durak يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 09:07:16

مۇقەددەس كىتاپتا قەدىمىي مىسىر ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ناملىرى

   ئارخئىولوگىيەلىك ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن ئايان بولىشىچە قەدىمىي مىسىر ھۆكۈمرانلىرى ھەرقايسى دەۋرلەردە ئوخشىمىغان خاس نام- لەقەملەرنى ئىشلەتكەن .
    مۇقەددەس كىتاپ قۇرئانى كەرىمدە قەدىمىي مىسىر ھۆكۈمرانلىرىنىڭ نام- لەقەملىرىدىكى بۇ خىل ئوخشىماسلىق پەرقلەندۈرۈلۈپ زىكرى قىلىنغان ، مۇسا ئەلەيھى سالام تىلغا ئېلىنغاندا مىسىر ھۆكۈمرانلىرى پەقەت « فىرئەۋن » كەلىمىسىدە كەلگەن ، قۇرئانى كەرىمدە 60 تىن ئارتۇق ئايەتتە مۇشۇ كەلىمىدە كېلىدۇ، مەسىلەن ، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تەئالا مۇنداق دەيدۇ :« سىلەرنى يامان ئازاپقا سېلىپ ، ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈپ قىزلىرىڭلارنى تىرىك قالدۇرغان فىرئەۋن ئەھلىدىن قۇتقۇزغانلىقىمىزنى ئەسلەڭلار » ( سۈرە بەقەرە 49-ئايەت ) .
  لېكىن نەبىيۇللاھ يۈسۈپ ئەلەيھى سالام تىلغا ئېلىنغاندا بولسا « مەلىك » (پادىشا ) لەفزىدە كەلگەن ، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تەئالا مۇنداق دەيدۇ :
  « پادىشاھ ئېيتتى : مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە يەتتە ئورۇق كالىنىڭ يەتتە سېمىز كالىنى يەپ كەتكەنلىكىنى ۋە يەتتە يېشىل باشاق بىلەن يەتتە قۇرۇق باشاقنى كۆرۈپتىمەن » ( سۈرە يۈسۈپ 43-ئايەت )

  تەۋراتتا مىسىر ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ناملىرى :

تەۋراتتا موسا ئەلەيھى سالام دەۋرىدىكى مىسىر ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ناملىرى بىلەن يۈسۈپ ئەلەيھى سالام دەۋرىدىكى نام پەقەت پەرقلەندۈرۈلمىگەن ھالدا كەلگەن ۋە ھەممىسىگىلا  « فىرئەۋن » كەلىمىسى ئىشلىتىلگەن . تەۋرات ، مىسىردىن قېچىش ( Exodus، موسا ئەلەيھى سالامغا ئائىت)تا « فىرئەۋن » لەفزى ئىشلىتىلگەن بولسا ، تەۋرات ، يارىلىش ( Genesis)تا يۈسۈپ ئەلەيھى سالام دەۋرىگە ئائىت مىسىر ھۆكۈمرانى  ئوخشاشلا « فىرئەۋن » دەپ كەلگەن . مەسىلەن : « ئىككى يىلدىن كېيىن فىرئەۋن چۈش كۆردى : ئۇ دەريا بويىدا تۇرغىدەك ، يەتتە سېمىز ۋە چىرايلىق كالا دەريا سۈيىدىن چىقىپتۇ ... (  تەۋرات ، يارىلىش   Genesis 41- بۆلەكتىن كۆرۈڭ )

  مىسىر فىرئەۋىن مەدىنىيىتى :

  فرانسىيەنىڭ مىسىرغا قىلغان يۈرۈشى دەۋرىدە فىرانسىيە ئالىمى جان فرانسوۋا شامبىلىيون قەدىمىي مىسىر يېزىقىنى روسېتتا تېشى ( Rosetta Stone)گە نەقىشلەنگەن بەلگىلەرگە تايىنىپ يېشىپ ئوقۇغۇچە بولغان مەزگىلدە مىسىر فىرئەۋىن مەدىنىيىتى ئاز ساندىكى بەزى ئاسارە ئەتىقىلەرنىڭ كۆرۈلىشىدىن باشقا ئاساسى جەھەتتىن سىر ھالىتىدە كىشىلەر تەرىپىدىن بىلىنمەي ئاسۋان ، ئۇقسۇر ئارىلىدىكى قۇم- بارخانلار ئارىسىغا كۆمۈلۈپ ياتقان ئىدى . تاشقا ئىككى خىل تىل ۋە ئۈچ خىل يېزىقتا ئوخشاش مەزمۇن نەقىشلەنگەن ، بىرى ئىبادەتخانىلاردا ئىشلىتىلىدىغان مۇقەددەس يېزىق دەپ قارالغان قەدىمى مىسىر تەسۋىرىي يېزىقى ، يەنە بىرى ئاۋاملارنىڭ يېزىقى دەپ قارالغان ئاممىباپ مىسىر يېزىقى ، ئۈچنچىسى بولسا قەدىمىي يۇنان ھەرپلىرى بىلەن نەقشلەنگەن يۇنان تىلىدىكى مەزمۇن ، فرانسىيە ئالىمى دەل مۇشۇ يېزىقلارنى سېلىشتۇرۇپ بۇ تاشتىكى تىلسىم يېزىقنىڭ مەنىسىنى يەشكەن .
  مانا بۇ بايقاش كىشىلەرگە ئارخئىولوگىيەلىك ئاسارە ئەتىقىلەرنىڭ بايقىلىشىغا ۋە قەدىمىي مىسىر فىرئەۋن مەدىنىيىتى بىلەن تونۇشۇشقا كەڭ ئىشىك ئېچىپ بەرگەن .

  فىرئەۋن ئاتالمىسى :

  فىرئەۋن كەلىمىسى قەدىمىي مىسىر تىلىدا « چوڭ ئۆي » مەنىسىدە بولۇپ كېيىن مىسىر ھۆكۈمرانلىرىنىڭ لەقىمى بولۇپ تەرەققى قىلىپ ئىشلىتىگەن ، لېكىن بۇ نام پەقەت مىسىر 18- سۇلالىسىدىن ( مىلادىدىن بۇرۇن 1539-يىلى )باشلاپ ئومۇمىلاشقان . شۇ دەۋر ئەمىنخەتىپ 5 ( ئاخناتون )گە ئائىت دۇئا نەقشلەنگەن خىتاپ تېپىلغان بولۇپ ئۇنىڭدا فرئەۋن پۈتۈن ھاياتىدا باياشات ۋە سالامەت بولغاي دىيىلگەن .

  مىسىر ھۆكۈمرانلىرىنىڭ «مەلىك » (پادىشاھ )لەقىمى :

بۈيۈك بىرىتانىيە قامۇسى ، ۋىكىي قامۇسى ۋە باشقا كىتاپلارنى ئوقۇش ئارقىلىق بىزگە شۇ نەرسە ئېنىق بولىدۇكى فرئەۋن كەلىمىسى پەقەت مىسىر 18- سۇلالىسىدىن ( مىلادىدىن بۇرۇن 1539-يىلى )باشلاپ ئىشلىتىلگەن ، بۇ دەۋردىن بۇرۇنقى بارلىق مەزگىللەردە ، مەيلى ھىكسوس ئىشغالىيىتى ( قەدىمى مىسىر تىلىدا : سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرى ، يەنى نۇبىيەلىكلەرنىڭ ئىشغالىيىتى دەۋرى ، مىلادىدىن بۇرۇن 1648-1540 يىللىرى ) دەۋرىدە بولسۇن ياكى بۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە بولسۇن ھەممىسىدىلا « مەلىك » (پادىشاھ ) نامى ئىشلىتىلگەن .

  يۈسۈپ ئەلەيھى سالامنىڭ مىسىرغا كېلىشى :

ئورتاق  بىرلىككە كېلىنگەن مەسىلە شۇكى يۈسۈپ ئەلەيھى سالام موسا ئەلەيھى سالامغا قارىغاندا كۆپ بۇرۇن پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەن . قۇرئانى كەرىمدە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تەئالا تەرىپىدىن فرئەۋن جەمەتىدىكى مۆھمىننىڭ تىلىدا مۇنداق دەيدۇ :
« شەك-شۈبھىسىزكى ، ئىلگىرى سىلەرگە يۈسۈپ (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ) روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى ، ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىللەردىن سىلەر ھامان شەكلەندىڭلار ، تاكى ئۇ ۋاپات بولغاندا ، (دەلىل- پاكىتسىز ) ھالدا ، ئاللاھ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ  دىدىڭلار » ( سۈرە غافىر 34- ئايەت ) .
  مىسىرلىقلار پەقەت يۈسۈپ ئەلەيھى سالامدىن كېيىن ئۇزۇن مەزگىللەرگىچە ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەۋەتىلمىگەچ سەۋەبىدىن ‹ ئاللاھ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ › دەيدۇ ، بۇ موسا ئەلەيھى سالام رامسىس 2 دەۋرىدە ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ بەنى ئىسرائىللارغا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەۋەتىلىش ئەھۋالى بىلەن دەل ئەكسىچە بولغان . بۇلار شەك- شۈبھىسىزكى  بىزگە شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى يۈسۈپ ئەلەيھى سالام مىسىر 18- سۇلالىسىدىن بۇرۇن ، ياكى مىسىر ھۆكۈمرانلىرى ، مەيلى سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىدە بولسۇن ياكى بۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە بولسۇن ھەممىسىدىلا « مەلىك » (پادىشاھ ) نامى ئىشلىتىلگەن دەۋردە مىسىردا بولغان .

  ئارال ساھىلىدىن تېپىلغان تاش :

مىسىر 3- سۇلالىسىگە ، بولۇپمۇ مەلىك دوسىر دەۋرىگە ئائىت تاش تېپىلغان بولۇپ ئۇنىڭغا ‹ مەلىك (پادىشاھ ) زوسىر ئىلاھتىن 7 يىل داۋاملاشقان قەھەتچىلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى سورىدى ... › دەپ ئويۇلغان . بۇ يۈسۈپ ئەلەيھى سالامنىڭ مەلىك (پادىشاھ ) زوسىر ياكى دوسىر ، يەنى مىسىر 3- سۇلالىسى دەۋرىدە مىسىردا ھاكىم بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ ، چۈنكى يەتتە يىل داۋاملاشقان قەھەتچىلىك توغۇرلۇق ھۆججەت ۋە بۇ دەۋردە مىسىر ھۆكۈمرانلىرىنىڭ فرئەۋىن ئاتالماستىن بەلكى مەلىك (پادىشاھ ) دەپ ئاتىلىشى قۇرئانى كەرىمگە دەل ئۇيغۇن كېلىدۇ .

  مۇقەددەس كىتاپتىكى غەييىبىي مۆجىزە :

  قۇرئانى كەرىمدە مىسىر تارىخىدىكى 18- سۇلالىسىدىن بۇرۇن مىسىر ھۆكۈمرانلىرى مەلىك (پادىشاھ ) دەپ ئاتالغان دەۋر بىلەن قەدىمىي مىسىر 18- سۇلالىسىدىن باشلاپ ‹ فرئەۋىن › لەقىمى ئىشلىتىلگەن ئىككى مۇھىم دەۋر پەرقلەندۈرۈلۈپ زىكرى قىلىنغان بولۇپ بۇ دەل تەۋراتتىكى نام بىلەن ئەكسىچە ، تەۋراتتا بولسا مەيلى مىسىر 3- سۇلالىسى يۈسۈپ ئەلەيھى سالام دەۋرىدىكى ھۆكۈمرانلار بولسۇن ياكى مىسىر 18- سۇلالە موسا ئەلەيھى سالام دەۋرىدىكى ھۆكۈمرانلار بولسۇن ، ئوخشاشلا پەرقلەندۈرۈلمەي خاس نام ‹ فىرئەۋن › نامىدىلا كەلگەن ، بۇ ھازىرقى زامان ئارخئىولوگىيە ئىلمىگە خىلاپ كېلىدۇ .
  ئەمما قۇرئانى كەرىم مەيلى بۇرۇن ۋە ھازىرمۇ ئاللاھنىڭ كىتابى بولۇپ ئۇ مەيلى بۇرۇن ۋە كېيىنگە ئائىت ھەرقانداق باتىللىق ۋە زىددىيەتلىك مەلۇماتلاردىن مۇستەسنادۇر .

  ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتئەلا مۇنداق دەيدۇ :« قۇرئاننى تەپەككۈر قىلىپ كۆرمەمسىلەر ؟ ئەگەر ئۇ ئاللاھتىن باشقىنىڭ ھوزۇرىدىن كەلگەن بولسا ئىدى ، ئۇنىڭدىن كۆپ ئىختىلاپلار تېپىلار ئىدى .( قۇرئانغا مۇراجەت قىلىپ ئۇنى تەپەككۈر قىلىپ ئوقۇغان ئادەم ھەقىقەتنى بىلىپ يېتىدۇ . ئۇ ئىلاھىي كىتاپتۇر ، ئۇنىڭ ئىلاھىيلىغىنى تەپەككۈر قىلغان ئادەم بۇنى دەرھال بىلىدۇ . چۈنكى قۇرئاننى جىددى ئۈگىنىشكە كىرىشكەن ئادەم ئۇنىڭدا ھىچقانداق زىددىيەت يوقلىغىنى بايقايدۇ . ) » ( سۈرە نىسا ، 82- ئايەت .)

( «مۇقەددەس كىتاپ ۋە سۈننەتتىكى ئىلمىي مۆجىزىلەر قامۇسى » دىن قىسقارتىلىپ تەرجىمە قىلىندى .)

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 13:51:56

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى باسقان «مىسىر» ناملىق رەڭلىق قەغەزلىك كىتابتا مۇنداق يېزىپتۇ:
فىرئەۋىن دېگەن كىم؟
قەدىمكى مىسىر پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئوردىسى دەسلەپتە فىرئەۋىن، يەنى «ئۇلۇغ خان سارىيى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئوردا بىلەن مەمۇرىي ۋە لەشكىرىي ئەمەلدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. كېيىنچە  پادىشاھنىڭ ئۆزى فىرئەۋىن دەپ ئاتىلىپ، قەدىمكى مىسىر پادىشاھلىرىنىڭ مەخسۇس نامى بولۇپ قالغان.
فىرئەۋىن پادىشاھ دېگەنلىكتۇر، لېكىن پۈتۈنلەي ئۇنداقمۇ ئەمەس، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ قەدىمكى مىسىرنىڭ ئالاھىدە مەزگىلدىكى پادىشاھلىرى بولۇپ، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 333-يىلى ماكىدونىيە مىسىرنى بېسىۋېلىشتىن ئىلگىرى، مېنىستىن ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن دەۋرىگىچە بولغان 2768 يىل ئىچىدە ئوتتۇز سۇلالە، 210 پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلار نۇبىيە، پېرسىيە، لىۋىيە قاتارلىقلار مىسىرغا ھۆكۈمىرانلىق قىلغان مەزگىلدىكى «بالا پادىشاھلار»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
فىرئەۋىن مىسىر قۇللۇق جەمئىيىتىدە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان پادىشاھ، ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ھۆكۈمىرانلىقنىڭ  ئالىي داھىسىدۇر. ئۇ ھەم ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ، ھەم ئىلاھىي ھوقۇقنىڭ ۋەكىلى؛ ھەم ئىلاھقا چوقۇنۇش، ئىلاھنى تاۋاپ قىلىش، ئىلاھنى يارىتىش ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ئەڭ چوڭ كاھىن، ھەم ئىلاھ بىلەن ئادەم بىرلەشتۈرۈلگەن ئىلاھنىڭ بالىسى ياكى ئىلاھنىڭ ئۆزى ۋە ياكى بارلىق ئىلاھلارنىڭ خوجايىنىدۇر. شۇڭا ئۇنىڭ تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن دىنى ئىسمى، مەنسەپ نامى بولۇپ، كۆپ خوتۇن ئالسا، ھەتتا ئاچا-سىڭىل، قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا ئالسا بولۇۋېرىدۇ.
يۇقىرىقى كىتاب. 28-بەت.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 13:52:33

ئەمىنخەتىپ 5
----------
ئامون ھۇتەب بولۇشى كېرەكمۇ قانداق؟

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 14:18:04

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2014-9-4 13:52 static/image/common/back.gif
ئەمىنخەتىپ 5
----------
ئامون ھۇتەب بولۇشى كېرەكمۇ قانداق؟

Amenhotep-[ɑ:mənˈhəutep]--阿蒙荷太普
ئامېنخوۇتەپ دەپ ئوقۇسا توغرا بولارمىكىن
http://en.wikipedia.org/wiki/Amenhotep_I
http://baike.baidu.com/view/188839.htm

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 15:28:21

30 سۇلالە ئۆتۈپتىكەنمۇ ؟ ئەلئىھرام قايسى قانچىنجى سۇلالىنىڭ ؟ سۇلالە ناملىرى خاتىرلەنگەنمۇ ؟
  مەلىكە = مالىك + ئە     دىن  ئۆزگەرگەنمۇ

peleck يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 19:11:58

بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ.  بولسا قەدىمكى مىسىر تارىخىدا ياشاپ ئۆتكەن مىللەت(قەبىلە ياكى ئۇرۇق)لار توغرىسىدا سۆزلەپ باقساڭلار.  قىبتىلاردىنمۇ بۇرۇن مىسىردا قايسى مىللەت ياشىغان؟

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 19:30:02

چۈشۈنۈشلۈك ئېسىل تېما بپتۇ.{:112:}

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 20:37:37

سۇمىرلار ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 20:59:13

مۇشۇ يۇنان بىلەن مىسىر مىلادىدىن بۇرۇنقى ۋاقلاردا خېلى شانلىق مەدەنىيەت يارىتىپتىكەن. بۇلۇپمۇ يۇناندىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-4-ئەسىرلەردە ئەپلاتون، ئارستوتىل، سوقرات كەبى پەيلاسوپلار، پىفاگور، ئارخىمىدقا ئوخشاش ئالىملار چىقىپتىكەن. يۇناننىڭ ئەڭ بۇرۇنقى تارىخىدىمۇ ناھايتى شۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى 1000 يىللار ئىلگىركى تىرويا ئۇرۇشى دەۋرلېرى بىلەن چەكلىنىدىكەن ھەم باشقا جىق مەلومات يوقكەن. ماۋۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە بولسا تارىخ مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000 يىلدىن باشلىنىپ كېتىدۇ. شىيا سۇلالىسى، شاڭ سۇلالىسى يەتتە بەگلىك دەۋىرلېرى دەپ ھىساپلاپ چىن-خەن سۇلالىسىغىچە 2000 يىللىق تارىختا شۇ لاۋزى-كۇڭزىنى ھىساپقا ئالمىغاندا يا بىر تۈزۈك   بىر ئالىم پەيلاسوپ يا بىر تۈزۈك  كەشپىيات يوقكەن. 2000 يىلغىچىمۇ نىمە تەرەققى قىلمايدىغان جاھاندۇ بۇ؟ خۇددى ياۋرۇپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدەك....

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 08:00:43

تارىخ ئۈگۈنۈشتىن مەقسەد ئىبرەت ئېلىش بولغاچقا، ئىلگىرىكى قەۋم ۋە سەلتەنەت سۈرگەن خانلارنىڭ دۇنيادا  قانداق ياشاپ ياخشى ئىز قالدۇرغانلىغىنى ياكى قانداق ئاسىي ئەمەللەرنى قىلىپ ھالاك بولغانلىقىنى يەكۈنلەپ چىقىش-بىزنىڭ تارىخ ھەققىدىكى مۇنازىرىلىرىمىزنىڭ نىشانى بولۇشى كېرەك دەپ قارايمەن.

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 09:19:40

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2014-9-4 20:59 static/image/common/back.gif
مۇشۇ يۇنان بىلەن مىسىر مىلادىدىن بۇرۇنقى ۋاقلاردا خېل ...

تۆت چوڭ كەشپىيات يەنە 2000 يىل سۆزلەشكە يېتىدۇ...

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 09:29:06

  ئەمىنخەۋتىپ -- ھېلىقى ئىراننىڭ قىسىملىق فىلىمىدا مۇشۇنداق تەلەپپۇز قىلىنغان ، بەلكىم ئەرەپلەر ئۆزلىرىنىڭ تەلەپپۇز ئادىتىگە ماسلاشتۇرغان بولىشى مۈمكىن ، بۇ ماقالىدا «ۋ»نى چۈشۈرۈپ قويۇپتىمەن .

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 09:36:40

مىلادى 1799- يىلى تېپىلغان ۋە كېيىن فرۈنسىيەلىك ئالىم تەرىپىدىن يېشىپ ئوقۇلغان روسېتتا تېشى ( Rosetta Stone) دىكى قەدىمىي مىسىر  تىل- يېزىقى كىشىلەرگە بىلىنمىگەن دەۋردە ، يەنى 1800- يىلدىن بۇرۇن قەدىمىي مىسىرنىڭ تارىخى ، ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئەھۋالى سىر ھالەتتە ئىدى .

لېكىن بۇنىڭدىن  1400يىل بۇرۇن ئىنسانلارغا چۈشكەن قۇرئانى كەرىمدە مىسىر ھۆكۈمرانلىرىنىڭ لەقەبلىرى دەۋر بويىچە ئىنتايىن توغرا پەرقلەندۈرۈلگەن ، مانا بۇ قۇرئانى كەرىمنىڭ ئارخىولوگىيە ئىلمى تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان ، ئىنسان قۇدرىتىدىن سىرت مۆجزىۋىي ئىلاھىي كىتاپ ئىكەنلىگىنىڭ دەلىيلى . ماقالىنىڭ مەركىزى ئىدىيەسى مۇشۇنى چۆرىدىگەن .

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 09:47:49

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-9-4 20:37 static/image/common/back.gif
سۇمىرلار ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز

  سۇمېرلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى ، بۇنى قازاقىستان تۈركولوگى سۇلايمان دىگەن قازاق ئالىم تىلشۇناسلىق جەھەتتىن ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان . لېكىن كېيىن  سۇمېرلار يەنە كورىيەلىكلەر ، يوپۇنىيەلىكلەر ، خەنزۇلار ، پارسىي- ئارىيانلار ... قاتارلىق نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ بىۋاستە ئەجدادىدەك تەتقىقاتلار  بارلىققا كەلگەن ، ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئاز-تولىدىن دەلىلى بولغان ، بۇ نۇھ ئەلەيھى سالام ۋە ئۇنىڭ 3 ئوغلىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئادەم ئەلەيھى سالامدىن كېيىنكى ئورتاق ئەجدادى ئىكەنلىگىنىڭ ئاددى لېكىن كۈچلۈك دەلىلى .

سۇمېر مەدىنىيىتى نۇھ ئەلەيھى سالام ياشىغان دەۋردە مېسوپوتامىيەدە بارلىققا كەلگەن مەدىنىيەت ، كېيىن توپان بالاسىدا غەرق بولغان . مۇشۇنچىلىك ئوقۇپتىمەن .

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 09:54:47

يېڭى بايقاشكەن ....

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 17:01:56

durak يوللىغان ۋاقتى  2014-9-5 09:47 static/image/common/back.gif
سۇمېرلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى ، بۇنى قازاقىستان  ...

مۇ قۇرۇقلىقى دىگەنمۇ شۇنداقمۇ

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 17:14:05

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-9-5 17:01 static/image/common/back.gif
مۇ قۇرۇقلىقى دىگەنمۇ شۇنداقمۇ

  ئۇ ئەپسانىنى تېخى ئاڭلىماپتىمەن ،  ...

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 17:18:13

durak يوللىغان ۋاقتى  2014-9-5 17:14 static/image/common/back.gif
ئۇ ئەپسانىنى تېخى ئاڭلىماپتىمەن ،  ...

  بۇ تۆۋەندىكى بۇ تېمىمۇ مۇشۇ مىسىر مەدىنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك :

http://bbs.izdinix.com/thread-51088-1-1.html

President يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 17:18:30

تۇتېنكامۇن دېگەنچۇ؟

Yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-6 14:53:01

http://bbs.izdinix.com/thread-51426-1-1.html
سۇمېرلار ۋە سۇمېر مەدەنىيىتى
بەت: [1] 2
: مۇقەددەس كىتاپتا قەدىمىي مىسىر ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ناملىرى