yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 15:50:23

ئەندىشە ئىچىدىكى ئاتا-ئانىلارغا خەت[تەرجىمە]

ئەندىشە ئىچىدىكى ئاتا-ئانىلارغا خەت

تەرجىمە قىلغۇچى: يوللۇغ

بىز بۇ دەۋىردىكى ئاتا-ئانىلار دائىملا ئەندىشە ئىچىدە يۈرۈيمىز،ياز كەلدى، بۇخىل ئەندىشە تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىدۇ.بالىسى يەسلىگە كىرىشى كېرەك بولغانلار يەسلى تاپالمايدۇ.'يەسلىدىن باشلانغۇچقا چىقىش'، ' باشلانغۇچتىن تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىقىش' نىڭ قائىدە، بەلگىلىمىلىرى ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۆزگەرگەنچە غەلىتە بولۇپ كېتىپ بارىدۇ.'تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش' ئىمتىھانىدىن كىيىن بالا ئوقۇش تارىخىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ بىر مەزگىلگە قەدەم قويىدۇ- ئۇلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىشى كېرەك،ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ يۈرىگى پوكۇلداشقا باشلايدۇ.مىڭ تەسلىكتە ئالي مەكتەپكە كىردىمۇ دەيلى، جۇڭگۇنىڭ ئالي مەكتەپلىرى قانداق بولماقچىدى ؟ چىڭخۇا، بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى، فۇدەن ... بۇلار جۇڭگۇدىكى ئەڭ ياخشى ئۇنۋېرسىتىتلاردۇ ؟ مەن ھەممىسىگە بېرىپ باققان،بۇ مەكتەپلەر قانداقكەن دەپ سورىسىڭىز ... نىمە دىسەم بولار، ئۇلارنىڭ بىنالىرى ھەقىقەتەن بەك ھەيۋەتلىك ئىكەن.
بۇ ماقالە جۇڭگۇنىڭ مائارىپ تۈزۈمىنى تەنقىد قىلىشنى مەقسەت قىلمىغان.بۇ ماقالىنى ماڭا ئوخشاش بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارغا يازدىم، نىمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئەندىشە قىلىپ كېتىمىز ؟ بۇنىڭ بىر سەۋەبى بىز تولىمۇ كۆپ خاتا سەپ-سەتىلەرگە ئىشىنىۋېلىپ، ئۆز-ئۆزىمىزنى تولىمۇ جىددىيلەشتۈرىۋەتكەن.
ھازىر مودا بولىۋاتقان نۇقتىنەزەرلەر ياخشى بالىنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرگىلى بولىدۇ –دەپ قارايدۇ.بۇنىڭ مەنىسى ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىز باشقا بالىلارغا يىتەلمىسە خاتالىق سىز ئاتا-ئانىلاردا دىگەنلىك بولىدۇ.كىم سىزنى مائارىپقا كۆڭۈل بۆلمىسۇن، توغرا تەربىيلەش ئۇسۇلنى بىلمىسۇن دەپتۇ. يەنە بىر نوقتىدىن چۈشەنگەندە پەقەت تېرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىزلا بالىڭىز چوقۇم سىز ئۈمۈت قىلغاندەك بولۇپ چىقىدۇ دىگەنلىك بولىدۇ.بالىڭىزنى خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىدا ئوقۇتقىڭىز بارمۇ ؟ ئۇنداقتا دەرھال ' خارۋارد قىزى' دىن بىرنى سېتىۋېلىڭ؛ بالىڭىزنى ئالىم قىلىپ تەربىيلەپ چىققۇڭىز بارمۇ ؟ئۇلارنى دەرھال ئولىمپىك ماتىماتىكىسى سىنىپىغا بېرىڭ. تىز بولۇڭ، بالىڭىز تېخى باشلىنىش سىزىقىدىلا باشقىلارغا ئۇتتۇرۇپ قويمىسۇن !
بىر ئادەمنىڭ يىتىلىشىنى نىمە بەلگۈلەيدۇ ؟ ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا بىرسى تۇغما گىن، يەنە بىرى تۇغۇلغاندىن كىيىنكى مۇھىت، بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ.ئەمما مودا بولىۋاتقان بەزى كۆز قاراشلار بويىچە بولغاندا تۇغۇلغاندىن كىيىنكى مۇھىت بىردىنبىر مۇھىم ئامىلدەك.شۇنداق دەپ مائارىپنىڭ رولى زىيادە كۆپتۈرۋېتىلگەن.بۇخىل كۆز قاراش بويىچە بولغاندا بالا تۇغۇلغاندىن كىين بىر پارچە ئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا 'ئەڭ گۈزەل رەسىملەرنى سىزغىلى بولىدۇ'. داڭلىق پىسخىكاشۇناس Steven Pinker ئۆزىنىڭ 'ئاق دوسكا The Blank Slate' دىگەن كىتاۋىدا سۆزلەپ ئۆتكەندەك، بىئولوگىيە، بولۇپمۇ تەدىرجى تەرەققىيات نەزەرىيەسى گىتلىردەك تەلۋىلەر تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلگەچكە ھازىر گىننىڭ رولىنى تىلغا ئېلىش چەكلىنىدىغان بولۇپ قالدى، خۇددى بۇنداق قىلىش ' تەقدىرچىلىك نەزەرىيەسى' ياكى ' ئېرىقچىلىق' نى تەشەببۇس قىلغاندەك. ئۇنىڭ قارىشىچە تۇغۇلغاندىن كىينكى مۇھىتنى بىردىنبىر مۇھىم دەپ بىلىش بىرخىل ئاشقۇن ئىدىيە ھىساپلىنىدۇ، ئەمما ھازىر بىر خىل مۆتىدىل كۆز قاراش سانىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە ئەسلى تۇغما گىن ئامىلىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەمما بۇخىل مۆتىدىل كۆز قاراش ئاشقۇن ئىدىيە دەپ سانىلىۋاتىدۇ.
ئەمما سىز بالىڭىزنى ئوينىتىۋاتقاندا ' بالام ماڭا ئەجەپمۇ ئوخشايدىكەنغۇدەپ ئويلاپ مىيىغىڭىزدا كۈلۈپ قويغان ۋاقتلىرىڭىز بولمىغانمۇ ؟ ... گىننىڭ رولى شۇدەرىجىدە چوڭ ئىكەنكى، گىنشۇناس دوگىلاس چوڭ مۇنازىرە قوزغىغان ' شەخسىيەتچى گىن' ناملىق بىر كىتاپنى يېزىپ چىققان. دوگىلاس جىق كىتاپلارنى يازغان، ھەتتا بىر كىتاپ يېزىپ خۇدا بىلەن مۇنازىرىگە چۈشكەن، ئەمما بۇ كىتاپ تەسىرى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ كۆپ خاتا چۈشىنىلگەن بىر كىتاۋى بولۇپ قالدى.كىشىلەر ئۇنى ' ئىنسان تەبىئىتى يامان' دىگەن نەزەرىيەنى بازارغا سالماقچى دەپ قالدى،ياق، ئۇ ئىنسان تەبىئىتى شەخسىيەتچى دىمەكچە ئەمەس بەلكى بىزنىڭ نۇرغۇن ئىش-ھەركەتلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئىختىيارىدا ئەمەس بەلكى گىن تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇق بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ دىمەكچى.گىن ئۇ خوجايىن ، بىز بولساق مالاي.
پىسخىكشۇناسلارنىڭ ئۆتكەن ئوننەچچە يىللىق تەتقىقاتلىرى شۇنى كۆرسەتتىكى ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى ئەقلىي قابىليەت ۋە خاراكتىر جەھەتتىكى پەرىقنىڭ ئاز دىگەندە 50 پىرسەنتى گىن تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. بىر جۈپ قوشكىزەكنى ئايرىۋېتىپ تەربىيلىگەندىمۇ ئۇلارنىڭ مىجەز-خاراكتىرى ئاجايىپ ئوخشاش بولۇپ چوڭ بولىدۇ.ئوخشاش بىر ئۆيدە چوڭ بولغان ئۆز بالا ۋە ئۆگەي بالىنىڭ مىجەزى خۇددى كوچىدىكى ئىككى ئادەمدەكلا ئاسمان-زىمىن پەرىقلىنىدۇ.
ئەمما يەنە 50 پىرسەنت مۇھىت ئامىلى بار ئەمەسمىدى ؟ دىمەك بىزدە يەنە بالىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىليەلەيدىغان 50 پىرسەنت مۈمكىنچىلىك بار. مودا بولىۋاتقان مائارىپ نەزەرىيەلىرى بىزگە نۇرغۇن ' پەن-تەتقىقات' نەتىجىلىرى شۇنى كۆرسەتكەن- ئاتا-ئانا ياخشى بولسا بالىسىمۇ ياخشى بولىدۇ دەيدۇ.توختاپ تۇرۇڭ، بىرىنچىدىن بۇخىل تەتقىقاتلار ئاتا-ئانىلار ۋە پەرزەنتلەرنىڭ ئىش-ھەركەتلىرى ئوتتۇرسىدىكى ئوخشاشلىقنى بايقىغان،ئەمما ئوخشاشلىق سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى دىگەنلىك بولمايدۇ.سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى بار دىگەن تەقدىردىمۇ ياخشى بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى چوقۇم ياخشى بولامدۇ ؟ ئاغزى تاتلىق بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ، گەپ ئاڭلىمايدىغان بالا بولسا ئاتا-ئانىلار جىددىيلەشتۈرۈپ تىرىككەك قىلىپ قويىدۇ،بالىنىڭ مىجەزى ئوخشىمىسا ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ ئىنكاسى ئوخشىمايدۇ.كىم سەۋەپ، كىم نەتىجە ؟ ئىككىنچىدىن بۇخىل تەتقىقاتلارنىڭ بايقىغىنى ئاتا-ئانا ۋە بالىنىڭ ئۆي ئىچىدىكى ئىش-ھەركەتلىرى ئوتتۇرسىدىكى ئوخشاشلىق.ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ سىرىتتا قانداق ئىكەنلىگىنى راستىنلا بىلەمدۇ ؟ ئەجەبا ئۆيدىكى كىچىك زومىگەرلەر مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن موللا مۈشۈك بولۇپ كېتىدىغان، ئۆيدىكى جىمغور بالىلار مەكتەپكە بېرىپلا ئېچىلىپ كېتىدىغان مىساللار ئازمۇ ؟
مۇھىت ئەلۋەتتە مۇھىم، ئەمما مۇھىم بولغىنى ئۆي ئىچىدىكى مۇھىت ئەمەس. ئۆزگىچە پىكىر قىلىدىغان پىسخكاشۇناس Judith Rich Harris بىرك كىتاپ يازغان، ئىسمى ' بالا بېقىشتىكى قىياسلار   The Nurture Assumption' ئۇ بۇ كىتاۋىدا بالىنىڭ مىجەز خاراكتىرىنى بەلگىلەيدىغان تاشقى مۇھىت ئىچىدە دەۋرىداشلىرى تۇرغان جەمئىيەت مۇھىتىنىڭ رولى ئاتا-ئانىسى تەمىنلەپ بەرگەن ئائىلە مۇھىتىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ دەيدۇ. بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاشنىڭ ئەھمىيتى يوق ئىكەنلىگىنى بىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار چوڭ بولغاندا جەمئىيەتكە چىقىشى كېرەك.جەمئىيەتتە پۇت دەسسەپ تۇرالاش ياكى تۇرالماسلىقىنى ئاتا-ئانىلارنىڭ رازىلىقى بەلگىلمەيدۇ بەلكى دەۋىرداشلىرىنىڭ قوبۇل قىلىش –قىلماسلىقى بەلگىلەيدۇ.ئۆز دۇنياسىغا قايتقان ھامان بالىلار ئۆزىنىڭ رولىنى تېپىۋالىدۇ-بەزىلەر يولباشچى، بەزىلەر ئەگەشكۈچى، بەزىلەر ئىجتىمائى ئالاقە چولپانلىرى بولسا بەزىلىرى ئۆي مۈشۈكلىرى بولۇپ قالىدۇ. ئەستايىدىل كۆزەتسىڭىز بالىلارغا ئىككى خىل مەشغۇلات سىستېمىسى سەپلەنگەنلىگىنى بايقايسىز،ئۇلار بۇ ئىككى خىل مەشغۇلات سىستېمىسنى ئاپتوماتىك ئالماشتۇرىدۇ،ئۆيدە ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ، مەكتەپكە بېرىپلا بالىلار ئوتتۇرسىدىكى جەمئىيەتنىڭ قائىدىلىرى بويىچە ئىش تۇتىدۇ.ئۇ بولسا بالىلارنىڭ دۇنياسى، ئاتا-ئانا بولغۇچى سۈپىتىڭىز بىلەن كىرەي دەپمۇ كىرەلمەيسىز،بالىڭىزغا ياردەم قىلالمايسىز.سىزنىڭ قىلالايدىغىنىڭىز بالىغا بىرخىل ئۆزى بىلەن چوڭ پەرىقلىنىپ كەتمەيدىغان بالىلار بولغان، ئىچىدە تۇرغاندا جىددىيلىشىپ كەتمەيدىغان، كەمسىتىلمەيدىغان مۇھىت يارىتپ بېرىش. قايسى خىل مۇھىتنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىگىنى بالا ئۆزى بىلىدۇ.ھەممە بالىلار قالتىس بولۇپ كەتكەن مۇھىتتا بالىڭىز ئەقىللىق، تېرىشچان بولۇپ يىتىشىپ كېتەلمىسە باشقىلارنىڭ دوق قىلىشىغا ئۇچرايدۇ.ھەمما بالىلار سەھرادىن كەلگەن بىر مۇھىتتا ئەگەر بالىڭىز شەھەرلىك بولسا مەسخىرىگە قېلىشى مۈمكىن.
Harris نىڭ كۆز قارىشىچە ھازىرقى مودا بولىۋاتقان مائارىپ نەزەرىيەسىنى تارىخ بىلەن سېلىشتۇرساق ئۇلارنىڭ نەقەدەر بىمەنە ئىكەنلىگىنى بىلىۋالغان بولاتتۇق.بۇرۇنقى جەمئىيەتتە ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەزىپىسى ئۇلارنى بېقىپ چوڭ قىلىش ۋە ئاچ-يالىڭاچ قويماسلىق ئىدى، بالا تەربىيلەش ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيتى ئەمەس ئىدى. ئافرىقىدىكى قەبىلىلەرنىڭ مۇنداق بىر ئەقىليە سۆزى بار " بالىنى بىر كەنت تەربىيلەيدۇ". بالىلارنىڭ ئۆز –ئارا ئوينىشى، باشقا ئۆيلەرگە كىرىشدەك ئىجتىمائى ئالاقە تەجرىبىسى ئۇلارنىڭ يىتىلىشىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. Jared Diamondئۆزىنىڭ < تۆنۈگۈندىن بۇرۇنقى دۇنيا The World Until Yesterday> دىگەن كىتاۋىدا دەپ ئۆتكىنىدەك ھازىرقى جەمئىيەت سەھىيە-ساقلىقنى ساقلاش، يۇقۇملۇق كىسېەللەردىن مۇداپىئە كۆرۈش دىگەندەك جەھەتلەردە كونا جەمئىيەتتىن ئىلغار دەپ قارالسا، پەرزەنتلەر تەربىيسى جەھەتتە ھازىرقى جەمئىيەت بۇرۇنقى جەمئىيەتكە قارىغاندا تېخىمۇ گۆدەك ھالەتتە تۇرىۋاتىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، بىز ئەڭ ئەندىشە ئىچىدە ياشايدىغان ئاتا-ئانىلارغا ئايلاندۇق. بالا تەربىيسى ئەسلى بىر خىل كۆڭۈللۈك ئىش بولىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ھازىر چوڭ يۈك بولۇپ قالدى.ئاتا-ئانىلار خىزمەت ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك بالىلارغا سەرىپ قىلىۋاتىدۇ، زېھنىنى ۋە پۇللىرىنى چىقىرۋاتىدۇ. ئامرىكىلىق مۇخبىر Jennifer Senior بىر كىتاۋىدا شۇنداق ئېيتىدۇ: پەرزەنتلەر تەربىيسى ھازىر بىر خىل كۆڭۈللۈك ئەمما قىزىقى بولمىغان(All joy and no fun) ئىشقا ئايلىنىپ قالدى.
ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز ؟ بالىلارنى تاشلىۋېتىپ كارىمىز بولمامدۇ ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. بالىلار ئائىلىمىزنىڭ ئەزالىرى، مۇھەببەتتىن بەھىرلىنىشكە ھوقۇقلۇق.ئەمما سىز ھەمرايىڭىزنى سۆيگەن چېغىڭىزدا، ئاتا-ئانىلىرىڭىزنى سۆيگەن چېغىڭىزدا ئۇلارنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ باققانمۇ ؟ ئۇلارنى ئۆزگەرتەلمىسىڭىز، تەربىيلىيەلمىسىڭىز ئۇلارنى سۆيمەمتىڭىز ؟ ئەجەبا ئىچ-ئىچىڭىزدىن بالىنىڭ رايى بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆز خاھىشىڭىز بويىچە بالىڭىزنى 'ئۆزگەرتىپ' چىققىڭىز بارمۇ ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا بىز 'گىن قۇرۇلۇشى' نى قوللايلى، چۈشلۈك تاماقنى بۇيرۇتقانغا ئوخشاش كۆڭلىمىزدىكى 'مۇكەممەل بالا' نى بۇيرۇتۇپ ياسىتىۋالساقلا بولمىدىمۇ ؟
...
بالا پەقەت ئاتا-ئانىنىڭ ئۆيىدە تۇرىۋاتقان مىھمان، ھامان بىر كۈنى بىزدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ. بالىنىڭ بار ۋاقتىدا ۋاقىتنى قەدىرلەيلى. بالا ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا چۆچەك ئوقۇپ بېرىسىز ، چۈنكى سىز بۇنداق يانمۇ-يان تۇرغان ۋاقىتنى قەدىرلەيسىز، ئۇنىڭ بالىنىڭ مىڭە تەرەققىياتى بىلەن قىلچىمۇ ئالاقىسى يوق.
--------------
تەرجىماندىن:
شەھەرلىشىشنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرىمۇ پەرۋاسىز يۈرۈشتىن ھالقىپ، ئەندىشە ئىچىدە يۈرىدىغان ئاتا-ئانىلار تېخىمۇ كۆپىيۋاتىدۇ، بۇ پەرۋاسىزلىققا سېلىشتۇرغاندا ئەلۋەتتە ياخشى ئىش. ئەمما كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ توغرا يولىنى تېپىۋىلىشمۇ مۇھىم. بۇ ماقالە ھەرگىز پەرۋاسىزلىقنى ئاقلىمايدۇ، توغرا تەربىيلەشكە ئاز-تولا پايدىسى تەگسە ئەجەپ ئەمەس.گىن توغرىسدا ئۇيغۇرلاردا توي قىلىشتىن بۇرۇن نەسەپ تاللايدىغان، يۇرت تاللايدىغان، قىز بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان – دىگەندەك 'قالاق' سانىلىدىغان ئادەتلەر يوق ئەمەس،بۇلار دەل ئەلا بولغان 'شەخسىيەتچى گىن' نى تاللاشقا ئۇرۇنۇش سەۋەبىدىن بولىشى مۈمكىنمۇ ؟ ھامىلدارلىقتىن بۇرۇن سالامەتلىككە ،ئوزۇقلۇققا دىققەت قىلىش ... دىگەنلەرچۇ ؟ دەپ كەلسەك گەپ جىق.

تىمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى :
http://jingyibaobao0761.blog.sohu.com/305263679.html
تاللاپ تەرجىمە قىلىندى.

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 07:58:35

شەھەرلىشىشنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرىمۇ پەرۋاسىز يۈرۈشتىن ھالقىپ، ئەندىشە ئىچىدە يۈرىدىغان ئاتا-ئانىلار تېخىمۇ كۆپىيۋاتىدۇ، بۇ پەرۋاسىزلىققا سېلىشتۇرغاندا ئەلۋەتتە ياخشى ئىش. ئەمما كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ توغرا يولىنى تېپىۋىلىشمۇ مۇھىم. بۇ ماقالە ھەرگىز پەرۋاسىزلىقنى ئاقلىمايدۇ، توغرا تەربىيلەشكە ئاز-تولا پايدىسى تەگسە ئەجەپ ئەمەس.گىن توغرىسدا ئۇيغۇرلاردا توي قىلىشتىن بۇرۇن نەسەپ تاللايدىغان، يۇرت تاللايدىغان، قىز بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان – دىگەندەك 'قالاق' سانىلىدىغان ئادەتلەر يوق ئەمەس،بۇلار دەل ئەلا بولغان 'شەخسىيەتچى گىن' نى تاللاشقا ئۇرۇنۇش سەۋەبىدىن بولىشى مۈمكىنمۇ ؟ ھامىلدارلىقتىن بۇرۇن سالامەتلىككە ،ئوزۇقلۇققا دىققەت قىلىش ... دىگەنلەرچۇ ؟ دەپ كەلسەك گەپ جىق.
ماۋۇ گەپلەرگە نىمە دېگۈلۈك ؟؟؟

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 08:48:11

ئالاھىدە قىزىلغا بوياپ قويغان جايدىكى ‹قالاق› دىگەن سۆزنىئالدى كەينىگە خاتا باغلاپچۈشىنىۋالغاندەك تۇرىسىز ، تەرجىماننىڭئۇ سۆزنى ئاتايىتەن تىرناق ئىچىدە ئېلىپقۇيۇشى ھەم ئارقىدا دىگەن سۆزلىرىئاشۇ ئادەتلەرنى ھەرگىزمۇ قالاق دەپ چۈشەنمەي ئەكسىچە ياخشى تاللاش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىۋاتقانلىقىنىبىلىۋېلىش تەس ئەمەس.

sohrat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 09:07:50

يوللۇغنىڭ ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىمەن، ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنى يېڭى پىكىر نوقىتىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان ياخشى تىمىكەن، دىمىسىمۇ ئېقىمغا ئەگىشىش كېرەكمۇ ياكى باشقىچىەرك يول تۇتۇش ئارقىلىقمۇ باللىرىمىزنىڭ ئىستىقبالىنى يۇرۇتقىلى بولارمۇ دىگەن بۇ مەسىلە ھەقىقەتەنمۇ ئويلىنىپ بېقىشقا تىگىشلىك مەسىلىدۇر.

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 11:48:41

راستىنلا ئادەمنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىغا تېگىشلىك ئىشلار ئىكەن.ھازىر ئاتا-ئانىلار راستىنلا گاڭگىراپ قالدى.زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ئائىلە مائارىپىغا سەل قاراپ «داڭلىق»مەكتەپ قوغىلىشىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس.بالىلارغا ئائىلىدە ھەقىقىي مېھىرى مۇھەببەتنى ھېس قىلىدۇرايلى. مودا قوغلاشمايلى.

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 12:06:13

پەرزەنتلەر ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىمىز بۇلا ئەمەسقۇ دەيمەن.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 13:20:59

ساقلىۋىلىپ ئوقۇي ماۋۇ تېمىنى.
بەت: [1]
: ئەندىشە ئىچىدىكى ئاتا-ئانىلارغا خەت[تەرجىمە]