jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 19:59:25

ھەسرەتلىك تىۋىشلار ئاڭلىنار بەزەن(شېئىر)

سەبىي


لەپىلدەيدۇ ياغلىقىڭ سېنىڭ،
مېنىڭ بۇ ئەرلىك چۇقانىم كەبى.
مەن ھازىر مەۋجۇتمەن مۇھەببەت ئۈچۈن!
بىراق سەن يەنىلا شۇنچىلىك سەبىي!

بۇ يەردە ھەر كۈنى مۇدھىش قاراڭغۇلۇق بولىدۇ،
بىر تام ۋە سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ غېرىبلىقىغا ئوخشاش.
بۇ يەردە ھەر كۈنى بىر ئادەم ئۆلىدۇ،
نەقەدەر لەززەتلىك سېنىڭسىز ياشاش!

ئۇچۇق-ئاشكارا خەتلەرنى يازىمەن ساڭا،
ئاھاڭسىز بىر ناخشىنى غىڭشىماق بۇلۇپ.
ئاندىن رەسۋا بىر ئايالنىڭ تەبەسسۇمىدەك،
يىغلايمەن جېنىمنى باغرىمدىن يۇلۇپ.



ھەسرەتلىك تىۋىشلار ئاڭلىنار بەزەن

بۇ يەردە ھېچقانداق گۈزەللىك يوقتۇر،
ئەڭ ئۇلۇغ جالاپلارنىڭ قارىشىدا مەن!
ئىچىمدە بىر نەرسە چۇقان سالىدۇ،
سەن بەرىبىر ئەمەسسەن ۋەتەن!

يامغۇردە نەمدەلگەن يىپەك چاچلىرىڭ،
مەن بىر سەۋدا  كوچىدا ياتقان.
بۇ شەھەردە ھېچكىم مەندەك كىيىمنى سېلىپ چوڭ كوچىغا سىيمەيدۇ،
كۆزلىرىڭ-ئوت، كۆزلىرىڭ-ئوق! باغرىمغا پاتقان!!!!!!!

ھەسرەتلىك تىۋىشلار ئاڭلىنار بەزەن
ئۆلگەننىڭ كەينىدىن قارغىش بەك يامان.
تولغىنار مۇزىكا چاقىرىپ سېنى،
مەن ئۆلۈپ كەتمەكچى دوسىتلار شادىمان!

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 08:51:27

نەپرەت

كىملىكىڭنى بىلمەيمەن تېخى،
سەن پەرىشتە ياكى ئالۋاستى.
چۇقۇم سېنى ئۆلتۈرۋېتىمەن!
<< يىرتقۇچلارچە سۆيىمەن سېنى!>>

يۈرىگىمدە مىڭ ئوكيان ئازاپ،
ئازاپ، كۈلكە ھەممە مۇھاببەت.
ياشاش ئۈچۈن ياشاش كېرەكقۇ،
كۆز_ ياشلارغا چۆمۈلۈپ دەششەت!!

سەن مېنىڭكى گۈزەل ئەخمىقىم،
<< چېچى ئۇزۇن ئەقلى بەك قىسقا >>
سەن رەھىمسىز، گۈزەل سەت ئوماق،
گۇناھىڭ بار ئازاپلىرىمدا !

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 08:53:02

ھاياتنىڭ قىززىقى شۇدۇر ئېھتىمال!

سەن ماڭا شېئىردەك سۆيۈملۈك ئەمەس،
كۆزلىرىڭ قەلبىمنى قىلار پەرىشان.
چۈش بۇلۇپ توزۇيمەن چۈشنىڭ ئىچىگە،
نازلىنىپ تۇرىسەن جالاپلارسىمان!!!

بەخىتتىن سۆز ئېچىش قىيىن، بەك قىيىن،
<< ئازاپلىق كۈيۈڭگە چالما پىرچەڭگى !>>
ھاياتمۇ تاشلىنىپ باقسۇن بىر قېتىم،
شارقىراپ تۆكۈلسۇن غۇنچىنىڭ قېنى !

ياۋايى بىناغا ساقىيمەن جىمجىت،
مۇز تاغلار شەھەرنى قىلماقتا قامال.
پاي چېكى، ماشىنا ، تاقىر باش ئايال،
ھاياتنىڭ قىززىقى شۇدۇر ئېھتىمال!

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 08:53:44


كىرلىشىش

تىمساھنىڭ چىشىدا كۆكلەيدۇ ۋاقىت،
ھېسلىرىم شەھەرنى قىلار مالىمان.
شاختىكى غازاڭدەك قۇرۇپ، تۆكۈلۈپ،
جېنىمغا ئېسىلىپ تۇرىمەن ئاران.

ئەسەبىي بىر خىيال ئۆرتەر دىلىمنى،
قان بۇلۇپ تامچىلاپ گۈزەل چۈشۈمگە.
يالغۇرلۇق ، غېرىپلىق ئەزمەكتە مېنى،
مىڭ چايان ئۆمىلەپ يۈرەر تېنىمدە!

سەھەرنىڭ جىملىقى كۆيەر ئىچىمدە،
قارايمەن يوللارغا ھارغىن نەپەستە.
كىرلىشىپ كەتمەكتە قەلبىمدە ھايات،
بىر گۈزەل لىرىكا ئۇقۇپ ھەۋەستە!

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 08:54:24

پۇرايدۇ ئەتراپقا ئۆلۈمنىڭ ھىدى،
گۇگۇمنىڭ قەدىمى يېقىنلاپ ئاستا.
ھەممىنى ئۇنتۇشۇم كېرەكتۇ بەلكىم،
<< باغرى قان شەھەرنىڭ نالىسى ئارا >>

ئوت بۇلۇپ كۆيمەكتە ئازاپ گۈللىرى،
ئېھ، مېنىڭ بىچارە سۆيگۈ خەتلىرىم!
مەن نېچۈن سەن ئۈچۈن بۇنچە پەرىشان ؟
زەھەردەك ئازاپتا مۇزلايدۇ تېنىم.

بۇقۇلداپ يىغلايمەن قۇشلار ئۈنىدە،
بىر يۇچۇن ئازاپتىن ئۆرتىنەر دىلىم.
ئاۋغۇسىتنىڭ ئايلىرى تىنجىق ۋە ئىسسىق ،
باھاردەك يېقىنلاپ كەلگىنە جېنىم!!!

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 08:55:46

ئالۋاىستى

گۈل بۇلۇپ كۆرىنەر سېسىق مەيخانا،
بىر قەدەھ شاراپتا كۆيمەكتە دۇنيا.
يۈرىگىم ۋەيرانە تاشلاندۇق شەھەر،
ھەممىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك گويا.

قارايمەن نەپرەتتە ھەممىگە مەيۈس،
ئىزىلىپ كەتمەكتە قەلبىمدە ھايات.
سەن قالتىس ھىلىگەر ئوماق ئالۋاستى!
ئوت كەتكەن كۆزۈمدە مەڭگۈلۈك مامات!!

تاشلىدىڭ، تاشلىدىم ، تاشلاندۇق ئاخىر،
ھاياتتا قالغىنى ئۆكۈنۈش نەپرەت.
يىراقلاپ بارماقتا چەكسىز رېئاللىق،
ھەممىسى يوق بولدى ئاجايىپلا سەت!!!!

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 08:57:26

يەنىلا كۆڭۈللۈك ئازاپتا ياشاش

يۇلتۇزلار پەرىشان جىمىرلار كۆكتە،
پۇچۇق ئاي كۆڭلۈمگە سالار ۋەھىمە.
ياداڭغۇ سايەمگە قارايمەن پات_پات،
بەخىتسىز ئۆزۈمگە ئوقۇپ قەسىدە.

ھەممىنى ئۇنتۇشقا تىرىشماقتىمەن،
سىتولبا چېرىغى يانماقتا خىرە.
كوچىلار ئادەمسىز قۇپقۇرۇق چۈشتەك،
ئەسەبىي شاماللار قىلىشار بەزمە.

ئېھ، بۇ دەم ئىككىمىز بەكمۇ ناتۇنۇش،
<< بەخىتتىن پالىنىپ يۈرمەكتە يۈرەك >>
سەن مېنى يوقاتتىڭ ، ئاندىن مەن سېنى،
ھەممىسى يوق بولدى تۈگىدى دېمەك!!

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 08:58:07

22 - نومۇرلۇق جەسەت

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 08:58:44

تەن شوراش

بوزلىغان تاملارنىڭ كۆكۈچ تېنىدە،
مۇز بۇلۇپ قاتماقتا ئازاپ دەرىخى.
مەن سېنى تۇنجى رەت كۆرگەن چېغىمدا،
يامغۇرغا سىڭىشىپ تۇرمىغان تېخى،

پاناھسىز تۈنلىرىم كۆيگەندە تىم_تىم،
چۇۋۇلغان چېچىڭنى سېغىندىم جېنىم!
يىرتىلغان بەخىتنىڭ رۇجەكلىرىدىن،
مەن سېنى بىر ئۆمۈر سۆيمەكچى ئىدىم.

سەن مەندىن يىراقلاپ كەتمە، ئۆتۈنەي،
<< تىنىڭنى لەززەتتە شوراي ئامرىقىم !>>
باغرىمغا شىددەتتە ئېتىلغىن ئوقتەك،
مەڭگۈلۈك بەخىتكە چۆمسۈن ئۆلۈمۈم!!

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 09:00:36

دۈشەنبە


تەسۋىرلەپ بېقىشىم كېرەكتۇ بەلكىم،
تاماكا ئىسىغا تولغان ھۇجرامنى.
چېچىڭدەك بەك ئوزۇن،تۈندەك قاپقارا،
يىڭى بىر سەھەردىن سۆيىمەن سېنى!

ئورنۇمدىن تۇرمىدىم ياشىغۇم كەلمەي،
مىڭ چايان ئۆمىلەپ يۈرەر تىنىمدە.
چېقىلغان ئەينەككە قارايمەن جىمجىت،
بىر گۈزەل ۋەيرانلىكۆيەر ئىچىمدە!

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 09:01:01

شېئىر پۇراپ قاپتۇ چارشانبە،
ئۈستىلىمدە غەمكىن سىمايىم.
ساراڭ بۇلۇپ قالدىم ئەي، ساراڭ،
سېنى ئويلاپ يۈرۈپ ھەر دائىم.

سېغىنىشنىڭ ئوتلۇق تىۋىشى،
تاۋلىنىدۇ ياپراقلار ئارا.
‹‹ يىلاندەك چىرماشقىن جېنىمغا مەيلى››
مەيلى ئۆلۈپ قالاي باغرىڭدا.

سېنى كۆرگەن چۈشلىرىم تاتلىق،
سەنسىز دۇنيا بىكېرەك ماڭا.
سەن ئۈچۈنلا ياشايمەن جېنىم،
سەن ئۈچۈنلا تۇغۇلدۇم گويا.

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 09:01:59

يەنىلا گۈزەلدۇر ئاداققى كۈتۈش،
ۋىسالسىز سۆيگۈگە تەلمۈرۈپ ئۇزاق.
دۇشەنبە مەن ئۈچۈن سۆيۈملۈك بىر كۈن،
بىر گۈزەل ئازاپتا چايقىلار ياتاق.

شەكىلسىز كېچىنىڭ شەكلى بار چۇقۇم،
سەنمۇ ھەم ئەسلىدە گۈزەل يوقلۇقۇم.
ياشاشقا ھېچقانداق باھانەم يوقتۇر،
مۇھاببەت ئەزەلدىن بىمەنە ئۇقۇم!

مىۋىسىز باغلارنىڭ مېھمىنى بۇلۇپ،
ئازاپ رەڭ كوچىغا تاشلىدىم قەدەم.
كىم سېنى باھارنىڭ ئەلچىسى دېدى؟!
بۇقۇلداپ يىغلىغان مەن ئەمەس قەلەم!

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 09:02:54

كۆز_يېشىم يامغۇرغا سىڭىشتى ئۇلۇغ،
قەدەملەر ئەركىدە يانجىلار ۋاقىت.

بىر كۈنى سەھەردىن باشلاندى يىغا،
قۇشلارنىڭ ئۇۋىسى چۇۋۇلدى بىردىن.
تىمساھنىڭ چىشىنى بىلەپ ئولتۇرۇپ،
مەن سېنى قايتىدىن سۆيمەكچى ئىدىم.

يوقۇلۇش بەخىتتىن بەرمەيدۇ دېرەك،
بىر گۈزەل چەكسىزلىك سۆيمەكتە مېنى.
نەقەدەر ئازاپ_ ھە، راھەتتە ئۆلۈش،
نەقەدەر ئازاپ_ ھە، جىمجىت تۆكۈلۈش.



كۆزۇمنىڭ ئېقىنى چۇقۇلاپ يىدىم،
سەن مېنىڭ كۇمپەيكۇم بولغان خەتلىرىم.
مەن شۇنداق نۇمۇسسىز، تەلۋە، ئەسەبىي،
رەنجىشىڭ ھەقلىقتۇر بەلكىم گۈزىلىم

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 09:04:29

توزۇماقتا ئەتىگۈل ھىدى،
ئەجەپ گۈزەل ‹‹ ئازاپ›› دېگەن خەت.
لوگىكىسىز ئوماق كېچە بۇ،
يىغلىماقتا بەشىنجى قەۋەت.

چاچلىرىڭدەك مەينەت، پاسكىنا،
شەھەردىكى كاتتا رىستوران.
كۆزلىرىڭدەك تېنىق ھەم چوڭقۇر،
يىڭى يىلدا كۆكلىگەن ھىجران.

قار ياغماقتا جىمجىت، پەرىشان،
ئالۋاستىغا ئايلىناي ئاستا.
‹‹كەچۈر، مېنى قەدىردان ئەسكى››
سۆيۈپ قالدىم سېنىلا يانا!!!

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 09:05:58


ئۇزۇن يوپكىلىق قىز


قوش يۈرەك شەكىلدە كۆيۈپ تۈگىشىش،
بىرلا كۆڭۈلنىڭ پەرياد ئۇرغاندىكى ئېچىنىشلىق ئاۋازى.
يار، لەۋ، شاراپ، ۋە ئۇنىڭ دۇكىنىدىن سېتىۋالغان ئىگىز پاشنىلىق توپلاي،
ئۇزۇن يوپكىلىق ھېلىقى قىزنىڭ خىيالىمدىكى ئاستا، جىمجىت قەدەم تىۋىشى.

مەن ئۇنى چوڭقۇر مۇھاببەت بىلەن سېغىندىم!
ئۇنى سۆيىدىغانلىقىمغا  ئىشىنەتتىم.
تاناي بېشى ئاھالىلەر كومتېتى ياكى ناھىيلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تارقاتقان ۋاراقچىدەك
تاشلىنىپ كېتىدىغانلىقىمنى بىلەتتىم.

يىرتىق كىيىملىرىمنى سېلىۋەتتىم ،
يېتىشقا بولىدىغان بارلىق كارۋاتلاردا ياتتىم.
يۇلتۇزلار يامغۇردەك تۆكۈلىۋەردى...
ئۆلۈم كېتىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 09:06:35

تام

قەشقەرلىك بىر ئايال توختىماستىن گەپ قىلىدۇ،
مەن چاپىنىمنىڭ ياقىسىنى كۆتۈرۈپ قويۇپ باشقا ياقلارغا قارىۋالىمەن.
ئىچىمدىكى لىق تولغان ئىككىمىز ۋە سېغىنىشنىڭ ئاخىرقى چەكلىرى،
چىدىغۇسىز لەھزىلەردە ئۆلۈۋاتىمەن..

ئازاب- ئاپئاق تاملاردەك گۇناھلار ئەمەس،
لېكىن ئۇ بارلىق بەخىتسىزلىكلەرنىڭ بەخىتسىزلىكى.
ئازاب- گۈزەل ھەم ھەشەمەتلىك..
ئىشتىھاسىزلىق پەسلىنىڭ ئەڭ چوڭ قەھرىمانى.

كىم ئۇ گۈللەرنىڭ كۆكسىنى يىنىك سىلىغان؟
كىم ئۇ ھەسرەت بىلەن تاتلىق جىلمايغان؟
نېمىدېگەن سەتچىلىك، نېمىدېگەن سەتچىلىك!
كەچۈر مېنى مەن بىر ھايۋان!!

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 09:07:40


خەنزۇۋان


مەن دائىم ئۇنىڭغا ئوغىرلىقچە قارايمەن،
ئۇنى نېمىشقا بۇ قەدەر گۈزەل يارالغان بولغىيتتى دەپ ئويلايمەن.
ئىچىم ھۆل، قۇرۇق ئوتۇندەك گۈر-گۈر،
ساناپ-ساناپ ئېزىپ كېتىمەن.

بىردىن تارتىپ بەشكىچە بولغان ئارىلىقنىڭ ھەممىسى قىسقا،
كالتا چاچلىرىڭدا كۈچلۈك ئەتىر پۇرىقى.
تاتلىق ئاۋازىڭدىن ئۆرگىلەي!
بۇلبۇل باغلاردا قان بولسا مەيلى!

مەن كوچىلارغا پاتماي غەرق مەسىت ماڭىمەن،
قېنى مېنىڭ قەشقەرلىك ئاغىينىلىرىم؟
بىر توپ ھەرە چاقار مېنى توختىماي،
ئۆلۈۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم!


jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 09:08:40


قىزغىن


بىر قېتىملىق قاتتىق سوقۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن،
ۋەھىمە كوچىلىرىدىن ياڭرىغان ئېچىنىشلىق ئاھۇ-زار.
ناماز شام پەيتى، يىگىلىگەن نېرۋا تۆشۈكچىلىرى،
ھەممە يەر زۇلمەتلىك قۇرقۇنچ ياغار.

بىر مېتىر غېرىپلىق،
مەيۈسقىنە ئۇزۇتۇلغان دەپنە مۇراسىمى.
شىددەت بىلەن ئۆلۈۋاتقان پاقىلار،
يەر ئاسىتى سۇ يولى.

تۈنۈگۈن ئىچىمدە قالدىم ئېھ، مېنىڭ لەنەتكەرلىكىم،
بارچە نەرسىلەر يالغان ۋە سۆيۈشتىن مەھرۇم.
ياندىم، ياندىم ئاندىن تۇلۇن ئاينى قارغا ئالدىم،
بۇ دۇنيادا پەقەت مەنلا ئاشىق ئاتالدىم!

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 09:09:30






قەشقەر ھەزرەت يولى سۇلياۋ ماتىرىيال سېتىش دۇكىنى


سارغۇچ كۆزلۈك پىرسوناژمەن تۈمەن بويىدا كېتىۋېتىپ،
باھار شاخلىرىغا ئايلانغان.
ئاچمەن- بىر زىخ كاۋاپ لەززىتىدىن مەسىت بۇلۇپ،
قەشقەرلىك شامالنىڭ رولىنى ئېلىۋاتقان..

مېنى ھېچكىم تۇنۇمايدۇ، كوچا ئاپتۇبۇسى، سائەت دېگەن نەرسىلەر،
بىر-بىرىدىن ئوماق، جەلىپكار.
ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلاردىن قوپۇرۇلغان گۈزەل ئاياللاردەك،
تۆت كوچى قىززىغان قۇرقۇنچ ياغار.

نۇر ۋە تېنىمسىز كۆيۈۋاتقان قارنىڭ ئاۋازى،
گىريان قىيانلىرى يالماپ ۋۇجۇدۇمنى.
تەن دالاسىدا شەرمىسار بولدۇم،
سۆيگۈ ئۈچۈن كۈيلەپ گۈزەل ئەتىنى.


jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 09:10:13


قەشقەرجان

جانان كوچىسىدىن يېنىپ چىقتىم،
سەمەن مېھمانخانىسىدىكى بىر ياتاقتا بارلىق شېئىرلىرىمنى كۆيدۈرۋەتتىم.
تۈمەن دەرياسى قۇرۇقدالماقتا...
مەھمۇد تاغلىرىنى سېغىنىپ كەتتىم!

بىر ئاۋاز يانار..
ئاتۇش بازىرىدىكى بىر يايمىدا جەسىتىم ياتار.
قايغۇ شاخلىرى مىڭ قۇچاق،
غېرىپلىقىم قاتار-قاتار.

گۈللەر ئەسلى رەزىلدۇر،
مۇھەببەتنىڭ ئازابىنى ھېس قىلغان كۈنۈم.
ياشاش- مەقسەت ئەمەس،
ئىچىمدە-ئىچىم!!!
بەت: [1] 2
: ھەسرەتلىك تىۋىشلار ئاڭلىنار بەزەن(شېئىر)