sarwan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 22:19:53

Dyson شىركىتى تۇنجى چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچى روبوتىنى ئېلان قىلدى


بىز بۇرۇنقى بىر يازمىمىزدا دايزون شىركىتىنىڭ پالاقسىز شامالدۇرغۇچىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۇ قېتىم دايزون شىركىتى ئۆزىنىڭ چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچ ياساش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇنجى روبوتىنى ئېلان قىلدى.

بۇرۇن iRobot شىركىتىنىڭ چاڭ توزان سۈمۈرىدىغان بىر قانچە خىل تىپتىكى روبوتى بار ئىدى. بۇ ھىساپتا نۆۋەتتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۆي ئىچى روبوتى بولغاچقا بازىرىمۇ ياخشى ئىدى. تۆۋەندىكىسى iRobot شىركىتىنىڭ چاڭ توزان سۈمۈرگۈچى روبوتى:

ئەمدى دايسون شىركىتىنىڭ بۇ بازارغا كىرىشى ئۆي ئىچى روبوتلىرىنىڭ رىبابىتىنى تېخىمۇ كۆچەيتىشى مۇمكىن. شۇنداقلا بۇ روبوتلارنىڭ ئىنسانلار تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىشى ھىساپلىنىدۇ.

ئادەتتە چاڭ تۇزان سۈمۈرگۈچنىڭ ئاۋازى بىر قەدەر يوقۇرى بولىدۇ. شۇڭا ئائىلىدە ئاياللار ئۆزى يالغۇز قالغان ۋاقىتلاردا چاڭ توزان سۈمۈرگۈچنى ئىشلىتىدۇ. بولمىسا ئۇنىڭ ئاۋازى ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ. ئەمدى چاڭ تۇزان سۈمۈرگۈچى روبوتقا كەلسەك، بۇ روبوتلار بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قەرەللىك ھالدا ئۆي ئىچىنى تازىلايدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۆيدە ئادەم يوق ۋاقىتتىمۇ ئۆزى ئىشلەۋىرىدۇ. شۇنداقلا بۇ خىل روبوتلار نىسبەتەن كىچىك بولغاچقا ئۆينىڭ خالىغان جايلىرىنى تازىلىيالايدۇ. پىروگراممىلىق كونترول قىلىنىدىغان بولغاچقا ئۆي ئىچىنى تولۇق تازىلاشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.


دايسون چاڭ تۇزان سۈمۈرگۈچى روبوتىغا يۇقۇرى ئىقتىدارلىق، تىز سۈرئەتلىك ئېلىكتىر ماتور سەپلەنگەن. يەنە 360 گىرادۇس كۆزىتەلەيدىغان كامىرا سىستېمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ ئەتراپنى تولۇق كۆزىتەلەيدۇ ۋە ئورۇن بىكىتەلەيدۇ.




دايسون شىركىتىنىڭ چاڭ تۇزان سۈمۈرگۈچى روبوتىنىڭ تەشۋىقات فىلىمى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا:

http://www.engadget.com/2014/09/04/dyson-robot-vacuum/

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 08:48:59

قىزىقىپ قالدىم. راس دېگەندەك ھازىرقى سۈمۈرگۈچلەرنىڭ ئاۋازى بەك چىڭ چىقىدىكەن. بەزىلىرىنىڭ بوئىن 777 نىمۇ بىسىپ چۈشدىغاندەك. شۇ نەرسە چېتىلسا بالام قورقۇپ يىغلاپ كېتىدۇ. ھەقىچان سەل ساقلىساق خېنەنلىكەر ياسىغىنى پەيدا بولىدىغۇ دەيمەن...

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 10:52:27

{:112:}{:112:}

shamshad يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 12:21:20

مۇشۇنى گىلەم سېلىنغان ئۆيدە ئىشلىتىپ باققانلار بارمۇ؟ مەن چوڭلارغا  ئېلىپ بېرەي دېگەن لېكىن گىلەم سالغان ئۆيگە بۇلارمۇ بولماسمۇ دەپ بىلىپ بولالمىدىم.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 22:13:36

ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا تۇكى تۈگەپ كەتسە توك بار يەرگە بېرىپ ئۆزى توك قاچىلايدۇ دىسە ھە دەپتىكەنمەن، ئەسلى بۇ باشلىنىشى ئىكەندە................
نەچچە سومدۇ بۇ دايسون دىگەن نەرسە،؟‹

1990Uy يوللانغان ۋاقتى 2014-9-6 08:24:15

BBC نىڭ خەۋىرىدە كۆرگەن ئىدىم ، ئىقتىدارى بەك يۇقىرىكەن،ئەمما باھاسىنى 3000دوللار ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولىدۇ دەپتۇ .

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-6 21:46:37

tilmix يوللىغان ۋاقتى  2014-9-5 22:13 static/image/common/back.gif
ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا تۇكى تۈگەپ كەتسە توك بار يەرگە بېرى ...

ئىنكاسىڭىزنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇپ بولغىچە ھەيران قالدىم.
تىخى مەن چوتكىسىنىڭ تۈكى تۈگەپ كەتسە، يەنە تۈك چىقىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن.
ئىملاغا دېققەت قىلىڭ. :lol

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 02:54:17

shamshad يوللىغان ۋاقتى  2014-9-5 12:21 static/image/common/back.gif
مۇشۇنى گىلەم سېلىنغان ئۆيدە ئىشلىتىپ باققانلار بارمۇ؟ ...

بەك ئوبدان بولىدۇ ،شۇنداق پاكىز چىقىرىۋېتىدۇ گېلەمنى تېخى .

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 07:47:55

udun0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-6 21:46 static/image/common/back.gif
ئىنكاسىڭىزنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇپ بولغىچە ھەيران قالدىم.
...

تېلفوندا يېزىپتىكەنمەن دىققەت قىلماپتىمەن
بەت: [1]
: Dyson شىركىتى تۇنجى چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچى روبوتىنى ئېلان قىلدى