«قۇتادغۇبىلىك»تىن
- سىرىڭنى ساقلا چىڭ دىمە ھېچقاچان ،دىسەڭ گر چىكەرسەن يىللار پۇشايمان .
قىزىل تىل قارا باشقا دۇشمەن يامان ،
ئۇنىڭدىن ھەزەرقىل ياشارسەن ئامان .
……
قايەردە يۇرسەڭ يۇر ،لىكىن ياخشى بول،
نەسەپكە ئەمەس ،بۆل ياخشىغا كۇڭۇل.
…………
سىنىڭدىن بۇرۇن مىڭ ئۆلگۇچىلەر ،
«ماڭا باق،ماڭا»دەپ ساڭا پەند بىرەر .
يۇرۇپ غەپلەت ئىچرە ئاۋۇندۇم تولا،
ئۆلۇم تۇتتى كەتتىم ،ساڭىمۇ كىلەر .
……………
كىشى سۆز ۋە تىلدا بىرەركەن ئازار ،
سۆڭەك ئاغىرتىپ دىلغا بىر ئوت ياقار.
ئۇرۇلغان تاياقنىڭ يارىسى پۇتەر ،
بۇتىل سۆكسە پۇتمەس ، يارىسى تۇرار.
………………
نىمە بار جاھاندا ئاڭا ھىلە يوق ،
نىمە ھىلە باردۇر ،ئاڭا چارە يوق .
پۇتۇن ئىشقا ھىلە ،ئۇسۇل،چارەبار ،
مەگەربۇ ئۇلۇمكىم ئاڭا چارە يوق .
…………
بىلىم قىممىتىنى بىلىملىك بىلۇر ،
ئەقىلنى قەدىرلەش بىلىمدىن كىلۇر.
نىچۇك تەلۋە بىلگەي بىلىم قەدرىنى؟
بىلىم نەدە بولسا بىلىملىك ئالۇر.
……………
تۇغۇلسا ساڭا ئاي كەبى قىز- ئۇغۇل ،
ئاڭا تەربىچى سەن ئۇزۇڭلا بول.
ئېرىغ ياخشىنى ئال ئىنىگە قىلىپ،
ئوغۇل-قىز ئۇسەر پاك ۋە ساغلام بۇلۇپ.
ئوغۇل -قىزغا ئۆگەت بىلىم ھەم ئەدەپ،
بىرۇر بۇ ئاڭا ئىككى دۇنيا نەپ.
……………
قۇشۇلما پىتنىخورغا ،بارما يېقىن ،
ئۇنىڭكىم، تىلىدىن چىقار ئوت-چېقىن .
جاھان پىتنىسىنى تىرەر پىتنىچى ،
ئۇنىڭ بېشىنى كەس ،ئايا مەرد سېخى.
…………
كىشى ئەسلىگە ئىش ھەركىتى گۇۋاھ ،
ئىش ھەركىتى نە بولسا ،ئەسلى شۇ بولا.
كىم ئۇ ئەسلى ياخشى ئىش -ھەركىتى ئۇز ؟،
ياماننىڭ ئەسلىگە ئىش ھەركىتى گۇۋاھ.
…………
تولا كۆردۇم ياخشى ئاتالغان كىشىنى ،
قوشۇلغاچ يامانغا بۇزۇلدى ئىشى .
يامان ئىش تۇپەيلى تولا ياخشى ئەر،
قېلىپ تۆھمەتكە كۆپ، يۇزىن كەتكۇزەر.
تەشەككۈرسىزگە! بولىۋەسە ئىتقا، كور، باش ئارسلان،
بولۇر ئىتلار ھەممە ئارسلانسىمان.
ئەگەر بولسا ئىت ئۇ ئارسلانغا باش،
بولۇر ئارسلانلار ھەم ئىتتەك ھامان. مەنمۇ مۇشۇ ئارسىلان دىگەن شىئىرغا بەك ئامراق مۇشۇنداق قىلىشنى مەنمۇ ئويلاپ يۈرەتىم ،لىكىن ،سىلى چاققان كەپلا مانا .رەھمەت. بۇ شاھانە ئەسەرنىڭ مەنىۋى ئوزۇقلىرىدىن بىزنى داۋاملىق تەمىنلەپ تۇرارسىز! بۇلارنى ئىلگىرى بىر خاتىرەمگە كۇچۇرۇپ قويغان شۇنىڭدىن تاللاپ مۇنبەرگە يازدىم . قالتىس
بەت:
[1]