tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 08:24:11

تۇز ۋە ئۇنىڭ قىممىتى توغرىسىدا.

تۇز ئىنسانلار ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان مىنېرال ماددىلارنىڭ بىرى. ھازىر ئۇنىڭ مۇھىملىقى زامانىۋى سانائەتتىمۇ ئىپادىلەندى. شۇڭا تۇز بۈگۈنكى كۈندە نېفىت، كۆمۈر قاتارلىق بايلىقلار قاتارىدا سانائەتنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى قىلىنماقتا.

تۇزنى خىمىيە تىلى بويىچە ناترىي تۇزى، كالىي تۇزى، ماگنىي تۇزى، كالتسىي تۇزى... دەپ ئايرىشقا ھەم شۇ بويىچە ئاتاشقا بولىدۇ. گېئو - مېنىرائولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى رەڭگارەڭ مىنېراللارنىڭ بىرى.
تەبىئەت دۇنياسىدا تۇزنىڭ ھاسىل بولۇشىدا ئىككى مەنبە بار، بىرى كۆل، يەنە بىرى دېڭىز. شىنجاڭ كۆل تۇزى قېزىلما بايلىقى مول رايونلارنىڭ بىرى. بۇ بايلىقنىڭ ھاسىل بولۇشى شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭ يەر تۈزۈلۈشى جەھەتتە ئۈچ تاغ (ئالتاي تېغى، تەڭرىتېغى، قۇرۇم تېغى) ئىككى ئويمانلىقنى (جۇڭغار ئويمانلىقى، تارىم ئويمانلىقى) ئوراپ تۇرغان ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونى بولۇپ، ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق، كۈن ۋە تۈننىڭ تېمپېراتورا پەرقى زور، دېڭىزغا يىراق بولۇشتەك جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. شۇڭا بۇ ئىچكى قۇرۇقلۇققا تارقالغان كۆللەر كۆلگە قۇيۇلىدىغان دەريا سۈيى، بۇلاق سۈيى، يەر ئاستى - ئۈستى سۈيىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، ئېقىپ چىقىش ئېغىزى يوق. بۇ ئالاھىدىلىك كۆل تۇزىنىڭ ھاسىل بولۇشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىل. تاغ - دەريالاردىن ئېقىپ كېلىپ كۆللەرگە قۇيۇلىدىغان سۇ ئەتراپتىكى تاغ جىنىسلىرىدىكى ئېرىشچان تۇز ماددىلىرىنى ئېرىتىپ سۇ بىلەن بىللە كۆلگە قۇيۇلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن تۇز كۆپىيىدۇ، كىلىماتنىڭ قۇرغاقلىشىشىغا ئەگىشىپ كۆل سۈيىنىڭ كۆپ مىقداردا پارغا ئايلىنىشى نەتىجىسىدە، كۆل سۈيى تۇزلۇق سۇغا ئايلىنىدۇ، بۇ ھالەتنىڭ ئۇزاق داۋاملىشىشى بىلەن تۇزلۇق سۇ تەدرىجىي كىرىستاللىشىپ، تۇز قېزىلما بايلىقى ھاسىل بولىدۇ.
شىنجاڭنىڭ كۆل تۇزى قېزىلما بايلىقىدىن ئاساسەن كالىي تۇزى، ناترىيلىق سېلىترا، كالىيلىق سېلىترا، تاغ تۇزى، شور، تاش تۇزلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە كالىي تۇزى ئېلىمىز جىددىي ئېھتىياجلىق قېزىلما بايلىق بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايتتى، بۇنىڭ بىلەن ئېلىمىز چەت ئەلدىن كۆپلەپ كالىي تۇزى ئىمپورت قىلاتتى. بۇ ۋەزىيەتنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، دۆلەت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كالىي تۇز قېزىلما بايلىقى بويىچە گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش - چارلاش ئىشلىرىغا زور مەبلەغ سالدى ھەم لوپنۇر كۆلىنىڭ شىمالىدىكى ئويمانلىقتىن پەۋقۇلئاددە چوڭ تىپتىكى كالىي تۇز كانىنى بايقىدى. بۇ كاننىڭ بايقىلىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى، دۆلىتىمىزنىڭ كالىي تۇزنى ئىمپورت قىلىش بېسىمىنى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىپلا قالماي، بەلكى ئېلىمىزدە كالىي تۇزى جىددىي بولۇش ھالىتىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتتى.
كالىي تۇزى ئاساسەن كالىيلىق ئوغۇت ئىشلەش ۋە خىمىيە سانائىتىگە خام ئەشيا قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدۇ.
ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان تۇز ئاش تۇزىدۇر. ئاش تۇزى گېئو - مىنېرائولوگىيەدە تاش تۇز ۋە تاغ تۇزدىن ئىبارەت ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ، تاش تۇز بولسا 4-دەۋر(گېئولوگىيە دەۋر)دىن بۇيان ھاسىل بولغان تۇزلارنى كۆرسىتىدۇ، يەنى 2 مىليون يىلدىن بۇيان ھاسىل بولغان تۇزدۇر. تاغ تۇز 4-دەۋردىن ئاۋۋال، يەنى 2 مىليون يىلدىن بۇرۇن ھاسىل بولغان تۇزدۇر. بۇ ئىككى خىل تۇز پەقەت ناترىي تۇزى، شۇنداقلا خىلوردلار بىلەن چەكلىنىدۇ.
خىمىيە سانائىتىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تاش تۇزغا بولغان ئېھتىياج ئاشماقتا. ئۇ يەنە ناترىي ۋە خىلور گازى ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئەڭ ئەرزان ۋە ئەڭ مول مەنبە. ئۇنىڭدىن يەنە چىرىشتىن ساقلىغۇچى خۇرۇج، ھاشارات يوقىتىش دورىسى، گىرىم بۇيۇمى، بوياق، يېلىم، سۈنئىي تالا، دورا قاتارلىق خىمىيەلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىشتىمۇ پايدىلانغىلى بولىدۇ.
مەنبە:رىسالىلەر دىگەن كىتاپتىن

gepnoz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 10:14:48

كىچىكىمىزدە تاغنى پارتىلىتىپ تۇز كولاپ كېلەتتۇق ، كېيىن مىلتىق ، ئوق دورىلار كونتىرول قىلىندى ، ۋە تۇز كولاشمۇ مەنئىي قىلىندى . بىزمۇ پوقاق بولمىدۇق .

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 10:28:05

تۇزنىڭ قان بېسىمىنى راكېتاغا چىقىرىپ قويۇپ بېرىش ۋە يۈرەكنى زەخمىلەشتەك ئىككىنچى يۈزىمۇ بار

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 12:20:33

:lol

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 17:15:40

تۇز تائاملارنىڭ ۋەكىلى ....

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 18:40:22

تۇز بولمايدىغان بولسا گۆشتىن ئۈتە بەتتەم نەرسە يوق:P

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 15:18:41

تۇزى كەم تاماق ئوغۇل بالىغا زىيان قىلىدۇ.
بەت: [1]
: تۇز ۋە ئۇنىڭ قىممىتى توغرىسىدا.