zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 12:32:13

بۇ كونا كىتابلارنىمۇ سېتىۋېتەي دېگەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zemindar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-4 12:33  

سېتىلىدىغان كونا كىتابلارنىڭ تىزىملىكى

ئىسمى: كاپىتان گرانتىنىڭ پەرزەنتلىرى (3 قىسىم)
ژانېرى: رومان
ئاپتورى: ژىيۇل ۋېرن
تەرجىمان: ئازات مىرقاسىم
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
نەشرى: 1982-يىل 2-ئاي 1-نەشر 1-باسمىسى
باھاسى: 200.00 يۈەن

ئىسمى: لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى
ئاپتورى: لۇتپۇللا مۇتەللىپ
تەييارلىغۇچى: ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتى
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
نەشرى: 1982-يىل 10-ئاي 1-نەشر 1-باسمىسى
باھاسى: 80.00 يۈەن

ئىسمى: شىنجاڭ تۈرمىلىرىدىكى كۈرەشتىن ئەسلىمە
ژانېرى: تارىخىي ئەسەر
ئاپتورى: فاڭ جىژمىن
تەرجىمانلار: داۋۇت غازى، مەھەممەت ئەمەت
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى
نەشرى: 1984-يىل 1-ئاي 1-نەشر 1-باسمىسى
باھاسى: 100.00 يۈەن

ئىسمى: ئاقساق بۇغا
ژانېرى: پوۋېست
ئاپتورى: مۇھەممەد باغراش
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى
نەشرى: 1989-يىل 5-ئاي 1-نەشر 1-باسمىسى
باھاسى: 70.00 يۈەن

ئىسمى: لالە-قۇربان
ژانېرى: دراممىلاردىن تاللانما
ئاپتورلىرى: يۈسۈپ روزى، ئابلەت قېيۇم، مەمتىلى زۇنۇن، تۇرسۇن لېتىپ، شاھىدىن گۆھىرى
تەييارلىغۇچىلار: ئەنۋەر بايتۇر، خەمىت تۆمۈر
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
نەشرى: 1986-يىل 8-ئاي 1-نەشر 1-باسمىسى
باھاسى: 60.00 يۈەن

ئىسمى: ئوغۇزنامە-قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانى
ژانېرى: داستان
تەييارلىغۇچىلار: گېڭ شىمىن، تۇرسۇن ئايۇپ
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: مىللەتلەر نەشرىياتى
نەشرى: 1980-يىل 1-ئاي 1-نەشر 1-باسمىسى
باھاسى: 130.00 يۈەن

ئىسمى: تەجەللى-مۇجەللى
ئاپتورى: تەجەللى
تەييارلىغۇچى: ئابلىكىم مەخسۇم ھاجى
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى
نەشرى: 1984-يىل 6-ئاي 1-نەشر 1-باسمىسى
باھاسى: 120.00 يۈەن

ئىسمى: ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى
ئاپتورى: ئۆمەر ھەييام
تەرجىمە قىلغۇچى: نۇرمۇھەممەد ئېركى
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: مىللەتلەر نەشرىياتى
نەشرى: 1981-يىل 3-ئاي 1-نەشرى 1997-يىلى 2-باسمىسى
باھاسى: 100.00 يۈەن

ئىسمى: يەتتە قىزلىرىم
ژانېرى: تارىخىي داستان
ئاپتورى: ئىبراھىم قۇربان
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى
نەشرى: 1984-يىل 5-ئاي 1-نەشر 1-باسمىسى
باھاسى: 70.00 يۈەن

ئىسمى: مۇھەببەتنامە ۋە مېھنەتكام
ژانېرى: لىرىك داستان
ئاپتورى: خىرقىتى
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
نەشرى: 1982-يىل 1-ئاي 1-نەشر 1-باسمىسى
باھاسى: 70.00 يۈەن

ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:
كيۇ كيۇ: 453461638

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 13:36:29

قەدىمكىلەرنىڭ قاپىيداش ئىسىم قويۇش ئەنئەنىسىگە ئاساسلانساق، ئاۋۇ كىتاب «مۇھەببەتنامە ۋە مېھنەتكامە» بولامدىكىن دەيمەن ئىسمىنى.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 14:14:14

zemindar ئەپەندى بۇ كىتاپلارنى سىز قانداق توپلىغان،دېمەكچى شىنجاڭدىن قايسى جايلىرىدىن مۇشۇنداق
كونا كىتاپلارنى تېپىپ سېتىۋالغىلى بۇلىدۇ؟
يانۋار ئىسىملىك بىر قېرىندىشىمىزمۇ مۇشۇنداق كونا كىتاپلارنى ساتاتتى مۇنبەردە

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 14:29:33

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2014-9-4 13:36 static/image/common/back.gif
قەدىمكىلەرنىڭ قاپىيداش ئىسىم قويۇش ئەنئەنىسىگە ئاساس ...

ئۇنداق ئەمەس، كىتابقا قۇيۇلغان ماۋزۇ: «مۇھەببەتنامە ۋە مېھنەتكام»

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 14:31:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zemindar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-4 15:42  

tagh يوللىغان ۋاقتى  2014-9-4 14:14 static/image/common/back.gif
zemindar ئەپەندى بۇ كىتاپلارنى سىز قانداق توپلىغان،دېمەكچ ...

بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزۈم يىغىپ ساقلىغان كىتابلار!

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 15:26:09

«كاپىتان گرانتنىڭ پەرزەنتلىرى» دېگەن ئۈچ قىسىم كىتابنىڭ ساقلىنىشى يېڭىمۇ؟ باھاسى مۇقىممۇ ياكى ئېتىبار بارمۇ؟ تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزنى تولۇقلاپ قويسىڭىز بوپتىكەن. چ چ ئىشلەتمىگىلى ئۇزۇن بولدى.

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 15:40:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zemindar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-4 16:21  

halik_puli يوللىغان ۋاقتى  2014-9-4 15:26 static/image/common/back.gif
«كاپىتان گرانتنىڭ پەرزەنتلىرى» دېگەن ئۈچ قىسىم كىتابن ...
«كاپىتان گرانتىنىڭ پەرزەنتلىرى»نىڭ ساقلىنىشى يېڭى، مۇقاۋىسى ساق، بەتلىرى تولۇق بولۇپ، پاكىزلىق نىسبىتى %90تىن يۇقىرى. باھاسى مۇقىم!
قالغان ئۇچۇرلار قىسقا ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئەۋەتىلدى، قاراپ بېقىڭ!

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 15:44:44

لالە قۇربان كىتابىدا قايسى درامىلارنىڭ سېنارىيەلىرى باردۇ؟، مەن درامىلارنى يىغىشقا قىززىقىمەن، تاپالمىغانلىرىمنىڭ سېنارىيسىنىمۇ بولسىمۇ ساقلاپ قوياي دېگەن، شاھىدىن گۆھىرى دېگەن ئىسىمغا قاراپ بۇ توپلامدا«چىن مودەن» درامىسى بارلىقىنى پەرەز قىلدىم،

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 15:50:00

«لالە-قۇربان» ناملىق كىتابنىڭ مۇندەرىجىسى

لالە-قۇربان.......... يۈسۈپ روزى يالقۇن
تەڭرىتاغ ئوغلى.......... ئابلەت قېيۇم
جەنۇبتىكى جەڭ.......... مەمتىلى زۇنۇن
چىن مۇدەن.......... تۇرسۇن لېتىپ، شاھىدىن گۆھىرى

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 16:06:47

tagh يوللىغان ۋاقتى  2014-9-4 14:14 static/image/common/back.gif
zemindar ئەپەندى بۇ كىتاپلارنى سىز قانداق توپلىغان،دېمەكچ ...

بىر كىتابپۇرۇش ئاغىنەم بار ئىدى. كونا كىتابلارنىڭ ياكى بازارلىق كىتابلارنىڭ گېپىنى قىلسام دائىم: «ئاداش، ئۇچتۇرپاندىكى بۇرادىرىمگە تېلېفون قىلىپ باقاي، باشقا يەردە قالماپتۇ» دەيتتى. بۇ گەپ كۆپىيىپ كەتكەندىن كېيىن بىر كۈنى سورىدىم:
__ بۇنداق كىتابلار ئۇچتۇرپاندا كۆپ ئوخشىمامدۇ؟ ئۇ يەردە كونا كىتاب بازىرى بارمۇ يا؟
__ ياق ئاداش، كىتابلار جايلاردىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىغا سېلىنغاندىن كېيىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ سېتىلىپ تۈگەيدۇ، ئۇچتۇرپانلىقلار كىتاب ئوقۇمىسا كېرەك، ئۇ يەردە سېتىلماي تۇرىدىكەن. مەن قىممەتلىك كىتابلارنى شۇ يەردىن تاپىمەن.
__ ھە؟!...............
مەن قەستەن ئۇچتۇرپانلىقلارنى كەمسىتىش ئۈچۈن بۇ گەپنى دېگىنىم يوق. يۇرتۋازلىق قىلدى دەپ تىللاپ يۈرمەڭلار يەنە. ئۇ ئاغىنەمنىڭ گېپى مۇنداقلا ئۇدۇل كېلىپ قالغان ئىدى دەپ قويدۇم خالاس. بەلكىم بۇ بىر يۈزەكى قاراش بولۇشى مۇمكىن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 16:08:59

كاپىتان گىرانتىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ماڭا بېرىڭ، رەھمەت، پۈتۈشۈپ بولمىغان بولسىڭىزلا.

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 16:10:19

ياخشى كىتابلار  بۇ

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 16:11:12

ئاۋۇ «كاپىتان گرانت ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى» دېگەن كىتاب دىققىتىمنى تارتتى. بۇ كىنوغا بەكلا قىزىققان ئىدىم. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى رۇسىيە بەك ئېسىل ئىشلەپتىكەن. كىتابىنىمۇ بەكمۇ ئوقۇغۇم بار ئىدى. ئۇيغۇرچىسىنى تاپالماي 2012 - يىلى 8- ئايدا سانجىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا مەكتەپنىڭ (يېزا ئىگىلىك تېخنىكا ئىنىستىتۇتى) يېنىدىكى كونا كىتاب دۇكىنىدىن 3 كويغا سېتىۋالغان ئىدىم. ئىشقىلىپ بەك ئېسىل كىتاب. ئۆزۈم جۇغراپىيىگە قىزىققاچقا بەك ئامراقلىق قىلىمەن.

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 16:13:51

Uyghuran يوللىغان ۋاقتى  2014-9-4 16:11 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ «كاپىتان گرانت ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى» دېگەن كىتاب  ...

3 كويغا ئالغان بولسىڭىز خۇدايىم بىر بىرىپتىكەن!

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 16:14:26

Baqka يوللىغان ۋاقتى  2014-9-4 16:08 static/image/common/back.gif
كاپىتان گىرانتىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ماڭا بېرىڭ، رەھمەت،  ...

بولىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى بۇ بىر يۈرۈش كىتابنى سىزگە بېرەي!

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 16:17:02

zemindar يوللىغان ۋاقتى  2014-9-4 16:13 static/image/common/back.gif
3 كويغا ئالغان بولسىڭىز خۇدايىم بىر بىرىپتىكەن!

خەنزۇچىسى قېرىندىشىم.

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 16:18:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zemindar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-4 16:19  

Uyghuran يوللىغان ۋاقتى  2014-9-4 16:06 static/image/common/back.gif
بىر كىتابپۇرۇش ئاغىنەم بار ئىدى. كونا كىتابلارنىڭ ياك ...
2013-يىلى 4-ئايدا ئۇچتۇرپانغا بېرىپ قالدىم، بىر خۇسۇسىي كىتابخانىغا كىرسەم مەن ئىزدەۋاتقان شۇنداق ئېسىل كىتابلار توپا بېسىپ تۇرۇپتۇ. كىتابلارنى بىرمۇبىر قولۇمغا ئېلىپ كەينىگە قاراپ باقسام باھا چاپلانمىغان ئىكەن، كىتابخانا ئىگىسىدىن: «ئۆز باھاسىغا ساتامسىز؟» دەپ سورىسام «جىقراق ئالسىڭىز ئەسلى باھاسىدىن %10 چۈشۈرۈپ بېرىمىز» دېدى. ۋاھ دەپ بىر يىغىشقا باشلاپتىكەنمەن، ساپمۇساق 30 پارچە كىتاب يىغىپتىمەن، ھېسابلىساق 580.00 سوملۇق چىققانتى، 530.00 سومغا ئېلىپ قايتىپ كەلگەن ئىدىم، تورغا ئېلان چىقارسام قەشقەرلىك بىر بۇرادەر ھەممىنى مەن ئالاي دەپ تۇرۇۋالدى، ماقۇل دەپ سېتىپ بېرىپ خېلى ياخشى پايدا ئالغان ئىدىم! :lol

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 16:19:45

Uyghuran يوللىغان ۋاقتى  2014-9-4 16:17 static/image/common/back.gif
خەنزۇچىسى قېرىندىشىم.

شۇنداقمۇ؟ مەن تېخى ئۇيغۇرچىسى ئوخشايدۇ، دەپتىمەن!

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 16:24:14

سانجى ئۇيغۇرچە كىتاب تۇرماق ئۇيغۇرنىمۇ تۈزۈك كۆرگىلى بولمايدىغان شە كەن. مەكتەپلەر بىلەن كېچىسى ياجوڭ مەيدانىنى ھېسابقا ئالمىغاندا.

elxatrahim يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 16:24:26

كىتابلار كەلدى!!!!!!

2.    سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستالانى شەرھىي، مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى،1981-يىلى 1-نەشىرى،150 يۇەن.
3.    ئەرەپچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت. مۇھەممەد سالىھ تۈزگەن.1993-يىلى1-نەشىرى.100 يۇەن.

5.    ئەھمەد ھادى مەقسۇدى: ئەرەپچە سۆزلىشىش دەرىسلىكى،ئابدۇجىلىل ئابدۇقادىر تەرجىمىسى (قوليازما) 100 يۇەن.

7.    قابۇسنامە،شەمسۇلمائالىي قابۇس،1982-يىلى1-نەشىرى.50 يۇەن.
8.    رىئاللىقتىكى ئەۋلىيا،سەيپىدىن سەئىدى،1997-يىلى1-نەشىرى.50 يۇەن.
9.    ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى ئىككىنىچى كىتاب 2-قىسىم.ئابدۇرىھىم سابىت تۈزگەن.1984-يىلى باسقان.(ئىچكى ماتىرىيال) 100 يۇەن.
10.خۇنەن ئۇيغۇرلىرى،1994-يىلى1-نەشىرى.50 يۇەن.
11.يەتتىنچى مەخپىيەت (گېتلىر زادى ئۆلگەنمۇ،تىرىك قالغانمۇ؟) 1993-يىلى1-نەشىرى.50 يۇەن.
12.ئا.س.بۇشكىن: ئاكا-ئۇكا قاراقچىلار، مىس چەۋەنداز.1-2-كىتاب.قۇربان بارات تەرجىمىسى.1996-يىلى1-نەشىرى.80
14.ئۆمەر موللا: تۈركىي تىللار دىۋاننىڭ جۇغراپىيلىك قىممىتى.2011-يىلى نەشىرى.50 يۇەن.
15.مۇتەللىپ سادىق قاھىرى: خەزىنىلەر ئاچىقۇچى.2006-يىل نەشىرى 30يۇەن.
16.خەلق قوشاقلىرى توپلىمى (غۇلجا ناھىيە قىسىمى)،1989-يىلى نەشىرى 30يۇەن.
بۇ كىتابلار ئايرىم ئايرىمۇ سېتىلىدۇ.ھەممىسىنى سېتىۋالغۇچىلارغا 1000 يۇەنگە بېرىلىدۇ.
تېلفون:15559214572
بەت: [1] 2 3 4 5
: بۇ كونا كىتابلارنىمۇ سېتىۋېتەي دېگەن