erturk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 12:55:55

تاش ۋە قەلب (ھېكايە)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   erturk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-31 15:02  

تاش ۋە قەلب

(ھېكايە)

مۇھەببەت تېمىسى مەڭگۈلۈك بولغىنىدەك، خوتۇن تېمىسىمۇ كونىراپ قالمايدۇ. «خوتۇنى يوقنىڭ خۇدى يوق» دېگەن ھېكمەتتىن تەلىم ئېلىپ، ئۇز بولسىمۇ، سەت بولسىمۇ بىر خوتۇن ئېلىپ چىرايلىق ئۆي تۇتۇۋالغانلارنىڭ كۈنى ئوبدان، ھەر خوتۇندىن كېلىدىغان خۇشاللىق ۋە دەرت-ئەلەملەرنى يېزىپ كەلسە يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، نوقۇل ۋەقەلىكنى دېگەندىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ۋەقەلىكلەردىن تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىرىنى تاللاپ كەلسە نەچچە يۈز پارچە رومان بولغىدەك ۋەقەلىكلەر چىقىدۇ.  قۇرۇلمىچىلىق ئېقىمى بويىچە،  ئوخشاش تىپتىكى ۋەقەلىكلەرنى تاللاپ كەلسىمۇ تولا گەپ. ئوخشاش تىپتىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ تەپسىلاتلىرى ئوخشىمىغاچقا كىشىگە يەنىلا يېڭى تۇيۇلىدۇ. مەسىلەن، ئەڭ كۆپ تەكرارلانغان تېما ئەرلەرنىڭ ئاچكۆزلۈكى، خوتۇنى تۇرۇپ سىرتتىن ئاشنا ئوينىغانلىقى؛ ئۇنىڭدىن قالسىلا ئاياللارنىڭ ئاچكۆزلۈكى، ھەددىدىن ئېشىپ ئېرىگە خىيانەت قىلغانلىقى...ۋاھاكازالار.  ئەر ياكى ئايالنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن بىر ئائىلە ۋەيران بولىدىغان تارىخ تەكرارلىنىپ كەلدى، ئۇنتۇلغان تارىخ ئەدەبىيات-سەنئەت، كىنو-فىلىم بىلەن قايتا جانلاندى.
مۇھەببەت، ئاشنىدارچىلىق كونا تېما، لېكىن كىشىلەرنى تىنماي قىزىقتۇرۇپ كەلدى، نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە جاۋاب بېرىش يازغۇچىلارنىڭ ۋەزىپسى ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىشى ئۇنى يەنە كىشىلەر قىزىققۇدەك يېزىپ چىقىش. يازىدىغانلار قانچە ئاكادېمىكلىشىپ كەتسە، ئەقلى ئارتىپ، ھېسسىياتى ئۆلىدۇ، ئەسەبىيلىكى ئۆلسە يازغانلىرى كىشىنى تەسىرلەندۈرەلمەيدۇ.  ئىلھامنىڭ بىر قانىتى دائىم چىرايلىق قىز-چوكانلارغا تۇتىشىدۇ.
قاچانلاردا بىر سورۇندا كۆرگەن تاشچىنىڭ كىچىك، چىرايلىق خوتۇنى ۋە ئۇنىڭ كىيىۋالغان شەپكىسى ئېسىمدىن چىقمايدۇ، شەپكىسىنىڭ كەينىگە چىقىرىۋالغان بىر تال ئۆرۈم چېچىنى دېمەيسىز. شۇنچە ئەرلەر ئولتۇرغان سورۇندا ئۆزلىرىنىڭ سىڭىلىسىدەك كىچىك، چىرايلىق بىر قىزنىڭ ئولتۇرۇشى ئادەمنى بىئارام قىلاتتى. ھەممە كۆزلەر پات-پات شۇ ياققا تىكىلىپ قالاتتى، خىيانەتلىك كۆزلەر، ئېچىرقاشقا تولغان كۆزلەر گۇمانلىق بىر نىشاننى بايقىغان راداردەك شۇ قىزنىڭ جامالىغا مەركەزلەشكەنىدى. تاشچى بۇ خوتۇنىنى مۇشۇ سورۇندىكى ئاغىنىلىرىگە، تونۇش-بىلىشلىرىگە كۆز-كۆز قىلماقچى بولغاندەك قەستەن ئەكەلگەنىدى. يا بولمىسا يالغۇز قالسا ئىچى پۇشۇپ زېرىكىپ كېتىدۇ، ۋېيشىن ئويناپ تونۇشقان بىرەر سولتىكى بىلەن قېچىپ كېتىدۇ دەپ ئەنسىرەپ ئېلىپ كەلگەنىدى. قىز توختىماي ئايفون ئويناپ ئولتۇرغاچقا جامالىنى تولۇق كۆرەلمىدىم، چىرايىدىن قېچىپ كېتەلەيدىغان شوخلۇقىنى بىلگىلى بولمايتتى؛ پات-پات كۈلۈمسىرەيتتى، سېغىز چايناشلىرىدىن، چايناپ-چايناپ كۆپۈك چىقىرىپ پاق-پاق ئېتىشلىرىدىن ئۇنىڭ نەقەدەر تەنتەك، ھەتتا دۆترەك قىز ئىكەنلىكىنىمۇ پەرەز قىلغىلى بولاتتى.
تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى، يازلىق تەتىلگە ئاز قالغاندا رابىيە دەيدىغان بىر ساۋاقدىشىمىز 3 كۈن يوقاپ كەتتى. 4-كۈنى ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىدۇق. سۇغا ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋاپتۇ. يۇۋاش قىز ئىدى، يۇۋاشلىقىدىن سىنىپتا ھېچكىم ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلىشقا، ئۇ يەر-يېرىنى تۇتۇپ مىجىپ بېقىشقا، بۇلۇڭغا ئاپىرىپ قىستاپ بېقىشقا پىتىنالمايتتى. يوغان، سېمىز قىز ئىدى، يۈزىدە سەپكۈنلىرى بولغاچقىمۇ قەتئىي گىرىم قىلمايتتى، ئۆزىنى كەمسىتىدىغاندەك خامۇش، خاپا يۈرەتتى. 7-كۈنى نەزىرىگە باردۇق، ئاكىلىرى ئالدىمىزغا داستىخان سېلىپ پولو قويدى، بىر ئۆيدە ساۋاقداشلاردىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى. ئۆينىڭ ئىگىسى كىرگەندە قىرائەت قىلىدىغان ئىش ئىدى، ئارىمىزدىن ھېچكىم قىرائەت قىلالمىدى. ئاشنى يەپ مۇنداقلا قوپۇپ كېتىشكە بولمايتتى، قائىدە بىلمەيدىغان گۇيلار دەيدىغان ئاھانەتكە قالغۇمىز يوق ئىدى. بىر-بىرىمىزگە قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتۇق، كىشىنى بىئارام قىلىدىغان بۇ جىمجىتلىق ئۆي ئىگىسىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشى بىلەن تەڭ بىزنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. ئىچىم سىقىلىپ يېنىمدىكى كېرەم قوتازنى نوقۇپ پىچىرلىدىم:
-        سېنىڭ ئاتاڭ موللامغۇ، بىرەر سۈرىنى ئوقۇۋەتمەمسەن؟
-        توختا، ئەسلەۋاتىمەن.  
كېرەم قوتاز ساقاللىق، تۇرقى يېشىغا باققاندا چوڭ كۆرۈنىدىغان نېمە ئىدى، ئۇ چاغلاردا ساقال-بۇرۇت قويۇش ئەركىن ئىدى، ئەمما كېرەم ساقىلىنى دائىم غىرداپ يۈرەتتى.
-        بولە چاققان، ھەممىمىز قاراپ قالدۇق.
كېرەم ئەزۇزۇ بەسمەلەنى سوزۇپ ئوقۇپ، بىر سۈرىنى باشلىدى. ئۇ ئادەتتە گەپ قىلسىمۇ زۇۋانى چىڭ چىقاتتى. ھەممىمىز ئۇھ دەپ راھەتلىنىپ تۇرۇشىمىزغا ئۇ دۇدۇقلاپ، بايا ئوقۇغانلىرىنى تەكرارلىغىلى تۇردى، تەكرار ئوقۇپمۇ بىلىدىغان سۈرىلىرىنى ئېسىگە ئالالمىغان بولسا كېرەك، تىلى كالۋالىشىپ، ھودۇقۇپ، مۇنچاق-مۇنچاق تەرلەپ كەتتى. ھەممىمىزنىڭ بېشى چۈشۈپ كەتتى. ئۇ بۇ ئوسال ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن يەنە بىسمىللادىن باشلاپ «قۇلھۇۋەللاھۇ ئەھەد» كە چۈشتى، بۇنىڭدىن باشلانغان قىسقا سۈرىلەرنى ئوبدان بىلسە كېرەك، تەمتىرىمەي ئوقۇپ ۋەزىپىسىنى تامام قىلدى.
-        ئىزادىن ئۆلگىلى تاس قالدىم!- دېدى ئۇ ئۆيدىن چىقىپ ھەممىمىزدىن كەچۈرۈم سورىغاندەك،- سۈرە تەبارەكنى بىر ئوقۇۋېتەي دەپ باشلىۋىدىم، تۇيۇقسىز ئۇنتۇپ قالدىم قاراڭلار... ھەي شەيتان دېگەننىزە..
-        ھېلىمۇ ئوقۇدۇڭ، بولمىسا ھەممىمىز تۈگىشەتتۇق...
-        رابىيە، نېمىشقا ئۆلۈۋاپتۇ بالىلار؟ ئۇقتۇڭلىمۇ؟- دېدىم مەن.
-        گەپ بەك تولا، ئەمما باشقا يەردە دەپ يۈرگىلى بولمايدۇ،-دېدى ئابدۇراخمان،- باسقۇنچىلىققا ئۇچراپتۇ، جەمئىيەتتە بىرسى بىلەن يۈرۈپتىكەن، بويىدا قېلىپ ئايرىلىپ كېتىپتۇ، ئۈچ كۈن سۇدا ئېقىپ تېرىلىرى كۆپۈپ، لەش-لەش بولۇپ كېتىپتۇ، دەيدۇ.
-ئۆلۈۋېلىش بەك قاتتىق گۇناھ، - دېدى كېرەم قوتاز جاراڭلىق سۆزلەپ،- ئادەم قانداق ئۆلۈۋالغان بولسا قىيامەتتە شۇنداق ئازابلىنىدىكەن.
- ھازىر تېخى ئۆيىدىن چىقتۇق، ئۇنداق گەپلەرنى قىلما كېرەم! – دېدى ئابدۇراخمان.
- بىراق بۇ گەپنى سىلەرگە دەپ قويغىنىم خاتا ئەمەس. ئادەم شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەندە ئازىدۇ ياكى ئۆلۈۋالىدۇ. بايا مەن قىرائەتتە نېمىشقا ئېزىپ كەتتىم؟ شەيتان چوقۇم مېنىمۇ ئازدۇرۇۋەتتى...
-لېكىن، ھەممىنى شەيتانغا دۆڭگەپ قويساڭمۇ بولمايدۇ،- دېدى ئابدۇراخمان،- ئايەتتە ئېزىپ كەتسەڭمۇ شەيتاندىن كۆرسەڭ، تەرىتىڭ چىقىپ كەتسىمۇ شەيتاندىن كۆرسەڭ، ئۇنداقتا سەن نېمە ئىش قىلىدىغان ئادەم؟ سەن قوچاقمۇ بىر بېسىپ قويسا قوڭى سايرايدىغان؟
ھەممىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
- توغرا!- دېدى ھاشىمجان،-يامانلىقنىڭ ھەممىسىنى شەيتانغا ئارتىش مەسئۇلىيەتتىن قاچقانلىق.
- بىراق،-دېدى كېرەم قوتاز،- شەيتان بىزنىڭ قېنىمىزدا يۈگۈرۈپ يۈرىدۇ، بىزگە ھەر ۋاقىت ۋەسۋەسە سېلىپ تۇرىدۇ. بۇنى نېمە دەيسەن؟
-ئۇنىڭ قېنىمىزدا يۈگۈرۈپ يۈرۈشى ئۇنىڭ ۋەزىپىسى، ھەممە ئەزايىمىزنىڭ، ھەتتا شۇ قاننىڭمۇ ئۆزىگە خاس ۋەزىپىسى بار.
- ئەمىسە بۇ ۋەزىپىنى كىم بەرگەن؟
- خۇدايىم بەرگەن.
- ھەببەللى، ئاللاھ شۇ شەيتانغا ئىنسانلارنى ۋەسۋەسىگە سېلىش ۋەزىپىسىنى بەرگەن.
- ئاللاھ شەيتانغا شۇنداق ۋەزىپىنى بەرگەن دەپ، شەيتان نەگە باشلىسا شۇ ياققا كېتىۋېرەمسەن؟
- مەن شۇنداق قىلىمەن دېدىممۇ؟
- مانا ئەمەسمۇ؟! شەيتانغا ئەگەشمەيمەن دەيسەن، مۇشۇ ئەقىل بىلەن ئىماننى خۇدايىم نېمىشقا بەرگەن؟
- شەيتانغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن.
- مانا ئەمەسمۇ؟ دېمەك، يامانلىقنىڭ ھەممىسىنى شەيتانغا ئارتىش ئەقىل بىلەن ئىماننى قايرىپ قويۇش دېگەنلىك.
ھەممىمىز ھاشىمجاننىڭ بۇ گېپىگە قايىل بولدۇق.
بۇ ئىشتىن كېيىن بىز كېرەم قوتازنى «قوتاز»ئەمەس، قارىم دەيدىغان، ھاشىمجاننى «پەيلاسوپ» دەيدىغان بولدۇق. كۈنلەر ئۆتۈپ ئارىمىزدا بىر-بىرىمىزنى شائىر، پەيلاسوپ، موللام، قارىم، ئەپەندىم... دېگەندەك لەقەمسىمان سۈپەتلەر بىلەن ئاتاش مودا بولدى. بۇنداق سۈپەتنى ئالغۇچىلار شۇ سۈپەتكە لايىق بولۇشقا تىرىشاتتى، ئىزدىنەتتى، ئويلىناتتى، شۇنىڭ كويىغا كىرەتتى. مەن تام دوسكىسىغا شېئىر يېزىپ يۈرۈپ شائىر ئاتىلىپ قالدىم.
رابىيە ھەققىدە بىر نەرسە يازىمەن يۈرگەن شۇ يىللاردا 15 ياش ئىدىم، مۇھەببەتلىشىشنى قىزلارنى ئالداش دەپلا چۈشىنەتتىم. رابىيەنىمۇ ئالدانغان قىز دەپ ئويلايتتىم. تاشچىنىڭ خوتۇنىمۇ ئالدانغان بولسا كېرەك، گۈزەل قىزلار بالدۇر ئېچىلغان گۈلگە ئوخشايدۇ، بۇ گۈزەللىككە ئەرلەر تويمايدۇ، چىدىمايدۇ، ئۆزىنىڭ قىلىۋالغۇسى كېلىپ تىپىرلايدۇ، بىر ئامال قىلىپ ئۈزۈۋالىدۇ. گۈل ھامان ئېچىلىدۇ، ئۇنىڭ ئېچىلىشىنى ھېچكىم توسۇۋالالمايدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۆمرى پەرۋىشكە باغلىق، تاشچى بۇ خوتۇنىنى قانداق پەرۋىش قىلىدىغاندۇ؟
سورۇندىن چىقىپ كەتتىم، ئاپتوبۇس ساقلاۋاتسام قارا كىيىملىك بىر خەنزۇ قىز گەپ قىلدى. ئەسلىدە ئۇ خەنزۇ ئەمەس كورىيەلىك ئىكەن. نورمال كېتىۋاتقان ھاياتىمدا مۇشۇنداق غەيرى ئىشلارنىڭ بولۇپ تۇرۇشىنى بەك خالىسام كېرەك، ئۇنىڭ بىلەن تۇرۇپلا پاراڭلىشىپ كەتتىم. ئۇ مېنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمنى ئاڭلاپ: سەن ئاتا-ئاناڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا مۇسۇلمان بولدۇڭمۇ ياكى ئۆزەڭ كاللاڭدىن ئۆتكۈزۈپ مۇسۇلمان بولدۇڭمۇ؟ دەپ سوئال قويدى. بۇ چاغدا مېنىڭ ئېتىقادىم ھەقىقەتەن تەقلىد باسقۇچىدا ئىدى، لېكىن تەن بەرمەي: ئۆزەم كاللامدىن ئۆتكۈزۈپ مۇسۇلمان بولغان، دېدىم. ياق، سېنىڭ ئېتىقادىڭ تېخى مۈجمەل ئىكەن، ۋاقتىڭ چىقسا ئەتە پالانى يەردە كۆرۈشسەك، دىن ھەققىدە پاراڭلاشساق، دېدى. ئاڭغىچە ئاپتۇبۇس كېلىپ قالدى، نېرى-بېرى ئويلىمايلا ماقۇل دېدىم.  ئۇزۇندىن بېرى يات مىللەت، يات جىنستىن بىرى مېنى بىر يەردە ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلمىغانىدى، ئەمەلىيەتتە مەن دىنىي مەسىلىگە ئەمەس، شۇ قىز بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ قانداق نەتىجە بېرىدىغانلىقىغا قىزىقاتتىم. ئەتىسى دېيىشكەن يەرگە باردىم، ھاۋا سوغۇق، تۇتۇق ئىدى، قار ئۇچقۇنداشقا باشلىدى. مەن بىر دەم ساقلاپ بېقىپ ئىچىم پۇشۇپ، كېتەي دەپ ماڭسام ئۇ قىز ئالدىمدا لۆڭڭىدە پەيدا بولدى. باغچە سوغۇق، ئۆيگە كىرىپ پاراڭلىشايلى دەپ مېنى بىر تار كوچىغا باشلاپ ماڭدى. بىر ئۆيگە كىرسەم لىققىدە تەتەي، قېرى ياكى ئوتتۇرا ياش خوتۇنلار... بىر مەسىلىنى مۇزاكىرىلىشىۋاتقاندەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. كورىيەلىك قىز كىرىپلا مېنى تونۇشتۇردى، تەتەيلەر قارشى ئالىمىز دەپ بۇدساتىۋادەك تەمكىن ھالدا كۈلۈمسىرەشتى. كېيىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خىرىستىئان مۇرىتى ئىكەنلىكىنى، قورۇق بېسىپ كەتكەن چىرايلىرىدىكى بۇ كۈلۈمسىرەشنىڭ خرىستىئان تەلىماتىدىكى رەھىمدىللىك، مۇھەببەت، كۆيۈنۈشنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
ئىچىم پۇشۇپ ئولتۇرسام بىر تەتەي يېنىمغا كېلىپ ئۆزىنى خۇيزۇ دەپ تونۇشتۇردى، ئەسلىدە ماڭا ئوخشاش مۇسۇلمان ئىكەن، لېكىن ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىپ خىرىستىئان دىنىغا كىرىپتۇ، چۈشىدە دائىم مەسىھنىڭ نۇرىنى، كىرىستنى، چېركاۋنى چۈشەيدىكەن، ھاياتىدا بىر نەچچە قېتىم ئاجايىپ ئىشلارنى كۆرۈپ (ئۇ بۇنى مۆجىزە دەپ سۆزلىدى) بۇ دىنغا تېخىمۇ باغلىنىپتۇ. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ھەقىقەتنى تاپتىم دەپ قارايدىكەن، بۇنىڭغا چىن دىلىدىن رازىكەن. مەندەك ياشلارنى توغرا يولغا باشلاشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. بۇنى ئۆزلىرىگە بىر مۇقەددەس ۋەزىپە قىلىۋاپتۇ، بۇنىڭدىن تولىمۇ پەخىرلىنىدىكەن. بۇ ئايال گېپىنى تۈگىتىپ تۇرۇشىغا يەنە بىر ئايال كېلىپ قارا تاشلىق ئىنجىل بىلەن «ئەي ئىنسان، سەن نەگە بارىسەن؟» دېگەن خەنزۇچە كىتابنى تۇتقۇزۇپ قويدى. كورىيەلىك قىز بىر چەتتە ماڭا گويا مەندىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتقاندەك قاراپ تۇراتتى، كىتابنى ئالدىم. شۇ ئەسنادا ئۇلار دۇئا-تىلاۋەت قىلىمىز دېيىشىپ ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا تىزىلىشقا باشلىدى، ئارىدا تەتەيلەرنىڭ بىرى يەل قويۇۋەتتى، سەسكىنىپ كەتتىم. بۇلاردا تاھارەت، پاكىزلىق دېگەن يوق گەپكەن، شۇ ھالەتتە قوللىرىنى جۈپلەپ، ئۆينىڭ يورۇق چۈشۈپ تۇرغان تۈڭلۈكىگە قاراپ بىر نەرسىلەرنى دەپ دۇئا قىلىشتى.
كىتابنى كۆتۈرۈپ قايتىپ چىقتىم، ئۇزاتقىلى ماڭغان كورىيەلىك قىزغا سوغۇق قاراپ قويدۇم، ئىچىم دەھشەت سىقىلدى!
تاشچى كىچىككىنە خوتۇنىنى قولتۇقلاپ سورۇندىن مەغرۇر قايتىپ چىققاندا سائەت 12 دىن ئاشقانىدى. مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە بەش ئادەم ئۇنى ساقلاپ تۇرغانىدى. تاشچى ئۇلارنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ تۇرۇپ قالدى:
-        نېمە گەپ بولسا چىرايلىق دېيىشەيلى...
-        بۇ گەپنى ئەمدى چىرايلىق دېيىشكىلى بولمايدۇ، تاشنى چىقىرىڭلا، يا پۇلنى چىقىرىڭلا...
-        تاشنى ئالغان لاۋبەن ئۆلۈۋالدى، بۇنى ئاڭلىغانسىلەر.
-        ئۇنىڭ بىلەن چاتىقىمىز يوق، بىز تاشنى سىلىگە بەرگەن. سىلە بىلەن ھېسابلىشىمىز.
-        ماڭا ۋاقىت كېرەك، بۇنداق قىستىساڭلار بولمايدۇ.
-        ھېلىمۇ ئىككى يىل ساقلىدۇق، 10 مىليونلۇق تاشتىن بىر مىليونمۇ قولىمىزغا تەگمىدى. قارىغاندا بۇ پۇل كەلمىگۈدەك، شۇڭا تاشنى قايتۇرۇڭلا.
تاشچى ئاچچىق كۈلۈپ كەتتى:
-        ئىككى مىليونلۇق تاشقا تۆتىڭلار شېرىك بولۇپ، ئىككى
مىليوندىن قوشۇپ ئون مىليونغا چىقىرىۋەتتىڭلار، بوپتۇ، سېتىپ بەرسەم بېرەي دەپ ئالدىم، نەچچە يىل مەشەدە ساقلاپ ياتتىم، نۇرغۇن يول ماڭدىم، مۇشەققەت تارتتىم، ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى، ئاخىر شۇ لاۋبەن 12 مىليونغا ئالىدىغان بولۇپ، بىر مىليوننى ئالدىن بەرگەن، ئۇ پۇلنى ھەر قايسىلىرىغا بۆلۈپ سېلىپ بەرگەن. قالغىنىنى ئالىمەن دەپ بولغىچە ئۆلۈۋاپتۇ، سۈرۈشتۈمە قىلسام، تاشنى ئاللىقاچان بىر تەرەپ قىلىۋېتىپ بولاپتۇ.
-        ئۇنىڭ بىلەن چاتىقىمىز يوق، بىز مۇئامىلىنى سىلى بىلەن قىلغان، بىزگە يا تاش كېرەك، يا پۇل...
-        مەندە ھېچنېمە يوق، تاشنى سىلىدىن زورلاپ ئېلىۋالمىدىم، سېتىپ بېرىمەن دېدىم، ساتتىم، پۇلنى ئېلىپ بولغىچە ئۆلۈۋاپتۇ.
-        شۇنىڭ بىلەن ئىش تۈگىدىما؟ ئۆلگەن ئوغرىنىڭ خوتۇن-بالىلىرى يوقمىكەن؟ تېشىمىزنى مۇنداقلا يوق قىلىۋېتەمدىكەن؟
-        ئۇنىڭ قەرزىنى ئاڭلايدىغان بولساڭلار ئۇچۇپ كېتىسىلەر، بىر مۇنچە قەرزنى خوتۇن-بالىلىرىغا ئارتىپ قويۇپتۇ. خوتۇنى ئۇنىڭ ئاۋمېندا قىمار ئوينايدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. ئۇنىڭغا تاش بەرگەن تاشچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ۋەيران بولۇپ كەتتى. بۇ سودىدا ھەممىمىز شېرىك، ھەممىمىز تەڭ زىيان تارتتۇق. تاشنى تاپقان ماۋۇ ئاكىمىزنىڭ زىيىنىنى مەن تۆلەپ بېرەي، ئەمما شېرىكلەرنىڭ قوشۇۋالغان مىليون-مىليون پۇللىرىنى مەن تۆلەپ بېرەلمەيمەن. ھەر بىرىڭلارغا سېلىپ بەرگەن شۇ 100 مىڭ كويغا رازى بولۇپ كېتىڭلار.
تاشنىڭ ئەسلى ئىگىسى يۇۋاش ئادەم بولۇپ، ئۇنى شېرىكلىرى كۈشكۈرتۈپ ئېلىپ چىققانىدى. شۇ تاپتا ھەممىدىن كۈچەپ سەكرەۋاتقانلارمۇ شۇلار ئىدى.        
-        ئۇ تاشقا ھەممىمىز ئىگە، تۆلىسەڭ ھەممىنى تەڭ تۆلەيسەن!- دېدى ئاچچىقى يامان بىرى ئالدىغا سەكرەپ چىقىپ،- سەن گۇي تاشنى سېتىپ خەجلىۋېلىپ، ئەمدى ئۆلۈككە ئارتىپ قۇتۇلماقچىما؟ گېپىڭگە كىم ئىشىنىدۇ؟ چىقار ئىسپاتلىرىڭنى؟
-        شۇ ئەمەسمۇ!- دېدى يەنە بىرى دىۋەيلەپ كېلىپ،- شۇ تاشنى ساتمىساڭ ما خوتۇنۇڭنى قايسى پۇلغا ئالدىڭ؟ ماۋۇ كاتتا مېھمانخانىدا ئايلاپ-يىللاپ قانداق تۇرالىدىڭ؟ كۈندە كەچتە رېستۇراندا، دىبادا خەجلىگەن پۇللىرىڭنى نەدىن تاپتىڭ؟
-        مەن يالغۇز بىر تاشنىڭلا سودىسىنىلا قىلمايمەن، بىر تاش بىلەن بۇ شەھەردە تاشچىلىق قىلغىلى بولمايدۇ. مەن تېشىڭلارنى سېتىپ خەجلىۋالمىدىم، ئازراق بولسىمۇ قايتۇردۇم. ئەمدى تاشنىڭ ھەقىقىي ئىگىسىنى رازى قىلىش نىيىتىم بار، ئەمما سىلەر ئاغزىڭلاردا قوشۇۋالغان نەچچە مىليوننى مەن تۆلىيەلمەيمەن، بۇنىڭدىن ۋاز كېچىڭلار.
-        ئۇنداق گەپ يوق، لەۋزىڭدە تۇرمايدىكەنسەن، بىزمۇ بۇنىڭغا چارە قوللىنىمىز!
-        لەۋزى دېگەننى قانۇن ئېتىراپ قىلمايدۇ، نوچى بولساڭلار سوتقا ئەرز قىلىڭلار. بولمىسا مېنىڭ ئالدىمنى توسماڭلار.
-        سەن ما  كىچىك خوتۇنۇڭنىمۇ سۆز بېرىپ ئالغان بولغىيدىڭ؟ گېپىدە تۇرمايدىغان سەندەك ھېجىقىزنى!- ئالدىغا سەكرەپ چىققان ئىككەيلەن تاشچى بىلەن خوتۇنىنى ئايرىۋەتتى. قىز ھېچقانداق قارشىلىق بىلدۈرمىدى، ۋاي دەپ توۋلاپمۇ سالمىدى، ئايفونۇمنى ئېلىۋالمىسۇن دېگەندەك، تېلېفونىنى سىلاپ جىم تۇردى. شۇ ئارىدا قىزنى تارتىپ يېنىغا ئەكىلىۋالغان ئادەم قىزنىڭ شەپكىسىنى ئېلىۋېتىپ چىرايىغا بىر قاراپ سۆزلەپ كەتتى:
_ قاراڭلا ما قىزغا، كىچىكلا تۇرمامدۇ؟ ئاتا-ئانىسىغا پۇل خەجلىگەن گەپ. بىزنىڭ تاشنىڭ پۇلىنى خەجلىگەن گەپ. بوينىدىكى ئالتۇن زەنجىر، ھالقا، ئۈزۈكلىرىنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ تاشنىڭ پۇلى. بىز ئۇ يەردە پۇل كېلىدۇ دەپ يۈرسەك، بۇ ئوغرى تاشنىڭ پۇلىغا  توقال ئېلىپ، ئۆزنىڭ قىزىدەك بالىنى خوتۇن قىلىپ يۈرۈپتۇ ئەمەسمۇ، ۋۇي ھارامتاماق گۇي، پاھىشۋاز گۇي، قويمىچى گۇي...
-        نوچى بولساڭ ئۇنى قويۇۋېتىپ مەن بىلەن سۆزلەش!- دېدى تاشچى خوتۇنىنىڭ يېنىغا مېڭىپ.
-        ئەمىسە پۇلىمىزنى ئالدىمىزغا قوي!- دېدى يەنە بىرى ئۇنىڭ مەيدىسىنى ئىتتىرىپ،- قاچان شۇ پۇلنى بەرسەڭ خوتۇنۇڭنى بېرىمىز، بولمىسا ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىمىز، يۇرتتىن ئالداپ ئېلىپ چىقتىڭمۇ بۇ بالىنى تېخى كىم بىلىدۇ؟ ئەگەر قوش نىكاھلىق جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولساڭچۇ؟ ئىشىڭ چاتاق سېنىڭ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى، پۇلنى قايتۇر، قايتۇرمىساڭ، بىزدىن ياخشىلىق كۈتمە.
-        نامەرتلىك قىلىشما! تاشنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى سەنلەر ئەمەس، شېرىك قىلىپ قېتىۋالغان باھالىرىڭنىڭ ھەممىسى ھارام، ھەممىسى ئالدامچىلىق!
-        سەن ھارامدىن گەپ ئاچما، سېنىڭ يالغان قەسەملىرىڭچۇ؟ نامەرت دېگەن سەن، ئوسۇرمايمەن دەپ تۇرۇپ، ئارقىدىن كۇس قويىدىغان سەندەك گۇي نامەرت بولىدۇ! خوتۇنىڭغا چىدىمىغان بولساڭ پۇلىمىزنى قايتۇر، يا تېشىمىزنى قايتۇر. ئەگەر قايتۇرمايدىغان نىيىتىڭ بولسا، خوتۇنۇڭنىمۇ ئۇنتۇپ كەت. بىز مۇسۇلمان خەق، خوتۇنۇڭنى ھېچقانداق قىلمايمىز، سەن شۇ ھەققىمىزنى قايتۇرغىچە ئۆزىمىز قارىغاچ تۇرىمىز.
ئۇلار تاشچىنىڭ خوتۇنىنى ماشىنىسىغا سېلىپ ئېلىپ كەتتى. قىز بىر توپ ئاكىلىرى، تاغىلىرى ئارىسىدا ئولتۇرغاندەك ئازادە ئولتۇراتتى، پات-پات تېلېفونىغا قاراپ قوياتتى.
ئىنجىلنى ياتىقىمغا كۆتۈرۈپ كېلىپ تاشلاپ قويغانچە ئوقىمىدىم. قۇرئاننى ئوقۇپ باقماي تۇرۇپ ئىنجىلنى ئوقۇش خوشياقمىدى. بىر نەچچە كۈن ئىچىم سىقىلىدى، بىرەر يەردە سورۇنغا تەكلىپ كېلىپ قالسا ئالدىراپ باراتتىم، ھاراق قۇيۇپ بەرسە ئىچەتتىم. تاشچىنىڭ خوتۇنىدەك بىر خوتۇن ئېلىپ باغرىمغا باسمىغىچە بۇ ھاياتتىن ھۇزۇرلىنالمايدىغاندەك ھېس قىلىدىغان شۇ كۈنلەردە گۈزەل قىزلار ئىشتىياقى قەلبىمدە كۈل ئاستىدىكى چوغدەك يېلىنجاپ تۇراتتى. ھەر كۈنى كۆڭلۈمنى خوش قىلىش ئۈچۈنلا ياشايتتىم، ئەمما بۇ مەقسەتكە تولۇق يېتەلمەيتتىم.  كورىيەلىك قىزنىڭ كەينىدىن ئەگەشكەن، بىر توپ تەتەيخانلارنىڭ ئارىسىدىن قېچىپ چىققان شۇ كۈندىن باشلاپ، مەن مۇسۇلمانمۇ؟ قايسى دىنغا كىرسەم ئىچىم سىقىلمايدۇ دەپ ئويلاشقا باشلىدىم، خۇيزۇ ئايالنىڭ ئۆزىدىن پەخىرلىنىپ سۆزلەپ كەتكەن چىرايى ئۇزاققىچە ئېسىمدىن چىقمىدى.
قوشنا يېزىدا بىر خۇيزۇ ئايال بار ئىدى، بېشىغا ئاق دوپپا كىيىپ لەڭپۇڭ ساتاتتى. لەڭپۇڭلىرى شۇنداق ئوخشايتتىكى، كۆكمۇچ، قىزىلمۇچ، پۇرچاق، ئەيتاۋۇر باشقىلار ئوخشىتىپ بولالمايدىغان قىيام، تېتىتقۇلىرى بىلەن ئەتراپتا داڭلىق ئىدى، خەقلەر كۈندە دېگۈدەك ئۆچرەت ساقلاپ يەيتتى، نەچچە تەخسەپ يەپمۇ تويماي، ئۆيلىرىگە ئېلىپ كېتەتتى. كۈنلەر ئۆتۈپ بۇ ئايال بىر ئايدەك يوقاپ كەتتى، ئۇنىڭ لەڭپۇڭلىرىنى سېغىنغان خەقلەر غولغولا قىلىشقا باشلىدى. بىر نەچچىسى مەسلىھەتلىشىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بېقىشنى ئويلاشتى. سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئۆيىنىمۇ تاپتى، كىرىلىمۇ، كىرمەيلىمۇ دېيىشىپ ئاخىر ئىشىكىنى ئېچىپ كىردى. كۆردىكى، ئىگە-چاقىسىز بۇ ئايال ئۆزىنىڭ ياتقان يېرىدىلا ئۆلۈپ قالغان، تەييارلاۋاتقان لەڭپۇڭلىرى ئېچىپ پۇراپ كەتكەن. ئەڭ ھەيران قالارلىقى، ئۆيىگە يوغان بىر بۇتنى تىكلەپ قويغان بولۇپ، بۇتلىرىنىڭ ئالدىغا ياققان كۆجىلىرى تولۇق كۆيۈپ بولالماي ئۆچۈپ قالغانىدى. ئەگەر ئۆيىگە ئوت كەتكەن بولسا ئۆزى بىلەن قوشۇپ ھەممە نەرسە كۈلگە ئايلىنىپ كېتەتتىكەن. كىرگەنلەر بۇرنىنى تۇتۇپ قېچىپ چىققانچە، كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى خەلقى ئالەمگە يېيىۋەتتى. بۇنىڭ ئاڭلىغان كىشىلەر ئۇنىڭ يېگەن لەڭپۇڭلىرىدىن كۆڭلى ئاينىغاندەك بولۇپ، قۇساي دېسىمۇ قۇسالماي، قاتتىق بىئارام بولۇشتى.
15ياش ۋاقتىمدا رابىيە ھەققىدە «توزۇغان گۈل» دەپ بىر شېئىر يازاي دەپ يازالمىغانىدىم، چۈنكى ئۇ چىرايلىق ئەمەستى، چىرايلىق بولمىغاچقا قىزىقمايتتىم، ياخشى كۆرمەيتتىم، ياخشى كۆرمىگەن قىزغا قانداق مەرسىيە يازغىلى بولسۇن؟ شۇڭا ئۆلۈپ كەتكەندىمۇ «ۋاي بىچارە، كىم باسقۇنچىلىق قىلغاندۇ» دېگەن ئېچىنىشتىن باشقا تۇيغۇ بولمىدى. ئۇنىڭغا ھەممىدىن بەك ئېچىنغان ئابدۇراخمان «باسقۇنچىغا قاتتىق جازا بېرىش كېرەك، بولسا ئاشۇ ئەزايىدىن باغلاپ ئېسىپ قويۇش كېرەك» دەپ سۆزلەپ يۈردى. ئۇ باسقۇنچى كېيىن تۇتۇلدىمۇ، تۇتۇلمىدىمۇ بىلمىدۇق، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يولۇققان تالاي ئىشلار، غەلۋە-غەليانلار، ئۆزىمىزنىڭ ئۇششاق دەرت-ئەلەملىرى ئۇنى ئۇنتۇلدۇرۇۋەتتى.

        
  
   

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 15:23:48

داۋامى باردەكلا

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 16:19:58

شۇ ئەسنادا ئۇلار دۇئا-تىلاۋەت قىلىمىز دېيىشىپ ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا تىزىلىشقا باشلىدى، ئارىدا تەتەيلەرنىڭ بىرى يەل قويۇۋەتتى،....

كۈلۈپ تېلىقىپ كەتتىم

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 16:24:26

بۇنداقلا تۈگەپ  قالسا بولماس ..................

gepnoz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 19:55:01

ماۋۇ تېمىدا ۋەقەلىك كەررە تۇرىدىغۇ ! ئاخىرىچۇ !

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 21:38:44

ھىكاينى توردا ئوقوسا
بەت: [1]
: تاش ۋە قەلب (ھېكايە)