خەنزۇچە سۆزلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتىن ياردەم سورايمەن.
ئەسسىلاممۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار،ياخشىمۇسىلەر!خىزمەت ئېتىياجى تۈپەيلىدىن خەنزۇچە سۆزلىشىش ئىقتىدارىمنى جىددىي ئاشۇرۇشقا توغرا كەلدى،ئىزدىنىشتىكى ئۇستازلاردىن مۇشۇ ھەقتە جىددىي ياردەم سورايمەن.مەسلىھەت بەسەڭلار.رەخمەت. خەنزۇچە سۆزلىشش ئىقتىدارىڭىزنى جىددى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، بىزدىن جىددى مەسلىھەت سوراپسىز ، مەنمۇ كۆپ ئويلانمايلا جىددى مەسلىھەت بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدىم.
مېنىڭچە، خەنزۇچە كىتاب ئوقۇڭ، خەنزۇچە كىنو كۆرۈڭ، خەنزۇچە ناخشا ئاڭلاڭ، خەنزۇچە دىيالوگ يادقا ئېلىڭ، خەنزۇلار بىلەن ئۈلپەت بولۇڭ.... ئىشقىلىپ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىگە جىددىي مۇئامىلە تۇتسىڭىز ، خەنزۇچەسۆزلەش سەۋىيىڭىزمۇ جىددى تۈردە ئۆسىدۇ... تېزا جىددىيلىشىپسىز، _ ھە ؟ داداش بار ئۇسۇلنىڭ ھەممىنى قىسقا مېغىزلىق قىپ دەپ بوپتۇ. بىرەر خەنزۇ يولداشىنىڭ دۈكىندا ئىشلەڭ ،
بىرەر خەنزۇ بىلەن توي قىلىڭ
يۇقارقىلارنىڭ ئۈنۈمى دەھشەت تىز
تىكىسىت يادىلاشنى ئۈلۈكسىز داۋام قىلىڭ ئۈنۈمى سەل ئاستىراق {:101:} كىنو كۇرۇپ ئۆگىنىڭ، بېسىمسىز، ئازادە بۇلىدۇ ئاستىدىكى ئادرېستىكى ئەپنى قاچىلىۋېلىپ توختىماي ئاڭلاڭ
http://bazar.bilkan.net/App.aspx?id=283
تېلىۋوزور ياكى رادىيو قاتارلىقلاردا خەنزۇچىنى كۆپرەك تاللاپ كۆرۈپ ياكى ئاڭلاڭ.
گەپنى ئامال بار ئاستا قىلىڭ، ئاساسەن شۇنداق قىلسىڭىزلا ئازلا ۋاقىتتا ئېغىزچىڭىز يىتىشىپلا قالىدۇ. ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان كارتون، ياكى كىنو، ياكى بىرەر ھۆججەتلىك فىلىمنى تىپىپ، ئاستىدىكى خىتىنى چۇشۇرۋىلىڭ، بىسىپ چىقىرىپ، ئەينەن ئاشۇ ۋەقەدىكى پىرسۇناژنىڭ روھى كەيپىياتىدا ئوقۇشنى مەشىق قىلىڭ. ھازىرقى جىددىچىلىكنى ئالتە ئاي ھەمىرا قىلىپ يادىلىۋىتىڭ .
ئالتە ئايدىن كىيىن سىزنى بۇززۇۋان دىمىسە ئەرىز قىلىڭ . . :lol:lol خەنسۇچە كىنو كۆرۈڭ، خەنسۇچە رادىئو ئاڭلاڭ، خەنسۇچە كىتاب ئوقۇڭ، خەنسۇلار بلەن جىق ئالاقە قىلىڭ. يامان ماز پاراڭ قىلىدىغانلار باركەن. dreamcatcher يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 14:22 static/image/common/back.gif
ئاستىدىكى ئادرېستىكى ئەپنى قاچىلىۋېلىپ توختىماي ئاڭل ...
ئۇ ئەپنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى تاپالمىدىمغۇ ، تېلىفۇندا ئاچامدۇق يا ؟ سۆزلىشىش ئىقتىدارى بولغاندىكىن سۆزلەپ بەرمىسە بىكار ... ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ، شۇلاردىن بىرەرسى بىلەن ئاغىنە بولۇپ سۆزلىشىپ تۇرسىڭىز ئۇنىڭدىن تېز ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇل يوق... ئازراق خانزۇچە ئاساسىڭىز بولسا خەنزۇدىللام بىرنى دوس تۇتۇڭ ياكى خەنزۇلاربىلەن ئارلىشىپ بەرسىڭىز ۋاقىت ئۆتكەنسىىرى سوزلەيدىغان بولسىز . خەنچە ئاساسى بولمىسا كىنو ، رادىئو ئاڭلاپ بەرسە بىلەلمەيدۇ ، يەنىلا تىكىست يادىلاپ ، خەنلەر بىلەن ئۈلپەت بولسا بولارمىكىن خەنچە ئاساسى بولمىسا كىنو ، رادىئو ئاڭلاپ بەرسە بىلەلمەيدۇ ، يەنىلا تىكىست يادىلاپ ، خەنلەر بىلەن ئۈلپەت بولسا بولارمىكىن قانداق ئىش بۇ، مەن بىر قىتىم يوللىغانتىم قانداقسىگە ئىنكاس ئىككى بوپ قالغاندۇ ئاساسى ئاجىز كىشىگە نىسبەتەن خەنزۇ تىلىنى تېز سۆزلەشنى ئۈگۈنۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى يانچۇق لۇغىتىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ شۇ بويىچە توختىماي سۆزلەپ مەشق قىلىش . مەلۈم ئاساس تىكلىۋالغاندىن كېيىن باشقىلارنىڭ « بۇززۇۋان » دىيىشىگە پەرۋا قىلماي توختىماي باشقىلار بىلەن سۆزلىشىپ مەشق قىلىش . بۇ تەجرىبىدىن ئۆتكەن ئۇسۇل . كىنو كۆرۈش ، رادىيو ئاڭلاش دىگەنلەر مەلۈم ئاساسى بار كىشىلەرگە ماس كەلگەن بىلەن ئاساسى يوق كىشىلەرگە ماس كەلمەيدۇ . mustapa يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 15:21 static/image/common/back.gif
ئۇ ئەپنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى تاپالمىدىمغۇ ، تېلىفۇن ...
ئاستى ئوڭ بۇرجەكتىكى چۈشۈرۈش دېگەندىكى ئىككىلىك كودنى بېسىڭ. بەش ئون يىل جىددى تىرىشسىڭىز گەپ يوق ئۆگىنىپ كىتىسىز مېنىڭچە بىرەر يولداشنى تېپىىپ توختىماي گەپلىشىڭ، بۇنداق بولغاندا سۆزلەش ئىقتىدارىڭىز تېز ئاشىدۇ، كۆپ ئاڭلىسىڭىز ئاڭلاپ چۈشىنىش ئىقتىدارىڭىز ئاشىدۇ.