم شۇنداق دىيىشى كېرەككەن.
كىيىم كونا بولسا يۇيۇپ، دەزماللاپ كەيسەك بولىۋېرىدۇ. بىراق، ئاياغ كونا بولسا يىڭىسىنى ئالماي بولماس. كونىلار شۇنداق دەيدۇ ئەمەسمۇ: دوستىڭ بېشىڭغا قارايدۇ، دۈشمىنىڭ پۇتۇڭغا›. شۇڭا ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ كونا خوتۇن بىلەن بىر ئۆيدا تۇرساقمۇ, كونا ئاياغنى كىيىۋەرمەي ھازىر كىيىۋاتقان بارلىق كونا ئاياغلىرىمىزنى دەرھال تاشلاپ يىڭىدىن باشقا بىر ئاياغ سېتىۋېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى!  

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 20:52:09

   بۇ ئەدەبى خاتېرىمۇ يا ئاخىرى بارمۇ ؟

dolkun531 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 21:00:18

تما ئىگىسىنىڭ ئىسمىنى نىم دەپ ئوقايمىز؟

taz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 21:06:31

خېلى سەمىمىي يازما بوپتۇ، تېما ئىگىسىنىڭ ئىسمى مەمەت ئۆمەر، ئىزدىنىشتىكى تور نامى جەسەت

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 21:20:48

ئەسەرلىرىڭىزىنى  يازغۇچى  تورىغا  يوللاىۋەرمەي    بۇ   يەرگىمۇ   يوللاپ   تۇرۇڭ ،

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 22:10:20

سىز جاللاتنىڭ نىمىسى ؟

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 23:24:02

ئۆزگىچە يازما بوپتۇ.قىسقا بولسىمۇ ئەمما ئۇستىلىق بىلەن خىلى كۆپ مەزمۇن ئىپادىلنىپتۇ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 07:10:58

پۇرچاقچىدىكى مەمەت ئۆمەرمۇ سىز ؟

yultuz8 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 07:34:35

ياخشى  يېزىلىپتۇ ، تىمىلىرىڭىزنىمۇ بۇ  يەرگە  يوللاپ  قۇيۇڭ . نامىڭىزنى  بىزلەرمۇ بىلۋالالايمىز ئەمەسمۇ .....ھى ھى

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 08:36:10

ئۈرۈمچى، قىز ياكى باشقىلار


ئۈرۈمچنىڭ ئەڭ ئاۋات يىرىگە جايلاشقان ئۇيغۇر تىبابىتىنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق سودا نىشانى قىلىپ قۇرۇلغان خېلى نام-ئاتاققا ئىگە بۇ شىركەتكە ھېچبىر قۇرۇنمايلا كىرىپ كەلدىم. ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا چىرايلىق بىر قىز ئالدىمغا ئەدەپ بىلەن سالام قىلىپ كەلدى:

-كىمنى ئىزدەيسىز؟

-ئابدۇقادىر ئېلىنى ئىزدەيتتىم!

ئابدۇقادىر ئېلى- 30 ياشلاردىن ھالقىغان تۆت خىلدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان، مول بىلىم ساپا، ئەتراپلىق تەربىيەگە ئىگە تاتلىق شېئىرلارنى يازىدىغان مېنىڭ ئاكا يوللۇق ئاغىينەم. ئۇ مۇشۇ شىركەتنىڭ غوللۇق باشقۇرغۇچىسى، ئۇ يىلىغا 400 مىڭ مائاش ئالىدۇ. بۈگۈن مەن ئۇنى ئازراق بىر خىزمەت ئىشى بىلەن ئىزدەپ كىلىشىم ئىدى.

ئاۋازىم سەل ئۈنلۈك چىقىپ كەتتىمۇ-قانداق ئۇ قىز ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شىركەت خادىملىرى ھەيرانلىق ۋە قۇرقۇش چىقىپ تۇرغان ئەنسىز كۆزلىرىنى مېنىڭ ئۈستى-بېشىمغا تىكىشتى.

چاچلىرى كۆزلىرىنى توسۇۋالغان، ساقاللىرى ئۆسۈك، قارا كۆينەك، قارا كاستۇم-بۇرۇلكا، قارا ئاياغ كىيىۋالغان، قولىدا ئۈزۈك، بوينىغا زەنجىر ئېسىۋالغان بۇ كىشى- شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىنىڭ سادىق ئوقۇرمەنى-مەمەت ئۆمەر مەتتۇرسۇن خەتەر ئىدى.

-ئا...ئابدۇقادىرئاكام ..ئۇ ئۈستۈنكى قەۋەتتە.. بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟ مەن ئاۋال ئۇنىڭغا يەتكۈزەي..-، دىدى ئۇ قىز سەل جىددىيلەشكەندەك قىياپەتتە.

- مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى. ئىشخانىسىغىلا چىقساملا بولدى. سىز ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ، سىزنى ئاۋارە قىلماي-دېدىم ئۇنىڭ ئارتۇقچە تەكەللۇپ قىلىشىدىن بىزار بۇلۇپ.

مەن شۇنداق دىدىم-دە، ئۇ قىز دەپ بەرگەن يول بىلەن ئابدىقادىرئاكامنىڭ ئىشخانىسىغا ماڭدىم. مېڭىۋېتىپ نېمىشقىدۇر ھېلىقى قىزنىڭ چىرايىنى ئويلاپ قالدىم. شۇنداق يېقىملىق، چىرايلىق قىزكىنە. خەپ! ھېلى بىكار بۇلۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىر تونۇشۇۋالمىسام...

ئابدۇقادىرئاكام بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش جەريانىدا مەن شۇنى بايقىدىمكى، بۇ شىركەتتە ئۇنى ھېچكىم مەندەك ئۇدۇللا ئىسمىنى چاقىرىپ ئاتىمايدىكەن. چۇقۇم لىدىر، دېرىكتور، ئاككىمىياتور..دېگەندەك كېلىشكەن، ھەددىن زىيادە قاملىشىپ كېتىدىغان سۈپەت سۆزلىرى بىلەن چاقىرىشىم كېرەككەن. شۇڭا مېنىڭ ئىشىكتىن كىرىپلا ‹ئابدۇقادىر ئېلىنى ئىزدەيمەن› دېگەن ئۇيغۇر تىلىدىكى  ئاشۇ ئەڭ ئاددىي بىر جۈملە گېپىم نۇرغۇلىغان ئادەملەرنى ھەيران قالدۇردى ھەم قۇرقۇتۇپ پىشانىسىدىن تەر چىقىرىۋەتتى.

چاچلىرىنى چىرايلىق ياساپ  ئاپئاق كاستۇم-بۇرۇلكىنى قىرلاپ كىيىۋالغان مەمەت ئۆمەر مەتتۇرسۇن خەتەر سالقىن شامال چىقىۋاتقان ئاۋغۇستنىڭ بىر مۇھەببەتلىك ئەتتىگىنى، ئوڭ قولىدا بىر دەستە گۈل(ئەمىلىيەتتە مەمەت ئۆمەر دېگەن بۇ رەزىل مەخلۇق گۈل دېگەن بۇ نەرسىگە ئىچى-تىرنىقىدىن ئۆچ بۇلۇپ، ئۇ مەخسۇس مۇشۇ مىڭ يىرىدىن ئەنجىقى چىقىپ كەتكەن دەقىيانۇس دەۋرىدىكى سىموۋۇللۇق نەرسىدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن قىزلارنى ئالدايتتى. قىزلارمۇ دۆتلىكتە چېڭىغا يەتكەنكى، ئۇلار ئۈچۈن ‹گۈل›دېگەن بۇ سۆز ‹پۇل›دېگەن سۆزدىنمۇ مۇھىم ھەم يېقىملىق ئاڭلىناتتى) سول قولىدا ئەركەك قوينىڭ گۆشىدە ئەتكەن تاۋا كاۋاپىنى ئېلىپ قايسى كۈنى تونۇشقان قىزنى كۆرگىلى كەلدى.

قايسى كۈنى تونۇشقان قىز- ئابدۇقادىر ئېلىينىڭ شىركەت مۇلازىمەت سۇپىسىدا ئىشلەيدىغان ھېلىقى كۈنى مەندىن قۇرقۇپ تۇرۇپ گەپ سورىغان قىز.

ھېلىقى قىز- ئۇ مېنى كۆرۈپلا تاتلىق بىر كۈلدى ۋە مېنى سىرتتا ساقلاپ تۇرۇشقا ئىشارە قىلدى. مەن ئەسلى ئابدۇقادىر ئېلىينىڭ شىركىتىگەكالىدەكلا ئۆسۈپ كىرىپ ھېلىقى قىزغا گۈل دەستىلەرنى سوۋغا قىلىپ، گۆشلەرنى ئاۋاز چىقىرىپ يەپ، ئۈنلۈك  ۋاقىراپ ئۇنىڭ شىركىتىنى قالايمىقان قىلماقچى ئىدىم. بىراق، ھېلىقى قىز ماڭا يالۋۇرۇپ بۇندىن كېيىن ئۇنداق شىركەتكە ئۈسۈپلا كىرمەسلىكىمنى ۋە مېنىڭ ئەدەبلىك ئادەملەردىن بۇلۇشۇم كېرەكلىكىم توغرىسىدا تەربىيە قىلىپ ئىككى سائەت قاينىغانىدى. مەن ۋەدەمگە ۋاپا قىلىپ ئۇنى شىركەتنىڭ ئالدىكى خالىي جايدا ساقلاپ تۇردۇم. ئۇ ئالاھەزەل بەش مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن قېشىمغا چىقتى.

-ۋاھ، بۈگۈن مېنى بەكلا خوشال قىلىۋەتتىڭىز. مەن بۇ گۈلنى بەكلا ياقتۇردۇم.-ئۇ تاتلىق بىر ھاياجان ئىچىدە قوزىچاقتەك سەكرەپ كەتتى. مەن قولۇمدىكى كاۋاپنى ئۇنىڭغا تەڭلىدىم، ئۇ بىر تەرەپتىن كاۋاپنى يىگەچ يەنە بىر تەرەپ ماڭا گەپ قىلىۋاتاتتى:

-مەمەت ئۆمەر قاراڭ، بۇ خوتەن ياكى قەشقەر ئەمەس. بۇ دېگەن ئۈرۈمچى شەھرى. بۇ يەردە ھېچكىم بىلەن ھېچكمنىڭ كارى بولمايدۇ. ئەگەر بىر كۈن يېنىڭىزدە پۇل بولمىسا سىز ھاجەتمۇ قىلالمايسىز. بۇ يەردە قۇياش نۇرىدىن باشقا ھەممە نەرسىنى پۇلغا ئالىسىز. شۇڭا تىجەشلىك بۇلۇپ ئىقتىسادچىللىق بىلەن ياشىمىسىڭىز بۇ شەھەردە ئاچ قالىسىز. ماۋۇ كاۋاپ بەك تەملىككەن، بىراق بۇندىن كېيىن مېنى بۇنداق قىممەت كاۋاپلار بىلەن يوقلاپ كەلمەڭ. قاراڭ مۇشۇ كاۋاپنىڭ ئۆزىلا 90 يۈەن. نېمىدېگەن قىممەت-ھە!

بۇ قىز ئەسلى غولجىلىق ئىكەن. ھازىر چوڭ ئاپىسى بىلەن ئۈرۈمچىدە تۇرۇۋېتىپتۇ. بويى ئىگىز، زىلۋە بەدەن، مۇلايىم، تاتلىق گەپ قىلىدىغان قىز.

ئايلىق مائاشى-2500 يۈەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. مەندىن ئىككى ياش كىچىك.

قىزلارنىڭ ئوغۇللارغا قارىغاندا ئازراق دۆت بۇلۇشى بەلكىم بۇ قىزلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان بىر ئالاھىدىلىكى بۇلۇشى مۇمكىن.

شۇ كۈنى مەن ئابدۇقادىر ئېلىينىڭ ياق! لىدىرنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپلا بۇ قىزنى قاپ يۈرەكلىك بىلەن چاقىرىپ ئۇنىڭ تېلىفون نۇمۇرىنى سورىۋالغانىدىم شۇندىن باشلاپ ئۇ مېنىڭ قىزلارغا ھەددىن زىيادە ئامراق لاۋزىلىقىمدىن بىخەۋەر ھالدا مېنىڭ تۆت كۇبليىت قوشاق، بىر پارچە سۆيگۈ خېتىمدىن تەسىرلىنىپ ماڭا مەندىنمۇ ئامراق بۇلۇپ كەتكەنىدى. مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئىسمىنى ۋە يۇرتۇمنى، ھازىر قىلىۋاتقان خىزمەت ئەھۋالىمنى تونۇشتۇرغان ۋاقتىمدە ئۇچەكسىز بىر ھاياجان ئىچىدە كۈلۈپ تاشلىغانىدى.

سەۋەبى: ئۇ خوتەنلىك بالىلارنىڭ خوتەن شىۋىسىدە گەپ قىلىشلىرىغا شۇنداق ھەۋەس قىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ  خوتەنلىك بالىلارنى ئىشەنچىلىك، ئوغۇلبالىقى بار، ئارلىشىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ دەپ قارايدىكەن. بىراق ئۇ خوتەننى ئۆزىگە يېقىن بىر يەردە، ئۈرۈمچى، غولجا دېگەن يۇرتلاردەك    ئۆزىمىزنىڭ  يۇرتى دەپ قارىماستىن بەلكى، يېراق بىر چەتئەل دۆلىتىگە ئوخشىتىپ تەسۋىرلەپ بەرگىنىدە بولسا گويا مەن خوتەن دېگەن بۇ زېمىندا ياشاپ باقمىغاندەكلا تۇيغۇغا كېلىپ قالغانىدىم.   

  بىردىنلا بىر كۈندە 10 سائەت خىزمەت قىلىپ بىر ئايدا 2500 يۈەن مائاش ئالىدىغان بۇ گۈزەل قىز دوستۇمغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. شىركەتنىڭ ئىچى لىق ئادەم، بىراق ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋاقىراشقا، ناخشا ئېيتىشقا، چىرايلىق گۈزەل ئەينەكلەرنى لەززەت بىلەن چېقىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغان، بىر توپ ماشىنا ئادەملەردىن تەركىب تاپقان بۇ شىركەتتە بىر كۈندە ئون سائەت ئىشلىمەك نېمىدېگەن جاپالىق-ھە! مەن ئۇنىڭغا ئەمدى بۇ يەردە ئىشلىمەسلىكىنى، ماڭا خوتۇن بۇلۇپ مەن بىلەن خوتەنگە كېتىشىنى، توي ۋە تويلۇقلارنى چۇقۇم كۆڭۈلدىكىدەك تەييارلايدىغانلىقىم ھەققىدە نۇرغۇنلىغان پىلان ۋە ئۈمۈدلىرىمنى ھەققىدە ئۇزاق ۋەدىلەرنى بەردىم. بىراق، ئۇ مېنى ھەقىقەتەن چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى، جەسىتى كوچىدا يېتىپ قالسىمۇ ئۈرۈمچىدە ياشايدىغانلىقىنى، خوتەن دېگەن ئۇ جىن تەگكەن شەھەرگە ھەرگىز ئاياغ باسمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ مەندىن تولىمۇ مىننەتدار ئىكەنلكىنى توغرىسىدا بىر تالاي ياخشى نىيەتلىك پاراڭلارنى قىلدى. مەن ئۇيغۇرتىلىدىكى ئەڭ  گۈزەل سۆزلەرنى بىر يەرگە ئەكەلسەممۇ، ئۇنى ھەرگىز قايىل قىلالمايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يېتىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم....

بىراق، مېنى تا-ھازىرغىچە ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ ئۈرۈمچىدە تىلەمچىلىك قىلىپ بولسىمۇ ياشايدىغانلىقى، لېكىن خوتەن دېگەن زاتى مۇبارەك بۇ يۇرتتا  ياشاشنى خالىمايدىغانلىقى بولدى.

سوئال: ئۈرۈمچىدە ياشىسا نېمە بولىدۇ؟ خوتەندە ياشىسىچۇ!؟ ئادەم بىر ئۆمرىنى قانداق ئۆتكۈزسە ئاندىن ئۇ ئادەمنىڭ ھاياتى ھەقىقىي مەنىگە ئىگە بولغان بولىدۇ؟ نېمىشقا ھەممىڭلار ئۈرۈمچىدە ياشاپ خوتەندە ياشاشنى خالىمايسىلەر!؟ ئەي،ئادەملەر....!

مەن بىر تالاي ئايىغى چىقماس گۆدەكلار خىياللارغا غەرق بولغىنىمچە ئادەملەر مىغىلداپ تۇرغان چوڭ كوچىدىن ئاستا قايرىلدىم....

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 08:38:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jeSat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-8 09:37  

چىش، كاڭ ۋە ئاياللار ھەققىدە..

تۇنجى قېتىم چىش ساغلاملىقىنىڭ ئەرلىك ئىقتىدار بىلەن بۇنچىلىك زىچ مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان چېغىمدا، پىلنىڭ دۇنيادىكى بىردىىنبىر سەكرىيەلمەيدىغان ھايۋان ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشەندىم، شۇنىڭدىن  باشلاپ ھەر قانچە يېقىن ئادەمگىمۇ قەرىز بېرىپ تۇرمايدىغان بولدۇم.

تۇنۈگۈن كەچتە  مىڭ بىر جاپادا مەن ئۇزۇندىن بۇيان بىر ئوقۇشقا تەشنا بولغان ھېلىقى كىتاپنىڭ ئىلىكتىرونلۇق نۇسخىسىنى قولغا چۈشۈردۇم. ھە، ئەمدى ئىسسق كاڭدا ئولتۇرۇپ قانغۇدەك راسا بىر ئوقۇمىسام ھېساب ئەمەس!

‹كاڭ؟›

‹كاڭ› دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئېغىزىمدىن قانداقسىگە چىقىپ كەتكىنىگە ئۆزۈممۇ ھەيران. چۈنكى مەن تۇغۇلۇپ-تا ھازىرغىچە كاڭ دېگەن بۇ نەرسىدە ئوڭدا يېتىپ بېقىش ئۇياقتا تۇرسۇن، كۆرۈپمۇ باقمىغانىدىم. ئۇزاقى يىلى قەشقەردە قېلىن قار ياغقان بىر كۈنى ئاقسۇلۇق ساۋاقدىشىم ئابلكىم شەمى كاڭ تۇغۇرلۇق ئاغزى-ئاغزىگە تەگمەي سۆزلەپ بەرگەنىدى. مەن ئۇ چاغلاردا خۇددى ۋىسالىغا يىتەلمىگەن گۈزەل بىر قىزنىڭ قارغىش تەككۈر گۈزەللىكى ھەققىدە تاتلىق خىياللارغا چۆمۈلگەندەك، كاڭ ھەققىدە ئۇزاقتىن-ئۇزاق ئويلاپ كەتكەنىدىم.

يىڭى ئالغان كونا يانفونىمغا ئاخىرى ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچ قاچىلىۋالدىم. ۋاھ، ئەمدى مەنمۇ باشقىلاردەك ئۆزۈمنىڭ تىلىدا قىزلارغا: ‹سۆيۈملۈكۈم، بىز ھەممىز ئالدامچى› دەپ ئۇچۇر قىلالايدىغان بولدۇم. بىراق، ھەر قانچە قىلىپمۇ ‹ئۆ› ھەرىپىنى قانداق يازىدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم. بىلىدىغان دوستلار ھىممىتىڭلارنى ئايىماي دەپ بەرگەن بولساڭلار، ساۋاب بولمىسىمۇ گۇناھ بولماس ئىدى.

ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان چىرايلىق ئاياللار جىنايەتچىلەرنىڭ رەسىم ۋە ئۆلۈش ئالدىدىكى يۈرەك سۆزلىرىنى كۆرۈپ، نېمىشقىدۇر چىرايلىق ئاياللارغا ئۆلۈم جازاسى بىرىشنىڭ مۇۋاپىق ياكى مۇۋاپىق ئەمەسلىكى توغرىسىدا ئويلاندىم. مېنىڭ دىگىنىم بۇيىچە چىرايلىق ئايال جىنايەتچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىسە، كۆرۈمسىز، سەت، بەتبەششىرە ئاياللار ئۆلسۇنمۇ!؟ ياق!ياق! ئۇنداق قىلساق بولمىغۇدەك! مەنچە ئەڭ ياخشىسى ئادەمنى شەھۋەت ئوتىدا ئۆلتۈرىدىغان، ئادەم ھاياتىدا قولىنىڭ ئۇچچىنىمۇ تۇتۇشقا مۇيەسسەر بولالمايدىغان ئاشۇ ئادەتتىن تاشقىرى قارغىش تەككۈر گۈزەل ئاياللار ئۆلسۇن! ئۇلار رەھىمسىز تۈردە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنسىلا، ئاندىن شەھۋەتخور بۇ يۈرەك خۇددى يامغۇردىن كېينكى ھاۋادەك خاتىرجەملىككە، ساپلىققا، ئازادىچىلىككە ئېرىشىدۇ. شۇڭا دەيمەن: دۇنيادىكى بارلىق گۈزەل ئاياللار ئۆلۈمگە لايىق! ئۇلار چۇقۇم ئۆلۈشى كېرەك!

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 08:40:31

تەسىۋىر


1-        تەسۋىر:
خىلىۋەت يېزا. قۇشلار بەس-بەستە سايراشقا باشلىغان. سېلىم بوۋاي مەھەللىنىڭ ئۇزۇن تېرەكلىك يولىدا ئېشىكىگە ئولتۇرۇپ بازارغا ماڭغانىدى.
2-        تەسۋىر:
قاق سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرۇۋالغان قاسىمجان مۈرىسىگە كەتمەننى ئارتقىنىچە قوناقلىقنى بويلاپ يۇقارقى دوڭدىكى ئېتىزلىقىغا قاراپ ماڭدى. 3-تەسۋىر:
يېزا تۇرمۇشى بەكلا كۆڭۈللۈك. مېنىڭ بۇ يېزىغا چۈشكىنىمگە ھەش-پەش دىگۈچە ئالتە ئاي بۇلۇپ قالغانىدى. مەن بۇ ئالتە ئاي جەريانىدا دېھقانلارنى بىلەن تۇنۇشۇپ ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىدىكى بۇ خىلىۋەت يېزىنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان گۈزەللىكىدىن قانغۇچە بەھىرلەندىم.. بىر كۈنى مەن  مەھەللىدىكى قۇمۇشلىقتىن كېسىپ ئۆتۈپ دېھقان يارۇللانىڭ ئۆيىگە كەلدىم.

2014-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، خوتەن ۋاقتى سائەت  سەككىزدە مەن قاراقاش ناھىيسىدىكى دادامنىڭ ئۆيىدەم قاتتىق ئۇخلاۋاتاتتىم.. تۇيۇقسىزلا بىرسى مېنى سىلكىشلەپ ئويغاتقاندەك كۆزۈم ئېچىلاپ قالدى. ئاندىن كيىمىمنى كىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي ئىككىنجى قەۋەتتىكى كىتابخانامغا چاپتىم. چۈنكى مەندە ئۈستىدىكى تەسۋىلەرنى ئوقۇشقا بولغان بىر خىل ئەسەبىي قىزغىنلىق ياق! تەشنالىق دېسەم بولغۇدەك ئىچىمدە دەۋرەپ مېنى ئۇيقىدىن بىدار قىلغانىدى. ماڭا  مۇشۇنداق خىلۋەت يېزىدىكى ئادەمگە ئارامبەخىش تۇيغۇ ئاتا قىلىدىغان مۇھىت تەسۋىرلىك ھېكايە، رومانلارغا ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان بىر خىل ئامراقلىق سېڭىپ كەتكەنىدى. مەن ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك بۇنداق غەلىتە تۇيغۇدا بۇلۇپ باقمىغانىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن بارلىق كىتابلىرىمنى تەلۋىلەرچە ئاقتۇرۇشقا باشلىدىم.
بىراق دۆۋە-دۆۋە كىتابلرىم ئىچىدىن قايسى كىتابتا مۇشۇنداق تەسۋىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلەلمەي بىر پەس تۇرۇپ قالدىم. بىر ئويلىسام مەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بارلىق كىتابلارنى ئوقۇپ بولغان قاقۋاشتەك، بىر ئويلىسام  تۇغۇلۇپ تا-ھازىرغىچە بىرەر تالمۇ كىتاب ئوقۇپ باقمىغاندەكلا.. قالايمىغان چېچىلىپ ياتقان كىتابلار، يىغىلمىغان يوتقان كۆرپىلەر، مەن شېئىر يازىدىغان ئاقچە ۋاراقلار... ۋاي.خۇدايىم. بۇ ئۆينىڭ قالايمىقانچىلىقىدا ئۆزۈمنى يەنە  كۆرپىنىڭ ئۈستىگە تاشلىدىم.
ئۆي ئىچىنىڭ دېمىقلىغا قۇشۇلغان ئاپتاپ بېشىمغىلا چۈشكەنىدى. تۇنجى قېتىم ئادەمسىز بۇ ئۆيدە ئوڭدىسىغا  ئۆزۈمنىڭ بەكمۇ يەككە-يىگانە ئىكەنلىكىمنى، بىرەرسىگە تولىمۇ مۇھتاج بولىۋاتقانلىمنى ھېس قىلدىم.
  كىتاب- ياخشى نەرسە بۇلۇشى مۇمكىن. شۇڭا باشقىلارنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ تاپقان پۇلۇمغا كىتاب سېتىۋېلىپ ئۆينىڭ ھەممىسىنى كىتابغا توشقۇزۇۋەتتىم..
شېئىر-ياخشى نەرسە بۇلۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئۆزۈمنى ئۇلۇغ شائىر چاغلاپ كۈنىگە بەش پارچە شېئىر يېزىپ لاۋزىلىقنى مەقامىغا يەتكۈزدۇم. مېنىڭ يوغان بىر قەغەز ساندۇققا پۇرلەپ تىقىۋېتىلگەن پارچە-پارچە شېئىرلىرىمنى كۆرگەن ئادەم مېنى چۇقۇم دۇنيادىكى ئەڭ سەت گەپلەر بىلەن تىللايدۇ.
ئاقسۇلۇق ئۇ قىز يەنە ماڭا ئىشەنمىدى. ئۇنىڭ دىيىشىچە مەن بەكمۇ ئۈزمە كۆڭۈل ئادەمكەنمەن. ۋاقىت بولسا شېئىر يازىدىغان،  قىز بالا بولسىلا ياخشى كۆرۈۋېرىدىكەنمەن. ئۇ گەرچە ماڭا ئامراق بولسىمۇ بىراق مەن بىلەن بىرگە ئۆتۈشكە ئىشەنچ قىلالمايدىكەن.
ئۇ ياخشى قىز ئىدى. گەرچە ئۆزى ۋاي دىگۈدەك چىرايلىق بولمىسىمۇ بىراق مىجەزى ئوڭلۇق، بىر ئۆيدە ئەر-خۇتۇن بۇلۇپ ئۆتۈشكە بەكمۇ ماس كىلىدىغان قىز ئىدى.  ئەپسۇس... ئۇ مەندىن يىراقلىشىپ كەتمەكتە ئىدى...
تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە،  ھەددىن زىيادە چىرايلىق خوتۇنلىرى بار ئەرلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گېرىپتار بۇلۇش نىسبىتى باشقا ئەرلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدىكەن.
بىزنىڭ مەكتەپتە چىرايلىق خوتۇنى بار بىر مۇئەللىم بولىدىغان. بىر يىل بۇرۇن خوتەن ناھىيە لاسكۇي بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق دېھقان ھەسەن: ‹ ئۇ چىرايلىق خوتۇنى بار خىزمەتدىشىڭ چۇقۇم خوتۇنىنىڭ غېمىدا يۈرەك كېسىلى بۇلۇپ قالىدۇ› دېگەنىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ھېلىقى مۇئەللىم راستىنلا يۈرەك كېسىلى بىلەن ئاغرىپ ھازىر ئۈرۈمچىدە داۋالىنىۋاتىدۇ... شۇڭا مەن چىرايلىق خوتۇنى بار ئەرلەرگە ھېسىداشلىق قىلىمەن..سىلەر نېمىدېگەن جاپاكەش-ھە! جاپا چەكتىڭلار!
توي قىلىش بەكمۇ مۈشكۈل بىر جەريانكەن. چىرايلىق خوتۇن ئالاي دېسە ئادەم خوتۇن غېمىدا تۈزۈك ياشىغىلى بولمىغان، سەت خوتۇن ئالاي دېسە ئادەمنىڭ  بىر ئۆيدە تۇرغىسى كەلمىگەن. ھەي، بۇ باش قېتىقچىلىقنى قانداق قىلسام بولار؟
چىرايلىق قىزلار ئادەمنى بەك چارچىتىۋېتىدىكەن. ئۇنداق قىزلارنىڭ بەتخەجلىكى، ھاكاۋۇرلىقى، ئۆزىگە ھەددىن زىيادە ئىشىنىدىغانلىقى ئادەمنى جېنىدىن جاق تويغۇزىۋېتىدىكەن. سەت قىزلار گەرچە ئادەمگە مۇلايىم، ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي تۇيغۇلارنى ئاتا قىلسىمۇ، بىراق ئۇنداق  قىزلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ئۇزاققا بارمايتتى. مەن يەنىلا ئاشۇ ۋاپاسىز، بەتخەج، ئىبلىسلارنىڭ كاتتىۋېشى بولغان قارغىش تەككۈر -چىرايلىق قىزلارنى قوغلايتتىم.

ئەڭ يىڭى خوشخەۋەر:
يەنە ئۈچ پارچە ئەبجەش خاتىرەم ئەرچىن ئاكام تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە ئۆچۈرۋېتىلدى. مەن ئۇنى بەكمۇ تەستە، كۆڭۈل قويۇپ قاتتىق ئىسسىقا قارىماي يېزىپ چىققانىدىم. ئەگەر ئۇ ئېلان قىلىنغان بولسا بەلكىم مۇنبەردە خېلى كۆپ ئىنكاسلارنىڭ ئىگىسى بۇلۇپ قالاتتىم
ئەرچىن ئاكام يېقىندىن بۇيان ئاچچقىمنى بەكلا كەلتۈرۋاتىدۇ... ئەگەر مەنمۇ باي ناھىيلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىدا ئىشلىگەن بولسا ئەرچىن ئاكامنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ، ئۇ يوق پۇرسەتتىن پايدىلنىپ كومپىيۇتىرىنى بۇزۇۋېتەتتىم. چىرايلىق ئىكرانلىرىنى يىڭىساردا ياسىغان ئوماق پىچاقلىرىم بىلەن لەززەت بىلەن تىلىۋاتاتتىم...
بىراق، بۇ ئادەم ئەسەر ئۆچۈرۈشتە سەل قاتتىق قول بولغىنى بىلەن ئۆزى تولىمۇ سەمىمىي، كىچىك پىئىل، ھەرىكەتچان ئادەم ئىدى. ھەر كۈنى قاتتىق ئىسسقا قارىماي مېنىڭ باشقىلارغا يازغان ئىنكاسلىرىمنى قەدەممۇ-قەدەم ئۆچۈرۈپ ماڭاتتى. مەن ئەرچىن ئاكامنىڭ بۇ قەدەر چاققانلىغا ھەيران قالغانىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قېتىم تىمامنى ئۆچۈرگەندە ماڭا قىسقا ئۇچۇر قىلىپ سەۋەبىنى دەپ بېرەتتى. ئەڭ مۇھىم بۇ ئادەم مېنى قوللايتتى، ھەم كۆيىنەتتى. راسىت گەپنى قىلغاندا مەن ئەرچىن ئاكامغا ئۆچ ئەمەس ئىدىم..  
ئەرچىن ئاكام قاشلىرى قۇيۇق، چاچلىرى بۇلۇق ئۆسكەن، بۇغداي ئۆڭ، چىرايدىن باشقىچە بىر قەتئىيلىك چىقىپ تۇرىدىغان ئادەم بۇلۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ سىمىز، كالتا كەلگەن بارماقلىرى كونوپكا تاختىسى ئۈستىدە قانداق بىر ھەرىكەتلەرنى قىلىپ مېنىڭ ئەسەرلىرىمنى ئۆچۈرىدىغاندۇ.
ئەرچىن ئاكا، مەن تورغا چىقساملا بىرىجى بۇلۇپ يازغۇچىلار تورىغا كىرىمەن، مېنىڭ بۇ يەردىن باشقا بارىدىغان يىرىم يوق.  شۇڭا ئەسەرلىرىمنى ئىمكانقەدەر ئۆچۈرمەي تەستىقلاپ بەرسىلە بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن سىلىدىن ئۆتە جاھىل ئادەم. سىلى بىر پارچە ئەسىرىمنى ئۆچۈرۋەتسىلە مەن ئەتىسلا يەنە بەش پارچە ئەسەر يېزىپ ئەۋەتىمەن. تاكى سىلى ئەسىرىمنى ئۆچۈرمەي ئېلان قىلغۇچە مەن  توختىماي ئەسەر يېزىپ سىلى بىلەن قېرىشقىنىم-قېرىشقان. ئەرچىن ئاكا، سىلى مەندىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىلا.. (ھىجايغان چىراي ئىپادىسى)

بىزنىڭ شوئارىمىز:
بىلىم ئۆگىنىشتە ئۈندىدار مۇھىم،
ئۈندىداردىن كىتاب مۇھىم.


يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 09:40:55

يېرىم ئاسمان


يېرىم ئاسمان، يىرتىق ھاياجان، قەتئىي ئايرىلالماسلىق، چۈشتىن كېيىنكى زېرىكىشلىك ئاپتاپ، گەۋدە، مەڭگۈ كەلمىگۈچىلەرنى كۈتۈۋېلىش زالىدىكى قۇپقۇرۇق گەۋدە،   ئەخلاق، يالغانچىلىق، قىزغىنلىق، نەشە، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش...

2014-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، كەچ سائەت يەتتىدىن  قىرىق بەش مىنۇت ئۆتكەندە قاراقاش
ناھىسينىڭ يىپ بازار ئەتراپىدا كېتىۋېتىپ مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلغۇم كەپ قالدى. نېمىشقا بۇنداق
گەپلەرنى قىلىدىغانلىقىمنى ئۆزۈممۈ بىلمەيمەن، بىراق مەن ئەخلەت، سۇلغۇن چىراي، بوران ھۇۋلاپ
تۇرغان بۇ ۋەيرانە بازاردا مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىشقا  مۇھتاج بۇلۇپ قالدىم.
داۋىنچى مونالىزانىڭ چىرايلىق لەۋلىرىنى سىزىش ئۈچۈن ئون يىل سەرىپ قىلغان، پىل دۇنيادىكى بىردىنبىر سەكرىيەلمەيدىغان ھايۋان، ئەگەر سىزنى تۇيۇقسىز تىمساھ چىشلىۋالسا، قولىڭىز بىلەن كۈچەپ ئۇنىڭ كۆزلىرىنى باسسىڭىز ئۇ شۇئان سىزنى قويىۋېتىدۇ، بۇنداق دېسەم  يالغانمىكىن دەپ قالماڭ دۇنيادىكى توخۇلارنىڭ سانى ئادەملەرنىڭ سانىدىن كۆپ.
سوئال: ئوڭ قۇلىقىڭىز نېمىگە ئوخشايدۇ؟
جاۋاب: سول قۇلۇقىمغا ئوخشايدۇ.
سوئال: قانداق قۇشنىڭ ئىسمىنى تەتۈر يازسىمۇ مەنىسى ئۆزگەرمەيدۇ؟
جاۋاب: ھۆپۈپۈپ.
-سىزنى شۇنداق سېغىندىم.
- ماڭا بۇنداق ياغلىما گەپلەرنى قىلغۇچى بولماڭ، مەن ئوغۇللارنىڭ بۇنداق گەپلىرىگە بەك ئۆچ!
- ۋاي، خۇدايىم، سىزدە پىسخىك پارچىلىنىش كېسىلى بار ئىكەن. دۇختۇرغا كۆرۈنسىڭىز بولغۇدەك.
- مەن ئوغۇللارنىڭ سىزنى سېغىندىم، بىللە تاماق يەمدۇق دېگەندەك سۆزلىرىدىن شۇنچىلىك نەپرەتلىنىمەن. سىز ئەگەر يەنە مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىدىغان بولسىڭىز مەڭگۈ تېلىفونىڭىزنى ئالمايمەن.
- ھە، ئەمدى بىلدىم، مەن بىلەن تۇنۇشۇشتىن بۇرۇن بىرسى سىزنى شۇنداق ئالداپتىكەن-، دە! ۋاي بىچارە بايقۇش...
- يوقۇلۇڭ....
- مەنمۇ يوقۇلۇشنى بەكلا ئارزۇ قىلىۋاتىمەن، بىراق شۇ قېرىشقاندەك يوقۇلالمايۋاتىمەن...
مۇئەللىملىك خىزمىتىمدىن ئاخىرى ئىستىپا بەردىم. چۈنكى خۇشاللىقىدىن ئازابى كۆپ بۇ خىزمەت مېنى باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. سانسىسزلىغان جۈپ- جۈپ گۆدەك كۆزلەر قىزىقىش، ھەۋەس ئىلكىدە ماڭا باققاندا، كاللامغا فىرود، نېتزىلار كېلىۋېلىپ  گويا بىرەر گۇناھلىق ئىش قىلىپ
قويغاندەك قاتتىق ئېسەنكىرەپ كېتىدىكەنمەن. بالىلارنىڭ تىرىشىپ بىلىم ئىلىشىدىن ئۇلارنىڭ مەكتەپكە تۇلۇق كېلىشى مۇھىم دەپ ھېساپلىنىدىغان، مۇئەللىملەرنىڭ نەزەر دائىرسىنىڭ تارلىقى، بىلىمنىڭ  چولتىلىقى، غېرىب چىراي، مەيۈسلۈككە تولغان يىراق يېزا... مائاش ئالغاندىن كېيىنكى ۋىجدان ئازابى، بۇرۇقتۇرۇملۇق... مانا بۇلار مېنىڭ ئىستىپا بېرىشىمگە تۇلۇق سەۋەبچى بولالايتتى.
- ياخشىمۇسەن ھايۋان؟ قانداق ئەھۋالىڭىز؟
- يامان ئەمەس، ئۆزۈڭچۇ مەخلۇق. تىژلىقما؟
- يەنە مەكتەپتە بىلىم بېرىمەن دەپ كەلگۈسى ئەۋلاتلارنى زەھەرلەۋاتامسەن؟ ساڭا دەپ قوياي، يەنە
مۇئەللىملىك قىلىۋەرسەڭ سېنى تەڭرىممۇ كەچۈرمەس..!
-     ھا..ھا.... مە گۇينى...
قەشقەرلىك ئاغىينلىرىم بىلەن مۇشۇنداق پاراڭلىشىمەن،  نېمىدېگەن ئەركىن ۋە نېمىدېگەن لەززەت-ھە!
‹بىر كۈنى بىر قىزنى ئۇچراتتىم، شۇندىن باشلاپ مېنىڭ ھاياتىم ئۆزگەردى›
بۇندىن ئۈچ يىل بۇرۇن ئالىي مەكتەپتىكى چىرايلىق بىز قىزغا يازغان سۆيگۈ خېتىمنىڭ تۇنجى مىسراسىنى مۇشۇنداق باشلىغانىدىم....

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 10:29:53

بەك ياخشى يېزىپسىز

pigan0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 11:22:50

{:112:}

Kamdidar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 11:49:22

ئۆزگىچە تەسەۋۋۇرلار بىلەن يېزىلىپتۇ. بۇ يازمىلارنى ئۇقۇۋېتىپ تۇيۇقسىز  «جەسەت»جان مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقاندا تىل-ئەدەبىياتتىلا ياخشى بۇلۇپلا قالماي تەبىئىي پەنلەردىمۇ (بۇلۇپمۇ ماتېماتىكا) ياخشى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالدىم.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 18:26:31

يېزىش ئۇسلۇبى يېڭى بولمىسىمۇ تىل ۋە ۋەقەلىك تېتىملىق ،  يېڭىكەن ...ماڭا يارىدى، داۋاملىق ھە ...{:112:}

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 19:10:43

بالىلارنىڭ تىرىشىپ بىلىم ئىلىشىدىن ئۇلارنىڭ مەكتەپكە تۇلۇق كېلىشى مۇھىم دەپ ھېساپلىنىدىغان، مۇئەللىملەرنىڭ نەزەر دائىرسىنىڭ تارلىقى، بىلىمنىڭ  چولتىلىقى، غېرىب چىراي، مەيۈسلۈككە تولغان يىراق يېزا... مائاش ئالغاندىن كېيىنكى ۋىجدان ئازابى، بۇرۇقتۇرۇملۇق
بەت: [1] 2
: يامغۇرلۇق شەھەر