پۇت تەرلەشكە دورابامۇ ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار بۇيىل كىرگەندىن بۇيان پۇتۇم تەرلەپ زادى ئارام بەمەيۋاتىدۇ .توي -تۆكۆنلەرگە ياكى باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ئايىغىمنى سالسام بەكلا سىسىق پۇرايدۇ .بەكمۇ ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالدىم .پايپاقتىنمۇ 30جۈپ پايپاق بار كۈندە بىرقىتىم ئالماشتۇرىمەن . كەش (توشەي )كىيىپ يۈرۈش قەتئىي مومكىن ئەمەس پۇتۇمدىن سۇ تۆكۆلۈپلا تۇرىدۇ .ئەمدى 5-6كۈن بولدى كىچىسىمۇ تەرلەيدۇ .پۇت تەرلەشنى توختىتدىغان ياخشىراق دورا ياكى رىتسىپ بولسا دەپ بەرساڭلار سىلەردىن بەكمۇ مىننەتدار بولغان بولاتتىم . پۇت تەرلەشنى يىگىتلەرنىڭ شاش مىزاجىنىڭ مەسھۇلى دەپ قارايمەن:lol، قىزلار، بالىلار، قېرىلارنىڭ پۇتى يىگىتلەرنىڭكىدەك تەرلىمەيدۇ .
بۇنىڭ ئامالى - كۈندە يۇيۇپ تۇرۇش، ئۇندىن ئوشۇق دورىسى يوق .{:92:}
قىزىق توپىدا مېڭىپ بېرىڭ
تۇز سۈيىدە يۇيۇڭ.
تاش ئۇپا تېپىپ سىپىپ بىرىڭ. بەش ۋاق نامازغا بەش قېتىم تاھارەت ئېلىڭ .
ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن تادۇ ھېكىمنىڭ ھېكمىتىدەك قىلىڭ . قۇم كېچىپ بەرمەك لازىمدۇر… جىڭ خۇرۇم ئاياغ ، دورىلىق پىتەك ، پايپاق ( نىلۇڭ پايپاق بولمايدۇ ) تەييارلايسىز .
ئاندىن بىر داس يىلمان سۇ غا ئاق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ پۇتىڭىزنى 10-15 مىنۇت چىلايسىز ھەركۈنى ، ئازراق تۇز بىلەن چاي قوشىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ ، قولاي بولسا كۈنىگە 4-5 قىتىم بولمىسا چۈشتە كەچتە بىرقىتىمدىن چىلايسىز .
پايپاقنى بىر قىتىم كىيىسىز - سالىسىز يۇيىسىز .
پىتەكنىمۇ ھەركۈنى ئاپتاپقا سىلىپ قۇرۇتۇپ ۋاقتى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرىسىز . ئۆز ۋاقتىدا كاۋاۋىچىننى سۇغا سىلىپ قايناتقاندىن كېيىن، پۇت كۆيمىگۈدەك قىلىپ سوۋۇتۇپ،پۇتۇمنى چىلىغىنىم يادىمدا.
دەسلىپىدە پۇتۇمنى ئىيتىشتۇرغىنى بەكرەك يادىمدا قاپتىكەن،كۈندە بىرقېتىمدىن بىرەر ھەپتە چىلىدىمغۇ دەيمە.
شۇنىڭدىن كېيىن تەرلىمەس بولغان.
يەنە بىر دىققەت قىلىدىغان ئىش ئاياغ، پايپاق ئالغاندا ئاياغنىڭ، پايپاقنىڭ ياخشىراقىنى تاللاش كىرەك. ماۋۇ يەردە ياخشى مەسلەھەتلەر بوپتۇ، ساقلىۋالاي. %5 لىك كالىي پىرمانگانات ئېرىتمىسى (مارگانسۇپ) تەييارلاپ شۇنىڭدا پۇتنى يۇيسا تەرلىمەيدىغان بولىدۇ. بەك قويۇق بولۇپ كەتسە پۇت تېرىسىنى يېرىۋېتىشى مۇمكىن. مەندىن سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپ
达克宁软膏
ئىككى ۋاق سۇۋايسىز،پۇت پايپاق تازىلىقىنى ياخشى قىلىسىز،ئوڭشالمىغىنىنى كېيىن كۆرەرسىز 20 كۈندىن كەم بولمىسۇن،بولسا 30 - 40 كۈن يالاڭ ئاياغ توپىلىق يولدا ماڭسا پايدىسى بار .باشقا ئەزالارغىمۇ پايدىسى بارمىش . tadubeg يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 14:28 static/image/common/back.gif
قىزىق توپىدا مېڭىپ بېرىڭ
تۇز سۈيىدە يۇيۇڭ.
تاش ئۇپا تېپ ...
ئەسسالامۇئەلەيكۇم.
يىقىندىن بۇيان بەك تەرلەيدىغان بوپ قالدىم،بولۇپمۇبېشىم بەك تەرلەيدۇكىچىلىرى ياستۇق لۆڭگىسىنىمۇنەچچەقىتىم ئالماشتۇرۇپ چىقىمەن،بېشىمدىن چىققان شۇ تەرلەرياستۇقنى سۇقۇيغاندەك ھۆل قىلىۋىتىدۇ،بۇنىمەسەۋەبتىن قانداق چارەقىلىمىزمەسلەھەتلىرىنى ئايىمىغايلا.اللەرەھمەت قىلسۇن. ئاممىۋاينىڭ قولتۇق ئەتتىرىسنى سۇگاپ بەسىڭىز پەقەت پۇرىمايدىكەن.ئېغىز ئەتتىرسىمۇ بۇلىدىكەن.سىناقتىن ئوتكەن. پۇت تەرلەشكە ئاياغ ئىچى پايپاقنى پاكىز تۇتۇڭ كۇندە كەچتە پۇتنى يۇيۇپ يۇيۇنۇپ يىتىڭ،
كۇندۇزى سىرىتقا چىقماقچى بولغاندا پايپاق ئىچىگە سوقۇلغان قىلىچاينى 5گىرام ئەتراپىدا تۆكىۋىلىڭ ھەپتە داۋاملاشتۇرسىڭىز پۇتڭىز بۇراشتىن تەبىيلا قالىسىز.
axpazman يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 21:04 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم.
يىقىندىن بۇيان بەك تەرلەيدىغان بو ...
بۇ ئەھۋال بەدەننىڭ ئىنتايىن ئاجىزلاشقانلىقىنى بىلدىرىدۇ،
بۇنىڭ ئۇچۇن سىز سوغۇق يىمەكلىكلەردىن پەرىز تۇتۇڭ ،كۇندە كەچتە ۋاننىغا كىرىپ قىززىق سۇدا ھوردىنىپ بىرىڭ ،
تاماققا كۇچلۇك قۇۋەتلىك ئىستىمال قىلىڭ كالا گۆشى قوي گۆشى ،چوڭ چىلان قاتارلىق ئىىسق تولۇقلايدىغان يىمەكلىك يەپ بىرىڭ ئۇزۇنغا قالماي تەلتۆكۇس ئوڭشىلىپ كىتىسىز. تىشىدىن مىڭ قىلغان بىلەن ئىچىدىن قىلغانغا يەتمەيدۇ ئەتىر كەش پىتەك دىگەن سىرىتقى ئامىل ،ئامال بار ئىچىدىن قۇۋەتلىنىپ ئالدىنى ئىلىڭ ،
بىر سېسىق پۇراق ئۇستىگە ئەتىر ئىشلەتسە تىخىمۇ ئەۋجىگە چىقىدۇ .
يىلتىزىدىن ساقايتقان ئەلا. alip يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 17:23 static/image/common/back.gif
%5 لىك كالىي پىرمانگانات ئېرىتمىسى (مارگانسۇپ) تەييارلا ...
مارگانسۇپنى ھازىر چەكلىۋەتتى دەيدىغۇ؟
بەت:
[1]
2