lata يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 21:36:06

سانلىق مەلۇماتنىڭ ساقلىنىش شەكلى ۋە سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈ...

سانلىق مەلۇماتنىڭ ساقلىنىش شەكلى ۋە سانلىق مەلۇماتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش .
بۇ مۇنبەردە يېقىندا سانلىق مەلۇماتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولماسلىق ھەققىدە ئىككى تېما ئىلان قىلىندى . بەزى تورداشلارنىڭ پىكىرلىرى ناھايىتى ئۇرۇنلۇق ، سۆزلىرى توغرا بولسىمۇ لېكىن يەنە بەزى خۇراپىي قاراشلار مۇشۇ ساھە دىكى كەسىپ ئەھلى بولغان پېقىرنى قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇرلىدى . چۈنكى سادىر بولغان خاتالىققا كەسىپ ئەھلىنىڭ قول قۇرۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرىشى چوڭ جىنايەت .
كەمىنە 1997- يىلى كومپىيوتېر ئۈگۈنۈشنى باشلىغان . 2002 - يىلى ئۈرۈمچىدە كومپىيوتېر رىمىنۇتچىلىق كورسىنى تۈگۈتۈپ قايتقاندىن كىيىن خوتەندە تۇنجى كومپىيوتېر رىمىنۇتخانىسى ئاچقان . 2007 -يىلى  بېيجىڭدا قاتتىق دېتال رىمىنۇتچىلىق كۇرسىغا قاتنىشىش داۋامىدا قاتتىق دىسكا ۋە سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش كەسپىنى تاللاىغان . شۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە بېيجىڭ ، چېڭدۇ ، ۋۇخەن قاتارلىق شەھەرلەردىكى شىياۋلۈيۈەن ، MRT  قاتارلىق قاتتىق دېتال رىمىنۇت قىلىش شىركەتلىرىدە تەربىيلىنىپ ۋە شۇ شىركەتلەرنىڭ قاتتىق دىسكا رىمىنۇت قىلىش دېتاللىرى ۋە سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى سېتىۋېلىپ ئۈگۈنىپ كىلىۋاتىمەن . بولدى تۇلا گەپ ساتماي نەق گەپكە كىلەي .
بارماق دىسكا ۋە تۇراق قاتتىق دىسكىلار ( بىر چاغلاردا گۈتەي يىڭپەن دىگەننى تۇراق دىسكا دەپ تەرجىمە قىلغانغۇ مەنمۇ شۇنداق ئاتىغاچ تۇراي ) ئىلىكتىرونلۇق ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر ساقلايدۇ . بۇيەردە بىز مېخانىك قاتتىق دىسكىنى چۈشەندۈرەيلى . مېخانىك قاتتىق دىسكىنىڭ ئىچىدە تورداشلار ئېيتقاندەك ماگىنىتلىق ماتېريال ( نىكىل ، خىروم ، كوبالىت ) يالىتىلغان ئاليومىن قېتىشما ماتېريالى ( ئاز بىر قىسىمدا ئەينەك ) دىن ياسالغان يۇمىلاق تەخسە بۇلۇپ بۇ ئېلىكتىر ماتورغا مۇقۇمدالغان بۇلۇپ مىنۇتىغا 7200 ئايلىنىدۇ ( 2.5 دۇيويىملىقى 5400) ساس دىسكىلار 15000 ھەتتا 20000 قېتىم ئايلىنىدىغىنىمۇ بار . بۇ تەخسىنىڭ ئۈستىگە مىڭلىغان مەركەزداش چەمبەر شەكىللىك ماگىنىت يۇلى سىزىلغان بۇلۇپ ھەر بىر ماگىنىت يۇلى 63 بۈلەككە بۈلۈنگەن بۇ بۈلەكلەر سېكتور  دەپ ئاتىلىدۇ . بىر سېكتورغا 512 بايت ئۇچۇر ساقلىنىدۇ . بۇ ئۇچۇر قانداق ساقلىنىدۇ ؟ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك كومپىيوتىردىكى بارلىق ئۇچۇرلار ئىككىلىك سىستىمىدىكى سان 0ۋە 1 بۇيچە بىرتەرەپ قىلىنىپ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە ئاساسى تاختا قاتارلىق توك يوللىرىدا تۈۋەن پوتىنسىئال ۋە يۇقىرى پوتىنسىئال ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ . بۇ قاتتىق دىسكىدا ساقلانغاندا 0ۋە 1گە ماس ھالدىكى جەنۇپ ۋە شىمال قۇتۇپلۇق ماگىنىت قا ئايلاندۈرۈلۈپ قاتتىق دىسكىدىكى ماگىنىتلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە تەخسىنى ماگىنىتلاش ئارقىلىق ئۇچۇر ساقلىنىدۇ .
مەنچە كومپىيوتېردىكى ئەڭ مۇرەككەپ ئۈسكۈنە قاتتىق دىسكىمىكىن دەيمەن . بۇيەردە سەھىپە ئىتىبارى بىلەن كۆپ قىسقارتىشقا توغرا كىلىدۇ . تەخسە يۈزىدىكى فىزىكىلىق  0- ماگىنىت يولىدىن باشلاپ بىر قانچە ماگىنىت يۇلى قاتتىق دىسكىنىڭ ئۈزىنىڭ مەشغۇلات سىستىمىسى بولغان مۇقىم دېتال ( گۈجىيەن ) ساقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ . قاتتىق دىسكا ھەر قېتىم قوزغۇتىلغاندا مۇشۇ مۇقىم  دېتال نى ئۇقۇپ تەكشۈرۈپ قوزغۇلىدۇ ۋە شۇ بۇيچە مەشغۇلات قىلىنىدۇ . بۇ ئاقىلىق قاتتىق دىسكىنىڭ سېغىمىنى ئۆزگەرتكىلى ۋە مەخفىي شىفىر سالغىلى بۇلىدۇ . ۋەھاكازا ...
بىزنىڭ توختىلىدىغىنىمىز قاتتىق دىسكىنىڭ ئىشلەتكۈچىلەر رايۇنى بۇلۇپ بۇ رايۇندىكى 0- ماگىنىت يۇلى 0- سېكتوردا  MBR ساقلانغان ( ئاساسى يىتەكلەش پىروگىراممىسى ) بۇلۇپ ئۇنىڭ بېشىدىكى 446 بايت ئۇچۇر يىتەكلەش پىروگىراممىسى قالغان 64 بايت بولسا ئاساسى  رايۇن يەنى س دىسكىنىڭ باشلانغان سېكتورى ، ئۇمۇمى سېكتور سانى ، تىپى ۋە كىيىنكى رايۇننىڭ باشلىنىش سېكتور نۇمۇرى دىگەندەك ئۇچۇرلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ . ئەڭ ئاخىرقى ئىككى بايت بولسا 55AA بۇلۇپ رايۇن جەدىۋىلى ئاخىرلىشىش بەلگىسى ( دىققەت بۇ ناھايىتى مۇھىم بۇلۇپ بىز قاتتىق دىسكىدىكى يۇقالغان رايۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىمىز ) 0- ماگىنىت يۇلىدىكى قالغان 62 سېكتور بىكار غا قالدۇرۇلغان بۇلۇپ بەزى ئالاھىدە پىروگىراممىلار پايدىلىنىدۇ مەسلەن ئەسلىگە قايتۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرى (冰点精灵) دىگەندەك قۇلارللار مۇشۇ 62 سېكتورغا قاچىلىنىدۇ . ئادەتتە رايۇنغا ئايرىش ۋە فورماتلاش قۇراللىرى بۇ 62 سېكتورنى زىيارەت قىلالمىغاچقا بۇ دېتاللارنى ئۈچۈرەلمەيدۇ . ئۇندىن كىيىنكى 1- ماگىنىت يۇلىدىكى 0- سېكتوردىن باشلاپ DBR مۇندەرىجە جەدىۋىلى ۋە FAT ھۆججەت تەخسىملەش جەدىۋىلى بۇلۇپ مۇشۇ رايۇندىكى بارلىق سېكتورلارنىڭ نۇمۇرى خاتىرلىنىدۇ . كىيىنكى رايۇنلاردىمۇ ئوخشاشلا مۇندەرىجە جەدىۋىلى EBR ۋە ھۆججەت تەخسىملەش جەدىۋىلى FAT بۇلىدۇ . ھەر قايسى رايۇنلاردىكى بۇ جەدىۋەللەرنىڭ رولى ئوخشاش . بىر مەلۇم بىر ھۆججەتنى مەلۇم رايۇنغا ساقلىساق شۇ ھۆججەت ساقلانغان سېكتورلار شۇ ھۆججەتكە ماس ھالدىكى جەنۇپ ۋە شىمال قۇتۇپلۇق ماگىنىتلىنىدۇ . ۋە قايسى سېكتورسىن قايسى سېكتورغىچە ساقلانغانلىقى مۇندەرىجە جەدىۋىلىدە ساقلىنىدۇ . ئەمدى بىز مەلۇم ھۆججەتنى . ئۈچۈرۋەتسەك نىمە ئىش بۇلىدۇ دىگەندە شۇ ھۆججەت ساقلانغان سېكتورلارغا ھېچنىمە بولمايدۇ . بەلكىم شۇ سېكتورلار مۇندەرىجە جەدىۋىلىدە «ئاق » يەنى قۇرۇق دەپ خاتىرلىنىپ كىيىن باشقا ھۆججەت ساقلاشقا يول قۇيىلىدۇ . ۋە باشقا ھۆججەت ساقلىغاندا يىڭى ھۆججەت نىڭ مەزمۇنى بۇيچە يىڭىدىن ماگىنىتلىنىدۇ . ئەمدى ئىنىق بولدى  ئۈچۈپ كەتكەن سانلىق مەلۇماتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دىگەنلىك ئۈچۈرۈلگەن ھۆججەتنى مۇندەرىجە جەدىۋىلىگە قارىماي بىۋاستە سېكتورلاردىن تېپىپ گۇرۇپپىلاپ چىقىشتىن ئىبارەت . چۈنكى ھەر بىر سېكتورنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا شۇ سېكتوردا ساقلانغان ھۆججەتنىڭ ئۇچۇرى ۋە ئالدى- كەينىدىكى سېكتورنىڭ ئۇچۇرى ساقلىنىدۇ . شۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن رەتلەپ چىقساقلا نورمال ئېچىلىدىغان ئەسلى ھۆججەتكە ئىرىشىمىز .
ئىەمدى ھەقسىز ئەسلىگە كەلتۈرۈش دېتاللىرى پەقەت كىشىلەرگە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ياسالغان ياكى ئوغۇرلانغان بۇلۇپ ئۇلاردا قايتا گۇرۇپپىلاش ئىقتىدار يوق . ھەتتا بەزىلىرى قايتا گۇرۇپپىلىيالمايلا قالماستىن سېكتورلاردىكى ھۆججەت ۋە باشقا سېكتورلارنىڭ ئۇچۇرىنىمۇ قالايمىغان قىلىۋېتىدۇ . شۇڭا ھەقسىز دېتاللاردا ئەسلىگە كەلتۈرگەندە لازىملىق ھۆججەتلەر تېپىلمايلا قالماستىن بەلكىم ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى تۈۋەنلەپ كىتىدۇ . شۇڭا بەك مۇھىم ھۆججەتلەر يۈتكەندە ھەقسىز دېتاللاردا ئىزلىمەي مۇنتىزىم سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش شىركەتلىرىنى ئىزدەش لازىم .
ئەمدى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەسلىك ھەققىدە توختىلايلى. يۇقۇرقىلاردىن مەلۇم بولدىكى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەسلىك نىڭ ئىككى ئامالى بار . ئەقىللىق كىتابخانا بىلىپ بولدى ھەقىچان . بىرى شۇ ھۆججەت ئۈچۈرۈلگەن سېكتورغا يىڭى ھۆججەت قاچىلاپ ماگىنىتلىنىشىنى يىڭى ھۆججەتنىڭ مەزمۇنى بۇيچە قىلىۋېتىش . مۇنداقچە ئېيتقاندا شۇ رايۇن لىق توشقىچە ھۆججەت قاچىلاش ( بولمىسا بىز ئەسلىدى ھۆججەت ساقلانغان سېكتورنى تاپالماي قالىمىز ) . ئىككىنچى ئامال شۇ سېكتورنى بىر خىل قۇتۇپلۇق ماگىنىتلاش . يەنى 0 قىلىش . بىز ھېلىقى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەس قىلماقچى بولغان ھۆججەت ساقلانغان سېكتورنى بىلمىگەچكە قاتتىق دىسكىدىكى بارلىق بىزگە لازىم ھۆججەتلەرنى ئېلىۋېلىپ پۈتۈن دىسكىنى 0 قىلىۋەتسەك ( بىر خىل قۇتۇپلۇق ماگىنىتلىۋەتسەك ) ھەرقانداق ئادەم ھەرقانداق قورالدا ھېچنىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ . ھەرقانچە ئۇباما ، بىل گايتىس بۇلاپ كەتسىمۇ  IBM غا ئاپارسىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ . ئۇنداقتا ھەممە سېكتورنى 0 قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز . ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋە تىز سۈرەتلىك ئۇسۇل بولسا روسلارنىڭ قاتتىق دىسكا ئويناش يۇمشاق دېتالى MHDD ئارقىلىق قىلىش ئۇندىن باشقا ،  MRT , PC3000 شىياۋلۈييۈەن قاتارلىق دېتال ۋە قوراللاردا قىلىشىقىمۇ بۇلىدۇ لېكىن ئۇلار پۇللۇق . شۇڭا ھەقسىز بولغان    MHDD   دا   ERASE بۇيرۇقىنى بەرسەك باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش سېكتورىنى كىرگۈزسەك پۈتۈن دىسكىنى قىلماقچى بولساق ئىنتېر كونوپكىسىنى باسساقلا بۇلىدۇ . مۇشۇ ئۇسۇلدا تازىلانغان دىسكىدىن شۇۋاقىتتىن بۇرۇنقى ھەرقانداق نەرسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ . مەن بېشىم بىلەن كاپالەتلىك قىلىمەن . ئەمدى قاتتىق دىسكىنى چېقىش ياكى كۆيدۈرۈش ئۇسۇلىغا كەلسەك بۇ قاتتىق دىسكىنى بۇزىدىغان ئ.ۇسۇل . كۆيدۈرۈشنىڭ ئۈنۈمى بار لېكىن دىسكا بۇزۇلىدۇ . چېقىش ئىشەنچىلىك ئەمەس . چېقىۋەتسىڭىزمۇ ئەسلىدىكى تەخسىدىكى ماگىنىتلىق خۇسۇسىيەت ساقلىنىدۇ . ماگىنىت باش بۇزىلىدۇ . زۆرۈر تېپىلسا ماگىنىت باش ئالماشتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بۇلىدۇ .
ئاخىردا شىركەتنىڭ ئىلانىنى بىرىپ قويسام قىزىقمايدىغانلار ئۇقۇمىسىمۇ بۇلىدۇ . ئەگەر سىزنىڭ قاتتىق دىسكىڭىزدىن ياكى بارماق دىسكىڭىزدىن بىرەر ھۆججەت يۇقاپ كەتسە ، قاتتىق دىسكىڭىز بۇزۇلۇپ كومپىيوتېر تۇنىمىسا ، رايۇنغا ئايرىلىپ كەتسە ، فورماتلىنىپ كەتسە ، توك ئۆتمىسە ، كومپىيوتېر بايقىمىسا ، ياكى قوزغالمىسا ، تاراقشىسا ئىشقىلىپ مۇھىم نەرسىڭىز يۇقالسا خوتەن ئىلتەرش ئېلىكتىرون مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۈلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىڭ مۇۋاپىق ھەق ئېلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىرىمىز . باشقىلار ئېتىشماي بۇزۇلغان پېتى ئەكەلسىڭىز %100 ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز . ئەسلىگە كەلتۈرەلمىسەك ھەق ئالمايمىز . ئەگەر ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدىغان قىلماقچى بولغان قاتتىق دىسكىڭىز بولسا ئىچىدىكى لازىملىق نەرسىلەرنى ئېلىۋېلىپ ئەكىلىڭ 50~100 يۈۋەنگىچە ئەسلىگە كەلتۈرەلمەس قىلىپ بىرىمىز ۋە بىزمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيمىز . باشقا چۈشەنمىگەن سۇئاللار ياكى كىرەكلىك مۇلازىمەت لازىم بولسا شىركەتنىڭ سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىنژىنىرى ھۈسەنجان ھاپىز بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بۇلىدۇ . QQ:316789287 ، تېلفۇن : 18999050559 . يىراقتىكىلەرگە پوچتا ئارقىلىق مۇلازىمەت قىلىمىز .

function يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 08:22:43

ماندا باللامۇ باركەن ھە.
مېنىڭ بىر قاتتىق دىسكام بار، 2010-يىلىدىن بېرى تاشلاقلىق تۇرىدۇ، مۇھىم نەرسىلەر بارتى چېقىلىشقا جۈرئەت قىلالماي، يۈتۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ.  كومپىيۇتېرغا چاتسام يامان تەستە تونۇغاندەك قىلىدۇ، يا تونۇيدۇ يا تونۇمايدۇ، غىچ-غىچ ئاۋاز چىقىدۇ، تونۇغان تەقدىردىمۇ ئىچىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئاساسەن ئوقۇيالماي، كومپىيۇتېرنى قاتۇرۇپ قويىدۇ.
قاتتىق دىسكىنى كومپىيۇتېرغا چېتىپ قويۇپ، كومپىيۇتېرنى ئۆچۈرۈپ قوزغىتىپ قىلغاندىن كىيىن مۇشۇنداق بولۇپ قالغان.  مەن ھازىرغىچە فىزىكىلىق بۇزۇلۇش بولدىمىكى دەپلا ئولتۇرىمەن، كىنولاردىكىدەك يامان باللانىڭ چىقىشىنى 4 يىل ساقلىدىم، مانا سىلەر بۇ قاتتىق دىسكىنى ئوڭشىيالايدىغاندەك قىلىسىلەر.

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 08:29:33

ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر لاتا ئەپەندى، بەكمۇ چۈشىنىشلىك، مەنپەئەتلىك تېما بولۇپتۇ. سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە بۇرۇنراق مۇشۇنداق تېمىلاردا بىلىمنىڭ زاكىتىنى بەرگەن بولسىڭىز، مەندەك ھەۋەسكارلارمۇ «بىلجىرلاپ» يۈرمەستۇق :lol

Kamdidar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 09:32:57

بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا «ئوڭ قۇلۇمدىكى نەيزە ھەرقانداق قالقاننى تېشىۋەتەلەيدۇ،  سول قۇلۇمدىكى قالقاننى ھېچقانداق نەيزە تېشەلمەيدۇ» دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇن تۇرامدۇ نېمە؟

nasirdin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 09:37:00

لاتا كەلدى مۇنبەرگە ،بىر نىمە بىر نىمە قىلاي دەپ،
ئۇيقۇدىكى ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا مىخ قاقاي دەپ .
دىگەندەك قوشاقلار بولدىغان بىز زامانلاردا !

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 10:09:42

ساقلاپ قويغۇدەك تېمىكەن.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 10:24:54

ساقلاپ قوياي ...... قوشۇمچە سورىۋالسام، ھەقسىز ئەسلىگە قايتۇرۇش دىتاللىرىنىڭ قايسىسى ياخشى.؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 10:39:38

Kamdidar يوللىغان ۋاقتى  2014-9-4 09:32 static/image/common/back.gif
بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا «ئوڭ قۇلۇمدىكى نەيزە ھەرقانداق ق ...

چۈشەنمىسىڭىز ئىنكاس يازمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

nur000 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 10:53:36

مەن تىخى لاتا ئەپەندىنى شىئىر ، قوشاق توقۇپلا يۈرەمدىكىن دىسەم كەسىپ ئەھلىكەن ئەمەسمۇ{:92:}

oylan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 11:00:17

ساقلىۋالاي ، كېيىن ئەسقېتىپ قالار.

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 11:18:00

بىر ھۆججەت نۇرغۇن سېكتورلارغا بۆلۈنۈپ قاچىلانغان بولغانلىقتىن، ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەن ھۆججەتنىڭ مەزمۇن قىسمى ئەسلىدە ئىگەللىگەن سېكتورلارنىڭ بىر قىسىمىنى يېڭى قاچىلانغان ھۆججەتنىڭ بىر قىسمى ئىگەللىۋالغان بولسىلا، ئاۋالقى ھۆججەتنى ئەسلىگە كەلتۇرگىلى بولماس؟
مۇشۇ ئاتالغۇلارمۇ ئەسلىدىكى مەزمۇندىن باشقا نەرسىگە ئىشلىتىلگەن بولغاچقا،  ئاتالغۇلارغا كۆنمەك تەسكەن.
ھۆججەت-- ئايرىم ئىسىم بىلەن دېسكىغا قاچىلانغان بىر گەۋدە-مەيلى ئۇ بىر پارچە خەت بولسۇن، ياكى بىر مۇزىكا بولسۇن، ياكى بىر فىلىم بولسۇن، ياكى مەلۇم بىر پىراگىرامما بولسۇن ئورتاق قىلىپ ھۆججەت دەپ ئاتايدىكەن.

سانلىق مەلۇمات--- رەسىم، ئاۋاز، خەت، مۇزىكا، فىلىم.. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزگەرتىلىپ دېسكىغا قاچىلانغىلىى بولدىىغان شەكىلگە ئەكىلىپ دېسكىغا قاچىلانغاندىن كېيىن ھەممىسى« سانلىق مەلۇمات» دىيىلىدىكەن.

lata يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 12:04:39

2- قەۋەتتىكى بۇرادەر قاتتىق دىسكىڭىزنى ئەكىلىڭ ياكى ئەۋەتىڭ وشىيالمىغان تەقدىردىمۇ ئىچىدىكى مۇھىم سانلىق مەلۇماتلىرىڭىزنى ئېلىپ بىرەلەيمەن .

lata يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 12:13:16

86 بۇرادەر سانلىق مەلۇمات بولسا كىچىكرەق ئۇقۇم بۇلۇپ كومپىيوتېر كەسپىدە كومپىيوتېردا بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقان ساندىن ئىبارەت . ھۆججەت بولسا ئوخشاش بىر تۈردىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يىغىندىسى . مەسلەن . بىر رەسىم بىر ھۆججەت بۇلىدۇ . شۇھۆججەتنى تەشكىللىگەن سانلار سانلىق مەلۇمات بۇلىدۇ . بىر ھۆججەت بىر قانچە سېكتوردا ساقلانغاچقا بىر سېكتوردىكى پارچە نى ھۆججەت دىيىشكە بولمايدۇ . ئۇ سانلىق مەلۇمات . بىر ھۆججەت ساقلانغان بىر قانچە سېكتوردىن بىر- ئىككىنى باشقا ھۆججەت بېسىۋەتسە قالغىنىدىن بۇ ھۆججەتنىڭ ئۇچۇرىنى ، ئىسمى ، سېغىمى دىگەندەكلەرنى تېپىشقا بۇلىدۇ لېكىن ئېچىلمايدۇ .

lata يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 12:14:50

4- قەۋەتتىكى كامدىدار بۇرادەر ئۇبدان ئۇقىسىڭىز ئۇنداق زىتلىق يوق . مەنمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيمەن . دەپ ئىنىق دىدىمغۇ

Mouse يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 12:22:46

ئەمسە قاتتىق دىسكىنى فورماتلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا دىسكا توشقىچە باشقا ھۆججەت ساقلانمىسا،مەسىلەن:قاتتىق دىسكا 10|G بولۇپ، فورماتلانغاندىن كېيىن 5G ماتىريال يېڭىدىن ساقلانغان بولسىمۇ يەنىلا تامامەن ئىلگىرىكى ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىكەن-دە؟
ماۋۇ تېمىڭىز راۋۇرۇس نەپ بېرىدىغان بولدى، رەھمەت.

lata يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 12:29:51

شۇنداق . 5گىگابايت ئۇچۇر كىيىن ساقلانسا ئەسلىدىكى دىسكىدىكى بوش قالغان يەردىكى 5گىگابايت ئۇچۇرنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى ۋە پايدىلانغىلى بۇلىدۇ . بېسىلىپ كەتكەن 5گىگابايت يەردىكى ئۇچۇر نىڭ چوڭلىقى ۋە ئىسمىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بۇلىدۇ لېكىن ئېچىلمايدۇ . شۇڭا ئادەتتە ھۆججەت كۆچۈرۈش - ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتى تەكرارلانغان 80گىگابايت دىسكىنى ئەسلىگە كەلتۈرسە 160گىگابايت ئەتىراپىدا ھۆججەت ئەسلىگە كىلىدۇ .

lata يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 12:39:02

رادىئو فان بۇرادەر ھەقسىز ئەسلىگە كەلتۈرۈش دېتاللىرىدىن ئەگەر ئىشلىتەلىسىڭىز WINHEX ئەڭ ياخشى . ئۇندىن باشقا   ئېيزىي رىكوۋېر ، فاينەل دەت قاتارلىقلارمۇ بۇلىدۇ . لېكىن بەك مۇھىم ھججەتلەرنى چۇقۇم ھەقلىق دېتال ۋە كەسپىي شىركەتلەردە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز . چۈنكى ھەقسىز دېتاللاردا مەسئۇلىيەت بولمايدۇ .

yilpaghu يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 12:59:31

مەن  قايسى كۈنى يوللانغان تىمىدىكى دىتالنى ئىشلىتىپ تازلىغانتىم ، تازىلاش جەريانىدا قارىسام دىسكام قىپقىزىل بوپكىتىپتۇ . يەنى دىسكامنىڭ بوش يەرلىرىنىمۇ بىر تولدۇرىۋىتىپ ئاندىن تازلىغانمۇ نىمە؟؟؟؟؟

Erajan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 13:00:20

Mouse يوللىغان ۋاقتى  2014-9-4 12:22 static/image/common/back.gif
ئەمسە قاتتىق دىسكىنى فورماتلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا دىسكا ...

كومپىيۇتېر بەكلا «ئھتىياتچان » ، ئۇ قاتتىق دىسكىغا سانلىق مەلۇمات يازغاندا ئامال بار ئۈچۈرۇلگەن رايۇنغا سانلىق مەلۇمات يېزىشتىن ساقىلىنىدۇ، پەقەت بوشلۇق يېتىشمىگەندىلا  ئاندىن ئۇنى باستۇرۇپ يازىدۇ، مەسلەن سىزنىڭ قاتتىق دىسكىڭىز 10 گىگابايىت دىسەك ئۇنىڭ 5 گىگا بايىت قىسىمدىكى ھۆججەتلەرنى ئۈچۈرۇۋىتىپ يەنە 5 گىگا بايىت ھۆججەت كۈچۈرسىڭىز ئۇ باشتىكى  ئۈچۇرۇلگەن قىسمىغا يازماستىن كەينىدىكى ئاق قسىمغا يازىدۇ.  باشتىكى ئۈچۇرۇلگەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە كەلتۇرسە تامامەن ئەسلىگە كىلىدۇ. شۇڭا ھازىرىقىدەك چوڭ سېغىملىق قاتتىق دىسكا ئىشلىتىۋاتقان شارائىتتا ئۈچۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلمىسۇن دىسەك قاتتىق دىسكىنى تۈۋەن دەرىجىلك فۇرماتلىغاندىن كىين شۇ قاتتىق دىسكا توشقىچە لىق كېرەكسىز ناخشا - كىنو دىگەندەك ھۆججەتلەرنى قاچىلاپ ئۈچۇرۋىتىش، مۇمكىن بولسا مۇشۇ خىل ئۈسۇلنى ئىككى - ئۈچ قېتىم تەكرارلاش كىرەك ، مۇشۇنداق بولغاندا ئەسلىگە كەلسىمۇ پەقەت ئالدىنقى قىتىمدا ئۈچۈرۈلگەن كىرەكسىز ھۆججەتلەرلا ئەسلىگە كىلىدۇ. بۇنداق قىلىش ئىمكانيتى بولمىسا ، كىچك ھۆججەتلەرنى ئۈچۈرگەندە  ئوخشاش ئىسملىك ھۆججەت ئارقىلق قاپلاپ كۈچۈرۋىتىش، پېرىسلىغا ندا مەخپى نومۇر سىلىپ پېرىسلاپ ئاندىن ئۈچۈرۋىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانساق بولىدۇ.

lata يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 13:18:57

ئېھتىياتچانلىقى راست لېكىن بەكلا «ئالدىراش »بولغاچقا سېكتورلاردىن «ئاتلاپ »يېزىپ سالىدۇ . شۇڭا 5گ ھۆججەتنى ئالدىنقى 5گ ئۇرۇنغىلا ياكى بوش 5گ ئۇرۇنغىلا يازماي 1~2 گ ئاتلاپ يېزىپ قۇيىشى مۇمكىن . شۇڭا ئىھتىيات قىلىش كىرەك
بەت: [1] 2
: سانلىق مەلۇماتنىڭ ساقلىنىش شەكلى ۋە سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈ...