Qismet يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 17:16:03

IT شەخسلىرىنىڭ ئۆلچەملىك تەرجىمىھالى توپلىنىدۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qismet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-4 17:17  

    ئالدىنقى كۈنى «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانىنى تەھرىرلەپ ئولتۇرۇپ، مەلۇم ماقالىدىكى IT شەخسىنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە ئىشخانىدىكىلەر بىلەن تالىشىپ قالدۇق. ماتېرىياللارغا قارىساق، بىر ئادەمنىڭ تەرجىمىھالى بىر نەچچە خىل ئىكەن. بۇ ئىشتىن بىز قايمۇققان يەردە IT كەسپىنى كۆپ چۈشەنمەيدىغان ئاۋامنىڭ تېخىمۇ قايمۇقىدىغانلىقى ئېنىق.
    ئاقىۋەتتە، ئۆزىمىزدىكى IT شەخسلىرىنىڭ تەرجىمىھالىنى توپلاپ، ژۇرنالنىڭ كېيىنكى سانلىرىدا 15-20 بەت قىلىپ، تەپسىلىي تونۇشتۇرۇش قارارىغا كەلدۇق. دېمىسىمۇ، ژۇرنىلىمىز IT ژۇرنىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن IT شەخسلىرىنى تونۇشتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار، ئەلۋەتتە.
    بۇ ئارقىلىق IT شەخسلىرىنىڭ ئۆلچەملىك تەرجىمىھالى بارلىققا كېلىدىكەن. بۇنى ھەرقايسى گېزىت-ژۇرنال، رادىيو، تېلېۋىزىيە، تور قاتارلىق تاراتقۇلار ئىشلەتسىمۇ قولاي بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا IT قوشۇنىنىڭ ئەھۋالى نامايان قىلىنىپ، جامائەتچىلىكنىڭ بۇ كەسىپكە بولغان تونۇشى تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدىكەن.
    شۇڭا، ھازىرغا قەدەر ژۇرنالدا تونۇشتۇرۇلغان بولسۇن ياكى تونۇشتۇرۇلمىغان بولسۇن، كومپيۇتېر، تور، يان تېلېفون قاتارلىق ساھەلەردە قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتال، ئەپ ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى ئېچىۋاتقان شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ ئەڭ يېڭى تەرجىمىھالىنى توپلاپ، ژۇرنالنىڭ كېيىن سانلىرىدىن باشلاپ «ئۇيغۇر IT مۇتەخەسسىسلىرى» دېگەندەك نامدا ئۇلانما ماقالە ئېلان قىلىنماقچى.
    مۇمكىن بولسا، تەرجىمىھالنى شۇ كىشىنىڭ ئۆزى تەييارلىسا، ئەڭ يېڭى ۋە ئىشەنچلىك بولىدۇ.
    مەن تۆۋەندە ئىسمىنى بىر نەچچە شىركەت ۋە كىشىنىڭ ئىسمىنى ئاتايمەن. مۇمكىن بولسا، ماڭا ماتېرىيالنى تەلەپ بويىچە، ۋاقتىدا يوللاپ بەرگەن بولساڭلار.
    مەن ئۇنتۇپ قالغان ياكى تونۇماسلىق سەۋەبىدىن ئىسمى چۈشۈپ قالغان شىركەت ياكى شەخسلەر بولسا، تونۇيدىغانلار بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ، بۇ خىزمىتىمىزگە ماسلىشىپ بەرسە.

    ئالىم ئەھەت (ئۇيغۇرسوفت شىركىتى)
    پەخىردىن قارلۇق (قارلۇق شىركىتى)
    ئەخمەتجان نورۇز (مۇئەللىم شىركىتى)
    ئابدۇللا ئېرپان (ئېرپان شىركىتى)
    نىجات نەجمىدىن (باس-باس تورى)
    غەيرەت قادىر (سەنئەت ئىنستىتۇتى)
    ئابلەت ئىسمايىل (يەلتاپان شىركىتى)
    نىزامىدىن ۋاھاپ (ئۇلىنىش شىركىتى)
    تۇرسۇن قۇربان (ئالماس شىركىتى)
    مۇھەممەد ياسىن (بىلكان شىركىتى)
    توختى سۇلايمان (ئىزدىنىش تورى)
    ئابابەكرى مۇختار (مىسرانىم تورى)
    ئەكبەرجان ئەسەد (باغداش شىركىتى)
    ئەمەتجان ئىبراھىم (قۇتلان شىركىتى)
    ئابدۇخېلىل ئوسمان (كۆككەپتەر)
    ئەنۋەر (ئالىپ تورى)
    بىلقۇت شىركىتى قۇرغۇچىسى
    ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى قۇرغۇچىسى
    ئالىم كېرەم (ئۆتكۈر شىركىتى)
    ئالىم بوياق (ئۆتكۈر شىركىتى)
    ئەبەيدۇللا (نۇرقۇت ئەترىتى)
    ...

    ژۇرنالغا ئىشلەتكۈدەك بىر-ئىككى پارچە سۈرەت، تەرجىمىھال (ھەجىمىگە چەك يوق) ۋە ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى (ئېلخەت، يان تېلېفون نومۇرى) تەمىنلەنسە بولىدۇ.
    ئەسكەرتىش: ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى پەقەت بىزگە يوللانغان ئېلخەتتە ئاشكارىلانسا بولىدۇ. توردا ئاشكارىلاش ھاجەتسىز.
    تەرجىمىھال ug.pclife@live.cn غا يوللانسا بولىدۇ.
    ئەگەر تېلېفوندا ئالاقىلىشىش زۆرۈر بولسا، ug.pclife@live.cn ئارقىلىق، مېنىڭ نومۇرۇمنى سورىسىڭىز بولىدۇ.


ھۆرمەت بىلەن: ئەمەتجان رۇسۇل«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى«كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى» چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى

    مەنبەسى: http://bbs.xjcfan.com/thread-4128-1-1.html

Qismet يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 17:18:18

تەرجىمىھال يازغۇچىلارغا پايدىلىنىش ئۈچۈن، تۆۋەندە ئالىم ئەھەتنىڭ تەرجىمىھالى بېرىلدى.

«ئۇيغۇرسوفت» شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت
   ئالىم ئەھەت 1974-يىلى شايار ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1996-يىلى ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۇﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﻓﺎﻛۇﻟﺘﯧﺘﻰ ھېسابلاش ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﯩﺴﻰ كەسپىنى پۈتتۈرگەن. «ئۇيغۇرسوفت» كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، لېكتور. «يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى» كەسپىدە ماگىستىر ئۇنۋانىغا ئىگە.
   ئالىم ئەھەت 17 يېشىدىن باشلاپلا كومپيۇتېر پىروگراممىلىرىنى يېزىشقا باشلىغان بولۇپ، 20 يىلدىن ئارتۇق يۇمشاق دېتال لايىھەلەش تەجرىبىسىگە ئىگە. ++C/C  ۋە Microsoft .NET پىروگرامما لايىھەلەش تىللىرىنى پۇختا بىلىدۇ.
   ئۇ 1998-يىلى 6-ئاﻳﺪﺍ «ئۇيغۇرسوفت» شىركىتىنى قۇرغان.
   ئالىم ئەھەت باشچىلىقىدىكى «ئۇيغۇرسوفت» شىركىتى ھازىرغا قەدەر «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ»، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»، «ئايرودۇرۇم»، «لوقمان يۈك-تاق باشقۇرۇش» سىستېمىسى، رادىيو ئىستانسىسى ئۈچۈن «ماقالە» سىستېمىسى، بانكىلار ئۈچۈن «پۇل ئامانەت، ھېسابات ئاغدۇرۇش، روزغارلىق باشقۇرۇش سىستېمىسى» قاتارلىق يۇمشاق دېتال ۋە سىستېمىلارنى تاماملىغان.
   ئۇ Microsoft شىركىتىنى قايىل قىلىپ، Windows 8 قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە Microsoft مەھسۇلاتلىرىنى ئــۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان «تەرجىمە ئۇسلۇبى يېتەكچىسى»، Microsoft مەھسۇلاتلىرىدىكى ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلار ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى بىۋاسىتە تاماملىغان، ئۇ ياردەمچىلىرى بىلەن بىرلىكتە Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى، مۇلازىمەت تىپىدىكى مەھسۇلاتلار (Outlook.com ، SkyDrive ، كالېندار...) ۋە باشقا 20 دىن ئــارتۇق ئەپنى ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرگەن. بۇ مەھسۇلاتلار ئامېرىكا Microsoft شىركىتى ئورگان تەرەپتىن ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇ يەنە ئۇيغۇرسوفت مەھسۇلاتلىرىنى يېڭىلاش، Microsoft مەھسۇلاتلىرىنى داۋاملىق يەرلىكلەشتۈرۈش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
   ئۇ 2008-يىلى 11-ئايدا «ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى»، «سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى»، «مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى» قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن تۆتىنچى نۆۋەتلىك «جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى 10 مۇنەۋۋەر شەخس»نىڭ بىرى بولۇپ تەقدىرلەنگەن.

dolkun531 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 19:10:55

قانداق شەرتنى ھازىرلىغانلا « ئى ت شەخسلەرى » بولىدۇ؟

dolkun531 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 19:12:28

شىنجىاڭ ياشلىرى، شىنجىاڭ گېزىتىدە تونۇشتۇرۇلغانلارمۇ؟

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 20:25:58

غەيرەت قادىر (سەنئەت ئىنستىتۇتى)نىڭ تور يۇززىدە بىۋاستە كىرگۈزۈشنى ئەڭ بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرغان  ھەم Microsoft WEFT نى ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرغان ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەنمەن . تورنى ئاختۇرسام تەرجىمىھال تېپىلمىدى.

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 21:04:39

ياخشى باشلنىش بوپتۇ ، ئىشلىرىڭلار ئۇتۇغلۇق بولغاي

ibrahim يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 06:53:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ibrahim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-5 07:04  

ياخشى. ھەقىقى تۆھپىسى بار، مىننەتسىز ئەمگەك قىلغانلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.

ibrahim يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 06:55:51

گوگلېغا ئۇيغۇرچە قاتقان، ئۇبۇنتۇنى ئۇيغۇرچە قىلغان, ئەكس پ نى ئۇيغۇرچە قىلغانلارچۇ ؟

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 07:03:24

غەيرەت توختى كەنجى  ۋە يۇلغۇن تورىنىڭ قۇرغۇچىسى.   
كەنجى سوفت ۋە يۇلغۇن ئېدىتتىن ياخشى پايدىلانغانمەن.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 08:53:45

تور بەت قۇرۇپ سودا قىلىۋاتقانلار بىلەن IT كەسپىدە يېتىشكەن ئۇستاز(ماھىرلار)نى ئارىلاشتۇرۇپ قويمىساڭلار .
مۇھەممەت ئابدۇللا (يۇلغۇن )، غەيرەت  توختى (ئۇيغۇر ئېدىت )، ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز (ئۇيغۇر كومپىيوتېر ئىلمىي جەمىيىتى)، دىلشات ھېۋىزۇللا ... قاتارلىق ئاۋانگارتلارنى تىلغا ئالماي تۇرۇپ، كېيىنكىلەر  قىستالماي تۇرسۇن . :lol

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 08:56:27

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   salambay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-5 09:02  

مەنمۇ بىر نەچچەيلەننى دەپ باقسام:
1. مۇنبىرىمىزدىكى ئەزىزكام
2. تەدبىركار
3.مايور
4.بىخلان
5. ئۇدمىش
6. يەلتاپان (يېڭى ئېرا) شىركىتىدىكىلەر
7. شاھدىيار گورۇپپىسى (گۇمپىسى بار بالىنىڭ ئىسمىنى ئۇقمايدىكەنمەن)
8. ئەلتەشنا گورۇپپىسى  (گۇمپىسى بار بالىنىڭ ئىسمىنى ئۇقمايدىكەنمەن)
9. ئۇيغۇرچە يېزىق تونۇتۇش سېستىمىسىنى ياساپ خىلى بىر يەرگە ئېلىپ بارغان، ئۆزى شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئونۋىرسىتىتىدا ئوقۇيمەن دېگەن بىر بالا بار ئىدى.  2007-يىللىرىغۇ دەيمەن، بىلىكتە بۇ تېما بەك قىزىپ كەتكەن. شۇ چاغدا مەنمۇ بۇ بالىغا ئوخشاشمىغان خەت نۇسخىسى ئىشلەتكەن 10 نەچچە خىل باسما ماتېرىيالنى سايىلاپ ئەۋەتىپ بەرگەن. تالانتلىق بالا ئىدى. كېيىنرەك «جەۋلان خىزمەتخانىسى» دەپ بىر گورۇپپا قۇرغان. ھازىر نەلەردە يۈرۈيدىكىن؟ ھېلىقى يېزىق تونۇتۇش دېتالىنىڭ تەقدىرى قانداق بولدىكىن؟ ئاخىرىنى چىقىرىۋەتكەن بولسا قانچە ياخشى بولاتتى دەپ قالىمەن بەزىدە....

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 09:09:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   salambay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-5 09:11  

مېنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرغان دېتال ـــ يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچ. كۆزۈمگە بەك ئىسسىق كۆرۈنىدۇ. كۆزنەك خەت نۇسخىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى، تەھرىرلەش بۆلىكىنىڭ تەگلىك رەڭگىنى، كوررىكتور بۆلىكىنىڭ خەت نۇسخىسى ۋە خەت نومۇرىنى خالىغانچە تەڭشىگىلى بولۇشى مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغان. ئۇستاز مۇھەممەد ئابدۇللانىڭ يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن. ئۇيغۇر ئېدىتنىڭمۇ مۇشۇنداق بولسىچۇ دەپ خىيال قىلاتتىم نەچچە يىللار بۇرۇن...

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 21:01:51

مۆمىن ساقال دەپ بىرسى بارمىشقۇ؟

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-9-6 09:12:15

jahanzat يوللىغان ۋاقتى  2014-9-5 21:01 static/image/common/back.gif
مۆمىن ساقال دەپ بىرسى بارمىشقۇ؟

مۆمىن ساقال ئۇيغۇر ئەمەس

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2014-9-6 11:37:05

ھوشۇر ئىسلام ، ئەسقەر ھەمدۇللا قاتارلىقلار  it شەخىس ئەمەسكەندە ؟

function يوللانغان ۋاقتى 2014-9-6 11:57:36

تور بەت ماڭغۇزۇپ (ياساپ ئەمەس) ئېلان قويۇپ پۇل تاپقانلارمۇ ئايتى شەخىس بولامدۇ؟

Qismet يوللانغان ۋاقتى 2014-9-6 12:03:36

aqturk يوللىغان ۋاقتى  2014-9-6 11:37 static/image/common/back.gif
ھوشۇر ئىسلام ، ئەسقەر ھەمدۇللا قاتارلىقلار  it شەخىس ئە ...

ھوشۇر مۇئەللىم، ئەسقەر مۇئەللىم، دىلشات مۇئەللىم قاتارلىق چوڭلارنى بۇ يەردە تىلغا ئالماسلىق ئۇلارنىڭ IT مۇتەخەسسىسى ئەمەسلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇلار بۇ ساھەنىڭ ئەڭ بېشىدا تۇرغۇچىلار. ئۇلارنى بۇ يەرگە تىزماي تۇرۇپ، باشقىلارنى تىزىشقا بولمايدۇ.
ژۇرنالدىكى ماقالىلەرنى ۋە يازمىنى سەل تەپسىلىيرەك ئوقۇساڭلار بۇ سوئالغا ئورۇن قالمايتتى.

Qismet يوللانغان ۋاقتى 2014-9-6 12:08:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qismet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-6 12:12  

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-9-5 08:53 static/image/common/back.gif
تور بەت قۇرۇپ سودا قىلىۋاتقانلار بىلەن IT كەسپىدە يېتىش ...

شۇنداق.
لېكىن، مۇنداق بىر مەسىلىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ: جوبس دۇنيا IT ساھەسىدىكى ئاتاماننىڭ بىرسى. ئۇنى تىلغا ئالماي تۇرۇپ، يېقىنقى 30-40 يىللىق IT ساھەسىنى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. جوبس پىروگرامما، جۈملىدىن ئەپ، يۇمشاق دېتال يازالمايدۇ. ئەمما پىروگرامما يازىدىغانلاردىن، قاتتىق دېتال ئاچىدىغانلاردىن نەچچە مىڭنى بىر يەرگە يىغىپ، بۆرىكىمىزنى سېتىپ يۈرۈپ ئېلىۋاتقان iPhone كەبى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ. شۇڭا بۇ يەردە IT مۇتەخەسسىسى دېگەننى پەقەت ئۆزى پىروگرامما يازىدىغانلار، قاتتىق دېتال ياسايدىغانلار دەپ چۈشەنسەك، تازا توغرا بولۇپمۇ كەتمەس.

Qismet يوللانغان ۋاقتى 2014-9-6 12:10:03

function يوللىغان ۋاقتى  2014-9-6 11:57 static/image/common/back.gif
تور بەت ماڭغۇزۇپ (ياساپ ئەمەس) ئېلان قويۇپ پۇل تاپقانل ...

بىز بۇ قېتىم IT شەخسى دېگەندە، «كومپيۇتېر، تور، يان تېلېفون قاتارلىق ساھەلەردە قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتال، ئەپ ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى ئېچىپ، تۇرمۇش ۋە خىزمەتلىرىمىزگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان شىركەت ۋە شەخسلەر»نى كۆزدە تۇتتۇق.

ibrahim يوللانغان ۋاقتى 2014-9-6 18:26:50

Qismet يوللىغان ۋاقتى  2014-9-6 12:08 static/image/common/back.gif
شۇنداق.
لېكىن، مۇنداق بىر مەسىلىنى نەزەردىن ساقىت قىل ...

توربەت قۇرغانلارنى كەسىپ ئەھلى بىلەن بىر قاتارغا قويماي ئايرىم تۈرلىگۈلۈك.
بۇغداي تېرىغاننى دېھقان دەيمىز،  شۇ بۇغدايدا نان ياپىدىغاننى ناۋاي دەيمىز ئەمەسمۇ؟
بەت: [1] 2 3
: IT شەخسلىرىنىڭ ئۆلچەملىك تەرجىمىھالى توپلىنىدۇ