gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 04:17:02

خام پىلان: تاماقپەد



بىر كۈنى كەچقۇرۇن، دوستلىرىم بىلەن ھەرەمباغ تاماقخانىسىنىڭ يەر ئاستى مۇزىكىلىق بۆلىكىدە تاماققا ئولتۇرۇپ قالدۇق. ئادەم خېلى كۆپ ئىدى. بىز قانداق تاماقلارنى بۇيرىتىش توغرىسىدا بىرلىككە كېلىپ بولغۇچە، مۇلازىم بىرنەچچە قېتىم تاماق تىزىملاش ئۈچۈن يېنىمىزغا كەپبولدى. بىز تاماق تىزىم دەپتىرىنى ئالدىدىن ۋاراقلىغانچە ئاخىرىغا ئېچىقىۋەتتۇق بۇ جەرياندا بەزىلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىپتىمىز. ئەمدى تىزىملىتايلى دەپ قارىساق تىزىملىغۇچى يوق. يەنە خېلى ئۇزاق ساقلىدۇق. شۇ جەرياندا ماۋۇ گىلدىڭ كاللامغا مۇنداق بىر مەھسۇلات پىلانى كىرىپ قالدى:

مەھسۇلات نامى: تاماقپەد(ھازىرچە شۇنداق دەپ ئالغاچ تۇردۇم):lol

سەۋەب: ئالاھىدە تېز تاماقخانا، چايخانا، مۇزىكىلىق ئارامگاھ قاتارلىق يېمەك-ئىچمەك ئورۇنلىرىدا ھازىرقىدەك، خېرىدارلار دەپتەردىن تاماق تاللاپ مۇلازىمغا دەپ بېرىدىغان، مۇلازىم قولىدىكى تىزىملىغۇچقا بىز دېگەننى بىرمۇ بىر خاتىرىلەيدىغان ئاۋارىچىلىققا خاتىمە بېرىش، خېرىدارلارنى تېخىمۇ ئەركىن تاللاش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈش،شۇنداقلا تىزىملىغان تاماق ئىسملىرىدا خاتالىق كۆرۈلۈپ قېلىش مەسىلىلىرىىنى بىراقلا ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەسقاتىدۇ.
مەھسۇلاتنىڭ ئىختىدارلىرى:

1. پەد ئىچىگە ئىشلەتكۈچى تەرەپ تەمىنلىگەن بارلىق يېمەك-ئىچمەك تۈرلىرىنىڭ سۈرىتى، باھاسى قاتارلىقلارتەپسىلىي كىرگۈزۈلگەن بولىدۇ. ئەگەر خېرىدارلار ۋە خوجايىنلار قوبۇل قىلالىسا، ھەربىر تۈرنىڭ ئۇيغۇر تېبابەت قانۇنىيىتى بويىچە ئايرىپ چىقىلغان مىزاج ئالاھىدلىكىمۇ ئەسكەرتىلسە تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشى مۇمكىن.

2. خېرىدارلار بۇنىڭدىكى تاماق تىزىملىكىنى خالىغانچە سىيرىپ كۆرەلەيدۇ ھەمدە قايسى خىل تاماق تۈرىنى تاللىغان بولسا شۇنىڭ مۇۋاپىق يېرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان «سانى»، «باھاسى»، «سېتىۋېلىش» دېگەندەك تاللاش تۈرلىرىگە ئاساسەن تاماق تىزىملىتالايدۇ. خېرىدارلارنىڭ تاماق تىزىملىتىشى ئاخىرلاشقاندا «بولدى» دېگەن ئاخىرلاشتۇرۇش بەلگىسىنى بىرنى بېسىۋەتسە، تاللىغان بارلىق تاماق تۈرلىرى، سانى، ئومۇمى باھاسى چىقىدۇ. خېرىدار ئەگەر بۇلاردىن قالدۇرۇۋەتمەكچى بولسا، ياكى يېڭىدىن قاتماقچى بولسا «ئۆزگەرتىش» بەلگىسى ئارقىلىق قايتىپ مەشغۇلات قىلسا بولىدۇ. ئەڭ ئاخىردا «تاللىشىڭىز ئاخىرلاشتىمۇ؟ ئۇنداقتا جەزىملەڭ!» دېگەندەك مەزمۇندىكى بۇيرۇقنى بېسىۋەتسىلا، مۇلازىمەت ئورنىدىكى باش مۇلازىمىتىرغا ئاپتۇماتىك يوللىنىدۇ-دە، ئۇلار مەزكۇر ئۇچۇرغا ئاساسەن تىزىملىكنى ئىككى نۇسخا بېسىپ چىقىرىپ، بىرنى خېرىدارغا بېرىدۇ ۋە تاماقپەدنى ئېلىپ كېتىدۇ. ئەگەر مەبلەغ سېلىشتىن ئېرىنمەيدىغانلار بولسا،تاماقپەدنى ھەربىر ئۈستەلگە بىردىن ئىشلىتىپ، خېرىدارلار قايتىدىغان ۋاقىتتا ئېلىپ كېتىدىغان قىلسىمۇ بولىدۇ.

3. تاماقپەدتە ئەلۋەتتە ئۈستەل نومۇرىنى تاللايدىغان كۆزنەكمۇ بولىدۇ.

4. بۇ مەھسۇلاتنى ئادەتتىكى پەد كومپىيۇتېرلاردەك ئۇنچە قىممەت قىلىپ ئىشلەشنىڭ ئورنى يوق. ئەمما تاماق تىزىملاش ئىقتىدارلىرىغا قاتتىق كۈچەش كېرەك. مەھسۇلات زاكاس قىلدۇرماقچى بولغان تەرەپنىڭ كونكىرىت تەلەپلىرىگە ئاساسەن ئىش كۆرسەڭلار بولىدۇ.

بۇ ئەلۋەتتە يۇقىرى ئىستېمال سەۋىيەسىنى تەلەپ قىلىدىغان بەدخەج كاللىنىڭ ئويلىرى. ئەگەر بۇ پىلانىمدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، بازار ئېچىش ئىمكانىيىتى يارىتالايدىغان دوستلار بولسا پايدىلىنىڭلار. بۇ پىلان ھەقسىز، پايدىلىنىش ھوقۇقى بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.:lol

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 08:44:44

بۇنداق ئوقەتلەردىن بىر قانچىسى بارغۇ دەيمەن. مەسىلەن: ئۇيغۇر سوفتنىڭ، يەنە سەركار، ئىزگۈ دەپمۇ كۆرگەندەك قىلغان...

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 08:47:23

گىلدىڭلاتقۇ يەۋالغانما:lol

:handshake

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 09:02:57

بۇ خىلدىكى تاماق ئۈستەللىرىمۇ چىقىپ بولدىيا،

beliniski يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 09:03:36

ياخشى پىلان بوپتۇ. بىر تەتقىق قىلىشقا ئەرزىگۈدەك...

sardar8 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 09:06:06

سەھنىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۋالغانما(ھىجايغان چىراي)

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 09:49:36

ئەمسە تايىلىق مۇنداق تۈرنىمۇ قېتىپ قۇيايلى ...
ماڭا شۇخلا بىلەن تۇخۇمدىن بىر قورىما يىگۈم كەپ قالدى..
بارلىق خام خۇرۇچلارنىڭ رەسىمى بار بولسا...
شوخلا ۋەتوخۇمپيازنىتاللاپ قويساق ..بۇ خۇرۇچ ناھايتى ئۇستىلىق قۇرىلۋاتقان سىن كۆرنىشى چىقىپ تۇرسا..
يەنە بىرسىنىڭ شوخلا توخۇم سەيگە پىياز قاتماڭ دەپ قېتىپ پىياز قاتماي زاكازقىلغىلى بولسا .خۇرۇچلارنى خالىغانچە تاللاپ زاكاس قىلساق
ئانىدىن تاماق زاكاس باشلىنىپ چىقققىچە كىتىدىغان ۋاقىت كۆرۈنۈپ تۇرسا...مانچە مىنىۇت قالدى تاماقچىقىشقا دەپ تۇرسا...
ۋاقىت ئېنىق بولغاندىن كىيىن تاماق چىققاندىمۇ دەپ ئەنسرەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق..

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 09:56:15

ياخشى پىلان

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 10:18:17

ئوبدان پىلان

kompyuter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 10:23:43

مەخسۇس پەد ئىشلەش كەتمەيدۇ.
ئەپتىن بىرنى ياسىسىلا بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە ياسالغانلىرى بولىشى مۇمكىن.

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 10:32:30

salambay يوللىغان ۋاقتى2014-9-5 08:44 static/image/common/back.gif
بۇنداق ئوقەتلەردىن بىر قانچىسى بارغۇ دەيمەن. مەسىلەن:...

ئۇلارنىڭ ئىشلىگەنلىرى تاماق تىزىملىغۇچ ھالىتىدە ئىشلەيدىغان چىراي. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم خېرىدارنىڭ تاماق بۇيرۇتىشى بىلەن مۇلازىمنىڭ تىزىملىشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش.

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 10:36:46

pis-pas يوللىغان ۋاقتى2014-9-5 09:02 static/image/common/back.gif
بۇ خىلدىكى تاماق ئۈستەللىرىمۇ چىقىپ بولدىيا،

توغرا، بەلكىم تەسەۋۋۇرىمىزغا تېخىچە كەلمەيۋاتقان نۇرغۇن مەھسۇلاتلار بارلىققا كەپ بولغاندۇ. بىراق دىيارىمىزدىكى مەن كۆزدە تۇتۇۋاتقان يۇقىرى ئىستېمال مۇھىتىدىكى ئۇيغۇرچە تاماقخانىلارنىڭ كۆپىنچىسىگە يۇقارقىدەك ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈستەللەر ماس كېلىپ كېتىشى ناتايىن. ھەمدە بارلىق خوجايىنلارنىڭ بۇ خىل قىممەت ئۈستەللەرنى زاكاس قىلىشقا قۇربى يەتمەس. ئاۋۇ ئۈستەلنىڭ بىرلا ئاجىزلىقىنى دەي:
ئەگەر بۇيرۇتقان تاماق تۈرلىرى چىقىپ، ئاۋۇ ئۈستەل توشۇپ قالسا، بىراق، بىزنىڭ يەنە بەزى تاماق تۈرلىرىنى بۇيرۇتۇش ئېھتىياجىمىز بولسا، نەگە قاراپ مەشغۇلات قىلارمىز؟:lol

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 10:45:20

aral52 يوللىغان ۋاقتى2014-9-5 09:49 static/image/common/back.gif
ئەمسە تايىلىق مۇنداق تۈرنىمۇ قېتىپ قۇيايلى ...
ماڭا شۇخ ...

بازار ئېھتىياجى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بىزنىڭ بەزى پىلانلىرىمىز ھەقىقەتەن مۇناسىپ قىممەت يارىتالايدۇ. ئەمما كۆپىنچە بىز ئوتتۇرىچە ئېھتىياج سىزىقىدىن ھالقىپ كېتىپ، بەك مۇكەممەل ئويلىۋالىمىز ۋە مەھسۇلاتنىڭمۇ ھەددىدىن زىيادە مۇكەممەللىكىنى قوغلىشىپ، كۆپ سانلىق خېرىدارلارنىڭ كونكرېت تەلىپىنى نەزەرگە ئالالمايمىز. شۇنىڭ بىلەن مىڭ بىر جاپادا ئۆزگىلەردىن يوشۇرۇن تۇتۇپ، نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى تارتىپ ئىشلەپچىققان مەھسۇلاتىمىز بازارغا كىرىشى بىلەن تەڭلا ئۇنى ئىستېمالچىلار توپىغا يېشىپ چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئېلان چىقىمىغا ئېسىلىپ قالىمىز. بۇ چاغدا بازارغا قارىساق، بىزنىڭ ئېسىل مەھسۇلاتىمىزدىن ئىلھاملىنىپ، ئۇنىڭ ئىقتىدارلىرىنى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى پارچىلاپ يۈرۈپ بازار ئۈلۈشى ئىگەللەۋاتقان كىچىك پۇرسەتپەرەس كارخانىلار كۆزلىرىمىزنى ئالاچەكمەن قىلىۋېتىدۇ.:lol

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 10:49:56

مەخسۇس پەد ئىشلەش كەتمەيدۇ.
ئەپتىن بىرنى ياسىسىلا بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە ياسالغانلىرى بولىشى مۇمكىن.
بۇ پىلاننىڭ ئەڭ مۇھىم يېرى دەل مۇشۇ يەردە. بەزى چۈشەندۈرۈشلىرىمنى ئەمدى دېمەي.{:136:}

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 10:58:40

kakkur يوللىغان ۋاقتى2014-9-5 08:47 static/image/common/back.gif
گىلدىڭلاتقۇ يەۋالغانما

تاپالىسام يەيتتىم...:lol

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 14:16:25

ماۋۇ راست ياخشى پىلانكەن ...

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 14:26:26

تاماق پەد قاملاشماپتۇ بۇ ئىسىم .
ئاشپەد بولسا قانداق .

Bestboy918 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 17:37:02

پىلان راسىت ياخشى پىلانكەن، ئۈستىدىكى دوستىمىز ئېيتقاندەك نەچچە يۈز يۇەنلىك ئاندروئىد سىستىمىلىق ئۈسىكىنىگە بىر ئەپ ياساش بىلەن ئوخشىمايدىغان يىرىنى ئېيتىپ بىرىڭچۇ؟

قەشقەردە قەسىر تاماقخانىسىغۇ دەيمەن، بىردانە IPADنى بىرىدىكەن كىرسىڭىزلا، لېكىن ئىشلەتكىنىمەخسۇس دىتال بولماستىن ئالبۇمغا ساقلاغلىق رەسىمگە قاراپ تاماق تاللايدىكەنسىز. ئەسلى خېرىدار ئۆزى مەشغۇلات ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرسا تېخىمۇ ئاقسا بولىدىكەن، شۇغۇنىسى بۇ يەنە بىر مەسىلىنى يەنى، سىزنىڭ ئاشخانىڭىزدا تاماق يەيدىغان خېرىدارنىڭ تېخىكا ساپاسىنىڭ يۇقىرى بولىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.

Bestboy918 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 17:50:21

tirkax يوللىغان ۋاقتى2014-9-5 14:26 static/image/common/back.gif
تاماق پەد قاملاشماپتۇ بۇ ئىسىم .
ئاشپەد بولسا قانداق .

ئاش تاختىلا دەۋەتمەي

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 20:55:09

gldingwash يوللىغان ۋاقتى2014-9-5 10:32 static/image/common/back.gif
ئۇلارنىڭ ئىشلىگەنلىرى تاماق تىزىملىغۇچ ھالىتىدە ئىش ...

ئىككى يىل بۇرۇن بېيجىڭدىكى شىنجاڭ ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ تاماق زالىدا مۇشۇنى ئىشلىتىپ تاماق بويرۇتقان
لېكىن تېلى خەنچە
بەت: [1] 2
: خام پىلان: تاماقپەد