almashan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-6 19:58:11

ئىشقىيات

ئىشقىيات(1)
ئەلخۇمار

ئىشقىنىڭ ،ئاشۇقتە كۆڭلۈم قالدى نۇمۇس –ئارىغا،
سۈلھىگە كۆنمەس لىكىن ،چۈشسە پەرىشتە ئارىغا.

ياكى تەسلىم بولمىدى كۆڭلۈم شىكەستە تەن بىرىپ،
يا كىلىپ تىغ چاپمىدى ئىشقى مىنىپ تۇلپارىغا.

قان تېمىپ قاناتلىرىمدىن شاختا ياتتىم قانسىراپ،
يا كىتەلمەي يا ئۈزەلمەي سانجىلىپ گۈل خارىغا.

قارا كۆزنىڭ تۈنىدە سەپ تارتتى كىرپىك لەشكىرى،
ساچلىرىدا باغلىبان ئاسماقچى قاشى دارىغا.

خۇددى قوش ھاۋانچىسى –زىناقلىرى ئۇ<<ئەمچىنىڭ>>،
قىلغۇسى كۆڭۈل خوشى ئوغا سۇقۇپ بىمارىغا.

ھەر دەقىقە باققىنىم بولغاي چوقۇلغاندەك كۆزۈم،
باغلىبان شۇڭقارنى ئاسقانمۇ پۈتۈپ تۇمارىغا.

بىناۋادۇر ،تەلمۇرەرمەن سۆزلىرى گۆھەر تىلەپ ،
يا قاراقچىنى كۈتەمدۇ،لېۋى-كۈنجۈت غارىغا.

كۆپ تەمەننا ئەيلىمە بۇلبۇل!سۈيۈپ گۈل بەگىنى،
سايرىغىن مەندەك غازان ئىچرە ۋىسال خۇمارىغا.
ئىشقىيات(2)
ئەلخۇمار
غەملىرى كەلدى ،لىكىن كەلتۈرگۈچى غەم كەلمىدى،
دەردى كەلدىيۇ يېنىش،ئۇ دەردى-بەردەم كەلمىدى.

تاشلىدى چۆلگە ئەجەپ سۆرەپ كۆڭۈل ئارغامچىسى،
مەڭزى ئالمىسى –سەمەرقەند دەردىدىن كەم كەلمىدى.

كۆپ زامان ئۇردۇم تاپان لىپچەكلىبان يار قەلبىگە،
ئۇ سىتەم چۆللەرىدىن بىر تامچە زەمزەم كەلمىدى.

كۆيۈبان ھىجرانى ئاپتاپلار ئارا ياپراق كەبى،
لىك ۋىسال سۈبھىسىدە خەندانە شەبنەم كەلمىدى.

تۆكتى گۈللەر بەرگىنى چىھرىم كۆرۈپ قان بەرگىنى ،
يار بىلەگىن شورىغان بىر تال پاشا ھەم كەلمىدى.

چايقىلىپ يۈردۇم ئۇزاق ،گەمىسى مۇشتاق ئارا،
مەن شاراپ چاققان ئىدىش ،پەيمانە- ھەمدەم كەلمىدى.

ئارچىدەك تەسكەيدىكى، سولدۇم قۇياشسىز زەي ئىچىپ،
يار سىماسى -ئەنۋەرىدىن زەررە مەلھەم كەلمىدى.

بولدى بەس ئىچكىن قەلەم بىرپەس سۈكۈت سىياسىنى،
بۇ ئەلەمنى پۈتكىنى تىل بىرلە قەلەم كەلمىدى.
ئىشقىيات(3)
ئەلخۇمار
مىنى زەپ ئەيلىدى مەجنۇن نىگارىمكى،
ۋە مەجنۇن نالىدىن مەمنۇن نىگارىمكى.

باھار ئاشىق بۇلۇپ قالغان كەبى گۈلگە،
كۆزۈمنىڭ قانىغا مەپتۇن نىگارىمكى.

يىغىلسا تاڭدا چولپانغا جىمى ھۆرلەر،
ئانىڭدىن چاقنىغان ئۇچقۇن-نىگارىمكى.

كۈنۈم ئۆتكەي كىسەك قۇيۇپ سەۋىرلەردىن،
كۆڭۈل قەلئەسىگە شەبغۇن- نىگارىمكى.

ئەيىپ كۆرمەڭ، تىپىپ قۇملارنى تۇزۇتسام،
تىنىمگە نازىلى ئەپسۇن- نىگارىمكى.

دىمەڭكى<< نە سەۋەپ بۇنچە كەيىپ ئىچرە؟>>
يۈرەكتە بادەئى مەھسۇن –نىگارىمكى.

پېقىر رىسالىمەن –ئىشىقتا كۆنلەنگەن،
قۇرۇمدا جىلۋەئى مەزمۇن –نىگارىمكى.

كۈتۈپ كارۋان ئۇزاق ياتقان غىرىپ چۆلمەن،
ۋە چۆللەر زىننىتى يۇلغۇن –نىگارىمكى.

ئۈمىد جىنازىسى كەلسە ئۇرۇپ چاقتىم،
كىلەر ئات ئوينۇتۇپ، پەيتۇن- نىگارىمكى.

ئىشىق كىمەسىدىن كەپتەر بۇلۇپ ئۇچتۇم ،
كىزەرمەن، ئىزلەبان زەيتۇن-نىگارىمكى.

سىزەرمەن ۋەسلىنى، ئاقسا يۈرەگىمدىن
كۈلۈپ ئاخىرقى تامچە خۇن –نىگارىمكى.
ئىشقىيات(4)
ئەلخۇمار
مەن نىگار ئىشقىدىن جەۋىر ئەيلەرەم،
لىك ئىشقى جەۋرىنى خەيىر ئەيلەرەم.

گاھ ئاتەش دۇتلارىنى يەلپۈتۈپ ئۆزۈم،
گاھ سېپىپ ئەشكىمنى سەۋىر ئەيلەرەم.

بارلىقىم يار تامان كەتتى ئەل بولۇپ،
لەززىتى –يوقلۇقتىن قەدىر ئەيلەرەم.

قالغىنىم ئۆزەمدە زىيانكەن بىلسەم،
يوقاتسام ئەكىسچە بەھىر ئەيلەرەم.

كۆزلەرى بۇلاقىغا سېلىبان قارماق،
ۋە كىرپىك بوستانىنى سەيىر ئەيلەرەم.

پالاق قىپ قولۋاغىمغا ئىككى قاشىنى،
چاچلىرى دولقۇنىنى نەھىر ئەيلەرەم.

مەن- كېچە بولمىغان سەييارە،چۈنكى،
خىيالى ئوربىتىسىن دەۋىر ئەيلەرەم.

يۈلتۇزلار سەترەسىدە ساقىسا جىسمى،
بۇ ئاسمان گۈمبەزىنى قەۋىر ئەيلەرەم.
ئىشقىيات(5)
ئەلخۇمار
بىز كۆرۈشكەن كۆل بويىنىڭ زەپ ھىدى ئىپار ئىدى،
مەنزىلى پىنھانە ھەم يوللارى چىغىر –تار ئىدى.

كۆل سۈيى گويا سىمابتەك ،يوق ئىدى غەم قۇمچاغى،
تال-سۆگەتلەر بارچە تەشۋىشلەرگە راسلار دار ئىدى.

بەس قىلىپ لىۋىڭگە ئۇ،سۇرتسە شەپەقتىن لەۋسۇرۇخ،
زىنىقىڭنى ھەم كىچىك قاينام ياساپ دورار ئىدى.

كۆل يۈزىدە چەمبەرەكلەر ئەكسىمىز ئالقىشلىبان،
سۇغا خۇددى شوخ شامال ساليوت ئېتىپ ئوينار ئىدى.

ئاق چىشىڭنىڭ جىلۋەسىدە دەرت چېكىپ ئۆز رەڭگىدىن،
قارلىغاچ يۇيماق بولۇپ، ئۇچقاچ قانات چايقار ئىدى.

كىرپىگىڭدەك نوتىنى ئىزدەپ تاپالماي يىڭناغۇچ،
كۆلدە غۇڭشۇپ ئايلىنىپ ،ئۆز يۇرتىدىن قېيدار ئىدى.

تالە ئۇرساڭ سۇغا،چاچراپ تامچە ،مەس كەپتەر بۇلۇپ،
كىرپىگىڭ ئۆگزەسىدە شاد دۇملىبان –بازلار ئىدى.

مەس قىلاتتى سۆزلىرىڭ –مەن تورغىيىڭنىڭ كەندىرى،
سايىسى-سەرۋەڭ ئارا مەڭزىڭ چوقۇپ يايرار ئىدى.

قوللىرىڭ سۇ ئوينىسا ھەر،ئاي بىلىق ھەمرا بىلىپ،
سەن تامان پىلدىڭ ئېتىپ كەلمەككە ھەر تەييار ئىدى.

بارمىقىمدا ئوينىسام يۆگەپ چېچىڭ سۇنبۇلىنى،
شاد ئىدى مەردانە، ھەتتا ئايغا تور باغلار ئىدى.

ئىككى مامكاپ توزغاقىنى پۇۋلىسەك بىز بەسلىشىپ،
بىرى ئىنتىلسە بۇلۇتقا ،بىرى كۆل سىيپار ئىدى.

كۆلنى قاپلاپتۇ خازان ،بارسام بۈگۈن سۇلار قۇرۇپ،
شۇ سىمايىڭ ئەمما كۆكسۈم قانىدا چاقنار ئىدى.

almashan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 13:03:44

ئىشقىيات(6)
ئەلخۇمار
لىۋىڭ غۇنچەسىگە شەبنەم ئۈچۈن قانىم سۈمۈردۈڭمۇ،
قوياشقا باغلىبان ئارقان ،پىشانەڭگە چۆكۈردۈڭمۇ.

بىدار قىلغان كۆزۈڭنىڭ قاراسى ئالغان نىمە ئەنداز؟،
ئەجەبكىم،تۈن خىرامانىم كۆزۈڭ ئۆزرە سۈپۈردۈڭمۇ.

بۇلۇتقا ئۈگىتەر زۇلفۇڭ- يېيىلماق يۈزىگە ئاينىڭ،
چىشىڭنى چاقنىتىپ ،رەشىكتە جىمى يۇلتۇز ئۆچۈردۈڭمۇ.

ئېلىپ كۆڭلۈمنى دەم تارتار زىناغىڭ مىسلى جۈپ قاينام،
ۋە ياكى ئۇپرىغان باغرىم يۇلۇپ، يۈزگە كۆچۈردۈڭمۇ.

قارا خالىڭ-كۆز قارامنىڭ ئەكسىدۇر مەڭزىڭ ئارا قاتقان،
بىلىم ياسىغا تەققاسلاپ قاشىڭغا ئوسما سۈردۇڭمۇ.

بۇيۇڭ رەيھانى ۋە سۈزۈڭ ھەسەلى-مەجۇنى بىھۇش،
تىشىپ كىرپىكلىرىڭدە ،جان ئالغىنى قارنىمغا كىردىڭمۇ.

يېنىپ بۇرنۇڭ بىسى ۋال-ۋال ،كىسەر يات كۆز نىگاھىنى،
يۈزۈڭ گەۋھەرلىرىن قوغداپ ،تېڭىپ خەنجەرنى يۈردۈڭمۇ.

almashan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 13:15:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   almashan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-7 13:28  

ئىشقىيات(8)
ئەلخۇمار



قۇي شاراپ ئەي ساقىيا! مەن بۇ كىچە مەس بولماغىم،
تامشىغاندەك ئوتقا ماي،گۇلخانە-پەۋەس بولماغىم.

بادە قۇيغىن بىر قەدەھ،يار شولاسى چۇشكەي ئاڭا،
تىلىسەم ئارتۇق نىشان،چۈپرەندە -ناكەس بولماغىم.

يارۇ سەيياد كۆزلەرى چۈششە تىنىم ئاھۇسىغا،
ئۆز كاۋابىمغا يەنە غۇلمانۇ-چەبدەس بولماغىم.

كۆيۈپ ئۆچكەن شام پىلەگىدە مۇجەسسەم شام نۇرى،
ئەتىۋارىم شۇكى -يار كوچاسىدا خەس بولماغىم.

بۇ كوچا يار پەردە قايرىپ پەنجەرىدىن بالقىغان،
گاھ يېقىپ باغرىمنى ،گاھ  باشىمچىلاپ دەس بولماغىم.

تەگسە كۆزۈمگە مالامەت تاشلىرى كور قىلغىنى ،
كۆز ئەمەس ،بەلكى سىزەر كۆكسۈمگە پەخەس بولماغىم .

ئاقسا قانلار تامچىلاپ ،بويلاپ پىشانەم چوغلىبان،
قۇشۇلۇپ تارتۇقلۇرۇم ،جەۋلانە ئەتلەس بولماغىم.

almashan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 13:30:00

ئىشقىيات(9)
ئەلخۇمار
يەنە باغ كەينىگە كەلدىم ،نىگارىم قۇش مېغىز تاشلاڭ،
سۈيۈپ ئاندىن، ئانار غۇنچەسىگە قاپلاپ ئىگىز تاشلاڭ.

بۇلۇپتۇ شاگىرىتى لەۋنىڭ ،گىلاسلار باش ئىگىپ تىمتاس،
ئۈزۈپ بىر دانە ئاق ئالما ،چىھىر ئەندازىڭىز تاشلاڭ.

بادام كۆزلەر ماڭا پىنھان،ھايا ياپراقلىرى ئىچرە،
يىنىك سىلكىپ بادامنىڭ شاخىنى ،ناز-سەرۋىڭىز تاشلاڭ.

بىلىق بولسام ئېرىقنىڭ-لەۋرىلىرىدە سىز خىيال سۈرگەن،
چىچىپ ناز بىرلە شۇ سۇدىن ،گويا مارجان -دېڭىز تاشلاڭ.

تۈشۈك مەيدەم،نىگاھ لاچىنلىرى شەبخۇن ئۇرۇپ كەتكەچ،
ياماي،تەييار سامان يۈزدە،ئۇچۇم تۇپراق-سېغىز تاشلاڭ.

دىدى ئەل <<ھىچ ھوسۇل يوقتۇر ،چىشى سۇنغاي ساپانىڭنىڭ>>
-باشاقتۇر تارتۇقى يەلكەم ،شېخىل تاشتىن ئېتىز تاشلاڭ.

كۈلەر ياغلىقتا بوستان -گۈل،تىشىپ ئۆتسە لەۋەن يىڭنە،
مىسالدۇر كەشتىگە كۆكسۈم،ئازاپتىن گەر بىگىز تاشلاڭ.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 14:13:46

ئىشقىيات نىڭ مەنىسى نىمە

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 16:28:21

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-9-7 14:13 static/image/common/back.gif
ئىشقىيات نىڭ مەنىسى نىمە

ئىشىقلىقتا يات دېگەن گەپتۇ...

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 16:53:12

ئىشقىيات دىگەن ئەلخۇمار دىگەن گەپ ئوخشايدۇ

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 18:03:48

{:112:}

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 20:16:15

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 20:25:32

كاللامغا بىر خىيال كەلدى، مۇشۇ خەنزۇچە 情书 دېگەننى «مۇھەببەت خېتى » دېگۈچە ، ئىشىقنامە ياكى ئىشقىيات دەپ تەرجىمە قىلسا قانداق بولار؟
بەت: [1]
: ئىشقىيات