[خەتلىك فىلىم] ئىچىمدىكى يانغىن
فىلىم نامى: ئىچىمدىكى يانغىن
ئېنگىلىزچە نامى: Incendies
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2010-يىلى
دۆلىتى: كانادا
تۈرى: ۋەقەلىك / ئۇرۇش
تىلى: فرانسۇزچە / ئەرەبچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
IMDB نومۇر: 8.2
رازمىرى: 1280x720
چوڭلىقى: 1.5GB
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 02:10:53
رېژىسسور: Denis Villeneuve
باش روللاردا: Lubna Azabal, Mélissa Désormeaux-Poulin, Maxim Gaudette
فىلىم ھەققىدە:
قوشكېزەك ئاچا-ئىنى Jeanne Marwan بىلەن سىمون Simon Marwan نىڭ ئاپىسى Nawal Marwan تۇيۇقسىز ئاغىرىپ قېلىپ، گەپ قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ھەمدە بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتىدۇ، ھەمدە ئاپىسى بىر قانچە پارچە ۋەسىيەت خېتى قالدۇرىدۇ، گۇۋاھچى Jean Lebel بالىلارغا ۋەسىيەت خېتىنى بالىلارغا ئوقۇپ بېرىدۇ. ئۇلار ئاپىسىنىڭ ۋەسىيىتىدىن باشقا يەنە ئىككى پارچە خەتكە ئېرىشىدۇ، ئاپىسى ۋەسىيىتىدە بۇ ئىككى پارچە خەتنىڭ بىرىنى بالىلار ئۇزۇندىن بېرى ئۆلۈپ كەتكەن دەپ كېلىۋاتقان دادىسىغا يەنە بىرىنى بالىلار ئەزەلدىن بىلمەيدىغان بىر چوڭ ئاكىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى تاپىلايدۇ، Jeanne Marwan ۋەسىيەتنامىنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن ئوتتۇرا شەرىق رايونلىرىغا بېرىپ ئائىلىسىنىڭ تارىخىنى ئىزدەشكە باشلايدۇ، بۇ جەرىياندا ئىنىسى Simon Marwan ۋە گۇۋاھچى Jean Lebel لارمۇ بىرلىكتە ۋەسىيەت خېتىدىكى كىشىلەرنى ئىزدەشكە باشلايدۇ، بۇ جەرىياندا بالىلار ئاپىسىنىڭ ئۆزلىرى ئەزەلدىن بىلمەيدىغان باشقىچە بىر ئايال ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ...
نېمىشقا 1=1+1 بولىدۇ؟
بۇ فىلىم 31-نۆۋەتلىك Genie مۇكاپاتلىرىدىن (كانادا يەرلىك فىلىم ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى شەرەپ)، ئەڭ نادىر فىلىم، ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسسور، ئەڭ مۇنەۋۋەر باش ئايال رولچى، ئەڭ نادىر سىنارىيە، ئەڭ نادىر فوتوگرافىيە، ئەڭ نادىر مۇنتاژ، ئەڭ نادىر ئاۋاز كىرىشتۈرۈش، ئەڭ نادىر ئاۋاز ئۈنۈمى تەھرىرلىكى قاتارلىق 8 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
2010-يىلى تورونتو خەلقئارالىق فىلىم فېستىۋالىدا ئەڭ نادىر كاندا فىلىمى مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، 83-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىغا باھالاشقا ئەۋەتىلگەن ھەمدە 83-نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ نادىر چەتئەل تىلدىكى فىلىم تۈرىدە نامى ئاتالغان.
ئۇنىڭدىن باشقا بۇ فىلىم ھازىرغىچە بولغان كىنو-فىلىم فېستىۋاللىرىدا 38 تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ 11 تۈردە نامى ئاتالغان.
كەسمە رەسىملەر:
http://download.kowruk.cn/image/incendies/01.jpg
http://download.kowruk.cn/image/incendies/02.jpg
http://download.kowruk.cn/image/incendies/03.jpg
http://download.kowruk.cn/image/incendies/04.jpg
http://download.kowruk.cn/image/incendies/05.jpg
بۇ بەتكە كىرىپ، چۈشۈرىمەن دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، شۈنلېيدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.
قوشۇمچە:
«كۆۋرۈك كىنو توربېكىتى» كۆرەرمەنلەرگە قولايلىق يارىتىش ۋە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن كومپيۇتېرغا قاچىلىنىدىغان PC تېرمىنالىنى ئىشلەپ تارقاتتۇق، تېرمىنالدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەر ئوڭشالدى، ئەلالاشتۇرۇلدى، تېرمىنالىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بۇ تور ئادرېسىدىن كۆرەلەيسىز: http://www.kowruk.cn/player بۇ كىنونىمۇ كورۇپ باقاي . 'ۋەجدە » نىمىشقا ئوچۇرىلدى مەن تىخى كورۇپ بولالمىغان ئىدىم .
توۋەندىكى مەن ياقتۇرۇپ كورىدىغان قورقۇنۇچلۇق كىنولار ۋاقتىڭىز يار بەرسە كورۇپ بىقىپ تەرجىمە قىلىپ قويارسىز .
寂静岭 ،寂静岭2
http://v.youku.com/v_show/id_XMjAyNTcwMTAw.html
http://v.youku.com/v_show/id_XNTUxMjU5MzEy.html
黑衣女人
http://v.youku.com/v_show/id_XNDY2NjQ0ODMy.html
1408幻影凶间
http://v.youku.com/v_show/id_XMTIyMzk1Mjg=.html
بۇنىڭدىن باشقىمۇ نادىر قورقۇنۇچلۇق كىنولار بولسا تەۋسىيە قىلىڭلار قىرىنداشلار بۇ كىنولارنىڭ ھوزۇرىمۇ ئوزگىچە . Qashqari يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 14:25 static/image/common/back.gif
بۇ كىنونىمۇ كورۇپ باقاي . 'ۋەجدە » نىمىشقا ئوچۇرىلدى مە ...
ئۇ فىلىم سەۋەبىدىن كۆپچىلىكنىڭ نارازى بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمەن، شۇڭا ئۆچۈرگۈزۈۋەتتىم. نېمىشقا چۈشمەيدۇ؟ ياكى مەن نېمىشقا چۈشۈرەلمەيمەن؟ kartanesi يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 15:24 static/image/common/back.gif
نېمىشقا چۈشمەيدۇ؟ ياكى مەن نېمىشقا چۈشۈرەلمەيمەن؟
فىلىم نورمال چۈشىدۇ ھەم چۈشىۋاتىدۇ، فىلىمنى شۈنلېي بىلەن چۈشۈرۈڭ. kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 15:34 static/image/common/back.gif
فىلىم نورمال چۈشىدۇ ھەم چۈشىۋاتىدۇ، فىلىمنى شۈنلېي ب ...
ئىشقىلىپ مەن چۈشۈرەلمىدىمغۇ تاڭ، چۈشۈرىمەن كۇنۇپكىسىنى باسسام ھېچقانداق ئېنكاس يوق، مائۇسنىڭ ئوڭ تەرەپ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ شۈنلىي ئارقىلىق چۈشۈرۈشنى باسسام ئادرىسى خاتا دېدى. ئۇنىڭدىن باشقا تور بېتىڭلارغا تىزىملىتالمىدىم، ھەتتا سۆزمۇ قالدۇرالمىدىم. تىزىملىتىشنى باسساممۇ ئىنكاس يوق. بۇ مەندىكى مەسىلىمۇ ياكى...؟ kartanesi يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 16:16 static/image/common/back.gif
ئىشقىلىپ مەن چۈشۈرەلمىدىمغۇ تاڭ، چۈشۈرىمەن كۇنۇپكىس ...
ئۇنداقتا بۇ تور كۆرگۈنىڭ مەسلىسى ئىكەن، تور كۆرگۈچىڭىزنىڭ نەشرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ياكى باشقا تور كۆرگۈدە زىيارەت قىلىپ بېقىڭ. ۋەجدەنى نىمىشقا ئۆچۈرۈۋەتتىڭىز ؟ھېچقانداق دىنغا قارشى گەپ يوقكەنغۇ،پەقەت بىر ساددا ئۆسمۈرنىڭ ئارزۇسى ئىپادىلىنىپتىكەنغۇ ؟
نېرۋا كېسەل تور موللىلىرى ، قوڭىنى چالا يۇيۇشنى ئۆگىنىۋېلىپلا مۇشۇنداق پەلىپەتىش سۆزلەشكە باشلايدۇ… مەنمۇ كومپىيۇتېردا چۈشۈرەلمىدىم ، پەقەت يانفوندىلا چۈشۈرىمەن ۋەجدەنى مەن يوللاپ قوياي kartanesi يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 15:24 static/image/common/back.gif
نېمىشقا چۈشمەيدۇ؟ ياكى مەن نېمىشقا چۈشۈرەلمەيمەن؟
چۇشرۇش ئادرىسىدا چاتاق يوق ئىكەن 3،38MB سۈرئەتتە ناھايىتى تېز چۈشىۋاتىدۇ. بۇ فىلىمنى چۈشۈرمەي بىۋاستە كۆرىمەن دىسىڭىز
http://v.youku.com/v_show/id_XNzUzNzY4MjQ0.html ئايپەد ئايفونلاردا ئاچسا قويۇلدىغان بولسا بەك پەچەت بۇلاتتىكەندۇق. بۇ كىنوغا بەك قىززىققاندىم بۇلۇپمۇ ۋەقەلىك بىلەن مۇھىدقا ، ۋەجدەنى ئۆچۈرۋىتىدۇ دەپ ئويلىغاندىم ، راس شۇنداق بوپتۇ ، بۇمۇ بولغىنى ،
توختاپ قالماي تىرشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلمەن .
فىلىم كۆرۆشكە كۆزدىن باشقا يەنە ئەقىلمۇ كېتىدۇ،
گېرمانىيە فىلىمى ۋەجدەنىڭ ئۆچۈرۈلگىنى ئىنتايىن ئەقىلغا مۇۋاپىق بولدى دەپ قارايمەن،شۇڭا بۇ ئشلارنى تالاشمىغان بولساق، ئاخىرىدا كۆۋرۈك ئەپەندىمنىڭ سەمىمىيتىگە كەڭ قورساقلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 14:29 static/image/common/back.gif
ئۇ فىلىم سەۋەبىدىن كۆپچىلىكنىڭ نارازى بولۇپ قېلىشىنى ...
چۈشكەن ئىنكاسلارنى مەنمۇ كۆرگەن، ياخشى قىپسىز. Typography يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 17:53 static/image/common/back.gif
ئايپەد ئايفونلاردا ئاچسا قويۇلدىغان بولسا بەك پەچەت ب ...
نورمال قويۇلاتتى، بەت پروگراممىسنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە خاتالىقلارنى ئوڭشاش جەريانىدا كونا كود ئەسلىگە كېلىپ قالغان ئوخشايدۇ، ئۆزگەرتىپ قويساق بولغۇدەك. Typography يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 17:53 static/image/common/back.gif
ئايپەد ئايفونلاردا ئاچسا قويۇلدىغان بولسا بەك پەچەت ب ...
نورمال قويۇلىدىغان بولدى. بەزىبىر تورداشنىڭ مەسخىرە خارەكتىرلىك ئىنكاسى ئۆچۈرۈلسە...