qaratugh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 16:15:16

كەچمىش بولسۇن

كەچمىش بولسۇن

1
دەۋرىگەن مېنۇتلار كەلگەندە ئۇچۇپ،
دىلىمدىن سىرغىدى ساڭا بارلىقىم.
كەلگەندە ئېچىلىپ نۇرلۇق جامالىڭ،
يېڭىدىن باشلاندى مېنىڭ ھاياتىم.
كىرمەكتە تۇيغۇمىز شەھەرگە بىللە،
نىشانىم قېتىلدى ئالقانلىرىڭغا.
ئۆتمەكتە مۇھەببەت دەرىزىلەردىن،
قارچۇقۇڭ نۇرلاندى ياپقانلىرىڭدا.
بېغىشلاش نەقەدەر چوڭقۇر مۇھەببەت،
چۆكەيلى قۇياشنىڭ قىزغىن لېۋىگە.
ئېچىلدى يىراقتا تۇرغان بىر دېڭىز،
چايكىلار ئۈن قاتتى سۆيگۈ كۈيىگە.
ئۇزاققا تارتىلغان قىزغىن ھاياجان،
ئىككىمىز ئۆرلىگەن كۆكتە يايرىدى.
نۇرلاردىن سۇ ئىچكەن چەكسىز باياۋان،
ئىككىمىز ئۇسسىغان يەردە ئايرىلدى.
2
شۇڭغىغان دېڭىزغا چايكىلار كەبى،
ئېتىلدۇق نامەلۇم ئوقتا تۇيۇقسىز.
ئەسلىدىم كونا تام ھەمدە پەنجىرە،
لاي پېتى تۇرۇپتۇ قەلبىم ئويۇقسىز.
بۇ يەردىن تارقىغان لېرىك ئاۋازدا،
ئىككىمىز ئۇنتۇلدۇق قەدىمكى سۆزدەك.
يار سېنىڭ سۈكۈتۈڭ بۇزۇلدى بۇندا،
ياڭرىدۇق ۋىسالدا مەڭگۈلۈك كۈيدەك.
بۇ يەردە تۇرغىنى چەكسىز مەغرۇرلۇق،
ئىككىمىز ئاخىرى تىكلىدۇق مۇنار.
چۈچىگەن چايكىلار كەتكەندە ئۇچۇپ،
ئاخىرقى پېيىنى بىزگىلا سۇنار...


3
بىز بۇندا چۆككەندە دېڭىز تەكتىگە،
يار سېنىڭ گۈللىرىڭ ئېچىلدى بىردىن.
مەنمۇ ھەم شۇڭغۇدۇم تىك بىر نۇر كەبى،
بېرىكىش ئاھاڭى يېيىلدى دىلدىن.
نەچچە كۈن نەچچە رەت ئېچىلدى گۈللەر،
سەھەرنىڭ لېۋىدە قوندۇق ئىشىققا.
گۇگۇمنى ئۇنۇتتۇق سۇنىڭ قېتىدا،
ئايلىنىپ تۇيغۇدا بىر جۈپ بېلىققا.
نەقەدەر شېرىن ھە پىچىرلاشلىرىڭ،
ئۇنۇتۇش مۈمكىنمۇ قانماي سۆيۈشنى.
ئۇنۇتۇش مۈمكىنمۇ ھەر بىر دەقىقە،
بىز قانداق چۈشەيمىز بۇنداق كۆيۈشنى.
ھەر سەھەر بېرىسەن سۆيگۈڭدىن ناشتا،
ئالىسەن جېنىمنى تاتلىق بېقىشتا.
دۇنيادا مۇشۇنداق بۈيۈكلۈك تۇرار،
تۇيغۇنىڭ دېڭىزى تۇرسا ئېقىشتا.
بۇ ئېقىش، بۇ سۆيۈش تارار ئالەمگە،
ئەلمىساق مۇشۇنداق كەلگەن ئادەمگە.
بۇ گۇناھ بولسا گەر كەچۈرسۇن ئىگەم،
بىز ھامان يۈزلەنگەن گۈلگۈن ماتەمگە.

4

ھەي بىراق، ئالتە كۈن ئۆتتى بەكمۇ تېز
ئايرىلىش گۈدۈكى قۇچتى ساھىلنى.
سەن چايكام يىغلىبان كېتىسەن ئۇچۇپ
مەن ساڭا قانمىدىم، بىلسەڭ ئاھىمنى.
نەقەدەر يىراق ھە يېقىن ئارىمىز
تاغلاردىن ھالقىغان بىزنىڭ كۈيىمىز.
خاتىرە تىكلەندى كۆلنىڭ بويىغا
بىر ھۇجرا بولدى ئاھ بىزنىڭ ئۆيىمىز.
كېتىسەن، بارىمەن مەنمۇ ئارقىڭدىن
تەلمۈرۈش، زارىقىش تۇرار جۇلالاپ.
چۈشلىرىڭ بېغىنى قىلىمەن گۈلزار
مەنمۇ ھەم چۆچىيمەن ئىسمىڭنى يادلاپ.
كىملەرگە قالغان بۇ چوڭقۇر دەرت- ئازاب،
دەرىزە مۇڭلىنىپ تۇرار ئەلەڭلەپ.
كىملەردىن كەچتۈرمەس بۇ تەلۋە سۆيگۈ،
مەست بىز ئىشىقتا يۈرىمىز لەيلەپ.

5

سەن بېرىپ ھۇجراڭدا يازدىڭ ماڭا خەت،
كۆزلىرىڭ ياش يۇقى كەزگەن ھىجراننى.
مەن ساڭا ئاشىقمەن بۇنى بىلىسەن،
كۆرگەن سەن ئۇچقاندا مېنىڭ ھالىمنى.
ھە يەنە ئۆتمەستىن تېخى ئاتمىش كۈن،
ئىچىڭدە ئىسسىپتۇ مەن قۇيغان شاراب.
دېگەندە بۇ سۆزنى بولدۇم باھادىر،
ئاھ، سېنى كۆتۈردۈم ئاستا ئاۋايلاپ.
مەن يەنە چىققاندا يىراق دېڭىزغا،
شامال بوپ كەلدىڭسەن، مەن يەلكەن گويا
روھىمىز، تېنىمىز بولمىسۇن جۇدا
سەن شۇنداق پىچىرلاپ قىلىسەن دۇئا.
خۇش قال دەپ كەتتىم مەن يەنە-
ئاھ، سېنى ئۇزۇتۇپ گۇگۇم كۆكسىگە.
كۆزلىرىڭ يەنىلا قالدى مەندىلا
نەقەدەر چۆككەن بىز چوڭقۇر سۆيگۈگە.
باردىممەن مەنزىلگە ئۇچقان قۇش كەبى،
ھەركۈنى سېغىنىش بولدى كۈچ ماڭا.
ساھىلغا يازدىممەن گۈزەل ئىسمىڭنى،
سەھەردىن سەھەرنى يوللىغاچ ساڭا.

6

ئۆتمەستىن ئالتە كۈن ئاۋالقىدەكلا،
سەن ئاستا يىقىلغان خەۋەرنى ئالدىم.
باغرىڭدا يېتىلگەن مېنىڭ يىلتىزىم،
كېسىلمەي كىندىكى زارلاشتا قالدىم.
ۋادەرخ سەن شۇنچە، ئەڭ خۇشال ئېدىڭ
بۇ بىزنىڭ ئەھدىمىز، بىزنىڭ تۇغىمىز-
دېيىشكە ھەر دەقىق خۇمارمۇ ئېدىڭ.
مەن سەندىن ئۆتەررەك بەختيار ئېدىم،
دولقۇنلار ئىچىدە ياساپ قۇم قەلئە.
خانىشنىڭ كۇرسىنى قوياتتىم ئاڭا،
شاھلاردەك تۇتاتتىم نازۇك قولۇڭنى
دەيتتىم ھەم چۈشۈمدە كەلمەكتە ئەتە
كەلمەكتە يېڭى تاڭ، يېڭى بىر سەھەر
ئىككىمىز ھەققىدە ئېيتىلىپ قىسسە
ئىككىمىز نەقەدەر تەستە تېپىشقان
سەن مېنىڭ دېڭىزىم بولغان رەۋىشتە
مەن سېنىڭ شاھىڭتىم تۇرغان ئەرىشتە.

.. .       ...

ئۆتمەستىن بىر باھار ياكى ئىككى قىش
كەچكۈزنىڭ بۇرانى قىلدى نامايىش.
مەيلى بىز ياشايمىز تېخى چەككىچە
ياغىدۇ يامغۇرۇم ساڭا ئەبەدي،
بۇ دۇنيا ۋىسالنى بىزگە بەرگۈچە.
يىغلىما دېڭىزىم مەن ئىچىڭدە مەن
سەنمۇ ھەم ئىچىمدە تۇرغان لەببالەب.
نېمىشقا بەرمەيسەن بىزگە ھېچ شادلىق،
بېرىسەن نېمىشقا،  ئازابلا- يارەب؟!
ــــــــــــــــ
2014-يىل 8-ئاينىڭ 18-كۈنى

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 03:46:39

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdulehed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-9 04:13  

دىنى مەسىلىلەرنى زورىغا سۆرەپ ئەكىرىۋالمىغۇلۇقتى

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 08:26:41

ساقمۇ يا ئۈستىدىكى موللام
قەيەردە دىنى مەسىلىنى ئەكىرىۋاپتۇ ؟
سىلەر ئۆزەڭلار پوقتىن پۇرچاققىچە ئارىلىشىۋالىسىلەر، گۇناھ بولسا ئىگەم كەچۈرسۇن دىگەن گەپمۇ دىننى سۆرەپ كىرگەنلىك بولامدىكەن ؟

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 08:31:59

بوپتۇ سەبىر قىلىڭ! ئاللاھ يەنە بىرىپ قالىدۇ، سىلەر تېخى ياش.:{:92:}
بەت: [1]
: كەچمىش بولسۇن