bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-6 10:14:58

[بوزقىر] ۋاڭ لېچۇەن موھىم يوليورۇق بەردى

   جۇڭگو قانۇنشۇناسلىرىنىڭ 9-قېتىملىق مۇنبىرى 4-سېنتەبىر بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىدا داغ-دۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. « ئىسلاھات ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى ئومۇمىي يۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش» نى باش تېما قىلغان بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە 20 دىن ئارتۇق داڭلىق قانۇنشۇناسلار قاتناشتى ھەم باش تېمىنى چۆرىدەپ  لېكسىيە سۆزلىدى.

    مەركىزىي كومىتېت سېياسىي بىيروسىنىڭ سابىق ئەزاسى ، جۇڭگو قانۇنشۇناسلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لېچۇەن پىكىر بايان قىلىپ ، ئىسلاھات ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ئەڭ يادرولۇق باش تېما ئىكەنلىكىنى يورۇتۇپ ئۆتتى . ئۇ يەنە مۇنداق دېدى : « قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىغا تاشنى تۇتۇپ دەريادىن ئۆتۈش ئۇسۇلى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش ېرەك » .

http://news.ifeng.com/a/20140904/41866718_0.shtml

xeref يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 13:38:13

«مەركىزىي كومىتېت سېياسىي بىيروسىنىڭ سابىق ئەزاسى » دىگەن مەنسەپ ''سابىق '' بۇلىشى كىرەكتىغۇ

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 14:03:21

ۋاڭ سېكرىتار قانۇن كەسپىدە قانداق ئۇنۋان ئالغان بولغىيدى ؟

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 16:18:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Abdulhamid تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-7 16:40  

جۇڭگۇ قانۇنشۇناسلار ئىلمى جەمىيتىنىڭ باشلىغى ۋاڭ لېچۇەن  بولسا جۇڭگۇنىڭ كەلگۇسىدىن زور ئۇمۇد كۇتسەك بولغىدەك ! شىنجاڭنىمۇ ئۆز ۋاقتىدا قانۇن بىلەن دەششەت ئىدارە قىلۋەتكەن ئەمەسمۇ

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 16:59:02

تاللانغان فىليەتۇنلار  ژورنىلىدىن تەرجىمە قىلىندىمىكىن دېسەم، مەنبەسى ئۇنداق ئەمەسكەن.  قانۇنشۇناسلارنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەت قۇرۇش ئىشلىرىمىزدا ئاۋانگارت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز...

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 17:31:49

ماۋۇ ئادرېستا ۋاڭ سېكرتار توغرىسىدا يامان گەپ باركەن.

http://www.doc88.com/p-1184324055795.html

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 18:07:23

كونا خەۋەرگە كىرىپ قالمىغاندىمەن .....

oytagh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 19:18:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oytagh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-7 19:21  

بالىسى توغرۇلۇق جەمىيەتتە گەپتولا تۇراتتى؟:(

dolkun531 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 20:57:47

بۇ ھېلىقى ۋاڭلېچۈەن شۇما؟ تېما يوللىغان ۋاقتقا نەچچە رەت قارىۋەتتىم

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 01:52:42

شۇكەن ئەسلى مەنبەدە رەسىمىمۇ باكەن ............... نىمىشلا بوپ كەتتىكىن ئەمدى ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 08:29:30

    مەركىزىي كومىتېت سېياسىي بىيرو ئەزالىغىدىن قاچان چۈشۈپ قالغانتى بۇ

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 09:13:02

دۇ فېيچىننىڭ « بىز قانداق ھۆكۈمەت قۇرۇشىمىز كېرەك؟» ناملىق ماقالىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ش ئۇ ئا ر لۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى باشقۇرىشىدىكى « شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى » گە بېسىلغان. شۇ ماقالىدىن تۆۋەندىكى ئۈچ خىل بۆلەكنى قىسقارتىپ ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويدۇم  . تورداشلارنىڭ ئۇنى ئەستايىدىل ئوقۇپ ئانالىز يۈرگۈزۈپ بېقىشقا تەۋىيسىيە قىلىمەن :



1.بىز مۇستەبىت ھۆكۈمەتكە مۇھتاج ئەمەس

    مۇستەبىت ھۆكۈمەت ئادەتتە پادىشاھلار ھاكىممۇتلەقلىقى ياكى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ زالىملىقىنى يۈرگۈزىدىغان ھاكىمىيەت بولۇپ، ئۇنىڭ موھىم بىر ئالاھىدىلىكى «قانۇنسىزلىق»تۇر.بۇ بىر تەرەپتىن قانۇننى كېرەك قىلماسلىق ، يەنە بىر تەرەپتىن قانۇن بولسىمۇ كۆزگە ئىلماسلىقتا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭدا قانۇنغا رىئايە قىلىش ياكى قىلماسلىق پۈتۈنلەي ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار تەرىپىدىن بەلگۈلىنىدۇ.ئاتالمىش «پادىشاھ دېگەن دۆلەت»، «بەگنىڭ بۇيرۇقى قانۇن» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ جانلىق تەسۋىرلەش بولۇپ، خەلق پەقەت خان-پادىشاھلارنىڭ پۇقراسىدىن ئىبارەت خالاس.قەدىمقى فېۋداللىق جەمئىيەتتىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەر بولۇپ، ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدىمۇ مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەر بار.ئەمەلىيەت ئاللىقاچان ئىسپاتلىدىكى ، مۇستەبىت ھۆكۈمەت خەلققە باراۋەرلىك، ئەركىنلىك ۋە قەدىر-قىممەت ئاتا قىلالمايدۇ ھەم ئۆز دۆلىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ.

2،بىز شەخىس ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەتكە تېخمۇ مۇھتاج ئەمەس

         ئادەم بېلەن باشقۇرىلىدىغان ھۆكۈمەتتە كىم دۆلەتنىڭ ھوقۇقىغا ياكى ئاممىۋى ھوقۇققا ئىگە بولىدىكەن شۇ كىشى پۈتۈن دۆلەت ۋە ھوقۇقسىز ئاممىنى باشقۇرىدۇ.بارلىق كىشىلەر ھوقۇق تۇتقان كىشىگە ۋە ھوقۇق تۇتقان كىشىنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇشى كېرەك بولىدۇ.ئادەم بېلەن ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەتتە ئادەم بېلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتى بىر بولسا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ، بىر بولسا بويسۇنۇش بولۇپ، ئەركىنلىك ياكى باراۋەرلىكتىن ئېغىز ئېچىش قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. ئەپلاتون ئەڭ ياخشى ھۆكۈمرانلىق  قىلغۇچىنى «پەلىسەپەشۇناس پادىشاھ» دەپ قارايدۇ.ئەمما «پەلىسەپەشۇناس پادىشاھ» نى نەدىن تېپىش كېرەك؟ «پەلىسەپەشۇناس پادىشاھ» تېپىش تەس بولۇپلا قالماستىن بەلكى تاپقان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ تەخىتتە ئولتۇرغان ۋاقتى ئۇزارغانسېرى بەلكىم «مۇستەبىت پادىشاھ»قا ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن.شۇڭا شەخسىي ھېسىياتىنى بىر دۆلەت ۋە خەلقتىن ئۈستۈن قويىدىغان ، ئادەم بېلەن ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەتكە تايانغاندىمۇ ئوخشاشلا خەلققە كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە بەخىت ئېلىپ كەلگىلى بولمايدۇ.شۇنداقلا بۇ خىل ھاكىمىيەتنىڭ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىپ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىغا مېڭىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.


        3. بىز قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەتكە مۇھتاج

قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھۆكۈمەتنى تۈزەشتىكى ئۇسۇل بولۇش سۈپىتى بېلەن ئۇنىڭ ئاممىۋى ھوقۇقنى كونتۇرۇل قىلىش،پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئادىلىققا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئەۋزەلىككى دۇنيادا ئاللىقاچان ئومۇمىي يۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى.جۇڭگودا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇش خۇددى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەتنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشىغا ئوخشاشلا دەۋىرنىڭ چاقىرغى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە رېئاللىقنىڭ تەلىپى، زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە مىللەتنى قايتا گۈللەندۈرۈشتەك ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر تاللاشتۇر.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 11:56:52

دىگۈدەك گىپىم يوق.

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 15:21:37

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بۇ كىشىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

xamxar1975 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 09:55:41

بۇ قانداق گەپ بوپ كەتتى ،ئەمدى؟

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 10:08:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   durak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-10 10:10  

  ھەر ئىشنىڭ ھىكمىتى بار  ...

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 14:12:40

  ئادەم ئارقىلىق ئىدارە قىلىنغان ھاكىمىيەتنىڭ ئەلباشلىرى ئاخىر سادام ھۆسەيىن ، كازافېي ، مىلوشىۋىچ...لەردەك كۈنگە قالىدۇ.

قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئەلباشلىرى پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىنمۇ كوچىغا كۆكتات سېتىۋالغىلى چىقالايدۇ.

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 14:50:54

كۆكتات سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئاددى ھۇقۇقىنىمۇ ئىشلىتىشتىن قورقىدىغان ئەلباشلارنىڭ ھالىغا ۋاي {:92:}
بەت: [1]
: [بوزقىر] ۋاڭ لېچۇەن موھىم يوليورۇق بەردى