dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 11:00:38

ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو مائارىپىنىڭ پەرىقى زادى نەدە؟

«ئامېرىكا مائارىپى بىلەن جۇڭگو مائارىپىنىڭ پەرقى زادى نەدە» تېمىسىدىكى مەزكۇر ماقالىنى كۆرۇپ ئوقۇپ چىقتىم ھەمدە ئەڭ «كېرەكلىك» جايلىرىنىلايىغىنچاقلاپ تەرجىمە قىلىپ چىقتىم:

ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو مائارىپىنىڭ پەرىقى زادى نەدە؟

1.كىم ئۈچۈن ئۆگىنىش مەسىلىسى جەھەتتە

ئامېرىكا مائارىپى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىنشىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز تەپەككۇرىگە ھۆرمەت قىلىشغا، نېمىنى ئۆگىنشىنى خالىسا شۇنى ئۆگىنشىگە يول قويىدۇ.شۇڭا ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە ئىنتايىن تەشەببۇسكار، روھلۇق، خۇش كەيپىيات. لېكىن جۇڭگو مائارىپىدىچۇ؟ دائىم ئوقۇغۇچىلارغا ئاۋال ئىنچىكە «ئىستىراتىگىيە» ۋە قانۇنىيەتلەرنى بەلگىلەپ بىرىدۇ، نېمىنى ئۆگىنىش، قانچىلىك ئۆگىنىش، قانداق ۋاقىتتا ئۆگىنىش، قانداق ئۆگىنىش قاتارلىقلار شۇنىڭ جۈملىسىدىن.  جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەرىدە ئۆگىنىش -مەنپەئەت ئۈچۈن، شۇڭا ئەپلەپ-سەپلەش قابىلىيىتى يۇقىرى بولىدۇ، ئۆگىنىش- ئائىلە باشلىقى ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشى، ئۆگەنگەندە يۇقىرى ئۆرلىگىلى ياكى پۇل تېپىپ بىيىغىلى بولىدۇ ،ھىچ بولمىغاندا خىزمەت تاپقىلى بولىدۇ.جۇڭگولۇق بالىلارنىڭ ئۆگىنىش كەيپىياتى شۇنچە مەجبۇرەن،شۇنچە دوگما، شۇنچە ئامالىسىزلىققا تولغان..

2.يېتىشتۈرۇش نشانى مەسىلىسى جەھەتتە

ئامېرىكا مائارىپى «ئۇل بىلىم» ئۆگېنىشىگە ئانچە دېققەت ئىتىبارىنى بەرمەيدۇ، ئاساسى زىھنىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۇرۇشكە سەرپ قىلىدۇ. رىۋايەتلەردىكى ئامېرىكلىق «ئاق ياقىلىق» لارنىڭ بەزىدە« ئوندىن ئالتىنى ئالسا نەچچە قالىدۇ؟»دېگەن ھېسابنى دەرھال ئىشلىيەلمىگەنلىكىگە ئائىت كۈلكىلىك گەپلەرنىڭمۇ ئاساسى يوق ئەمەس .ئامېرىكىلىقلارنىڭ پەرەزنت تەربىيىلەشتە ئەڭ كۆڭۇل بۆلىدىغىنى ئۇلارنىڭ كېچىك ۋاقتىدىكى خاسلىقلىرىنى توغرا بايقاش ئارقىلىق ئۇلاردا ئىجادچانلىققا مايىل تەپەككۈر يېتىلدۈرۈش.
جۇڭگو مائارىپىدا ئەڭ كۆڭۇل بۆلۇنىدىغان نەرسە ئاتالمىش«قوش ئاساس» يېتىلدۇرۇش بولۇپ، ئاساس مەشىقىگە زىھنىنى سەرپ قىلىدۇكى بالىلاردىكى ئىجادچانلىققا مايىل تەپەككۇر بىخلىرىنى مايسا ھالىتىدىلا ئۇجۇقتۇرۇپ تاشلايدۇ.ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ «نەتىجىسى تۆۋەن، قابىلىيىتى يۇقىرى» ،جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ «نەتىجىسى يۇقىرى، قابىلىيىتى تۆۋەن». دۇنيادىكى 500كۈچلۇك كارخانا ئادەتتە جۇڭگوتەۋەسىدىن خادىم قۇبۇل قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىچە جۇڭگو مائارىپى پەقەت بىلىمنىڭ«قۇل»لىرىنى يېتىشتۈرىدۇ خالاس.

3.ئامېرىكا ۋە جۇڭگودا«دەرسخانا»نىڭ پەرقى

جۇڭگو مائارىپى  ئۇستىلىق بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا «خۇلاسە» نى تۇتقۇزۇپ قويىدۇ، ئوقۇغۇچىلارئۇنىڭدا ھىچقانداق مەسىلە يوقلىقىنى تېىپىپ چىقىدۇ. ئامېرىكا مائارىپى ماھىرلىق بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى مەلۇم مەسىلىگە قارىتىپ قويىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭدىن ئۇزلۇكسىز يېڭى مەسىلىلەرنى بايقايدۇ. جۇڭگونىڭ دەرسخانىسىدا ئوقۇغۇچى قول كۆتۇرگەندىن كېيىن سۆزلەش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ، ئامېرىكىدا ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارى پىكىر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىلىدۇ. جۇڭگونىڭ دەرسىخانىسىدا ئىنتىزام تەكىتلىنىدۇ ،ئامېرىكىنىڭكىدە بولسا كىشىلىك ھوقۇق تەكىتلىنىدۇ.

4.ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتى جەھەتتە

جۇڭگودا بالىلار مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى كۈنىلا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىدىن «ئىگىز»دە تۇرىدىغانلىقىنى بايقايدۇ، ئامېرىكىدا ھەتتا پىروفىسسۇرنىڭمۇ نوپۇزىدىن سۆزئاچقىلى بولمايدۇ .ئامېرىكىقلار نوپۇزنى ئىتىراپ قىلمايدۇ. جۇڭگولۇق بالىلار ئوقۇتقۇچىسىغا قارىغۇلارچە چوقۇنىدۇ، ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ بارلىق ئىش -ھەرىكەت، گەپ-سۆزى خاتا بولمايدۇ. جۇڭگولۇق ئوقۇتقۇچىلار سۈرلۇك قىياپەتكە كىرىۋىلىشقا ئامراق، ئوقۇغۇچىغا گەپ قىلغاندا پەرۋاسز قىياپەتتە تۇرىۋالىدۇ. ئامېرىكىلىق ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلاربىلەن پاراڭلىششقا ئامراق، ئوقۇغۇچىلاربىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ماھىر كېلىدۇ.

5.ئىمتىھان تۈزۈمى جەھەتتە

ئامېرىكىدا ئادەتتە ئىمتىھان ئوچوق شەكىلدە ئېلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان قەغىزىنى بىرھەپتە ۋاقىت سۈرۇكىدە تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ، جۇڭگودا ئىمتىھان گوياكى ئەشەددىي دۈشمەنگە تەقلىد قىلىنىدۇ . باش ۋە مۇئاۋىن مەيدان نازارەتچىلىرىنىڭ چارىلاش ۋەزىپىسى ئاستىدا ،بالىلار بۇ ئەشەددى دۈشمەن بىلەن يەكمۇ-يەك ئېشلىششى كېرەك. جۇڭگودا ئىمتىھاننىڭ ئەڭ ئاساسى مۇددىئاسى شاللاپ تاشلاش ،ئامېرىكىدا بولسا ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى بايقاش ۋە كېيىنكى قەدەملەر ئۈچۈن تەجرىبە-ساۋاق يەكۈنلەش.

6.سىنىپنىڭ «نوپۇس» مەسىلىسى جەھەتتە

جۇڭگودا ھەربىر سىنىپتا ئوقۇغۇچى سانى 45تىن ئىشىپ كەتمەسلىك كېرەك دەپ تەكىتلىنىپ تۇرىدۇ، بىراق يېزا-بازار مەكتەپلىرىدە ھەربىر سىنىپتا 60تىن ئوشۇق ئوقۇغۇچى بولۇش نۇرمال ئەھۋال . بۇ ئىشلاردا قانداق رەسمىي ،قانۇنى ئۆلچەملەر  بارلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئامېرىكىدا بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 30دىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك، ئەگەر 31 بولۇپ قالسا مائارىپ قانۇنى بويىچە دەرھال بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.بۇنىڭدا زادى نېمە دېيىلمەكچى بولغانلىقىنى ئەقىللىق تورداش بىلەلەيدۇ.

7. ئوقۇش ۋاقتى جەھەتتە

بىر يىل ئىچىدە جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ۋاقتى 8ئاي ئەتىراپىدا بولىدۇ، ھەركۈنى 11سائەت ئەتىراپىدا مەكتەپتە بولىدۇ. ئامېرىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بولسا بىريىلدا 1000سائەت ئەتىراپىدا بولىدۇ. ئوقۇش ۋاقتى قىسقا، ئۆگىنىش بىسىمى يوق بولۇش مانا بۇ دەل بالىلارئارزۇ قىلىدىغان كۆڭۇلدىكىدەك ئىشتە!
بالىلاردا يىتەرلىك ئىختىيارى پائالىيەت بوشلۇقى بولغاندىلا ئاندىن ئۇلار ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئۆگىنىۋالىدۇ.

8.ئامېرىكا ۋە جۇڭگودا «نەتىجە قەغىزى»

ئامېرىكىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك نەتىجىلىرى  ئوقۇغۇچىلارنىڭ «خۇسۇسى سىر»ى ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچى ھەربىرئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە ئايرىم -ئايرىم يوللاپ بېرىدۇ،ھەرگىز كوللىكتىپ ئېلان قىلمايدۇ. جۇڭگودا ئىمتىھان ۋە باشقا سىناقلارنىڭ نەتىجىسى ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ئوقۇغۇچىلارنى ئانالىز قىلىدىغان بىردىن-بىر ۋاستە،شۇڭا جۇڭگولۇق ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىنىڭ نەتىجىسنى دەستەك قىلىشقا ئامراق .شۇڭا جۇڭگولۇق بالىلار بىرىنچى يىللىقتىن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۇرگۇچە بولغان ئارىلىقتىلا ئىغىر پىسخىكىلىق توسالغۇلارغا مۇپتىلا بولۇپ بولىدۇ.

9. ئامېرىكا ۋە جۇڭگودا«ئوقۇتۇش ماتېرىيالى»

ئامېرىكىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ئىخچام -چۈشىنىشلىك بولۇپ بالىلارغا ھىچقانداق بىسىم ئېلىپ كەلمەيدۇ، بولۇپمۇ ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا شۇنداق، ھەتتا نۇرغۇنلىغان قۇرامىغا يەتكەنلەرمۇ ھېسابلىغۇچتىن ئايرىلىپ قالسا سان-سىفىرلارغا بولغان ئۇقۇمنى يوقىتىپ قويۇشى مۈمكىن قارىماققا بۇ بەكلا كۈلكىلىك ئىش ، لېكىن ئۇلاردا تەييارنەتىجىنى مېڭىسىگە قاچىلىۋىلىش ئادىتى بولمىغاچقا ، ھەردائىم قول سىلىپ ئىشلەيدۇ ، ئىجادىي تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرۇپ ماڭىدۇ. جۇڭگونىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى چۈشەندۇرۇش -چىڭداشنى ئاساس قىلغان، تاغدەك دۆۋە-دۆۋە تەكرارلاش ماتېرىياللىرى ۋە تاپشۇرۇقلارھەتتا بىچارە بالىلارنى نۇرمال ئۇخلاش ۋاقتىدىنمۇ مەھرۇم قىلغان. بۇ ئوقۇشلۇقلارنىڭ بىردىن -بىر ئەھمىيىتى شۇكى تۇركۇم-تۇركۇمى بىلەن يۇقىرى نۇمۇرلۇق ،تۆۋەن قابىلىيەتلىك «ئىختىساس» ئىگىلىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.

10.دەرستىن سىرتقى تۇرمۇش جەھەتتە

جۇڭگودا ئادەتتە بالىلارنى ئىجدىمائى پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇشتىن ئىغىزئاچماق بەك تەس، بىراق ئامېرىكىدا بالىلار مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىش بىلەن تەڭ جەمئىيەتكىمۇ تەڭ قەدەم قويىدۇ.ئامېرىكىدا دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزى لايىھىلەيدۇ ۋە ئۆزلىرى يۇرگۇزىدۇ، خىراجەتنىمۇ كۆپچىلىك ھەل قىلىدۇ. مەسىلەن:بىر ئوقۇغۇچى باشقىلارنىڭ كىرىنى يۇيۇپ بېرىپ سەككىز دوللار تاپىدۇ ۋە ئۇنى پائالىيەت خىراجىتى ئۈچۈن تەقدىم قىلىدۇ دېگەندەك،…قىسقىسى ئۇلارنىڭ مەكتەپ ھاياتى ئىجدىمائى پائالىيەتلەر بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىدە مائارىپ- ياشاشنى ئۆگىنىش جەريانىدۇر.جۇڭگودىچۇ؟



شىنخۇا تورى مائارىپ قانىلىدىن تەرجىمە قىلىندى

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 12:45:15

پەرىق  بەك  زور ئىكەن           

oytagh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 12:58:47

ئابدۇۋەلىنىڭ يازمىلىرىدىمۇ شۇنداق روشەن ئەمەلى سېلىشتۇرمىلارنى كۆرگەن ئىدىم

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 13:14:22

ئاۋۇ شىنخۇا تورى، تۇزنى يەپ تۇزلۇقنى چاقىدىغانلاردىنمۇ نىمە؟. نىمىشقا جۇڭگودا ياشاپ تۇرۇپ ئامىرىكا مائارىپى بىلەن جۇڭگو مائارىپىنى ئۈزۈڭگە سۇقاشتۇرۇپ جۇڭگونى مەسخىرە ئوبىكتى قىلۋالدۇ؟ چۇقۇم ئىديىسىدە مەسىلە بۇلىشى مۈمكىن!

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 14:51:46

ئەمىليەتتە جۇڭگو مۇشۇنداق بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، بولمىسا ئىختىساس ئىگىلىرى كۆپلەپ كېتىپ كومپارتىيىنىڭ ھۇلىنى تەۋرىتىۋىتىدۇ.:lol

aLKaMaL1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 15:22:05

ئامرىكىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەلۇم بىر سىنىپىدا
تارىخ دەرىسى ئۆتۈلۈپتۇ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا:
ئەينى يىلى ئامرىكىدا پارتىلىغان جەنۇپ_شىمال ئۇرۇشى
نىمە سەۋەپتىن پارتىلىغان؟
ئوقۇغۇچىلار جىممىدە ئولتۇرۇپتۇ، ئوقۇتقۇچى: بۇ سوئال
سىلەرگە ئىمتاھان بولۇپ قالسۇن، ئەتىگىچە جاۋابىنى
بىلىپ كىلىڭلار، ئەتە ئىمتاھان ئالىمەن دەپ بولۇپ:
ماڭا كىم بىر دوللار بەرسە شۇنىڭدىن ئالىدىغان ئىمتاھاننى بىكار قىلىمەن، لىكىن بۇ ئاقتەنلىكلەرگىلا
قارتىلغان دەپتۇ، ئۇنىڭ سۆزى تۈگۈشىگىلا سىنىپتىكى
نىگىر ئوقۇغۇچىلار غەزەپتىن جىدەل چىقىرىشقا باشلاپتۇ،
ئوقۇتقۇچى تەمكىنلىك بىلەن : ساۋاقداشلار، ئەمدى
بىلگەنسىلەر، جەنۇپ_شىمال ئۇرۇشى دەل مۇشۇنداق
تەڭسىز سىياسەتتىن كىلىپ چىققان، بىز بۇ ئىشتىن
چوڭقۇر ساۋاق ئىلىشىمىز كىرەك دەپتۇ.....

مىنىڭچە بۇ ئامرىكا مائارىپى

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 15:47:04

aLKaMaL1 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-2 15:22 static/image/common/back.gif
ئامرىكىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەلۇم بىر سىنىپىدا
...

«تەرمىلەر» ژورنىلىدىكى ھېكايىلەردەك پۇراپ تۇرىدىكەن.

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 16:56:17

aLKaMaL1 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-2 15:22 static/image/common/back.gif
ئامرىكىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەلۇم بىر سىنىپىدا
...

ئىسىل ھىكايىكەن

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 18:47:07

ئاۋۇ ھىكايە قالتىسكەن

aLKaMaL1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 19:12:48

مەنمۇ بۇرۇن بىر تىمىدىن كۆرگەنتىم ئۇ مەزمۇنلارنى

dolkun531 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 19:44:55

گۈلەن!!!

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 21:30:23

bardam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 03:49:31

ئىككى دۆلەت مائارىپىنىڭ يەنە بىر چوڭ پەرقى ئوقۇغۇچىلاردا راسچىللىق ۋە سەمىمىيەت يىتىلدۈرۈشتە ئىپادىلىنىدۇ
ئامرىكا مائارىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلاردا سەمىمىيەت ۋە راسچىللىق يىتىشتۈرۈشتە قانداق ئالاھىدىلىكى بارلىقىغا بەك قىزىقىمەن
ياكى مائارىپ كۆڭۈل بۆلمىسىمۇ ئومۇمى جەمىيەتتە سەمىمىيەت ۋە راسچىللىق  بولغاچقا تەبىئىي يىتىلەمدىغاندۇ دەپمۇ ئويلايمەن ،ئۇشبۇ ماقالىدىمۇ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقىنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغان بۇ تەرىپىگە  ئەھمىيەت بىرىلمەپتۇ.ھەم ئىككى ئەل خەلقىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىگىمۇ مۇشۇ تەرەپ ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 08:47:50

مۇنداق بىر مۇھىم پەرق نەزەردىن ساقىت قىلىنىپتۇ: ئامېركا مائارىپىدا ئوقۇغۇچىلاردا توغرا بولغان ئېتىقاد تىكلەشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. جوڭگو مائارىپىدا ئۇنىڭدىن ئۆلگىدەك قورقىدۇ.

nur000 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 09:04:18

مۇشۇ تۈردىكى ماقاللەرنى بۇرۇن ئىزدەپ يۈرۈپ ئوقۇپ چىقاتتىم ، نىمىشقىكىن ھازىر مۇشۇ خىلدىكى ماقالىگە قىزىقماس بوپقالدىم ...

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 12:00:12

دىيارىمىز مائارىپىدىمۇ رايۇنلا ئارا پەرق چۇڭيىپ مېڭىۋاتىدۇ.مەكتەپ تاللاش دېگىنىمىز شۇيەرنىڭ مائارىپى ياخشى بولمىسا باشقا يەرنى يەنى باشقا مەكتەپنى تاللاشنى كۆرسىتىدۇ. ئەمىليەتتە داڭلىق مەكتەپلەرمۇ ئۇنداق دېگۈدەك ئەمەس. چۈنكى ياخشى ئوقۇغان تىرىشچان بىر نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى شۇ يەرنىڭ نامىنى چىقارغان.بىز نېمە ئۈچۈن ئۆز مەھەللىمىزدە ياخشى مائارىپتىن بەھرىمان بۇلالماي ،بالىلىرىمىزنى باشقا جايلارغا  ئېۋەتىپ  ئوقۇتۇشنى خالايمىز. تېخى ئوقۇتقۇچىلار بىرىنجى بۇلۇپ باشقا جايلارغا بالىلىرىنى ئېۋەتىپ ئوقۇتىدۇ؟ بۇنى ئويلاپ باقساق بۇلىدۇ.نېمە ئۈچۈن بىز مائارىپى تەرەققىي قىلغان ياۋرۇپا ۋە ئامرىكىدىكى  دۆلەتلەرنى تاللايمىز.ھەم شۇ يەرلەردىكى  ئىلىغار مائارىپتىن بالىلرىمىزنى بەھىرلەندۈرۈشنى خالايمىز.  قاچانىغىچە شەكىلۋازلىق قىلىپ ماڭىمىز.

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 13:03:47

5000 يىللىق شانلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىمىز بار، ئۆزىمىزگە چۇشلۇق مائارىپ يولىمىز بار. خەخنىڭ ئايىغىنى كىيىپ ماڭمايمىز.  {:87:}{:87:}

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 15:31:48

مائارىپ ئادىللىقى دېگەن نېمە؟ يېقىندىن  بىرى جوڭگۇ مائارىپ ساھەسىدە ئەڭ مودا بولىۋاتقان گەپقۇ مۇشۇ ..

nirvana يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 10:00:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nirvana تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-5 10:03  

aLKaMaL1 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-2 15:22 static/image/common/back.gif
ئامرىكىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەلۇم بىر سىنىپىدا
...

بۇ ھېكايە ياخشىكەن، بىراق قورقۇنۇچلۇقى نېمىشقا مۇشۇنداق ھېكايىلەر بىزنى ئاسانلا ئۆزىگە جەلپ قىلۋالىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھېكايە مەزمۇنىنىڭ ئوخشىمىغان ۋارىيانتلاردا ھەرخىل مىدىئا(ئۈندىدارنى ئاساس قىلغان)لاردا تېزلىكتە تارقىلىشى .خۇددى «پالتا سېپى»تەمسىلىگە ئوخشاش...ئاددى لوگىكا ۋە تەمسىللەشكەن ھېكمەتلەرگە ئوخشاش...
  ئۈندىدارنىڭ قورقۇنچلۇق تەرىپى ئۇنىڭ ئىدىيلەرنى رەڭگارەڭ قىلماستىن، بىرلىككە ئېلىپ كېلۋاتقانلىقى(گەرچە بۇ مۇمكىن بولمىسمۇ) ياكى ئوخشاش ئىدىينىڭ كوپيلىنىپ تارقىلىشى....
مەن ماۋۇ ھېكايىڭىزدىن زەخملەندىم .....

nirvana يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 10:08:44

ئىزدىنىش رادىكاللىقى ؟!...ئىزدىنىش رەڭگارەڭ ئىدىيەلەرگە تولغان بىر توربەت...قورقۇنچلۇقى بىزمۇ رادىكاللىشىپ قېلۋاتامدۇق قانداق؟

بەت: [1]
: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو مائارىپىنىڭ پەرىقى زادى نەدە؟