kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 16:43:39

تۈركىيە:مەتبەئە تىخنىكىسىنى ئۇيغۇرلار كەشپ قىلغان!

تۈركىيە:مەتبەئە تىخنىكىسىنى ئۇيغۇرلار كەشپ قىلغان!

ئاپتورى:سەلجۇق سىلسۇپەر (تۈركىيە)





تۈركچىدىن ئاغدۇرغۇچى:تاھىر ئىمىن

ئىزاھات:ماقالىدا مەتبەئە تېخنىكىسنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغانلىقى بىر قىسم تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىزدىنىشلىرى ئاساسدا يورۇتۇپ بېرىلىدۇ.





   مەتبەئە تىخىنىكىسنىڭ ئىجات قىلىنىشى نەشىرىيات ۋە ئاخباراتچىلىق تارىخى بويىچە، كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت تەرەپتىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر ھادىسدۇر. غەرپلىكلەر مەتبەئە تېخنىكىسنى ئىجات قىلغان كەشپىياتچى سۈپىتىدە يوھان گۇتىنبۇرگنى كۆرسەتسىمۇ، ھەقىقەتتە مەتبەئە تېخىنىكىسنى ئۇيغۇرلار گۇتىنبۇرگتىن بۇرۇنلا 6-ئەسردە ئىجات قىلغان.

   دەسلەپكى مەزگىلدە تۆلەس، كىينكى دەۋرلەردە توققۇز ئوغۇز نامى بىلەن ئاتالغان بۇ قەۋم 744-يىلىغا بارغاندا تۇنجى ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغان. بۇ دۆلەت 840-يىلىغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ۋە قىرغىزلار تەرىپىدىن يېقىتىلغان. دۆلەتنىڭ يېقىلىش سەۋەبى بىلەن ئۇيغۇرلار ئىچكى ئاسيادا بەش بالىق، تۇرپان، خوجا قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ بارغان ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتى، كۈلتۈرىنى تۇرپاندا داۋاملاشتۇرۇپ ئولتۇراقلىشش ھاياتىغا قەدەم قويغان. ئۇيغۇرلار باشقا تۈركى خەلقلەردىن بۇرۇن بۈيۈك مەدەنىيەتلەر بىلەن ئالاقە قۇرۇپ، بىلىم، كۈلتۈر، تىجارەت قاتارلىق نۇرغۇن يېڭى شەيئىلەرنى ئۆگېنىپ، ئوتتۇرا ئەسردىكى ئەڭ مەدەنى مىللەتلىرىدىن بىرى بولغان.

981-984  -يىللىرى قاراخوجاغا چىن (جۇڭگو)ئەلچىسى سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەن ۋاڭ يەندي ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆز-قاراشلىرىنى تۆۋەندىكىدەك خاتىرلەيدۇ:«بەش بالىقتا بەك كۆپ ئۆيلەر، مۇنارلار ۋە باغچىلار بار ئىكەن، ئۇيغۇرلار ئەقىللىق، توغرا خاراكتېرلىك ۋە نومۇسلۇق ئنسانلار ئىكەن، ئالتۇن، كۈمۈش، مس ۋە تۆمۈردىن بىر نەرسە ياساشنى بىلىدىكەن، تەشتەك، قاچا، قازان ساھەسىدە مۇكەممەل ئەسەرلەرنى ياراتقانىكەن». ئەلچى ۋاڭ يەندي يەنە تۇرپاندا توقۇلغان ئۇيغۇر رەخېتلىرىگە ھەيران قالغانلىقىنى، ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆيىدە مۇتلەق ھالدا بىر كىتابخانا تېپىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىنى ناھايتى ياخشى ئاشلاپ ئشلىتىدىغانلىقىنى، تۆمۈر ۋە پولات تاۋلاپ قورال ياسايدىغانلىقىنى، ھەتتا قورال سودىسنى ئۆز قوللىرىغا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىپادە ئېتىدۇ».

يەنە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ كۆمۈرنى بايقاپ نۇرغۇن ساھەلەردە ئشلەتكەنلىكى مەلۇم.

ئۇيغۇر تۈركلىرى كۆكتۈرك ئېلىپبەسدىن كېيىن 14 ھەرپلىك ئۇيغۇر ئېلىپبەسنى ئشلەتكەنىدى.

تۈركولوگ ئا. ۋون. لى كوگنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپاغا سلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇر تۈركلىرى ئوقۇش ۋە يېزىشنى ياۋروپادىن خېلىلا بۇرۇن باشلىغان. ياۋروپادا ساناقلىق كىشلەر ئوقۇش –يېزىشنى بىلسە، ئۇيغۇرلاردا دېھقانلار، يېزا ئاھالىلىرى، سودىگەر، قىسقىسى ھەممە ئادەم ئوقۇش-يېزشنى بىلەتتى. تۇرپان ئۇيغۇرلىرى، يەرلىك كۈلتۈرلەر ئىچىدە ئەڭ ئىلغار كۈلتۈرنىڭ ۋەكىللىرى ئىدى. مانى دىنى ۋە بۇددا دىنى ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرتىل شۋىسىدە تەرجىمە قىلىنىشى بىلەن ناھايتى گۈللەنگەن بىر باي ئەدەبى تىل تەرەققى قىلغانىدى. بۇ قول يازمىسى ياكى بېسىلغان كىتاپلارنىڭ بىر قسمى مىڭ بۇددا (دۇنخۋاڭ)غارىدىكى ئېتىكاپخانىلىرىدا تېپىلىدۇ. تېپىلغان ئەسەرلەر ئارىسدا، ئالتۇن-يارۇق (ئالتۇن چىراق)، سەككىز يۈكمەككە ئوخشاش بوغۇم ۋەزنى بىلەن يېزىلغان دىنى قەسىدىلەر ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. نام-شەرىپى مەلۇم بولغان تۇنجى ئۇيغۇر شائىرى بولسا-ئاپرىنچۇر تېكىن ئىدى.

   ئا گىرۇنۋىدىل. ئا ۋون لىكوگ، ئاۋرىل ستەيىن قاتارلىقلار ئوتتۇرا ئاسيادا ئىلىپ بارغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ۋە تەتقىقاتلار نەتىجىسى- مىنياتۇرلار ۋە شەخسلەرنىڭ سۈرەتلىرى بىلەن بېزەلگەن ئۇيغۇر يازمىلىرى ۋە بېسلغان كىتابلار بىلەن تولغان كۈتۈپخانىلار نىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ.

   بۇ ئارخېئولوگىيەلىك قېزشلاردا بايقالغان يازما ۋە باسما ئەسەرلەر، تاشكېمىر ۋە ئويمىلار، خارابىلەر ئارىسدا ۋەيران بولۇشقا يۈزلەنگەن بىر ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇيغۇرلار يەنە قەغەز ياساشنىمۇ بىلەتتى.

   ئەمما تولىمۇ ئەپسۇسكى، بىز تۈرك دۇنياسى بۇ قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قسمىنى  ئەنگىلىيە، گېرمانيە، روسيە، ھىندىستان، جۇڭگو مۇزىيلىرىغا يوللاپ قاراپ ئولتۇردۇق.

7   -ئەسردىن 9-ئەسرگىچە ئۆز زامانىسنىڭ ئەڭ ئىلغار توپلۇم (مىللى بىرلىك)نى شەكىللەندۇرگەن ئۇيغۇر تۈركلىرى كىتاب بېسىش تېخنىكىسنىمۇ ئىجات قىلغان. بۇ چاغداش(دەۋرىمىز) مەتبەئە تېخنىكىسنىڭ ئاساسنى تەشكىل قىلغان ھەرىكەتچان ھەرپ سستىمىسنى تەتبىقلايدىغان باسمىچىلىق تېخنىكىسى ئىدى.

ئا گىرۇنۋىدىل. ئا ۋون لىكوگلار 1902 -1907يىللىرى شنجاڭنى (ئەسلى ئەسەردە باشقىچە تارىخى نام بىلەن ئاتالغان-ت) قېدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، تۇرپاندا ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان قاتتىق ياغاچتىن قېلىنغان يۈزلىگەن ھەرپلەرنى تاپقان.

شۇنىڭدىن كىين (1906--1909)پ. پېللىئوت، مىڭ بۇددا (دۇنخۇۋاڭ)غارلىرىدىن چىقارغان تۈركچە ھەرپلەر دۇنيادا مەتبەئە ھەرپلىرى بويىچە ئەڭ قەدىمكى ھەرپلەردۇر دىگەن ئىلمى پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەنبەسى:تۈرك ئنسكلوپىدىيەسى، 3-جىلىت، ئسمەت بىرانىك. ئۇيغۇرلاردا مەتبەئە.

   رۇس ئالىمى ئولدىنبېرگ قەشقەر ۋە تۇرپان ئەتراپىدىكى تەكشۈرۈشلىرىدىن كىين زامانىۋى ئۇقۇمدىكى مەتبەئەنىڭ پىروتوتىپى بولغان ھەرىكەتچان ئۇيغۇر ھەرپلىرىنىڭ بايقالغانلىقىنى، فىرانسۇز ئالىمى ج. ر. رىسلەر مۇ يارۋوپادىن 600 يىل بۇرۇن تۈرك دۆلىتىدە بېسلغان ئەسەرلەردىن بېلىنگەن ۋە ئۇيغۇر مەتبەئە تىخنىكىسنى موڭغۇللارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ياۋروپاغا توشۇغانلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ.

   مەتبەچىلىك تېخنىكىسى تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان تەتقىقاتچى توماس چارتېر :«يەر شارىدا مەۋجۇت بولغان ئەڭ قەدىمكى مەتبەئە ھەرپلىرى ئۇيغۇر تىلىدا بولۇپ، تۈركچىگە مەنسۇپتۇر. مەتبەئە تېخنىكسنى جۇڭگولۇقلارغا مەنسۇپ دەپ قاراش شۈبھىلىكتۇر، چۈنكى سىلابىك ھەرپلەردىن تەشكىل تاپقان خەنزۇچىنىڭ شۇ تارىخى شارائىتتا مەتبەئە تېخنىكىسغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇنىڭ ئەكسچە، 14 ھەرپلىك ئۇيغۇر ئىېلپبەسنىڭ مەتبۇئات تېخنىكىسغا ئۇيغۇن كىلىشى ئەڭ قولايدۇر».

  تۇرپان، بەشبالىق، قاراغوجا، ياركەنت، خوتەن ۋە باشقا ئۇيغۇر شەھەرلىرىدە ئىلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا قولغا چۇشۇرۇلگەن، قاتتىق ياغاچتىن ياسالغان ھەرىكەتچان ھەرپلەر ئۇيغۇر تۈركلىرىدە مەتبەئە سەنئىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغۇسز دەرىجىدە ئسپاتلىماقتا.

   ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى بىلەن ھەقلىق بىر شۆھرەتكە ئۇلاشقان پىروفىسور ئانمارىيا ۋون گابائىن «تۇرپان كوللىكېتىپ باسمىلىرى»(-تۇرپان تېكىستلىرى-دەپمۇ ئاتىلىدۇ»)ناملىق ئەسىرىدە جۇڭگو ۋە ئۇيغۇر كىتابچىلىقى ھەققىدە بەك مۇھىم ئۇچۇرلارنى بەرگەن:

   ئا ۋون گابائىننىڭ قارىشچە، «جۇڭگودا سىلىندىر شەكىلدىكى قول يازمىسى بولغان كىتابلاردا بەت نۇمۇرى يوق. بۇنىڭ ئەكسچە، مىڭ بۇددا «دۇنخۇۋاڭ)غارلىرىدىن چېقىرىلغان يازما ۋە باسما كىتابلاردا كىتابنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇلۇڭىدا بەت نۇمۇرى بار ئىدى. ئا ۋون گابائىن خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ:«ئۇيغۇرلارغا دائىر خۇسۇستا كەسكىن بىر قانائەتكە ئىگە بولدۇق»دىگەن.

  ئا ۋون گابائىن بىر تېمىغا تېخىمۇ بەك دىققەت قىلغان: جۇڭگولۇقلار ھەرىكەتلىك ھەرپلەرنى بىردىن بىردىن ئەمەس، كەلىمىلەر ۋە گېرامماتىكىلىق قوشۇمچە ھالىتىدە تۆكۈشى كىرەكلىكى، خەنزۇ تىلىنىڭ قۇرۇلمسنىڭ ھەرىكەتچان ھەرپلەرنى پەيدا قىلىشىغا ۋە بۇ ئارقىلىق مەتبەئەدە بېسشقا ئۇيغۇن ھالەتتە بولمايدىغانلىقى، مەتبەئەنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بايقالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

پىروففىسور ئا ۋون گابائىن جۇڭگو يارلىق پەرمانلىرىنى بېسىشتا ئشلىتىدىغان قەغەزنىڭ قوپال ۋە قېلىن ئىكەنلىكىنى، يارلىقنىڭ قەغەزگە بېسلالمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەكسچە ئۇيغۇر باسمىچىلىقىدا قوللىنىلغان قەغەزنىڭ ئىنچىكە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر يازمىلىرىدا كۆرۈلگەن كىتاب بېزەش سەنئىتىنىڭ دۇنيادا بايقالغان تۇنجى ئۆرنەك ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ياكى رەڭسز قويۇلىدىغانلىقى ياكى رەڭلەر بىلەن بېزىلىدىغانلىقى، ئوخشاش ئەھۋالنىڭ باسما بويۇملىرىدىمۇ كۆرۈلىدىغانلىقى. قولدا يېزىلغان ياكى بېسلغان كىتاپلارنىڭ جانلىق ئۇسلۇب جەھەتتىن جۇڭگو ئۇسلۇبىدىن يۇقىرى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

   گابائىن خانىم شەكىل ۋە مىنياتۇرلاردا كۆرۈلىدىغان ئىتنولوگىيەلىك ئامىللارنىڭ، كىيم-كىچەكلەرنىڭ، پۇتىغا كېيلىدىغانلار ئىچىدىن ئاياغنىڭ، يۈز قسمى، ساچ ۋە ساقال جەھەتتىن تامامەن تۈركلەرگە خاس ئىكەنلىكىنى ۋە جۇڭگو سەنئىتىگە ھىچقانداق ھالەتتە ئوخشتالمىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.

   ئۇنىڭدىن باشقا گابائىن ئۇيغۇر يازمىلىرىغا رەسىم كىرگۈزۈش تېخنىكىسنىڭ جۇڭگودىن پەرقلىق ھالدا يۇڭ ۋە قومۇش قەلەم بىلەن ئىشلىنىدىغانلىقى، جۇڭگولۇقلاردا بولسا پەقەت يۇڭ قەلەم بىلەنلا ئشلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

   ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتى قەدىمې مائارىپ مۇتەخەسسلىرىدىن بىرى پىروففىسور ھەلمۇس سئودا بوسسرت ئىككىنچى نۆۋەتلىك تۈرك تارىخى قۇرۇلتىيىدا سۇنغان «تەبئى سەنئەتنىڭ كەشىپ قىلىنىشى»ناملىق ماقالىسدە، مەتبەئەنىڭ جۇڭگولۇقلار تەرىپىدىن ئەمەس، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بايقالغانلىقىنى ھەر خىل پاكىتلار بىلەن ئسپاتلىدى. پىروففىسور بوسسرت :«دەسلەپتە ھەرپ سانى ئاز بولغان بىر ئېلىپبە بولۇشى كېرەك ئىدى، ۋە ھالەنكى خەنزۇچىدا بولسا ھەرپ ئەمەس 4384 بىرلىك بوغۇم بار ئىدى».





توماس فىرانسز چارتىر :«مەتبەئەنىڭ غەرپكە ئېلىپ بېرىلىشىدا ۋە تارقىلىشىدا، تۈركلەرنىڭ بەك چوڭ رولى بار»-دىگەنىدى.

   ئالبېرت ۋون لىكوگ، ھەلمۇرت بوسېرت ۋە لاسزلو راسونى قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر تۈركولوگلارمۇ مەتبەئەنى تۈركلەرنىڭ ئىجات قىلغانلىقىنى ۋە 1241-يىلىدا ئالتۇن ئوردا كۈچلىرىنىڭ گېرمانىيەگە كىرگەن چېغىدا (غەرپنىڭ-ت)مەتبەئەنى شۇ ۋاستە بىلەن ئۆگەنگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

   يېڭى مەتبەئەنى ئۇيغۇر تۈركلىرى ئىجات قىلغان، گۇتىنبېرگ بولسا پەقەت مەتبەئەنى كىرىشتۈرۈپ تەرەققى قىلدۇرغان.

مەنبە:(تۈركلەر ئنسكلوپىدىيەسى. 3-قىسم، ئسمەت بىرانىك، ئۇيغۇرلاردا مەتبەئە)

تور ئادېرسى:http://www. ilgazetesi. com. tr/2012/03/13/matbaayi-uygur-turkleri-icat-etti-2/0122563/

Moostabit يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 17:45:36

ئىسىل تىمىكەن ئۇيغۇرۇمدىن پەخىر لىنمەن !
گابايىن خانىمنىڭ  بىز ئۈچۈن كۆرسەتكەن نەچچە ئون يىللىق تىرىشچانلىقىغا كۆپ تەشەككۈر رەخمەت گابايىن خانىم !!!   

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 17:57:44

بۇ تېما قايتىدىن پەيدا بۇلۇپ قالدىمۇ قانداق ؟

alper999 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 18:05:28

ئۇيغۇرۇمدىن پەخىر لىنمەن يىغلىغۇم كېلىدۇ بىز ھازىر نىم بولدۇق

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 20:18:32

مەتبە تىخنىكىسىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويساقلار ؟
بىر بەتنى بىسىش ئۈچۈن شۇ بەتتىكى ھەممە خەتنىڭ ھەرىپلىرىنى تىزىۋالامدۇ ؟

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 21:04:21

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 08:48:55

قەغەز كەشپىياتىمۇ ئۇيغۇرنىڭمۇ ؟

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 08:50:35

مەتبەئە تېخنىكىسىنى خەنلەرنىڭ ئىجات قىلغانلىقى خەلقئارا ئېتىراپ قىلىدۇ،
بۇ يەردە، بۇ تۈرك تەتقىقاتچىسى  تىلغا ئېلىۋاتقان «مەتبەئە »' بولسا، ئۇلارنما ھەرپلىك مەتبەئە تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ .
يەنى:
باش+ىم
باش+نى
باش+تا
باش+قا
باش+لا
....
بۇ توغرىلىق ياسىن ھوشۇر ئۇستاز خېلى ئىزدەنگەن .

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 11:31:09

دۇنيادىكى بىردىنبىر قولدا، قەدىمى شەكىلدە قەغەز ياساش سەنئىتى ۋە ئۇستىسى خوتەن قاراقاشتا يۈز ياشلارغا يېقىنلاشقان يېقىنلاشقان توختى باقى ھاجىم ئاكا بار…
بۇ نىمىشقا ئۇيغۇرلاردىلا ساقلىنىپ قالىدۇ بۇ نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ ؟
يەنە ئەنئەنىۋى يەرلىك ئۇسۇلدا ئەتلەس توقۇش ھۈنىرى خوتەن جىيا يېزىسىدىلا ساقلىنىپ قالىدۇ ؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 12:26:27

توختى باقى ھاجىم ۋاپات بوپ كەتتى.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 13:07:25

خەۋىرىڭىز يوقمۇ يا ، توختى باقىھاجىم ۋاپات بولدىغۇ .  نەچچە ئاي ئاۋال ئۈندىداردا نەچچە كۈن كەڭرى خەۋەر قىلىندى ...  

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 13:47:28

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2014-9-1 13:07 static/image/common/back.gif
خەۋىرىڭىز يوقمۇ يا ، توختى باقىھاجىم ۋاپات بولدىغۇ .  ن ...

سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز، تەرجىمان توختى باقى ئەرتىشىدۇ .

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 13:57:41

ئىككىسىلا ېەھمەتلىك بوپكەتتى، ئارتىشى بۇرۇنراق، ئاۋۇ ئاتىمىز تېخى يېقىندا قازا قىلدى…

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 13:58:27

رەھمەتلىك دېمەكچىتىم

bagzad12 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 14:45:48

ئىلگىرى  ھەممە ئائىلىدە بىر  كىتاپخانا  تېپىلاتتىكەن ،  ھازىرچۇ ؟  ھەي …   
« كىتاپلىرى غېرىپ بۇپ قالغان خەلىقنىڭ  ئەرلىرى نادانلىقتا قۇل ،  ئاياللىرى روھى تۇل بۇلىدۇ . »    - مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم

Moostabit يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 14:48:47

شۇنداق جۇڭگۇ پەخىر لىندىغان 4 چوڭ كەشپىياتنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرنىڭ

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 18:10:45

شۇنداق ھازىر ئۇيغۇرلار ئاساسى جەھەتتىن كىتاپ ئوقۇمايدۇ  ۋە قارىماققا كىتاپ ئوقۇشقا مۇھتاجمۇ ئەمەس . بۇ بەلكىم مەتبەچىلىكنى بەك بالدۇر ئىجاد ئېتىۋەتكەنلىك بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولىشى ياكى بولماسلىغى مۈمكىن .

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 09:43:36

ئەجداتلىرىمىز كەسپ قىلغان تېخنىكىنى نىمىشقا كېيىن ئىسلام كىتاپلىرىنى بېسىشقا ئىشلەتمىگەندۇ.

bilhux يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 09:57:43

ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلىپبەسى 13 ھەرىپتۇ ؟

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 10:06:35

bilhux يوللىغان ۋاقتى  2014-9-2 09:57 static/image/common/back.gif
ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلىپبەسى 13 ھەرىپتۇ ؟

13 ئەمەس، 23، يەنى : 18 ئۈزۈك تاۋۇش، 5 سوزۇق تاۋۇش .
بەت: [1] 2
: تۈركىيە:مەتبەئە تىخنىكىسىنى ئۇيغۇرلار كەشپ قىلغان!