taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 16:34:40

گۈلە ۋە ئۇنىڭ شىپالىق رولى

گۈلە ۋە ئۇنىڭ شىپالىق رولى



گۈلە تەمىنىڭ تاتلىقىلىقى ۋە شىپالىق رولىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدەك ئالاھىدىلىكى بىلەن جەنۇبىي شىنىجاڭ دېھقانلىرىنىڭ كوزىر مەھسۇلاتى بولۇپ ھېسابىلىنىدۇ. ئۆرۈك تومۇز ئايلىرىدىكى ئىسىققا قاقىلىنىپ قۇرۇتۇلۇش ئارقىلىق، ئۆرۈك ھالتىدىكى تەبىئىتى بىرىنىچى دەرىجىلىك ھۆل سوغۇق مېۋىدىن گۈلە ھالتىدىكى تەبىئىتى بىرىنىچى دەرىجىلىك قۇرۇق ئىسىق مېۋىگە ئۆزگىرىدۇ. نەتىجىدە ئۇ سوغۇق مىجەزلىك كىشىلەرنىڭ تەبىئىتىگە يېقىپ، بەدەننىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش  ئىقىتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاشقازاننى كۈچلەندۈرۈپ، ھەزىم قىلىشىنى راۋانلاشتۇرىدىغان ئوزۇقلۇق ۋە شىپالىق قىممىتى يۇقىرى قۇۋۋەت دورىسغا ئايىلىنىدۇ.

خەلىقىمىز گۈلىنى يەرلىك مەھسۇتلار ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇنغا قويۇپ، قۇرۇق پېتىلا ئستېمال قىلىپ قالماي، پولۇ، ئۇماچ، يوبدان ۋە باشقا تائاملارغا سېلىپ ئستېىمال قىلىدۇ، بولۇپمۇ گۈلىنى قىش، ئەتىياز مەزگىلىدە چۈلە قىلىپ ئستېمالمۇ قىلىدۇ. خەلىقىئاردىكى ئاتاقىلىق مېدىتسىنا مۇتەخەسىىىلىرى گۈلىنى راك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان بىردىنىبىر يېمەكلىك دەپ بېكىىتىتى ۋە كىشلەرنى ھەر كۈنى ھەر كۈنى ئوتتۇرا  ھېساب بىلەن ئۈچ تالدىن گۈلە يېيشىكە دەۋەت قىلىدى. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىلىمىدە راك كېسەللىكى سەرەتان دەپ ئاتىلىدۇ. گۈلىمۇ دەل سەرەتان تومۇز ئىسىقىدا قۇرۇتۇلىدۇ.

راك كېسەللىكى سوغۇق سەپرانىڭ يۇقىرى باسقۇچغا يەتكەندە ئادەم تېنىدە پەيدا بولىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر. گۈلە ھەرقانداق تەبىئىي يېمەكلىك ئىچىدە تەبئىىتى پەۋقۇلئادە ئىسىققا مايىل يېمەكلىكتۇر. بۇنڭىدىن راك كېسەللىكىنى گۈلە يېيىش ئارقىلىق ساقايتقىلى بولىدۇ دېگەن مەنە چىقىمايدۇ. لېكىن گۈلىنى ئىزچىل تۈردە ئستېمال قىلىش ئارقىلىق راك ئۆسمىسىىىىنىڭ ئادەم تېنىدە پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە پارنىكىتا ئۆستۈرۈلگەن يېڭى، سۈپەتلىك كۆكتاتلارنىڭ كۆپلەپ بازارغا سېىلىنىشىى نەتىجىسدە كىشىلەرنىڭ ئستېمال مەدەنيتى مول مەزمۇنغا ۋە رەڭدارلىققا ئىگە قىلىنىدى.

شۇنىڭ بىلەن چېگىت يېغى ۋە پارنىك ئۆسۈملۈكلىرىدە تەييارلانغان تائاملارنىڭ خۇرۇچى ھەرقانچە ياخشى بولسمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەنلەپ، تەبىئىتى سوغۇققا مايىللاشتى. ئادەم ئۆزىنىڭ تەبىئىتى ۋە مىجەزىنى ھەر ۋاقىت بىلىپ تۇرۇشى، تېنىنىڭ ئېكولوگىيسىىىنى تەڭشەپ، ئۇنڭىغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى لازىم. بۇنڭىدا ئەڭ مۇھىمى ئىلىمىي ئوزۇقلىنىشقا ئادەتىلىنىش، تەبىئىي ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان ئىسققا مايلىراق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئستېمال قىلىپ، مۇھىتىنىڭ تەسىرى، خىمىيىۋى ئوغۇت، دېھقانچلىق دورىلىرى بىلەن يېتىشتۈرۈلگەن مەھسۇلاتلار ۋە پارنىك ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ سەۋەبىدىن تەننىڭ تەبىئىتى سوغۇققا مايللىشىپ، ئىممۇنېتىت كۈچى ئاجىزلاپ كېتىشىتەك پاسىىپ تەرەپلەرنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئەجدادلارنىڭ ئستېىمال ئۇدۇمنى ساقىلىشى، بولۇپمۇ تەننىڭ تەبىئىىتىنى سوغۇق مىجەز ئەمەس، ئىسىق مىجەز ھالىتىدە ساقلايدىغان خاسىيەتلىك يېمەكلىك گۈلىنى ئىستېمال قىلىشىنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش مۇھىمىدۇر.



چۈنكى، گۈلىنىڭ شىپاھى كارامەتلىرىنى جاھان ئەھلى تونۇپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ھازىر چەت ئەللەرگە كۆپلەپ ئېكسپورت قىلىنىماقتا. گۈلە ئادەتتە ساقلاش بىر قەدەر بولغان يېمەكىلىكتۇر. شۇڭا، ئۇنڭىغا قۇرت چۈشۈرۈپ قويماسلىق ۋە نەملەشتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، قۇرۇتۇلغاندىن كېىيىن، پاختا رەخىتىتىن  تىكىلىگەن خالىتىغا ئېلىپ، شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايغا قويۇش ھەم 8 _ئاينىڭ ئاخىرى ۋە 9 _ئاينىڭ باشىلىرىدىكى كۈز ئاپتىپىغا 10 كۈن يېيىتىپ كېچىسىى ئۈستىنى يېپىش كېرەك قايتا قۇرۇتقاندىن كېىيىن قاچىلاپ، يەنە شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايدا ساقلاش لازىم ئۆيگە ئەكىرىشكە بولمايدۇ. شۇنداق قىلىغاندىلا يىل بويى قۇرت چۈشىمەي ۋە نەمىلىشىپ قالماي، ئەسىلىدىكى ھالىتىنى ساقلايدۇ.   

مەنبە.تۇرمۇش مەسىلىھەتچسىى

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 17:36:30

{:112:}

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 17:50:32

ھازىر ئۈرۈكنىڭ ئىقتىسادى قىممىتى قايتىدىن تۇنۇلۇپ ، ھۈكۈمەت يەرلەرگە ئۈرۈك تىكتۈرۈشكە تۇتۇش قىلغۇدەك ، ئۈرۈك كۆچىتى ئىشلەپچىقارغانلار مۇشۇ بىر ئىككى يىلنىڭ ئىچىدە باي بولغۇدەك ...

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 17:50:57

بى نەچچە پارچىمۇ يا بىر پارچمۇ بۇ؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 20:55:39

دەسلەپ، گۈلەن دەپلا كۆرۈندى كۆزۈمگە.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 20:56:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-31 20:57  

تەكرار

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 21:35:13

yolyar يوللىغان ۋاقتى  2014-08-31 20:55:39 static/image/common/back.gif
دەسلەپ، گۈلەن دەپلا كۆرۈندى كۆزۈمگە.
:sleepy:... گۈلەن!

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 22:27:54

گۈلە ياخشى نەرسە ئۇ،  تازا دىققىتىمنى يېغىپ ئىنكاس يېزىۋاتسام،  باشقىلار يىگەن گۈلىسىنىڭ گۇمپىسىنى«نامايەن» قىلسا بەك چۆچۈپ كەتكەن بىر نۆۋەت،  ئوبدان نەرسە بۇ

zaghra يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 19:16:50

بۇ يىل قەشقەردە ئۈرۈك قىممەت.  قىينىئانامنىڭ ئۈرۈكنى توڭلاتقۇغا سىلىپ ساقلاپ قىشتا يەيدىغان (ئانچە-مۇنچە ماڭىمۇ بىرىدىغان) ياخشى بىر ئادىتى بارتى. ئۈرۈك ئەكەپ بىرىڭ دىدى. بازارغا چىقسام 10 سوم دەيدۇ كىلوسىنى سەمەت، موكا ياغلىق دىگەن سورىتلىرىنى. تازا ئۈرۈك پىششىقى بولمىسا.
شۇنىڭ بىلەن توققۇزاق تىرىملىق بىر دوستۇمغا تىلفۇن قىلىپ ئۆيىگە بارسام خۇمدان دەيدۇ خۇمدان دەيدۇ. قانداق خۇمدانكى دىسەم گۈلە قۇرىتىدىغان خۇمدانكەن. 2 توننا ئۈرۈكنى بىر ئاخشامدا قۇرۇتۇپ قاق قىلىۋىتىدىكەن. شۇڭا ئۆسەپ كىتىپتىكەن بۇ ئۈرۈك.

باھاسى 80 مىڭ سومكەن. شەخس 20 مىڭنى چىقارسا قالغىنىنى ھۆكىمەت چىقىرىپ سەپ بىرىدىكەن ئۇ خۇمداننى.

يىڭىساردىن تىرىمغا 3 سومدىن ئۈرۈك ئالغىلى كەلدى ئەمەسما

ئاشۇ خۇمداندا قۇرۇتقان قاقلارمۇ شۇنداق پايدا قىلامدىغاندۇ يا؟
بەت: [1]
: گۈلە ۋە ئۇنىڭ شىپالىق رولى