esir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 09:58:45

سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەجرىبەم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   esir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-1 10:10  


سالام ئىزدىنىش ئەھلى، 1 ت ب سىغىمدا توشىبا ماركىلىق قاتتىق دېسكا بار ئىدى، بىرلا رايون، ئىچىدە كىنو فىلىم ۋە باشقىلار  بولۇپ 750 گ ب ئەتراپىدا ھۆججەت بار ئىدى. ياندېسكىدىن قوزغىلىدىغان ۋىن پى ئې دېگەن سىستېمىنى قاچىلاش ئۈچۈن 1 گ ب كېلىدىغان بىر تارماق رايون ئاجراتتىم ۋە ئاكتىپلىدىم. UQD دېگەن يۇمشاق دېتالدا قوزغىلىدىغان دېسكا ياساش بۇيرۇقى بەرسەم بىر ئازدىن كېيىن خاتالىق ئۇچۇرى چىقىپ ئاخىرلاشتى ۋە ئەسلىدىكى رايون جەدۋىلى يوقاپ، بىرلا قۇرۇق رايونغا ئايلىنىپ قالدى. بۇرۇن مۇشۇ مەشغۇلاتنىڭ ئۆزىنى Win7 قاچىلانغان كومپيۇتېردا ئوڭۇشلۇق قىلغان ئىدىم، بۇ قېتىم Win8.1 قاچىلانغان قول كومپيۇتېرىمدا قىلغان. ھازىر بۇ ياندېسكىنىڭ رايون جەدۋىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ئۇسۇللارنى سىناپ باقماقچى، بىخەتەرلىك ئۈچۈن ياندېسكىغا ھازىرغىچە ھېچقانداق يېزىش مەشغۇلاتى قىلمىدىم.
ئەمدى كومپيۇتېر ئۇستىلىرىدىن سورايدىغىنىم، قايسى يۇمشاق دېتالدا ياكى قايسى ئۇسۇلدا 750 گ ب كېلىدىغان ھۆججەتلىرىمنى ئوڭاي ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالالايمەن؟ ئىزدىنىشتا بۇ خىلدىكى ئەھۋالغا يولۇقۇپ باققانلار تەجرىبە سۆزلىسە، مەنمۇ تىرىشىپ قىلغانلىرىمنى بايان ئەيلىسەم، بىلمىگەنلەر بىلىۋالسا دېگەن ئۈمىدتە بۇ تېمىنى يوللىدىم.
ھازىر ptdd دېگەن دېتالدا رايون جەدۋىلىنى ئىزدەتكۈزىۋاتىمەن.



يۇقىرىدىكى مەزمۇن- بىر ھەپتە ئىلگىرى يوللىغان، تا ھازىرغىچە تەستىق كۈتۈپ، ئىزا تارتىپ ئۆچۈرۈلۈشنى ئارزۇ قىلسىمۇ مۇرادىغا يېتەلمىگەن تېمام ئىدى.
بۈگۈن شۇ قاتتىق دېسكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋامىدىكى تەجرىبىلىرىمنى  مۇشۇنداق تەجرىبىلەرگە ئېھتىياجى بارلارغا مەنپەئەتى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، تولۇقلاپ قايتا يوللىدىم.


كومپيۇتېر دېگەن نەرسىنى يېڭى كۆرگەن زامانلاردا ئىشتىياق تۈپەيلىدىن كېچىسى ئۇيقۇ، كۈندۈزى تاماققا ۋاقىت يەتمەي دېگەندەك بىر مەھەل مەستانە چاغلىرىم بولغان.  ئېسىمدە، ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا 15 كۈندە بىر كېلىدىغان ئۆيدە بىر كېچە قونىدىغان پۇرسەتتىن ۋاز كېچىپ، كومپيۇتېرخانىدا قونۇپ قېلىپ، بىر كېچىدە ئۈچ قېتىم توك كېلىپ- كەتسە، ئۇيقۇمدىن ئۈچ قېتىم ئويغىنىپ كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرىدىغان ۋاقىتلار.. كېيىنلەرچە يېزىمىزدا كومپيۇتېر ئومۇملىشىشقا ئەگىشىپ باشقىلارنىڭ «بۇزۇلغان» كومپيۇتېرلىرىنى سىستېما قاچىلاپ- تازىلاپ دېگەندەك ھەقسىز ئوڭشاپ بېرىپ بىر ئاز نامىم چىقىپ قالدى:lol  شۇ چاغلاردىن بېرى يۈتكەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھەر خىل كاشىلا كۆرۈلگەن قاتتىق دېسكىلارنى ئوڭشاش دېگەندەك ئىشلاردا خېلى «پىشىپ» قالغانىدىم، ھەم بۇنىڭغا قىزىقاتتىم.
گەرچە نەچچە ئون مېگادىن نەچچە ئون گ ب غىچە سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەجرىبەم پۇختا بولسىمۇ، بۇ قېتىم يۈتكەن 750 گ ب دىن سەل ئارتۇق كېلىدىغان ھۆججەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە سەل قىينالدىم. ئۆچۈرۈلگەن، يۈتكەن، فورماتلانغان ھۆججەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان finaldata، easy recovery دېگەندەك دېتاللار بۇنىڭدا جانغا ئەسقاتمايتتى، چۈنكى، ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ دېگەندىمۇ 1 ت ب سىغىمدىكى دېسكىدىن ئىزدەپ تاپقان ھۆججەت پارچىلىرىدىن لازىملىقلىرىنى تاللاپ تېرىپ ئېلىشنىڭ ئۆزى ئۆزىنى ساراڭ قىلغانلىق ئىدى. شۇڭا ئەڭ ئاۋۋال بۇ قاتتىق دېسكىنىڭ يۈتكەن رايون جەدۋىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلىدىم.

1. تەييارلىق: win8.1 قاچىلانغان قول كومپيۇتېرىم، سانلىق مەلۇماتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر بىر مۇنچە ھەقسىز يۇمشاق دېتاللارنى توردىن چۈشۈرۈۋالدىم، بۇ يۇمشاق دېتاللار تۆۋەندە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
2. disk genius دېتالىدا رايون جەدۋىلىنى تەكشۈرتتۈم. 931 gb لىق بىرلا قۇرۇق رايون. بۇنىڭ رايون جەدۋىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئىزدەتكۈزسەم 20 مىنۇتلار ئىزدىگەندىن كېيىن خاتالىق ئۇچۇرى چىقىپ ئاخىرلىشىپ كەتتى.

3. PTTD دېتالىدا رايون جەدۋىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرسەم، 45 مىنۇت ئەتراپىدا ئىزدىگەندىن كېيىن ئوڭۇشلۇق ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىك ئەسكەرتمىسى چىقتى، قارىسام تۆت رايونغا بۆلۈپ قويۇپتۇ، ھەممە كاشال مۇشۇنىڭدىن چىقتى. ئەمدى رايون جەدۋىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئۈمىد ئۈزدۈم. لېكىن يوقىغان ھۆججەتلەرنى ماگنىت يولى بويىچە ئىزدەپ تىزىپ بېرىدىغان دېتاللاردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئۈمىدىم چوڭ ئەمەس، چۈنكى بايا دېگەندەك، مېنىڭ ساراڭ بولغۇم يوق.

4. ئەلۋەتتە ئامالسىز قالغاندا قىلىدىغان ياخشى چارە- تورغا چىقىپ تەقدىرداشلارنى ئىزدىدىم. ئاساسەن مەن قىلىپ كۆرگەن مەشغۇلاتلار...

5. خىيالىمغا تۇيۇقسىز ھەقلىق دېتاللار كەلدى. چۈشەنچەمدە ھەقلىق دېتاللار ھەقسىز دېتاللارغا قارىغاندا كۆپ ئىقتىدارلىق ۋە ئىشەنچلىك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن توردىن يەنە ماتېرىيال كۆرۈپ، يۈتكەن رايون جەدۋىلىنى،  ھۆججەت تەقسىملەش جەدۋىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمەن دەپ ماختانغان 超级硬盘数据恢复 دېگەن يۇمشاق دېتالنى 89 يۈەنگە سېتىۋالدىم. بۇ يۇمشاق دېتال تەخمىنەن بىر يېرىم سائەت ئىزدىگەندىن كېيىن، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدىغان رايون جەدۋەللىرىنى چىقىرىپ بەردى، ئاساسەن، قاتتىق دېسكامنىڭ تارىخىدا يۈز بەرگەن ھەر بىر قېتىملىق رايونغا بۆلۈش مەشغۇلاتىنى كۆرگىلى بولدى. ھەتتا دېسكا ناملىرىمۇ كۆرۈندى. ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان رايون جەدۋىلىنى تاللاپ ئېچىش بۇيرۇقى بېرىۋېدىم... قارىسام قاتتىق دېسكا ساپمۇ ساق! ھۆججەتلىرىم بىر بىرلەپ كۆرۈندى. لېكىن بۇ ھۆججەتلەرنى بۇ قاتتىق دېسكىنىڭ ئۆزىگە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولمايتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن 500gb لىق ئىككى دانە ياندېسكا تەييارلىۋالدىم.
تەخمىنەن 15-16 سائەت ۋاقىت كەتتى، يۈتكەن سانلىق مەلۇماتلىرىم %95 ئەسلىگە كەلدى، قالغان %5 ى مەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالىمىغان مەزمۇنلار.

*****
ئەمدى ئازراق نەزەرىيە سۆزلەپ بېرەي:
كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېسكىسى (ياندېسكا، بارماقدېسكىلارمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ) رايون جەدۋىلى، ھۆججەت تەقسىملەش جەدۋىلى قاتارلىق قۇرۇلمىلار (يېتەكچى سانلىق مەلۇماتلار) ئارقىلىق ئۇچۇرنى ماگىنىت يوللىرىغا تەقسىملەپ يېزىپ ساقلايدۇ. ئادەتتە كومپيۇتېرنىڭ باش ئاپپارات ساندۇقى ئىچىدە بىرلا قاتتىق دېسكا بولسىمۇ، «كومپيۇتېرىم» كۆزنىكىدە بىر قانچە قاتتىق دېسكا بەلگىسى بولىدۇ، مانا بۇ دەل رايون جەدۋىلىدۇر. بۇ خۇددى قېلىن بىر كىتابقا باب مۇندەرىجىسى تۇرغۇزۇپ، بىر نەچچە بابقا بۆلۈپ قويغانغا ئوخشايدۇ.
ھۆججەت تەقسىملەش جەدۋىلى (قىسقىچە ھۆججەت سىستېمىسى، FAT32، NTFS دېگەنلەر شۇ) بابلار مۇندەرىجىسى ئىچىدىكى كىچىك تارماق مۇندەرىجىلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ. بىز قاتتىق دېسكىغا ھۆججەتنى ساقلىساق، بۇ مۇندەرىجە بىزنىڭ ھۆججىتىمىزنىڭ نامى، تىپى، خاسلىقى، ساقلانغان ماگىنىت يولى- سېكتور ئۇچۇرلىرى نى يېزىپ قويىدۇ. كېيىن بۇ ھۆججەتنى ئاچساق، ئاۋۋال مۇندەرىجىدىن بۇ ھۆججەتنى ئىزدەپ تاپقاندىن كېيىن، بۇ يەردىكى ئۇچۇرلار بويىچە ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىنى قاتتىق دېسكىدىن تېپىپ ئاچىدۇ. ئەگەر ھۆججەتنى ئۆچۈرسەك، بۇ ھۆججەتنىڭ مۇندەرىجىدىكى ئۇچۇرى ئۆچۈرۈلىدۇ ھەمدە ھۆججەت سىستېمىسى بۇ ھۆججەت ئەسلى ساقلانغان ماگىنت يولى- سېكتورلارنى «قۇرۇق، ھۆججەت يوق» دەپ ئەن سېلىپ قويىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئورۇنغا يېڭى بىر ھۆججەت يېزىلغۇچە، ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتى قىلغان ھۆججەتنىڭ مەزمۇنى بۇ ماگىنت يولىدا ساقلىنىپ تۇرىدۇ. ھۆججەت پەقەت ھۆججەت سىستېمىسىدىن ئۆچۈرۈلۈپ، ماگىنىت يولىدىن ئۆچۈرۈلمەيدۇ. ھۆججەت ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان دېتاللار مۇندەرىجىنى قايرىپ قويۇپ، قاتتىق دېسكىنى بىرمۇ بىر ماگىنىت يولى بويىچە ئىزدەپ، ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. ئەگەردە ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەت ساقلانغان ماگىنىت يولىغا يېڭى ئۇچۇرلار يېزىلىپ كەتسە، بۇ يەردىكى ئەسلىدىكى مەزمۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. ھۆججەت سىستېمىسىمۇ قىزىق، يېڭى ھۆججەتنى ساقلىساق، قۇرۇق سىغىمغا بىر باشتىن يازماي، ئۇدۇل كەلگەن يەرگە قىستۇرۇلۇش شەكلىدە يېزىلىدۇ، شۇڭا، چوڭراق ھۆججەتلەر بىر قانچە ئورۇنغا پارچە ھالەتتە ساقلىنىشى مۇمكىن. بىز بۇ ھۆججەتنى زىيارەت قىلماقچى بولغاندا، ھۆججەت سىستېمىسى بۇ ھۆججەتنىڭ ساقلانغان ئۇچۇرلىرىنى تېز سۈرئەتتە چىقىرىپ بېرىدۇ ۋە قاتتىق دېسكىنىڭ مۇناسىپ ئورنىدىن ھۆججەت پارچىلىرىنى تېرىپ پۈتۈنلەپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

يۇقىرىقىلارنىڭ خۇلاسىسى: سانلىق مەلۇمات يوقاپ كەتكەندىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولساق، بۇ ساقلىغۇچقا يېزىش مەشغۇلاتى قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. بولمىسا سانلىق مەلۇماتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتى تۆۋەنلەيدۇ.
كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرىدىغان ھەر ئادەم بۇنداق مەسىلىلەرگە ئۇچراپ قالىدۇ، لېكىن، سانلىق مەلۇماتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئادەتتە كومپيۇتېرنىڭ ساقلاش ئۈسكۈنىلىرىنى چۈشىنىدىغان، رايون جەدۋىلى، ھۆججەت تەقسىملەش جەدۋىلى ۋە باشقا ئاساسىي ئۇقۇملارغا پىششىق، مەشغۇلاتقا پۇختا بولغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭلا بېشىغا كېلىدۇ، شۇڭا بۇنىڭغا پىششىق بولمىغانلارنىڭ سىناپ بېقىشى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. ئەگەر بەك مۇھىم ھۆججەتلەر يۈتۈپ كەتسە ئارتۇق مەشغۇلات قىلماي كەسپىي خادىملارنى ئىزدەش كېرەك. چۈنكى قانچە كۆپ مەشغۇلات قىلىنسا كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتى شۇنچە تۆۋەنلەپ بارىدۇ.

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 11:14:26

مۇشۇنىڭ ئەكسى يۆنىلىشتە قانداق قىلغاندا قاتتىق دېسكىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەس قىلىش ياكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتىنى تۆۋەنلىتىشنىمۇ سۆزلىۋەتكەن بولسىڭىز

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 11:21:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   esir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-1 11:28  

yigana523 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-1 11:14 static/image/common/back.gif
مۇشۇنىڭ ئەكسى يۆنىلىشتە قانداق قىلغاندا قاتتىق دېسكىد ...

ئەمەلىيەتتە، تېمىدا ئېيتىلغان ھۆججەت سىستېمىسىنىڭ ھۆججەتنى ساقلاش پرىنسىپى بويىچە تەھلىل قىلغاندا، ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتنىڭ ئورنىغا يېڭى مەزمۇن يېزىلىپ كەتسە، ئىلگىرىكى ھۆججەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس.
بىر ساقلىغۇچتىكى ياكى دېسكا رايونىدىكى مەزمۇننى مەڭگۈ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان قىلىشنىڭ ئۇسۇلى:
فورماتلايمىز، ئاندىن كىنو- فىلىم ياكى باشقا چوڭ ھۆججەتنى تەكرار كۆچۈرۈپ لىق توشقۇزۇۋېتىمىز، تاكى يەنە ئىشلىتىشكە بولىدىغان سىغىمى 0 گە يېقىنلاشقۇچە. ئاندىن يەنە بىر قېتىم فورماتلىۋەتسەك، ئىلگىرىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇتلەق مۇمكىن ئەمەس. 360 بىخەتەرلىك قاراۋۇلىنىڭ ھۆججەت يوقىتىدىغان بىر ئىقتىدارى بولىغان، بۇنىڭدىمۇ ھۆججەتنى ئۆچۈرگەندە ھۆججەت تەقسىملەش جەدۋىلىدىن ئۆچۈرۈپلا بولدى قىلماي ماگىنت يولىدىن ئىزدەپ ئۆچۈرىدۇ دەيدۇ، راستىنلا شۇنداق بولسا يوقاتقان ھۆججەتلەرنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، سىناپ باقماپتىمەن.
يەنە بىرگە، دىسكىنى تۆۋەن دەرىجىلىك فورماتلىۋەتسىمۇ (低格) بۇرۇنقى سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 12:05:10

قاتتىق دېسكىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى تېز سۈرئەتتە  ئەسلىگە كەلمەيدىغان قىلىپ ئۆرۋېتىدىغان دېتاللار بارمىدۇ، تۆۋەن دەرىجىدە فورماتلىسا ۋاقىت بەك جىق كېتىدىكەن

abdukerim11 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 12:15:54

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdukerim11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-1 12:30  

سانلىق مەلۇماتنى ئەسلىگە قايتۇرۇشقا قارشى يېشىل دېتال. يەنى بۇ دېتال ئارقىلىق كومپىيۇتېر قاتتىق دىسكىسىنى بىتەرەپ قىلسىڭىز ھەرقانداق ئۇسۇلدا ئۆچۈرۈلگەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە قايتۇرغىلى بولمايدۇ. بۇ دېتالنى ئۆزۈم ئىشلىتىپ سىناب باققان، 超级硬盘数据恢复 مۇشۇمۇ ھېچنېمە تاپالمىغان. بۇ دېتال قاتتىق دىسكىدىكى نورمال ھۆججەتلەرنى ھېچقانداق زىيانغا ئۇچراتمايدۇ. پەقەت ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنى بىتەرەپ قىلىدۇ. 130 گىگابايت چوڭلۇقتىكى قاتتى دىسكىنى بىر ئىككى سائەت ئىچىدە بىتەرەپ قىلىپ بولالايدۇ.
http://zhs.moo0.com/?top=http://zhs.moo0.com/software/AntiRecovery/

intilish يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 14:13:54

mushu usul arqiliq telfundiki yutkan nersilernimu qayturup ekel gili bulamdu ,yaki .uchurulgan

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 15:46:46

abdukerim11 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-1 12:15 static/image/common/back.gif
سانلىق مەلۇماتنى ئەسلىگە قايتۇرۇشقا قارشى يېشىل دېتال ...

بولسا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلنىمۇ سۆزلىۋەتكەن بولسىڭىز.

ezijan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 15:54:31

سىز 89 كوي خەجلەپسىز، جوڭگودا بۇ دېتالنىڭ بۇزۇۋېتىلگەن نەشىرى تولا. 破解版

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 15:59:18

abdukerim11 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-1 12:15 static/image/common/back.gif
سانلىق مەلۇماتنى ئەسلىگە قايتۇرۇشقا قارشى يېشىل دېتال ...

خاپا بوماي ئاشۇ دېتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسىنىلا بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن... رەھمەت

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 16:34:21

intilish يوللىغان ۋاقتى  2014-9-1 14:13 static/image/common/back.gif
mushu usul arqiliq telfundiki yutkan nersilernimu qayturup ekel gili bulamdu ,yaki .uchurulgan

يانفون ساقلىغۇچىسىغا باشقا يېزىش- ساقلاش مەشغۇلاتى قىلمىغان بولسىڭىز ئىشەنچلىك ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ، رەسىم تارتىپ باققان، كۆك چىش ئىشلىتىپ ھۆججەت قوبۇل قىلغان دېگەندەك ۋە باشقا يېزىش مەشغۇلاتى قىلغان بولسىڭىز، بەلكىم ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولۇشى مۇمكىن، تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇڭ.

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 16:37:02

ezijan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-1 15:54 static/image/common/back.gif
سىز 89 كوي خەجلەپسىز، جوڭگودا بۇ دېتالنىڭ بۇزۇۋېتىلگەن  ...

ئەسلى نۇسخا دېتال ئىشەنچلىك، پاكىز بولىدۇ، ھەم زۆرۈر تېپىلسا يۇمشاق دېتالنى ئىشلىگەن ئىگە تەرەپ شىركەت ھەقسىز ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، يېشىۋېتىلگەن نەشرى ئانچە مۇھىم بولمىغان ھۆججەتلەرگە نىسبەتەن بولۇۋەرسىمۇ، زۆرۈر ھۆججەتلەرگە نىسبەتەن چوقۇم ھەقلىق نۇسخىسىنى ئىشلىتىش ئاقىلانىلىك ھېسابلىنىدۇ.

intilish يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 19:49:41

esir يوللىغان ۋاقتى  2014-09-01 16:34:21 static/image/common/back.gif


يانفون ساقلىغۇچىسىغا باشقا يېزىش- ساقلاش مەشغۇلاتى ق
qayturghili bulsa qandaq tital ishlitip qayturimiz,eghur kurmay dep bersingiz buptukan .yiqinda telfuning hatirisige(notes)qe yazghan nersilerni uchurup quyup eslige qayturalmighantim uyerge yazghan nersiler bek muyumti shunga eghir kurmay yardem qilghan bulsingiz .

QoxYurak يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 09:37:17

سىز 超级硬盘数据恢复 بۇ دېتالنى سېتىۋالغان ئەسلى ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويغان .
بولسىڭىز...........

freebird يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 15:45:36

http://www.cjhf.net  مۇشۇ ئادىرىستىن چۈشۈرۈپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ .
بۇ دېتالنى مەنمۇ بىر قېتىم سېتىۋالغان ، جانغا ئەسقاتقان ئىدى . ئەپسۇس كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسى ياكى سېستىمىسى ئۆزگىرىپ كەتسىلا ئىشلىمەس بولۇپ قايتا سېتىۋىلىشقا توغرا كىلىدۇ .

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 19:50:08

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىر سوئالىم بارتى ، ئىنىمنىڭ كۆپ ۋاستىلىق كارتىسىدىكى مەزمۇنلارنى ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۆچۈرەلمىدۇق ، 格式化 بۇيرۇقىنى بەرسەكمۇ ئەجرا بولمىدى ، 360 مەجبۇرى يۇيساق يۇيۇلغان لىكىن كومپىيوتۇردىن سۇغرۇپ ئېلىپ قايتىدىن سانجىساق ھەممە مەزمۇن شۇ پېتى تۇرىدۇ .

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 08:59:21

aqturk يوللىغان ۋاقتى  2014-9-2 19:50 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىر سوئالىم بارتى ، ئىنىمنىڭ كۆپ ۋا ...

كارتا ۋىرۇسلىنىپتۇ، ئەڭ ئاددىي ئوڭشاش ئۇسۇلى:
ئوخشاش سىغىمدىكى ساق، پاكىز كارتىدىن بىرنى تەييارلايمىز، Ghost تىن پايدىلىنىپ زاپاسلىۋېلىپ، بۇ زاپاسلانغان gho ھۆججىتىنى بۇزۇلغان كارتىغا ئەسلىگە كەلتۈرىمىز.
بۇ ئۇسۇلدا ئوڭشالمىسا ساقلىغۇچ ئۆزىكىدە مەسىلە كۆرۈلگەن ئوخشايدۇ.

sada425 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 10:00:29

ئەسلى سىز tonpe دەيدىغان دىتالنى ئىشلىتىپ win pe نى قاچىلىسىڭىز بۇ ئاۋارچىلىقلارنى كۆرمەس ئىدىڭىز   .
بەت: [1]
: سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەجرىبەم