(شېئىر ) رەسىمدىكى ئات ۋە خەۋەرچى
تاراسلاپ يېغىۋاتقان يامغۇرداشامال يېرىپ كېتىۋاتقان ئارغىماق.
مۇسكۇللارنىڭ رېتىملىق تارتىشىشى
نەپەسلەر بىر - بىرىدىن ئىتتىكراق.
خەۋەرچىنىڭ قولىدا قامچا
سۆڭگىچى ئېگەردىن ئېگىزراق.
ئۇ ئېلىپ ماڭغاچ ئۆلۈم خەۋىرى
يۈرىكى شادلىقتىن ئويناق.
ئۇ بەلكىم ھېچقاچان بىلمىدى،
تەخت تاماسىدا ياتقان خانچاق
ئاتىسىدىن بۇرۇن كەتتى باقىيغا
ئەجەل شارابىدىن ئىچىپ بىر قاپاق.
ئاتا- بالا بولۇشتى بىرمەھەل دۈشمەن
دىلىدا غۇم، قوللاردا نەيزە - ساداق.
مېھرى ئىسسىق تەختنى ئېلىپ كەتمەپتۇ
ئۈستىگە چۈشتى بىر بۇيرىغان ساياق.
بۇ دۇنيا مەڭگۈ ماكان ئەمەس قالارغا،
ئىنساننىڭ كېتىشى كېلىشتىن تېزراق.
قانچىلار كەتتى غەپلەت ئۇيقۇدا يەنە
قانچىلار ئۇيقۇدا- يۇ قانچىلار ئويغاق.
بىر ئەلىف ھەقنىمۇ بىلمەي كەتكەنلەر
يا پاناھ! كۆيگۈسى ئوتلاردا قايناق.
دۇنيا تاماسىدىن ئېرىغ كۆڭۈللەر
پاراغەت سەپىرىدە ھېچ بولماس ئاقساق.
مەڭگۈلۈك پاراغەتتىن ئۈمىدسىز خەۋەرچى
بىر تىللا ئۈچۈن مىسلىسىز پاتپاراق.
رەسىمدىن بۇ ئات چىقىپ كەتمەكچى
سىرتتا چىرايلىق ئاسمان، ياپيېشىل يايلاق.
2013 - يىل 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى يېزىلدى.
قىستۇرما رەسىمنى توردىن چۈشۈرگەن. :lol بىرەر تارىخى ۋەقەنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ يازغاندەك قىلىسىز.
تەسۋىرلەر خۇددى ماي بۇياق رەسىمدەك رەڭدار چىقىپتۇ. ئۇ ئېلىپ ماڭغاچ ئۆلۈم خەۋىرى
يۈرىكى شادلىقتىن ئويناق.
ماۋۇ مىسرانى چۈشىنەلمدىىم.. ئۆلۈم خەۋىرىنى ئىلىپ ماڭغان كىشىمۇ خۇش بولامدۇ... ئوت يۈرەك شائىر دىگەن مەيەدىكەن ئېسىل ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aziz442 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-7 14:53
.
دۇنيا تاماسىدىن ئېرىغ كۆڭۈللەر
پاراغەت سەپىرىدە ھېچ بولماس ئاقساق.
مەڭگۈلۈك پاراغەتتىن ئۈمىدسىز خەۋەرچى
بىر تىللا ئۈچۈن مىسلىسىز پاتپاراق. ماۋۇ مىسرالار بولاپ قويىدىكەن ئالدىرىماي ئۇقۇمىسام ئاسان چۈشىنەلمەيدىكەنمەن xajarim يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 12:53 static/image/common/back.gif
ئۇ ئېلىپ ماڭغاچ ئۆلۈم خەۋىرى
يۈرىكى شادلىقتىن ئويناق.
...
تۆگىنىڭ مازار بىلەن ئىشى يوق دىگەن شۇ بولسا كېرەك ،
ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى بولمىغاندىكىن ئات ھەققىدە مۇخەممەس دەپ بىر كىلاسسىك شېئىر بۇلىدىغان، قاراقاشلىق بىر زاتنىڭغۇ دەيمەن. شۇ ئىسىمگە كەپ قالدى.
بولسا يوللاپ قۇيۇڭلار
بەت:
[1]