arzu415 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 21:32:55

خاتىرەكومپىيۇتېر بۇزۇلۇپ قېلىشتىن ياردەم سورايمەن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى:
  ئوغلۇم ئىككى كۈن ئىلگىرى خاتىرە كومپىيۇترېرىمغا مىۋە سۈيى تۈكىۋىتىپتىكەن. شۇ كۈنى توكتىن چىىقىرۋىتىپ ، ئىچىنىمۇ ئاچماي شۇ پېتىلا قۇيۇپ قويغان ئىدىم، بۈگۈن بۇزۇلۇپ قالغانمىدۇ ياكى سۈيى قۇرىغان بولسا ئېچىلىىپ قالارمىكىن دەپ ئاچسام ، پەقەتلا ئېچىلمىدى.مەسلىھەت سورايدىغىنىم :
كومپىيۇتېر بۇزۇلۇپ قالغان بولسا ئۇنى رېمۇنىت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بۇلامدۇ ياكى پەقەتلا تۈزلەنمەسمۇ؟ قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ھازىرقى شارائىتىمدا رېمۇنىتخانىغا ئاپىىرالمايمەن.ئاپارساممۇ كىيىنرەك ئاپىرالايمەن ھەم مەن تۇرىۋاتقان يەرنىڭ رىمۇنىتچىلىرى يۇرتنىڭكىدەك ئۇستا ئەمەس،ئەگەر تۈزلەنمىسەئەرزانلا  سېتىۋىتىشىم كىرەك ياكى يۇرتقا ماڭدۇرۋىتىپ تۈزلىتىشىم كىرەك.ماڭا مەسلىھەت بەرسەڭلار.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 22:36:30

رىمۇنۇتچى تۈزەيدۇ خاتىرجەم بوسىلا

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 06:10:03

قوزغىلالمىغان بولسا ،سۇ تۆكۈلگەنلىكتىن ،ئاساسى تاختىدا قىسقا تۇتۇشۇش يۈز بېرىپ ،كۆيگەن بولىشى مۈمكىن. كومپىيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتالى بىلەن بىۋاستە ھەپىلىشەلەيدىغان رىمونتچىغا ئاپىرىڭ .بولمىسا ، ئادەتتىكى رىمونتچىمۇ شۇنداقلارغا ئاپىرىپ ئوڭشىتىپ ، ئەسلى ئوڭشىلىش ھەققىگە پۇل قوشۇپ ، تۆلەيدىغان باھايىڭىزنى ئۆرلىتىۋىتىشى مۈمكىن.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 07:56:01

ئەستا ما ئىشنى ، ساقلاپ قۇيۇڭ كىيىن ئوڭشىتىڭ ئەمىسە ، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئېچىلماسلىقى سىزگە پايدا ئېلىپ كىلىشىمۇ مۇمكىن

axpazman يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 09:36:11

ئۈستىدىكى تورداش توغرائېيتىدۇ،مېنىڭ بىركىچىك خاتىرەكومپىيۇتېرىم بۇزۇلۇپ قېلىپ ئۈرۈمچى قىزىل بايراق كومپىيۇتېرشەھەرچىىسىدەبىرئۇيغۇررىمونىتچى بالىنىڭ قېشىغائاپارسام ھازىرقولۇم سەل ئالدىراش سەل تۇرۇپ كۆرۈپ چاتقېنى تېپىپ ئوڭشاپ بېرەي ئالدىراش ئىشىڭىزبولساتېلىفۇن نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇپ ئىشىڭىزنى قىلىۋەرسىڭىزبولىدۇدىسەياغدەك خوش يېقىپ ئەمىسەئاۋۋال چاتىقىنى تېپىپ تېلفۇن قىلىڭ،بەك قىممەت بولسائوڭشاتمەيمەن،مېنىڭ بۇكومپىيۇتېرىمنىڭ ئۆزىمۇھىچقانچەپۇلغايارىمايدۇدىسم ماقۇل دەپ قالدى.كەچلىكى تېلىفۇن قىلسام ئەتىگەندەئۇچۇرىن ىبېرەي دىدى،ئەتىسى ئەتىگەندەتېلىفۇن قىلسام ئوڭشاپ قويدۇم 300كوي بەرسىڭىزبولىدۇدەيدۇ،قېشىغابېرىپ بەك قىممەت بولسائوڭشىماسلىقنى سىزگەدىگەن مەن،بۇپۇلنى مەن بېرەلمەيمەن دىسەم ئامال يوق ئوڭشاپ بولدۇم دەپ قاراپ تۇرىدۇئەمىسەمەن كۆرۈپ باقاي دىسەم باشقادۇكاندائېدى ئەكەلدۈرۈپ بېرەي دەيدۇ،باشقىلارغائوڭشىتىپ ئارىدىن نەپ ئالماقچى بولغانلىقى چىقىپلاتۇرىدۇ،ئۇنى دىيىشىپ بۇنى دىيىشىپ ئازراق ئۇرۇشۇپمۇقالدۇق.ئاخىرى ئۇدۇكاننىڭ ئورنىنى بىلىۋىلىپ بارسام بىرخەن يولداش ئوڭشاپ تەييارقىپ قويۇپتۇئۇ200كوي دەيدۇ،ئەھۋالنى ئېيتىپ مەن بۇپۇلغائوڭشاتمايتىم،ماڭا300نى بەكومپىيۇتېرساڭاقالسۇن دىسەم،مەن نىمەقىلىمەن بۇبىرنىمەڭنى دەيدۇ،ئۇنداق بولسائەسلى بۇزۇق ھالىتىگەقايتۇرۇپ بە،ئوڭشاتمايمەن دىسەم ئەمىسەنەچچەپۇل بېرىسەدەيدۇ50كويلابېرىمەن،بۇنىڭدىن بىرفۇڭ ئارتۇق دىسەڭ سالغان سايمېىنىڭنى ئېلىۋىلىپ ئەسلى ھالىتىگەقايتۇرۇپ بەدىسەم ئەمىسە150نى بەدەيدۇمەن گەپنى ئوچۇق دەپ قويدۇم دىسەم غۇدۇراپ يۈرۈپ يەنەئازراق چۈشتى،ئۇنىڭغىمۇئۇنىماي گېپىمدەچىڭ تۇرسام ئاخرى60كويغائۇنىدى،سىزمۇمۇشۇنداق ئىشقايولۇقۇپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ.

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 10:39:08

ھۇنەرگە ئۇستا  يەرگە ئاپىرىپ  ئوڭشىتىڭ

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 11:28:01

مېنىڭچە كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئاساسى تاختىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭ كومپيۇتېرىمغىمۇ ئۆتكەندە كولا تۆكۈلۈپ كېتىپ شۇنداق بولۇپ قالغان. كومپيۇتېر ئىشلەپچىقارغان شىركەتكە تېلىفۇن قىلسام، تۇرۇشلۇق جايدىكى مۇلازىمەت ئورنىمىزغا ئاپارغىن دەيدۇ. سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، يۇرتىمىزدا ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت ئورنى يوقلۇقىنى بىلدىم. ئۇلار ئاخىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جوڭشەن يولىدىكى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئادرېسى ۋە تېلىفۇن نومۇرىنى تەمىنلەپ بەردى. تېلىفۇن قىلدىم، بولغان ئەھۋالنى بىر قۇر دەپ بەردىم. ئۇلار ئاڭلاپلا ئاساسى تاختا كۆيگەن ئوخشايدۇ،  ئېلىپ كەل كۆرۈپ باقايلى، ئەگەر ئاساسى تاختا ئالماشتۇرساق 1200 كوي، ئەسلى ئاساسى تاختىنى رېمۇنت قىلىش ئىمكانىيتى بولسا نەچچە يۈزگە ئوڭشىلىدۇ دېدى.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 17:12:36

altunchi يوللىغان ۋاقتى  2014-9-2 13:28 static/image/common/back.gif
مېنىڭچە كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئاساسى تاختىسىدا مەسىلە كۆر ...

سۇ تۆكۆلۈپ كەتتى دەپ يۈمىسىمۇ، كومپىيۇتىردىن چاتاق چىقتى دىسە، 3 يىل ئىچىدە ھەر قانداق بىر ئەسۋابلىرىنى پۈتۈنلەي ھەقسىز رىمۇنىت قىلىپ بىرىدۇ.
بەت: [1]
: خاتىرەكومپىيۇتېر بۇزۇلۇپ قېلىشتىن ياردەم سورايمەن