سانلىق مەلۇماتنى ئەسلىگە قايتۇرۇشقا قارشى يېشىل دېتال
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdukerim11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-1 12:35يەنى بۇ دېتال ئارقىلىق كومپىيۇتېر قاتتىق دىسكىسىنى بىتەرەپ قىلسىڭىز ھەرقانداق ئۇسۇلدا ئۆچۈرۈلگەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە قايتۇرغىلى بولمايدۇ. بۇ دېتالنى ئۆزۈم ئىشلىتىپ سىناب باققان، 超级硬盘数据恢复 مۇشۇمۇ ھېچنېمە تاپالمىغان. بۇ دېتال قاتتىق دىسكىدىكى نورمال ھۆججەتلەرنى ھېچقانداق زىيانغا ئۇچراتمايدۇ. پەقەت ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنى بىتەرەپ قىلىدۇ. 130 گىگابايت چوڭلۇقتىكى قاتتى دىسكىنى بىر ئىككى سائەت ئىچىدە بىتەرەپ قىلىپ بولالايدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئاددىي بىتەرەپ قىلىدىغان دىسكىنى تاللاپلا ئىجرا قىلىۋەتسە بولىدۇ.
چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.pc6.com/softview/SoftView_57577.html
مۇشۇ دېتالنىڭ ئورگان تورى: http://zhs.moo0.com/?top=http://zhs.moo0.com/software/AntiRecovery/ قاتتىق دىسكا تازلايدىغان ھەرقانداق يۇمشاق دىتالغا گۇمانىم بار.
قاتتىق دىسكىنى قاتتىق قۇرال بىلەن مەسىلەن《 بولقا》 دىگەندەك نەرسىلەربىلەن تازلىغان ياخشى. Apple يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 16:11 static/image/common/back.gif
قاتتىق دىسكا تازلايدىغان ھەرقانداق يۇمشاق دىتالغا گۇم ...
قاتتىق دىسكىنىڭ ماگىنىتلىق خۇسۇسىيتى بار، شۇڭا قاتتىق دىسكىدىكى ھەر قانداق بىر ئۇچۇرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن، قاتتىق دىسكىنى كۆمۆر قالاۋاتقان مەش ئىچىدىكى قىززىق چوغ بىلەن قىزىتىپ بىر تەرەپ قىلىش كىرەك.
بۇنداق قىلغاندا قاتتىق دىسكىنىڭ ھەر قانداق بىر يەرلىرىدىكى ئۇچۇرلارمۇ يوقاپ كىتىدۇ. ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. بۇمۇبىر دېتالكەندە . تېخى تۆنۈگۈنلا بىر خىزمەتداش ئاكىمىز مىنى ئىزدەپ كېلىپ ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزى دائىم تورغا چىقىدىغان كومپىيۇتېرىنى پاك پاكىز قىلىپ بېرىشىمنى ئۆتۈنگەنىدى ، ئاكىمىز تورغا چىققان كومپىيۇتېردىن سەل ئەنسىرەپ قاپتۇ ، گەرچە قىزى قانۇنسىز بەتلەرنى كۆرمىگەن بولسىمۇ بەزى نەرسىلەر مەجبۇرى چۈشۈپ قالسا بۇ ۋەزىيەتتە چۈشەندۈرۈپ بولالماي چاتاق چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن مەن ئازراق زىيانغا چىداپ خاتىرجەم بولۇشنى ئويلىسىلا ئالدى بىلەن بازغاندا ئېزىش ئاندىن سەككىز قۇرى ئوچىقىدا كۆيدۈرۈش ئۇسۇلىنى ئىشلەتسىلە دىسەم ‹‹ ۋاي شۇنداق قىلىلى ئۇكام ›› دەپ بىردەمدىلا ئىككى ئاساسى ئاپاراتنى ئەپچىقىپتۇ . قاتتىق دىسكىنى چىقىرىپ تۇتقۇزۇپ قويدۇم . لېكىن بۇ ئىككى يىپيىڭى 500 گىگابايتلىق sata دىسكىغا ئېچىنىشىمنى يۇشۇرالمىدىم ، ئۇلار زادى نىمە گۇنا قىلغىنىغا بۇ كۈنگە قالدى زادى ....{:90:} مەھەللىدىكى ئەخلەت تۇڭلىرىدا كۈنلۈكى ئۇرۇپ چېقىۋېتىلگەن يېپيېڭى دېسكا پارچىلىرىنى كۆرۆپ قالىمەن. قاتتىق دىسكىنىڭ ئىچىنى ئاچىدىغان بولساق، ئايھاي، ئالامەت ئۇز بىر تەخسە چىقىدۇكى، ئۇچار تەخسىمۇ ئۇندىن گۈزەل ئەمەس، بىر سائەت قاراپ تۇرسىمۇ زىرىكمىگۈدەك. ئىچىنى ئېچىپ قويۇپ، كومپۇتېرغا چېتىپ، چۆگىلىتىپ بىر قېتىم كۆرۈپ باقمىغانلار ئارماندا :lol:lol:lol
لىكىن ئاۋۇ دىتالنى چۈشۈرگىلى بولمىدى. udun0903 يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 16:20 static/image/common/back.gif
قاتتىق دىسكىنىڭ ئىچىنى ئاچىدىغان بولساق، ئايھاي، ئالا ...
http://dd2.pc6.com/xc1/AntiRecovery.zip مەن بۇ دېتالنى ئىشلىتىپ بېقىپ، ئۈنۈمىنى كۆرگەندىن كېيىن يوللىدىم بۇ يەرگە. كومپىيۇتېر ئۇستىلىرى خېلى بارغۇ بۇ ئىزدىنىشتا، بولسا شۇلار ئىشلىتىپ بېقىپ بىر نەرسە دەپ باققان بولسا ياخشى بولاتتى. مەن بۇگۇن دەل مۇشۇ دىتالنى ئىزدەپ يۇرگەن . دەل ۋاختىدا يوللۇنۇپتۇ بۇ تىما .
تىما ئىگىسىگە تەشەككۇر قاتتىق دېسكىنى تۆۋەن دەرجىدە فورماتلىسىمۇ بولمامدۇ 低级格式化 دەمدۇق يۇقىرى تىمپۇراتۇرادا ماگنىتلىق خۇسۇسىيەت يوقامدۇ؟ aqturk يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 19:29 static/image/common/back.gif
يۇقىرى تىمپۇراتۇرادا ماگنىتلىق خۇسۇسىيەت يوقامدۇ؟
يوقايدۇ nurdiyar يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 19:20 static/image/common/back.gif
قاتتىق دېسكىنى تۆۋەن دەرجىدە فورماتلىسىمۇ بولمامدۇ 低级 ...
بولىدۇ، لېكىن ۋاقىت بەك كۆپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دىسكىدىكى ھەممە نەرسە يوقايدۇ. بەزىلىرىڭلار بەك قورقۇپ كېتىپسىلە alip يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 20:28 static/image/common/back.gif
بەزىلىرىڭلار بەك قورقۇپ كېتىپسىلە
بەزىلەر ئەمەس ئالۋاستىمۇ قورقۇيدىغان تۇرسا بىزنىڭ دولەتتىن بىزمۇ قورقۇپ «تەقۋادار » بولمىساق قانداق بولىدۇ . يانفۇن تورىنىڭ مۇنبىردىمۇ شۇ بىر مۇنبەردە ھەر قانداق يۈتكەن ئۇچۇرنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ دەپ بىر بىر دىتالنى قاتتىق ماختاپ كىتىپتىكەن ، مۇشۇنداق دەھشەت ئۈچۈرگۈچى دىتالدا ئۈچۈرۈپ ئاشۇنداق ۋەھشى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى دىتالدا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ باقسا قايسنىڭ نوچىلىقىنى بىلگىلى بۇلاتتى .
بەت:
[1]
2