SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 18:07:39

[تەرجىمە ماقالە] پەھلەۋىي خاندانى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SYAWUSH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-2 18:12  

پەھلەۋىي خاندانى
تەرجىمە قىلغۇچى: سياۋۇش


موھەممەد رېزا تاج كەيگۈزۈش كۈنىدە ئائىلىسى بىلەن بىللە

     پەھلەۋىي خاندانى (خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز تۆتىنچى يىلىدىن، بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىگ يەتتىنچى يىلىغىچە) قاجار خاندانى (خۇرشىدىي بىر مىڭ بىر يۈز يەتمىش تۆتىنچى يىلىدىن تاكى بىر مىڭ ئۈچ يۈز تۆتىنچى يىلىغا قەدەر ئىرانغا ھۆكرانلىق يۈرگۈزگەن) ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئىرانغا پادىشاھلىق قىلغان خاندانلىقتۇر.

     رېزاخان مىرپەنج (مىرپەنج - قاجار قوشۇنىدىكى قۇرۇغلۇق ئارمىيە بېرىگادا گېنىراللىغى بولۇپ، سەرتىپتىن ئۈستۈن ئەمىرتۇماندىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ)  خۇرشىدىي بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان توققۇزىنچى يىلى ئېسفەند ئېيىنىڭ ئۈچۈنچى كۈنىدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگۈرۈش بىلەن قۇدرەتكە يەتكەن ۋە ‹ۋەزىرى جەڭ› بولغان ۋە سەيىد زىيا باش ۋەزىر بولۇپ، قىسقا مۇددەتتىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانىدى. كېيىنچە رېزاخاننىڭ مەقامى رەئىسولۋەزەرا (باش ۋەزىر؛ ئىچكىي كابىنېت باش مېنىستىرى ۋەزىرى) لىققا يەتكەن ۋە رېزاشاھ پەھلەۋىي، ‹شاھى ئىران› ۋە پەھلەۋىي سۇلالەسىنىڭ ئاساسچىسى بولغان ئىدى.

     موھەممەد رېزا پەھلەۋىي خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمىنچى يىلى شەھرىۋەر ئېيىنىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنىدىن تاكى بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىگ يەتتىنچى يىلى بەھمەن ئېيىنىڭ يىگىرمە ئىككىنچى كۈنىگە قەدەر شاھى ئىران بولىدۇ. موھەممەد رېزا خۇرشىدىي بىر مىك ئۈچ يۈز ئوتتۇز ئىككىنچى يىلى مورداد ئېيىنىڭ يىگىرمە سەككىزىنچى كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگۈرۈش بىلەن، پادىشاھلىق مۇتلەقلىغىنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە كېيىنچە ‹ئېنقىلابى ئىران› نىڭ يۈز بېرىشى بىلەن سەھنىدىن چۈشۈرۈلىدۇ ۋە ئىراندىكى  پادىشاھلىق تۈزۈلمىسىنىڭ ئاخىرقى رەھبەرى سانىلىدۇ.


پەھلەۋىي شاھلىرى
رېزا شاھ پەھلەۋىي:
     رېزا پەھلەۋىي (خۇرشىدىي بىر مىڭ ئىككى يۈزئەللىگ ئالتىنچى يىلى ئېسفەند ئېيىنىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى مازەندەراننىڭ ئالاشت شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمە ئۈچۈنچى يىلى مورداد ئېيىنىڭ تۆتىنچى كۈنى جەنۇبى ئافرىقىنىڭ ژۇھانىسبۇرگدا ئۆلگەن) رېزاخان، رېزاخان مىرپەنج، رېزاخان سەردارسېپەھ ۋە ئاندىن رېزاشاھ لەقەبلىرى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئىككىنچى يىلدىن بىر مىڭ ئۈچ يۈز تۆتىنچى يىلغىچە ئىراننىڭ باش ۋەزىرى، ۋە خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز تۆتىنچى يىلىدىن بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمىنچى يىلغىچە پادىشاھى ئىران ۋە پەھلەۋىي سەلتەنەتىنىڭ ئاساسچىسى بولغان ئىدى. رېزاشاھ پادىشاھلىغى قاجارىيان ھۆكۈمرانلىغىنىڭ پايانى ۋە پەھلەۋىي ھۆكۈمەتىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، ئۇ سەۋادكۇھ شەھرىستانىدىكى ئالاشت شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ئىدى. ئۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرانىنى پېقىرلىقتا ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ياشلىغىدا ئارمىيەگە ئەگىشىپ، خۇرشىدىي بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان توققۇزىنچى يىلى ئېسفەند ئېيىنىڭ ئۈچۈنچى كۈنىدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگۈرۈشتە قەزاق (يەنى كازاكلار. قازاقلار ئەمەس) كۈچلىرى رېزاخاننىڭ قوماندانلىغىدا تېھراننى ئىشغال قىلدى. رېزاخان ‹ۋەزىرى جەڭ› مەقامىدىكى دەسلەپكى مەزگىللەردە نائاراملىقلار ۋە بۇلاڭ-تالاڭنى كۆزدىن يوقاتتى. خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئىككىنچى يىلى ئابان ئېيىنىڭ ئۈچۈنچى كۈنى رېزاخان، ئەھمەدشاھ قاجارنىڭ پەرمانى بىلەن باش ۋەزىرلىككە مەنسۇب بولۇپ، باشتا جۇمھۇرىيەتخاھلىق يولىدا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز تۆتىنچى يىلى پادىشاھلىققا يەتتى. ئۇ ئاقىبەتتە، خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمىنچى يىلى ئىران ئىشغالىدىن كېيىن، ئانتانتا دەۋلەتلەرنىڭ دەستىدە، بېرىتانىيا (ئەنگىلىيە) نىڭ بېسىمى تەھتىدە تۈرك سەلتەنەتىگە كەتكىلى مەجبۇر بولدى ۋە ئۈچ يىلدىن كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ژۇھانىسبۇرگدا ۋاپات بولدى.


رېزا شاھ پەھلەۋىي

موھەممەد رېزا شاھ:
      موھەممەد رېزا پەھلەۋىي (خۇرشىدىي بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان سەككىزىنچى يىلى ئابان ئېيىنىڭ تۆتىنچى كۈنى تېھراندا تۇغۇلۇپ، بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىگ توققۇزىنچى يىلى مورداد ئېيىنىڭ بەشىنچى كۈنى قاھىرەدە ئۆلگەن) پەھلەۋىي سۇلالىسىنىڭ ئىككىنچى شاھى، ۋە خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمىنچى يىلى شەھرىۋەر ئېيىنىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنىدىن تاكى بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىگ يەتتىنچى يىلى بەھمەن ئېيىنىڭ يىگىرمە ئىككىنچى كۈنىگە قەدەر ھۆكۈمەت قىلغان ئاخىرقى ‹پادىشاھى ئىران› ئىدى. موھەممەد رېزا شاھ ئاۋۋالقى قېتىمدا ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىدىكى ئىران ئىشغالىنىڭ پېيىدا، ۋە ئىككىنچى قېتىمدا خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز ئىككىنچى يىلى مورداد ئېيىنىڭ يىگىرمە سەككىزىنچى كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگۈرۈش بىلەن قۇدرەتكە يەتكەن ئىدى. ۋە خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىگ يەتتىچى يىلىدىكى ئېنقىلاب بىلەن ھۆكۈمەتتىن يىغىشتۇرۇلغان ئىدى.


موھەممەد رېزا شاھ پەھلەۋىي

     ئۇ - رېزا شاھ ۋە تاجولمولۇك ئايروملۇ (خۇرشىدىي بىر مىڭ ئىككى يۈز يەتمىش تۆتىنچى يىلى ئېسفەند ئېيىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى باكۇدا تۇغۇلۇپ، بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىشىنچى يىلى ئېسفەند ئېيىنىڭ ئون توققۇزىنچى كۈنى ئاكاپولكودا ئۆلگەن. ئۇ رېزا شاھنىڭ ئىككىنچى خوتۇنى، موھەممەد رېزا پەھلەۋىينىڭ ئانىسى بولۇپ، پەھلەۋىي دەۋرىدە ‹مەلىكەيى مادەر›، مەلىكەيى ئىران ناملىرى بىلەن مەشھۇر ئىدى) نىڭ نىكاھىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، ئالتە ياشقا كىرىشى بىلەن تەڭ، ئاتىسى شاھ بولغان ۋە ئۇ ۋەلىئەھدلىككە يەتكەنىدى. ئۇ مۇقەددەماتلىق تەھسىلاتىنى تېھراندا ۋە ئوتتۇرا تەھسىلاتىنى سۇئىستا تامامىغا يەتكۈزگەن ئىدى. ئۇ ئىرانغا قايتاشىدا ئەفىتسېر ئىنىستىتۇتىدىن ئىككىنچى سوتۋان (لېيتېنانت) لىق دەرىجىسى بىلەن مەكتەب پۈتكۈزگەن ئىدى. ئۇ ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى ۋە ئىران ئىشغالىغا ھەمزامان مەزگىلدە، يەنى يىگىرمە ئىككى يېشىدا پادىشاھلىققا يەتكەن ۋە خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمىنچى يىلى شەھرىۋەر ئېيىنىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنىدىن تاكى بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىگ يەتتىنچى يىلى بەھمەن ئېيىنىڭ يىگىرمە ئىككىنچى كۈنىدىكى ‹ئىنقىلابى ئىران› غا قەدەر، ئىرانغا پادىشاھلىق قىلغانىدى. دەسلىپىدە كەم قۇدرەتكە ئىگە بولسىمۇ، بىراق ئىران ئىشغالىنىڭ پايانىدا، خارېجىي كۈچلەرنىڭ مەملىكەتتىن چىقىپ كېتىشى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ ئارقا تېرەك بولۇشى ھەمدە باش ۋەزىر ۋەقت ۋە قەۋاموسسەلتەنەلەرنىڭ سىياسەتى بىلەن، ئازەربەيجان ۋە كوردېستاندىكى ئۆز-ئۆزىگە ئىگە ھۆكۈمەتكە خاتېمە بەرگەنىدى. شۇنداقلا ئاتىسى ئۆز ئىگەلىرىدىن تارتىۋالغان زېمىنلارنى بۇرۇنقى ئىگەلىرىگە ياندۇرۇپ بەرگەن ئىدى.


مەلىكەيى ئىران -موھەممەد رېزا شاھ پەھلەۋىينىڭ ئانىسى

     ئۇ ئۆز ھايات مۇساپىسىدە، ئۆزىنىڭ ھاياتى ۋە ئىران ھەققىدە تۆت كىتاب يازغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاخىرقىسى ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن قىسقا مۇددەت ئىلگىرى پايانىغا يەتكەن ئىدى. ئۇ ئاقىبەتتە، خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىگ توققۇزىنچى يىلى مورداد ئېيىنىڭ بەشىنچى كۈنى ئاتمىش بىر يېشىدا، لىنفا تۈگۈنى ياللۇغى ئەسىرىدە مىسىردا ئۆلگەن ۋە قاھىرەنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسجىدلىرىدىن بىرى رەفائىي مەسجىدىدە يەرلىككە قولغان ئىدى.


مىسىر قاھىرەدىكى رەفائىي مەسجىدىدىكى ئىراننىڭ ئاخىرقى پادىشاھى موھەممەد رېزا پەھلەۋىينىڭ مەقبەرىسى

مەنبە:
http://fa.wikipedia.org/wiki/%D9%BE%D9%87%D9%84%D9%88%DB%8C%D8%A7%D9%86

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 08:37:08

تەرجىمە دىگەننى ئاممىباپ تىلدا تەرجىمە قىلايلى ……

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 09:06:42

يىلنامىلەرنىڭ پاساھىتىدىن ئىككى ئابزاس ئوقۇپلا بولدى قىلدىم ...كەچۈرۈڭ تېما ئېگىسى...

esin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 10:18:51

ئۇيغۇرچىغا يېقىن يەنە باشقا بىرە ر تىلغا تەرجىمە قىلنغان بولسا كېرەك....

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 11:03:39

بۇنى مەنكى ئوقوپ كۆردىلەركى ،بۇندىكى تىللارىنىڭ تولىمۇ  چاغاتايچە يېزىلغانىنى بىلدىمكى ،تەسلەرزۇۋانى بىلەن مۈشكللەربىرلە چۈشەندىمكى ،بۇندىن كىيىن ئويغۇرچىدا ئەپرەك تەرجىمەقىلىنغاي دەپ ئەرز ئېيتىم .   
   بۇمۇبىر پادىشاھلاركەنغۇ، ئىراننىڭ  ئاخىرقى خانلىرىنىڭ تارىخى ئازپازبىلدۇق .رەھمەت.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 11:42:43

ئەزەر تۈركلىرىنىڭ شىئە بوپ كەتكىنىگە ئىچىم ئىچىشىدۇ

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 12:41:54

ئىراندا مەيلى كىم ھوقۇق تۇتسۇن،  پەن تېخنىكا، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش ئەنئەنىسى ئۆزگەرگىنى يوق، خەلقئارالىق ئىمبارگو  ئۇلارنى  ئۆز ئىچىدە تەرەققىي قىلىشقا شارائىت ھازىرلىدى، ھازىر ئىرانغا ئىمبارگو يۈرگۈزگەننىڭ قىلچە ئەھمىيتى يوق

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 13:11:32

     تەرجىمىغۇ ياخشى بوپتۇ ، بىرەر ئىككى ئېغىز خەنزۇچە ئارىلاشقان ئىبارىلەر بولمىسا باللارغا ئىسسىق باسمايدۇ ھازىر ، شۇڭا مالامەتكە ئۇچراپ كەتكىنىڭىزمىكىن .

1979- يىلىدىكى ئىنقىلاپتىن بۇرۇن ئىران  پەھلىۋى شاھلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان كىشى ئەزەربەيجان مىللىتىدىن ئىكەن ، ئىنقىلاپتىن كېيىن ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كېيىن خيۇستوندا چوڭ ئۆي- مۈلۈك مەبلەغ سالغۇچى سودىگەر بولۇپ كېتىپتۇ.

  تارىخقا قىزىقىدىغان كىشى ئىمىش . كېيىن ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتى ۋە ئەزەربەيجاندىكى باكۇ ئۇنۋېرىستى تارىخ فوكۇلتىتلىرىغا نۇرغۇن پۇل ھەدىيە قىلىپتۇ ۋە تارىخ پىراففىسورلىرىدىن قوشۇمچە ئۆز ئائىلە نەسەبىنى تەتقىق قىلىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ ، كېيىن بۇ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتتىن ئېرىشكەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان  نەتىجە ئۇ كىشىنىڭ 18- ئەجداد بوۋىلىرى قەشقەر ئەتراپىدىن  ئەزەربەيجانغا كۆچۈپ بارغان كۆچمەنلەردىن ئىكەنمىش ...  خيۇستوندا تۇرۇشلۇق بىر  ساۋاقدىشىمنىڭ ئېيتىپ بەرگەن قىزىقارلىق گېپى ، تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا قوشۇپ قويدۇم .

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 13:16:11

harunjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-3 12:41 static/image/common/back.gif
ئىراندا مەيلى كىم ھوقۇق تۇتسۇن،  پەن تېخنىكا، مائارىپق ...

  ماتىماتىكا ساھەسىدىكى نوبېل مۇكاپاتى دەپ نام ئالغان فىېلتىز  ماتېماتىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مەريەم ئىسىملىك 33ياشلىق ئايال پىراففىسور  ، يەنە ئامېرىكىدا 30 ياشتىن تۆۋەن تۇرۇپ مىلياردىر بولۇپ كەتكەن كومپىيۇتىر تالانت ئىگىسى فىردەۋس قاتارلىق يىگىت ھەقىقەت ئىرانلىقلارنىڭ پەن تېخنىكا جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرىدىن كىشىنى  ھاياجانغا سالىدۇ  .

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 13:59:45

يىلنامىلەرنى سانچە يازايلى،ئوندىن ئېشىپ كەتكەن سانلارنى ئىملا قائىدىسىدە سانچە يېزىڭ دەيدۇ
مەنمۇ بىئارام بولۇۋاتىمەن بۇ يازمىنى ئوقۇپ…
كىم خەنچە ئارىلاشمىسا ئىسسىق باسمايدىكەن ؟ دەل ئەرەپچە پارسچە بەھەيۋەت سۆزلەر ئارىلاشمىسا ئىسسىق باسمايدىغاندەك تۇرىدۇ

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 14:21:40

durak يوللىغان ۋاقتى  2014-9-3 13:11 static/image/common/back.gif
تەرجىمىغۇ ياخشى بوپتۇ ، بىرەر ئىككى ئېغىز خەنزۇچە ئ ...

ەتىجە ئۇ كىشىنىڭ 18- ئەجداد بوۋىلىرى قەشقەر ئەتراپىدىن  ئەزەربەيجانغا كۆچۈپ بارغان كۆچمەنلەردىن ئىكەنمىش
سەل توقۇلمىدەك قىلامدۇ نىمە؟  قاشقاي دەپ بىر مىللەت بولىدىغان، قەشقەرلىك دىگەن مەنىدىكى، شۇ مىللەتتىن بولسا، ئېھتىمالى بار .

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 14:32:39

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-9-3 14:21 static/image/common/back.gif
سەل توقۇلمىدەك قىلامدۇ نىمە؟  قاشقاي دەپ بىر مىللەت ب ...

   ساۋاغدىشىم قاتارلىق شۇ جايدا خىزمەت قىلىۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلارنى خيۇستوندىكى ئەڭ گۈزەل رايونغا جايلاشقان ، 2 شەخسى لېفىتى بار 20- قەۋەتتىكى تۇرالغۇسىغا چايغا تەكلىپ قىلىپ ھاياجان ئىلكىدە سۆزلەپ بېرىپتىكەنمىش ، ئەمدى تارىختىن باشقا ئۇ كىشى ھىكايە توقۇشقىمۇ قىزىقامدۇ  ئۇنىسى ماڭا  نامەلۇم .

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 15:38:28

karahanian يوللىغان ۋاقتى  2014-9-3 11:08 static/image/common/back.gif
رېزا پەھلەۋى ھەقىقەتەنمۇ قابىليەتلىك پادىشاھ ئىكەنتۇ ...

تەتۈر بولۇپ قالدىمۇ قانداق، پەھلىۋى شاھ ھەربى ئىشلارغا كۈچەپ، دېپلوماتىيەدە غەرب ئەللىرىگە بېقىنغان،
ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ھۈمەينى بولسا مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش، ئىقتىساسلىقلارنى قەدىرلەش، پەن تېخنىكا ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىرىق قىلىپ ،ئىراننى ئىقتىساد، مەدەنىيەت،ھەربىي  ئىشلاردا قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىققان،ئۇلارنىڭ سەللىسىگە قاراپلا باھا بەرمەيلى، ئۇلار نۇرغۇن سەللىسىزلەر قىلالمىغان ئىشلارنى قىلغان ئىسلاھاتچىلار، بۇ تەرىپىنى قەدىرلىسەك بولىدۇ

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 17:43:59

دەھشەتلىك تېھاران رومانىدا مۇشۇ يېقىنقى زاماندا مۇھەممەد رىزا پەھلىۋى خان دەپ بىرسى باردەك قىلاتتى ، بۇنڭدىكى يىلنامە بىلەن بەك يىراقكەن

SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 18:49:27

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-9-3 17:43 static/image/common/back.gif
دەھشەتلىك تېھاران رومانىدا مۇشۇ يېقىنقى زاماندا مۇھەم ...

بەلكىم ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ. بۇ ماقالىدا قوللىنىلغىنى خۇرشىدىي كالېندارى بولغاچقا مىلادىيە كالېندارىدىن يىل جەھەتتە نەچچە ئەسىر پەرقلىنىدۇ.

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 19:38:01

SYAWUSH يوللىغان ۋاقتى  2014-9-3 18:49 static/image/common/back.gif
بەلكىم ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ. بۇ ماقالىدا قوللىنىلغىنى خۇ ...

بەزى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىمۇ شۇ.
بىز ئۇ خۇرشىدى پۇرشىدى كالېندارىنى ئۇقمىغاچقا، ئوقۇپ بولغۇچە باش قىيىپ كەتتى. جاپا چېكىپ تەرجىمە قىلغاندىكىن، كالېندارنىمۇ ئۆرۈۋەتمەي مىلادىيە كالېندارىغا.

Illiterate يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 19:43:08

abdukerim11 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 21:17:27

بۇ تەرجىمە ماقالىنىڭ تىلىدىن ھۇزۇرلاندىم، بولسا يەنە ئوقۇيتتۇم. تىلنىڭ پاساھىتىدىن ھۇزۇرلىنىشمۇ بىر راھەت مەن ئۈچۈن.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 23:04:47

durak  ئەپەندى ، سىزمۇ ئەرەب ، پارىس تىللىرىنى بىلىسىزغۇ ، ھەم تارىخ بىلىمىڭىزمۇ خىلى مول ، ۋاقتىڭىز يار بەرسە ئەرەب ، پارىس تارىخ مەنبەلىرىدىن ئۇيغۇرلارغا ئائىت بايانلارنى تەرجىمە قىلىپ يوللىسىڭىز بولاتتى ، ماۋۇ سىياۋۇش  ئىرانى مىللەتچىسى ئوخشايدۇ ، ھەممىنى تاجىكقا ، پارىسقا باغلاپ قويدىكەن ، ئەمدى  ئىراننىڭ تارىخىنى سۆزلىگىلى  تۇرۇپتۇ ، باشقا ئەل تارىخىنى بىلىشمۇ ئارتۇقچە ئىش ئەمەس بىلىپ قويغىنىمىز ياخشى ، ئەمما بۇ كىشى  ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشىنىش  دائىرىسىنى ھىچ ئويلاشمىغاندەك ،  ئىراندا پارىسلار ئىران خەلقىنىڭ ھەممىنى پارس دەپ مۇئامىلە قىلغاندەك ئەمدى بۇ كىشىمۇ ھىچ  تەمتىرىمەيلا ئىرانىلارغا خاس گەپلەرنى بىزگە سۆزلىگىلى تۇرۇپتۇ ئىراندىن ىباشقا ئەل ئىشلەتمەيدىغان كالىندار بويىچە يىلنامە سۆزلەپ ، ئۇ پەھلىۋى خانلىقى يا بىر جاھانغا مەشھۇر ئىمپىرىيە بولمىسا قانچىلىك كىشى بىلدۇ ، ئالدى بىلەن قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئاندىن سۆزلىسىمۇ بولاتتى ، شۇنچە قۇدرەتلىك سەفەفيلار خانلىقىنى سۆزلىمەپتۇ ، ئۇ ئەزەر تۈركلىرىنىڭ دەپ …………

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 23:34:39

ۋاڭ دۇراك قېنى مەرھەمەت
بەت: [1] 2
: [تەرجىمە ماقالە] پەھلەۋىي خاندانى