Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-6 11:44:15

(شېئىر) قاغىلىقتا توپا يېغىپتۇ

قاغىلىقتا توپا يېغىپتۇ


بەلكىم نۇرغۇن قاغىلار باردۇر
كۆرمىگىنىم بولالماس گۇۋاھ.
قاغىلىقتا توپا يېغىپتۇ
بۇ كۆڭۈلنىڭ غەشلىكىنى ۋاھ!

قاغىلىقتا مەن توپا يۇتتۇم
سېغىنىشنىڭ تەمىدىن قېنىق.
بۇ كۆيۈكتە ئۆلۈپ كەتمىدىم
بۇ كۆيۈكتە ئۆلۈمىم ئېنىق.

شىپىلدايدۇ ماشىنا چاقى،
يۆتىلىمەن بەزىدە قاتتىق.
سېغىنىشىم مەن بىلەن ماڭدى
توپا يېغىپ قالدى قاغىلىق .

2014-يىل 9-ئاينىڭ 4 - كۈنى تاماملاندى

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-6 20:09:09

ئاشىق سەۋداسى بارمۇ قانداق ؟

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-6 20:10:33

بۇ كۆيۈكتە ئۆلۈپ كەتمىدىم،
بۇ كۆيۈكتە ئۆلۇمىم ئىنىق،
……………………………………
بىر ـ بىرگە زىتمۇ قانداق؟

alwun12 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 07:30:19

چاڭ توزان قۇياشنى توسۋالغان بولسا قۇياشنىڭ پارلاپ چىقشغا تەشنا بولغان ئوخشايسز

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 08:21:38

بۇ كۆيۈكتە ئۆلۈپ كەتمىدىم،
بۇ كۆيۈكتە ئۆلۇمىم ئىنىق.
------------
بۇ مىسرانى ئوقۇپ ،خېلى ھازاغىچە راۋان تىنالماي قالدىم.بارىكاللا

aLKaMaL1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 08:45:26

شۇنداق، قاغىلىقتا قاتتىق توپا ياغقان ۋاقىتلارمۇ بولغان
بۇنىڭغا مەن گۇۋاھ....

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 08:58:05

ياخشى چىققان شېئىركەن

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 09:08:05

خوتەندىمۇ  ياغىدىغۇ  توپا

atarut يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 12:29:28

قاغىلىق

gaqa يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 10:10:51

قاغىلىقتا توپا يېغىپتۇ،
خوتەندىمۇ ھەم،
سېغىنىشتەك ئاچچىق-قىرتاق تەم.
بەت: [1]
: (شېئىر) قاغىلىقتا توپا يېغىپتۇ