سامانيولى سۈرەتلىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nijat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-4 23:11ئاساسىي قاتلامغا چۈشكىلىمۇ ھەش پەش دېگۈچە يېرىم يىل بوپ قاپتۇ، يېزىنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۈك ئارتۇقچىلىقلىرى كۆپكەن، بۇ يېرىم يىل جەريانىدا يېزا تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى سۈرەتكە خېلى كۆپ تارتىۋالدىم. ئۇنىڭدىن باشقا ھاۋا ئوچۇق بولسىلا كېچىلىرى كىچىك چېغىمىزدا شەھەردىمۇ كۆرەلەيدىغان سامانيولى سىماسىنى يېزىلاردا ھېلىھەم ئوچۇق كۆرگىلى بولىدىكەن.
ئۆتكەن ئاينىڭ 21-22-31-كۈنلىرى مەن تۇرغان جايدا ھاۋا بەك ياخشى بوپ كەتتى، كەچلىك ئاسماننىڭ ھەممە يېرى دېگۈدەك يۇلتۇزلار بىلەن تولغان، سامانيولىنىڭ ئىزلىرىنى ئاددى كۆز بىلەنمۇ كۆرگىلى بولاتتى. شۇڭا مۇشۇ گۈزەل مەنزىرىنى بىر سۈرەتكە تارتىپ بېقىش ئۈچۈن سۈرەتكە تارتىش ئۈسكۈلنلىرىمنى تەييارلىدىمدە بىر قانچە ئون پارچە سۈرەتكە تارتىپ كۆرۈپ باقتىم. ئىشلەتكەن ئۈسكۈنىلەر: Canon EOS 50D, Canon EOS 60D, Canon EF 24-70mm f2.8ii , Canon EF 50mm f1.4, Canon EF-S 18-135mm , ئۈچپۇت، سىملىق تەپكە ، قولچىراق قاتارلىقلار.
تۆۋەندىكىسى تارتىۋالغان سامانيولىنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرى:
بىزگە ئەڭ يېقىن بولغان ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمى (ئوتتۇرىسىدىكى يورۇق نوقتا)
دوستۇم ئىككىمىز كۆپ قېتىم قوياشنىڭ كۆتۈرۈلگەن ۋاقتىنى سۆرەتكە ئالماقچى بولۇپ مەغلۇپ بولدۇق. سىزنىڭ بۇ سۆرەتلىرىڭىزگە قاراپ شۇ يادىمغا كېلىپ قالدى.
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن كېچە ھاۋا بۇلۇتلۇق، سەھەردە قوياش كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن.:( ئوتتەك تىلسكوپ سىتۋالغۇم بار.ىدى ، لىكىن سىتۋالالمىدىىم . نىمىشقا دىسەڭلار شۇ پۇل يوق :P بەرگەن مۇئاشنى بىر ئىيمغا ئاران يىتىدۇ ،ئۆيدىكىلەردىن پۇل سوراپ يۇرمىگىنىىمگە خوش.
ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمنى ئاددى كۆز بىلەنمۇ كۆرگىلى بولدىغۇ دەيمەن . نىمىشقا سامانيولى دەپ ئاتىلىدۇ؟ ئەجداتلىرىمىز مىڭ يىللار ئىلگىرىلا مەخسۇس رەسەتخانا قۇرۇپ ئالەم بوشلۇقىنى كۈزىتىپ تەتقىق قىپتىكەندۇق،بۇ ئىلىملەرنى ئۈگۈنۈش ۋە بۇ ساھەدە تەتقىيقات ئېلىپ بېرىش بىز ئۈچۈن پەرز ئىدى ، ئەپسۇس... ئاپاراتىڭىز ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئىكەن،بەك سۈزۈك تارتىپتۇ… بىلىشىمچە بۇ قىلغىنىڭىز ئاساسى قاتلامغا چۈشۈپ قىلغان ئەڭ كۆڭۈللۈك ، ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشىڭىزغۇ دەيمەن .:P
بۇ رەسىملەرنى ناھايىتى ياخشى تارتىپسىز. مەن سىزدىن خېلى تەسىرلەندىم. ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت! مەنمۇ خىلى كۆزەتكەن ئىدىم سامانيولنى كۆزبىلەن ھە كۆزەتكەن ۋاقتىمىزدا مەلۇم بۆلىكىنى ئاق تۇمان قاپلىۋالغان بۇنىڭغا ئاساسەن مۇنداق ئويلىدىم . سامايولى مەلۇم بۆلكىنىڭ چەتكى ياقىلىردىن كىلۋتقان يورۇقلۇقنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىقىنىڭ قىسقا ئىكەنلىكى شۇڭا بۇ بۆلەكتىكى يورۇقلىۇق تۇماندىن كىسىپ ئۆتەلمەي چىچىلىپ كەتكەن بولشى شۇڭا سامانيولىنىڭ شۇ قىسمى كۆرۈنمىگەن بولشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم . بۇنىڭغا ئاساسەن ئاشۇ بۆلەكنتىكى كىلۋاتقان يورۇقلۇقنىڭ ئنىرگىيسى باشقا بۆلەكلىرىدن يۇقرى ، بۇنداق بولغاندا ئاشۇ بۆلەك سامانيولى سىستىمىسىنىڭ بىر يەلكىسى بولشى مۇمكىن ياكى سامانيولنىڭ چەتكى ياقىلىرىدىن كىلۋاتقان يورۇقلۇق ئنىرگىيسىنى تەڭ دەپ قارىغان ۋاقىتتا
ئاشۇ بۆلەك بىزگە ئەڭ يىقىن بۆلەك بولشى مۇمكىن.يەنە ياكى :P بىز ئاشۇ بۆلككە قاراپ يىقىنلىشۋاتقان ياكى ئاشۇ بۆلەك بىزگە قارىتا يىقىلشىپ كىلۋاتقان بولشى مۇمكىىن. ئاپپاراتىڭىز خېلى ياخشى ئوخشايدۇ ،،،
نىمە مۇقىملىقنى تۇتماي ئاسمانغا قاراپ يۈردىڭىز :lol بوۋا سەھرادا يۇلتۇزلار نىمانچىۋىلا كۆپ :P
سىزشۇيەردەبىركۇرس ئېچىپ يېزاياشلىرىغا، ئاسمانغا قاراشنى ھەم فۇگرافلىقنى تەلىم بەرسىڭىزسىزمۇ ئاساسى قاتلامدا ئەمەلىي ئىشقىلغابولۇپ، تېلىۋوزۇرلاردا زىيارەت ،رادىئولاردا كارەمەت بولۇپ كېتەرىكەنسىز .
يېزا بەلەن ماقۇلما قەدىرلەيلى . راس يېزىلاردا يۇلتۇزلارنى كۇزتۇشمۇ بىر خىل ھۇزۇر بېغىشلايدۇ ئادەمگە كادىرلارنى تۆۋەن قاتلامغا خەلق ئاۋازىنى تىڭشاشقا چۈشۈرگىلى نەچچە يىل بوپقاپتۇ ، بولسا شۇ توغۇرسىدا كۆرگەن - بىلگەنلىرىڭىز توغۇرلۇق بىر تېما يازسىڭىزمۇ بوپتىكەن . قانداق ياخشىلىنىشلار بولدى ؟ دېھقانلارنىڭ كۈنلىرىدە ياخشىلىنىش بولدىمۇ يوق ؟ ھاشا ، تەڭسىزلىك ، ھۆكىمەتنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھىرسىز قېلىش .... قاتارلىق قىسمەتلىرىدە ئاز-تولا ياخشىلىنىشلار بولدىمۇ ؟ ياخشى تارتىپسىز hiyalqi يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 09:54 static/image/common/back.gif
ئاپپاراتىڭىز خېلى ياخشى ئوخشايدۇ ،،،
نىمە مۇقىملىقنى ...
راس دەيمەن فوتوگىراف بولسىڭىز بوپتىكەن ، ئاساسى قاتلام كادىرى بولغۇچە مىللەت ۋە يۇرىتقا پايدىسى يوق خىزمەتنى قىلغۇچە . سامان يولى توغۇرلۇق تەپسىلى يىزىلغان تىمىلار بارمۇ ؟
بەت:
[1]
2