SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 18:29:11

[تەرجىمە ماقالە] سوغدىي تىلى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SYAWUSH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-4 18:55  

سوغدىي تىلى
تەرجىمە قىلغۇچى: سياۋۇش





     سوغدىي تىلى ئىران تىللىرىنىڭ شەرىقى شىمالىي تارمىقىدىندۇر. سوغدىي تىلى دەسلەپدە زەرەفشان دەرياسى بوغۇزى ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا تارقالغان، ۋە كېيىنچە يىپەك يولىدىكى كەڭ رايوندا ۋاسىتەچى تىل ئۇنۋانى بىلەن راۋاج تاپقان ئىدى. سوغدىي تىلى ئاغىز تىل ۋە يازما تىللىق ئۇنۋانى بىلەن تاكى مىلادىيە توققۇزىنچى ئەسىرگە قەدەر پائال بولغان، ۋە ئۇنىڭ زاۋالى مىلادىيە ئون بىرىنچى ئەسىردىن كېيىن باشلانغان. بۈگۈنكى كۈندە سوغدىي دىئالېكىتلىرىدىن تەنھا قەپقالغان تىل - تاجىكىستان كۇھىستانىدا سۆھبەتلىنىدىغان يەغنابىي تىلىدۇر.

     سوغدىي تىلى، خەت-چەكلەر ۋە يازمىلارنىڭ ھەجمى ۋە كۆپ خىللىقى نەزەرىدىن، ئەڭ مۇھىم شەرىقى ئىرانىي تىلدۇر. ۋە دىنىي تېكىستلەر بۇ يازما ماتېرىياللاردىن زور قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گەرچە قەدىمقى فارسىي ئابىدە يېزىقىلىرىدا سوغدتىن ئۆز ئالاھىدىلىكى بار رايون، ئۇنۋانى بىلەن ياد ئېتىلگەن بولسىمۇ، سوغدىينىڭ قەدىمىيراق شەكلىدىن، يەنى ‹قەدىمقى سوغدىي› دىن ئەسەرلەر قەپقالماغلىق ئىدى.

     سوغدىي تىلى ئارا فارسىي (پەھلەۋىي) غا نىسبەتەن، ئىران تىللىرىنىڭ كونا ھالەتلىرىنى جىقراق قوغداپ قالغان ئىدى.


ئەدەبىياتى سوغدىي
     سوغدىيلار ئىران، رىم، ھىندىستان ۋە چىن ئارىسىدىكى مەدەنىيەت، ھۈنەر ۋە ماللارنىڭ توشۇلۇشىدا ۋاسىتە بولغان تېجارەت ئەھلىلىرى ئىدى. ھەمدە مانەۋىي (مانىي) ، مەسىھىي (خىرىستىيان) ۋە بۇددايى دىنلىرىنىڭ تەبلىغى بىلەن ھەم شۇغۇللانغان ئىدى. شۇنىڭ يۈزىسىدىن، سوغدىي يازما ماتېرىياللىرى كۆپىنچە دىنىي ناملار، يەنى ئۈچ دىن نامى بىلەن ئاتالغان ۋە، شۇنىڭ ئېتىبارى بىلەن ئۈچ گورۇھ تېكىستكە، يەنى مانەۋىي سوغدىي، مەسىھىي سوغدىي ۋە بۇددايى سوغدىيغا بۆلۈنىدۇ.

     مانەۋىيلەر ھەم يېزىقچىلىق ماھارىتىگە ئىگە ئىدى، ۋە ھەم تولىمۇ زەبەردەست تەرجىمانلاردىن ئىدى. ئۇلار سوغدىيغا ئۆرۈگەن تېكىستلەر، سوغدىي تىللىق بۇددايى ۋە مەسىھىي تەرجىمانلارنىڭ كېكەچۇ-ناقىسۇ-چېگىش تەرجىمەلىرىدىن راۋانۇ-گۈزەل ۋە كامىلەن پەرقلىق ئىدى. بۇددايى سوغدىي تېكىستلىرى بىلەن مەسىھىي سوغدىي تېكىستلىرى پەقەت، فاراۋانلىق ۋە سۆزلەرنىڭ كۆپ خىللىغى نەزەرىدىنلا قىممەت ئىگەدۇر. ئەمما، سوغدىي تىلىنىڭ گىرامماتېكىسى ۋە مورپولوگىيەسىنى ئاقتۇرۇش ئۈچۈن، مانەۋىي سوغدىي تېكىستلىرى تەتقىقاتى بىلەن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ داستانلىرىنىڭ مۇتالىئەسى بىلەن شۇغۇللانماق لازىم.



مانەۋىي سوغدىي تېكىستىدىن پارچە



ئەدەبىياتى بۇددايى
     سوغدىي بۇددايى تېكىستلىرى دەرھەقىيقەت، سوغدىي تىلىدىكى ‹ئەدەبىياتى بۇددايى› ئەسەرلىرىنىڭ قالدۇقىدۇر. بۇ ئەسەرلەر بەلكىم، مەھايانە پىرقىسىنىڭ مەزمۇنى مەنبە قىلىنغان، ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا بۇدخانەلەرىدە ئەسلىدە ھېندىي ۋە چىنىي تىلىدىن سوغدىي تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان، ئەڭ پورھەجملىك سوغدىي تىلى ئەدەبىي ئەسەرلىرى بولۇشى مۇمكىن. سوغدىي بۇددايى ئەدەبىياتى، بۇددا دىنىي ئەھكامى ۋە فەلسەفىي ئاتالغۇلار بىلەن تولۇپ تاشقان تەرجىمە ئەدەبىياتى تۈرىدۇر، ۋە ئۇنىڭ زور قىسمى روشەن كى، چىنىي بۇددايى ئەدەبىياتى بولۇپ، ئاساسەن شۇنىڭدىن تەرجىمە قىلىنغان ئىدى.

     سوغدىي تىلىنىڭ بىلىنگەن تېكىستلىرىدىن تولىسى، بۇددا دىنىي يازما ئەسەرلىرىنىڭ چىنىي نۇسخىلىرىنىڭ قايتۇرمىسى بولۇپ، ئاتالغۇلار، بىلىنگەن سۆزلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە چىنىي نۇسخىلارنىڭ تەرىقىسىگە قەدەر ھەممىسى ئۇنىڭ سوغدىي تەرجىمىسىدە نامايان ھالەتتەدۇر. سوغدىي تەرجىمانلار ھەرقاچان خاس ئاتالغۇلار ياكى تەبىرلەرنى ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، سوغدىي ئېبارە ياكى سۆز تاپالمىغىنىدا، ئۇنىڭ سۆزمۇ-سۆز تەرجىمەسى بىلەن شۇغۇللانغانىدى. ھەتتا كى بەزى ماتېرىياللاردا، تەنھا چىنىي مۇجمەل سۆزلەرنىڭ تىرانسىكرىپسىيەسىنى سوغدىي خەتىدە ئىپادىلەش بىلەن قانائەت قىلغان ئىدى.

     شۇنىڭ يۈزىسىدىن، بۇ تېكىستلەرنى بىلىش ۋە چۈشۈنۈش، ئۇلارنىڭ ئەسلى ھېندىي ياكى چىنىيسىغا مۇراجىئەتسىز بولغاندا، ناھايىتى دىشۋارلىقۇر ۋە گاھى غەيرى مۇمكىندۇر. بىر قىسىم ماتېرىياللاردا ھەم، سۆزلەرنىڭ سوغدىي ھالىتى، دەستۇرىي ئۆرنەكلەردىن خام ئۆزگەرتىشلەرنىڭ ئەسىرىدە، ئۇلارنىڭ سانسېكرىت ھالىتىدىن يىراقلاپ كەنكەنىدى.

     بۇددايى سوغدىي تېكىستلىرىنىڭ تارىخى روشەن ئەمەس. پەقەت، بىرى ھەققىدە، تەرجىمە تارىخى ئېنىق بولغان بولۇپ، مىلادىيە يەتتە يۈز يىگىرمە سەككىزىنچى يىلىغا باراۋەر كېلىدىكەن. شۇڭلاشقا، ئېتىمالغا يېقىن كى، بۇ تەرجىمە تېكىستلەردىن زور بۆلىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تانك خاندانى (مىلادىيە يەتتىنچى ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن، سەككىزىنچى ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە) پادىشاھلىغىنىڭ ئەسلىي دەۋرىگە تەئەللۇق بولىدىكەن.


ئەدەبىياتى مانەۋىي
     مانەۋىي سوغدىي تىلىغا كەلسەك، تىلشۇناسلىق نەزەرىدىن دىققەت-ئېتىبارغا ئەرزىيدۇ ۋە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ تېكىستلەردىن بىر بۆلىكى ئەسلىدە پارتىي ۋە ئارا فارسىيدىنكى مانەۋىي دىنىي كىتابلارغا ئائىت تېكىستلەر ۋە قوشاقلارنىڭ سوغدىي تەرجىمىسىنىڭ توشۇلمىسى ئىدى، ھەمدە يەنە بىر بۆلەك ئەسەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار ئەسلەن سوغدىي تىل بىلەن يېزىلغانىدى. بۇ تېكىستلەرنىڭ نۇرغۇنى پارە-پارە بولۇپ كەتكەن، ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىدى. جۈملىدىن چېركاۋ تارىخچەسى، مانەۋىي موبەللېغ (دىن تارقاتقۇچى) لىرى پائالىيەتى، كائىناتشۇناسلىق، كالېندارلار، مانەۋىي ئىجادىي رېۋايەتلىرى، ۋائىزلىقلار، مەدھىيەلەر، ئېتىرافات، سۆزلەر تىزىملىگى، تەمسىللەر ۋە داستانلار قاتارلىق مۇشۇ تېكىستلەردە بېرىلگەن ماۋزۇلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. بۇ تېكىستلەردە فەلسەفىي مەزمۇنلار ۋە مانىي دىنىنىڭ ئاساسى، كۆپىنچە ئارىلاش بايان ئارقىلىق تەمسىل ۋە داستان بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

     مانەۋىي سوغدىيلار ھەم، ئەفسانە ۋە داستاننى غەربتىن شەرققە ۋە شەرقتىن غەربكە توشۇشتا مۇھىم رولغا ئىگە ئىدى.


ئەدەبىياتى مەسىھىي
     مەسىھىي سوغدىي تىلى ھەم، ئەمەلىيەتتە تەرجىمە تېكىستلەر تۈرىدۇر، ۋە داستانى پەيغەمبەران، مەدھىيە قوشاقلىرى، چېركاۋنىڭ بۈيۈك ئاتالىرى، پەند-نەسىھەت ئېباراتى ۋە كەلەماتى، كىتابى ھەمدۇسانا، چېركاۋ ئاتالىرىدىن ھېكايەتلار، نەچچە دانە ۋەز، ئېنجىلدىن رىۋايەتلەر ۋە قىسىملار، مەسىھنىڭ ۋەلىيلىرى ھەم شەھىدلىرىنىڭ ھاياتىدىن داستانلارنى تەركىب قىلغان. بۇ تېكىستلەر ئەسلىدە سېريانىي (سۈرىيەچە) دىن سوغدىيغا ئايلاندۇرۇلغان. ۋە مەسىھىي سوغدىي تەرجىمانلار سېريانىي تېكىستلەرنى سوغدىيغا تەرجىمە قىلىشتا، ئۇنىڭ بايان قۇرۇلمىسىغا رىئايە قىلىپ، سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قىلغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ تەرجىمەلىرى ئىجادىيلىقتىن خالىي بولۇپ، ئەدەبىي قىممەتتىن مەھرۇمدۇر.


بوخارادىكى سوغدىي
     بوخارا شەھىرىنىڭ ئەسلىي تىلى - بۇ شەھەردە فارسىي راۋاجلىنىشتىن ئىلگىرىكى سوغدىي تىلى ئىدى.

     موقەددەسىي ‹ئەھسەنوتتەقاسىم› (تۆت يۈز توقسان بىرىنچى بەت) دا سوغدىي تىلى ھەققىدە مۇنداق كەلتۈرگەن ئىدى: ‹سوغدىيانلارنىڭ ھەم بوخارا كەنتلىرىگە ئوخشاش ئايرىم تىلى بار بولۇپ، نەچچە تۈرگە ئىگە ئىكەن. مەن پېشۋايى بوزورگۋار ئەبۇبەكر موھەممەد بىننى فەزلنى كۆردۈم كى، ئۇ ئاشۇ تىل بىلەن كۆپ سۆزلىشىدىكەن. ئۇلاردىن، يېزىلىرى ئايرىم تىلغا ئىگە ئەمەس شەھەرلەر كەم تېپىلىدىكەن.›

     ھېجرىيە ئەللىگ ئالتىنجى يىلى (مىلادىيە ئالتە يۈز يەتمىش بەشىنچى يىلى)  سەئىد بىننى ئوسمان تەرىپىدىن فەتھ قىلىنغان زاماندا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەسىردە ھەم، بوخارا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى سوغدىي تىلىدا بولغان ئىدى.


فارسىيدىكى تەسىرى
     فارسىيدا سوغدىيدىن ئامانەت ئېلىنغان سۆزلەردىن ئاغاز (‹باشلانما› دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹ئاغىز› سۆزى مۇشۇنىڭدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن)، مەلەخ (چېكەتكە)، فەغ، خاتۇن (ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇچۇئە ‹تۇجۆ، يەنى تۈرك› شەھبانۇلىرى ئۈچۈن كارغا كەلتۈرۈلگەن سوغدىي ئۇنۋانى)، جوغد (مۇشۇكياپىلاق)، لايىدەن (قاۋاش، ھۆكىرەش)، ئاسىيمە (ساراسىيمە)، بوساك، سەنگسار (تاش بوران)، راغ (تاغ ئېتىگى)، قاتارلىق سۆزلەرنى ئېشارە قىلغىلى بولىدۇ. ئىرانىي جاي ناملىرىدىن تولىسىدا كۆرۈلۈدىغان ئارقا قوشۇلما ‹كەند› ھەم سوغدىي سۆزى بولۇپ، ‹يېزا› مەنىسىدەدۇر. بۇ ئارقا قوشۇلمىنى تاشكەند، سەمەرقەند، ياركەند، تازەكند ۋە چىمكەنت قاتارلىق كۈرمىڭلىغان شەھەرلەر نامىدا ئۇچرىتالايمىز. ‹كەند› قوشۇلمىسى مۇشۇ مەنە بىلەن تۈركىي تىللارغا ھەم كىرگەن ئىدى.

مەنبە:
http://fa.wikipedia.org/wiki/%D8%B2%D8%A8%D8%A7%D9%86_%D8%B3%D8%BA%D8%AF%DB%8C

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 09:09:18

بۇنى خەنزۇچە 粟特语 دەمدۇ؟

SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 09:28:29

terjiman يوللىغان ۋاقتى  2014-9-5 09:09 static/image/common/back.gif
بۇنى خەنزۇچە 粟特语 دەمدۇ؟

شۇنداق، «سۇتې» دېگەن «سوغد»نىڭ  ئۆزى شۇ.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 09:40:15

terjiman يوللىغان ۋاقتى  2014-9-5 09:09 static/image/common/back.gif
بۇنى خەنزۇچە 粟特语 دەمدۇ؟

شۇنداق،
سۇغدى- ئۇيغۇر - مانى يېزىقلىرى بىر بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ،
قەدىمى ئۇيغۇر يېزىقى سۇغدى ۋە مانى يېزىقلىرىنى ئاساس قىلىپ ئىجات قىلىنغان .
https://upload.wikimedia.org/wikipedia/zh/9/97/Uighur-sogdian-manicheasm-script_s.jpg

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 09:42:32

مەھمۇت قەشقىرى رومانىدا سوغدى توغرىلىق مەلۇماتلار باركەنتۇق

peleck يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 19:19:01

سىياۋۇش بۇرادەر،  تەرجىمىدە پارس تىلىغا خاس بولغان ئىزافەتنى زورلاپ  ئىشلەتمىسىڭىز، مەسىلەن، ‹ئەدەبىياتى بۇددايى›، ‹ئەدەبىياتى مەسنەۋىي›، ‹ئەدەبىياتى مانەۋىي › دىگەندەك......              ‹ فارسىيدىكى تەسىرى›  ئەمەس فارس تىلىدىكى تەسىرى.    ئەمما ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ.  رەخمەت.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 20:31:25

مەن پارىسچىدىن بۇدۇشقاق مۇ ياكى يانتاقمۇ ئىشقىلىپ ئىككىسىنىڭ بىرى، شۇنى چاھارپاي ئاسمانى دەيدىغانلىقىنى بىلىدىكەنمەن.:lol
چاقچاق پاراڭ ھە، خاپا بولۇپ كەتمەڭ.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-6 09:15:21

يىلنى سانچە يېزىڭ سىياۋۇش بۇرادەر

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 08:42:35

karahanian يوللىغان ۋاقتى  2014-9-6 21:36 static/image/common/back.gif
مەخمۇت قەشقەرى رومان يىزىپتىكەنما؟ سىز مەنتەڭگە قارا ...

مەن مەھمۇد قەشقىرى رومان يازدى دىدىمما ئۇكام

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 08:50:19

ئانچە مۇنچە كىتاپ ئۇقۇيدىغان بولسىڭىز كەم قۇيۇلۇپ قالغان قوش تىرناق سىزنى بۇنچىۋالا سەكرىتىۋەتمەيتتىغۇ دەيمەن .....

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 10:07:02

karahanian يوللىغان ۋاقتى  2014-9-8 01:49 static/image/common/back.gif
كىتاپ ئوقۇيدېىغان نوچى بولغاندىكىن تىرناق چىكىتلەرن ...

ساۋادىڭىزنى چىقىرىپ كىلىپ ئاندىن ماڭا پەش چىكىت توغرىلىق گەپ قىلسىڭىزمۇ ئۈلگۈرىسىز  بالام

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 07:47:32

پەرھات چىلاننىڭ   مەھمۇت قەشقىرى ناملىق رومانىنى دىمەكچىكەن ، توغرا چۈشەنسەڭلار بولىدىغۇ ، بۇندا تىللىشىپ كەتمەي  

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 15:36:49

karahanian يوللىغان ۋاقتى  2014-9-9 01:55 static/image/common/back.gif
ۋاي كۈلگۈمنى كەلتۇرمەي ئاۋۇ خىتىڭىزنى ئوڭشاپ يىزىڭە.  ...

خاتالىقنى «مەنتەڭگە قارا شىكەرگە سېلىپ ئىچىدىغان...» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن كۆرسىتىپ قويامدۇ؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 20:53:26

karahanian يوللىغان ۋاقتى  2014-9-9 20:24 static/image/common/back.gif
ياقەي توردىشىمغا چاقچاق قىلىپ قويدۇم چۈشەنمىدىڭىزمۇ ...

:handshake

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 04:43:58

terjiman يوللىغان ۋاقتى  2014-9-9 15:36 static/image/common/back.gif
خاتالىقنى «مەنتەڭگە قارا شىكەرگە سېلىپ ئىچىدىغان...»  ...

:lol
بەت: [1]
: [تەرجىمە ماقالە] سوغدىي تىلى