ئامالسىزلىق
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lopnuri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-2 10:29ئامالسىزلىق
سېغىنىدىغان كىشىڭ بولىدۇ،
تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۇھسىنغان پېتى.
قوللىرىدىن تۇتقۇڭ كېلىدۇ،
كۆزلىرىڭگە سۈرتكۈڭ كېلىدۇ،
دەرتلىرىڭنى تۆككۈڭ كېلىدۇ،
سەۋەبىنى ئويلىماي تۇرۇپ.
يۈرەكلىرىڭ سوقىدۇ ئوخچۇپ،
تومۇرۇڭدا ئۆركەشلەپ قېنىڭ.
كۆيدۈرىدۇ ئوت ئەمەس بىر ئوت،
تەنلىرىڭگە سىغماستىن جېنىڭ.
گۇمانلىنىپ ئۆزۈڭدىن بەزەن،
ئۇزاققىچە ئەينەك ئالدىدا.
ئولتۇرىسەن مەستخۇش ھالەتتە،
كۆرەلمەيسەن ئەمما ھېچنېمە،
كۆزلىرىڭگە تارتىلغان پەردە،
ئۆز-ئۆزۈڭدىن ئىزدەيسەن قۇسۇر،
ياغدۇرىسەن تۈمەنمىڭ سۇئال،
تاپالماستىن ياخشىراق ئامال.
تاتىلايدۇ ئىچىڭنى تىنماي،
تىرناقلىرى ئۇزۇن ئۆسكەن
بارماقلىرى ئۈزۈلگەن بىر قول.
قاتىرايسەن تەرەپ-تەرەپكە،
ھەممە يەردە بارسا كەلمەس يول.
ئۇھ! دېيىشكە يوقتۇر ماجالىڭ،
ئىش قىلىشقا ئەسلا يوق رايىڭ.
قىستار سېنى ئەڭ ئاخىرقى تاقەت
يالماپ يۇتار سېنى توختىماي،
تەشۋىش بىلەن تام قوشنا جۈرئەت.
چۈشلىرىڭدىن تۈرتۈپ ئويغىتار،
قولى قانغا بويالغان قىسمەت.
ئاھ،ئاھ،ئاھ........................
قۇرقۇنۇچلۇق ئۈندەش سۆزلىرىڭ،
نۇرى ئۆچكەن يېتىم كۆزلىرىڭ،
كۈز ياپرىقىدەك ساپسېرىق تۈسكە
ياز پەسلىدە كىرگەن يۈزلىرىڭ.
پاھ،پاھ،پاھ.........................
تۇيغۇسىنى تۇتۇرۇق قىلىپ،
ئۆز-ئۆزىنى پۈچىلاپ، ئۈتلەپ،
توزاققا چۈشكەن دەمدەردەك ئۈنلەپ،
قاشلىرىنى كۆزىدىن كۈنلەپ،
ئۇيقۇسىزلىق ئىلكىدە تۈنلەپ،
يىلتىزىنى قۇرۇتقان روھىڭ.
ۋاھ،ۋاھ،ۋاھ.......................
گاھ قاقاقلاپ، گاھى پالاقلاپ،
گاھ يېقىنلاپ،گاھى يىراقلاپ،
گاھ قۇچاقلاپ، گاھى تىرناقلاپ،
گاھ ئىسىسقلاپ، گاھىدا توڭلاپ،
ۋەيرانلىقنى بىلسىمۇ خالاپ،
تاغ باغرىدىكى ئارشاڭدەك قايناپ،
ئۆز-ئۆزنى سىغىنىۋاتقان
سەن ياكى مەن، مەن ياكى سەن.
بىر-بىرىگە دەرت تۆكۈشىۋاتقان
بىز ياكى سىلەر، سىلەر ياكى بىز.
ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز يۈرگەن
ئۇ ياكى ئۇلار، ئۇلار ياكى ئۇ.
تامىقىم شۇنداق قۇرۇپ كەتتى،
ماڭا كېرەك پەقەت بىر پىيالە سۇ.
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
سېغىنىدىغان كىشىڭ بولىدۇ،
تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۇھسىنغان پېتى.
قوللىرىدىن تۇتقۇڭ كېلىدۇ،
كۆزلىرىڭگە سۈرتكۈڭ كېلىدۇ،
دەرتلىرىڭنى تۆككۈڭ كېلىدۇ،
سەۋەبىنى ئويلىماي تۇرۇپ. شېئىردا ئىپادىلەنگەندەك شۇنداق بىر خىل ھېس -تۇيغۇ كۆز ئالدىمغا كەلدى......
شېئىر ھېسياتىلق چىقىپتۇ....... قالىمىڭز نىمانداق بەلەن .يالغۇزلۇق ،ئادەمسىراش ،دوستسىراش ،يەنە ئۈمۈتلىنىش ،بەلەنكەن . ئاخىرقى كوبلىتتىكى مىسرالار بەك يىرىك چىقىپ قالغاندەك... ئەمما ئومۇمەن بەك بەلەن يېزىپسىز. ياخشى يىزىپسىز مۇڭ
بەت:
[1]