لېرىكىلار
كېچىدە يامغۇر
بۇ كېچىدە يامغۇر بىلەن مەنلا بار ،
يەنە غېرىپ قەبرىلەردەك تەنھامەن .
مەۋجۇتلۇغۇڭ دىلنى ئېزەر بارغانچە ،
ئۆز ئۆزىنى سەرسان قىلار نەمخۇش تەن .
بۇ كېچىدە يامغۇر بىلەن مەنلا بار ،
قاراڭغۇغا چىلانماقتا دەرەخلەر .
يۇلتۇزلاردىن ئەسەرمۇ يوق ئاسماندا ،
ھەمرا ماڭا يامغۇر تولغان كۆلچەكلەر ...
بۇ كېچىدە يامغۇر بىلەن مەنلا بار ،
ئېقىپ تۇرار يۈرۈگۈمدە بىر دەريا .
بۇ كېچىدە يالغۇز مەنلا ماڭىمەن ،
سۆيگۈ دېگەن پايانى يوق كوچىدا .
سۆيگۈ
خىيالدىنمۇ يىراق بىر جايدا ،
ئۇچرارسەنمۇ ماڭ بىر كۈنى .
تور توقۇيدۇ مىسكىن دىلىمغا ،
ھەردەم سۆيگۈ ئۆمۈچۈكلىرى .
قانداق كۈي ئۇ چالغىنىڭ جېنىم ،
يېتەلمىدىم تېگىگە ئەسلا .
نىچۈن سېنى شۇنچىلىك سۆيدۈم ،
بىلەلمىدىم كۆيدۈم بىناۋا .
ياش تۆكىدۇ ئەمدى تەنھالىق ،
چىغىر يوللار قالارمۇ جىمجىت .
يېزىلمىغان سۆيگۈ قىسسىسى ،
قالدى پەقەت سانسىز كۆپ چېكىت ...
ۋاراقلىنار مەنىسىز سۈكۈت ،
جىمجىت ئۇزاپ كەتتىڭ يەنىلا .
ئۈمىت كۈتۈپ يۈرمەيمەن ئەمدى ،
مەن ئۈمىتنى بەردىم ساڭىلا .
خاتېرەمنى بوشقىنا سىلاپ ،
يېزىلىدۇ بىر قەترە ھەسرەت .
ئېچىلماقتا خىيال گۈللىرى ،
قەلبىمدىكى گۇگۇمغا پەسلەپ .
كونا ئوت
كونا ئوت كۆيەر باغرىمدا ،
تىلىقىدۇ لەختە يۈرىگىم .
كېچىگە باش قويار ئاستا ،
سەن بىلەن كەتكەن ئۈمۈدۈم .
نىمە ئويلاشنىمۇ بىلمىدىم ،
كۆزۈڭدە يالاڭ ئاياغ يۈردۈممەن .
چۈشۈمدە ئوڭۇمدا ئوخشاشلا ،
ئېزىقىپ يۈرگىنىمنى بىلىمەن .
كۆزلىرىڭ قىشتىكى قۇياشتەك ،
سېپەتتى مۇزلىغان نۇرىنى .
كۆنمىدىم سەنسىز ئوت ئىچىدە ،
يىلىنجار قەلبىمنىڭ ئۆتمۈشى .
توڭلىدى باغرىمدا مۇھەببەت ،
تىترىدى لىۋىمدە سۆزلىرىم .
قار ئاستىدىكى غازاڭدەك ،
تەنھا قالدى يەنە يۈرۈگۈم .
كۈلقىز
كىرىۋالدى ئىچىمگە بىر ئوت ،
يۈتۈۋالدىم بىر قەدەھ زەھەر .
كۈلۈشلىرىم قولاشمىدى ھېچ ،
بولۇپ قالدىم ئۆلگەندىن بەتەر .
باھار بىلەن كەلدى بۇ سۆيگۈ ،
مېھرى ئىللىق باغرىمدا بىر چوغ .
ئۆتۈپ كەتتىڭ شامالدەك لەرزان ،
دەرەخلەرنى ھەسرەتكە قويۇپ .
كۆيمەكتىمەن تاتلىق ئازاپتا ،
كۆيگىنىمنى ئەسلا بىلمەيسەن .
كۆڭلۈمدىكى ئورمانلىقىمدا ،
كۈلقىز بولۇپ كەلگىن مەلىكەم !
ئىمكانسىز سۆيگۈ
سەھەر ئاپتىۋىدا يۇيۇنغان روھىم ،
قايغۇ شولىسىدا چايقىلار جىمجىت .
نېمىمۇ قالغاندۇ ئەسكە ئالغۇدەك ،
ئازۇ شاماللىرى تۇرسا تىلىقىپ ...
ئارماندا يوللارغا قارايمەن ئېغىر ،
ئېڭىمدا لالىلەر ئېچىلدى بەزەن .
سۈكۈت سازلىقىدا ياشىغان كۆڭلۈم ،
قاپقارا تۈتۈننى قىلدى گۈل-چىمەن .
بىلمىدىم كۆيىمەن نىچۈن بۇ ئوتتا ،
ھېسلىرىم كوچىدا بولماقتا چۇل-چۇل .
ئىمكانسىز سۆيگۈنۈم قەلبىمگە تۇتقۇن ،
مەن چەكسىىز بوشلۇققا ماڭىمەن ئۇدۇل .
چۈشتىكى سۆيگۈ
ئۆتۈپ كەتتى بىر گۈزەل يۇلتۇز ،
چىڭقى چۈشنىڭ يانغان پەيتىدە .
قىيا باقمىدى ئارقىدا مىڭ كۆز ،
يۈرەك ئىشقىدا قىلدى جىغغىدە ...
قاراپ قالدىم يالغۇز دەرەختەك ،
تاشيوللاردا ياۋا چېچەكلەر .
بىر ئېزىتقۇ ئوينار ئىچىمدە ،
ئاپتاپ بولۇپ ئاقار تىلەكلەر .
ئۆتكىنى ئۇ قىپقىزىل بىر تەن ،
قالدى مەندە قاپقارا ھەسرەت .
ئۇچۇپ كەتتى شامالدەك يەڭگىل ،
قالمىدى ھېچ قاراشقا تاقەت .
تەنھالىقىمنى ئەسىر قىلدى ئۇ ،
قاناتلىرى لەرزان سىپاپ ئۆتكەندە .
بەلكىم بارمىقىمنى چىشلەپ قالىمەن ،
سۆيگۈ ئىكەك سالار يۈرەككە يەنە ...
بۇ كېچىدە يامغۇر بىلەن مەنلا بار ،
تەنھا ئۇندا جىمجىتلىقنىڭ شاتلىقى.
باھار بىلەن يۇغۇرۇلغان كۆڭۈلدە،
ھەيرانلىقمۇ سۈكۈناتنىڭ بارلىقى.
بەت:
[1]