dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 07:14:20

جۇڭگولۇقلارنىڭ ھېلىقىدەك كىنىشكىسىدىن نەچچىسى بار

تۇغۇت تەستىقى كېنىشكىسى، نوپۇس كىنىشكىسى، دىپلوم، كەسپى سالاھىيەت كىنىشكىسى، پېنسىيە كىنىشكىسى…..گۇاڭجۇ شەھەرلىك سىياسى كېڭەش دائىمىي ھەيئىتى ساۋ جى ۋىي ۋە باشقا 19 نەپەر كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇپپا يىرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرىپ ئېتىپ تەكشۈرۈپ -ئېنىقلاش ئارقىلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆمرىدە كېرەك قىلىدىغان 103 خىل كىنىشكىنى توپلاپ چىققان. بۇ 103 خىل كىنىشكىنى بېجىرىش ئۈچۈن 60 نەچچە ئورگاننىڭ تەستىقى بولۇشى، 100خىلدىن ئارتۇق تامغا بېسىلىشى، 28 خىل ھەق تاپشۇرۇلۇشى كېرەك بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىنىشكا بېجىرىش جەريانىدا ، ئوخشاش بىرتۈردىكى ماتېرىيالنى ئوخشاش بولمىغان تارماقلارغا تەكرار تاپشۇرۇشقا توغرا كېلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تەكرارلىق قېتىم ئەڭ كۆپ بولغانلىرى نوپۇس كىنىشكىسى 37 قېتىم، سۈرەت 50 قېتىم، كىملىك 73 قېتىم…ئىكەن. دېمەك جۇڭگولۇقلار كىنىشكا بېجىرىش ئۈستىدە ئەمەس، كىنىشكا بېجىرىش ئۈچۈن يول ئۈستىدە!
(ياڭچىڭ كەچلىك گېزىتى)



جۇڭگو كىنىشكا پادىشاھلىقى مۇ؟



تۇغۇلۇشتىن ئۆلگەنگە قەدەر، تۇغۇت تەستىقىدىن ئۆلۈم ئىسپاتىغىچە ، جۇڭگولۇقلارنى پۈتكۈل ئۆمۈرى دېگۈدەك خىلمۇ-خىل كىنىشكىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭا جۇڭگو دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ -كىنىشكا پادىشاھلىقى بولۇشقا مۇناسىپتۇر، بۇنىڭغا ھېچكىم گۇمانلانمايدۇ. ئاممىۋىي ھاجەتخانا تاملىرى بىلەن ستولبۇلاردىكى «كالاتەمرەتكىسىنى قەدىمى جوڭگۇ تېبابىتى بىلەن داۋالاش » ئېلانلىرىنىڭ ئورنىنى ناھايىتى تېزلا خىلمۇ-خىل كىنىشكا بېجىرىش قارا ئۇۋىلىرىنىڭ ئېلانلىرى تارتىۋالدى. ھەتتا توم. كرۇسنىڭ «ئىمكانسىز ۋەزىپە 3» كىنورىنىڭ جۇڭگودا سۈرەتكە ئالغان پارچىلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىمۇ « كىنىشكابېجىرىمىز 135xxxxxxxxx » دېگەن ھېلىقى تونۇش مەنزىرە كۆزگە چېلىقتى، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنىڭ كۈلكىسىنى قىستايدۇ.
ئاز بولمىغان ئورگانلار ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، تۈرلۈك نام بىلەن كىنىشكا ئىجاد قىلىدۇ، ئاندىن بۇ كىنىشكىلارنىڭ ھەق ئۆلچىمى بارلىققا كېلىدۇ، كىنىشكا ئىقتىسادى شۇنداق يول بىلەن گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويغان.

جۇڭگوچە يوسۇندا كىنىشكا بېجىرىش ھەقىقەتەن بەسى مۇشكۈل بىر ئىش، بۇ مەسىلە خىلى بۇرۇنلا مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىش بولۇپ قالدى. بەلكى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگولۇقلار ئۆزلىرى ئېرىشكەن ھەربىر كىنىشكىنى گوياكى گۆھەردەك ئەتىۋارلاپ ساقلايدىغان بولۇپ ، بىرەرسىنىمۇ يۈتتۈرۈپ قويۇشتىن شۇنچىلىك ئېھتىيات قىلىدۇ. چۈنكى كۈنلەرنىڭ قايسى بىركۈنلىرىدە بىرەر كىنىشكىنىڭ يوقاپ كېتىشى سىزنى ئويلىمىغان دىشۋارچىلىقلارغا دۇچار قېلىشى مۇمكىن !
ئالايلۇق، بىر ئاممىۋى ئاپتۇبۇس شوپۇرى 12 خىل كىنىشكىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرمىسە ئىشقا چىقالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاجايىپ -غارايىپ كىنىشكىلارمۇ بار، مېنىڭ بىر دوستۇم بېيجىڭدا ياشاۋاتقىنى 10 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ئۇنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇش گۇۋاھنامىسى بار، ئۇ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق مال -مۈلۈك ئىشلىتىش كىنىشكىسى بېجىرگەن ئۆيىدە، ۋاقىتلىق تۇرۇش گۇۋاھنامىسى بىلەن تۇرىۋاتىدۇ.

ئېغىز ئۇپىراپ، پۇتلار ئۈزۈلۈپ كېتىش – كىنىشكا بېجىرىش ھەقىقەتەنمۇ 81 مۇشكۇلاتنى يېڭىپ نوم ئېلىپ كېلىشتىنمۇ تەس. كىنىشكا ئارقىلىق دۆلەت ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ھەرقاچان ھەر يەردە كىنشكىنىڭ مۈشكۈلاتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. زىيادە ئىلغاشلار كىنىشكىنى تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى ئەڭ زۆرۈر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان، پەقەت قايسى بىر تۈردىكى كىشنىكىدىن چاتاق چىقىدىكەن، نورمال تۇرمۇش تەرتىپى شۇئان بۇزۇلىدۇ، ھەتتا ئايرىم پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللاردا ياشاش يولىمۇ ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، بەزى كىنىشكىنىڭ يوقاپ كېتىشى بىلەن سىز ھايات بولسىڭىزمۇ مەۋجۈتلىكىڭىزنى ئىسپاتلىيالماي قېلىشىڭىز ئاددىيلا بىر ئىش.
كىنىشكا ئارقىلىق ئەلنى ئىدارە قىلىش- خەلقنىڭ نورمال تۇرمۇشىنى قۇربانلىق قىلىش بەدىلىگە ئاسانلىققا ئېرىشىشتۇر، بۇ ھۆكۈمەت تەقدىرىدىكى سىياسى خەۋپنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش نىشانى ئۈچۈن پايدىلىق. كىنو چولپىنى چىڭلوڭ بۇرۇن : جۇڭگولۇقلار باشقۇرۇشقا مۇھتاج دېگەن ، شۇڭا ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ بىر پۈتۈن ئۆمۈرى ئەمەلىيەتتە كىنىشكا بېجىرىش جەريانىدۇر.

بىزگە كېرەك بولۇدىغان ھەقىقى كىنىشكا زادى نەچچىلىك؟



گەرچە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى سالاھىيەتنى تەستىقلاش ۋە كەسپنى تەستىقلاش تۈرىدىكى بىرمۇنچە كىنشىكىلار زۆرۈر بولسىمۇ، ئەمما باشقا نۇرغۇن كىنىشكىلار ئەمەلىيەتتە باشقۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئاۋارىچىلىقى، پايدىسىدىن كۆپ. مەسىلەن؛ بەزەن كىشنىكىلارنى بېجىرىشنىڭ ئورنى يوق، بەزەنلىرىنى بېجىرىش ئەسلىدە ئۇنچە كۆپ رەسمىيەت تەلەپ قىلمايدۇ، بەزىلىرى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلار كەشىپ قىلغان بەلگىلىمىدىن تاشقىرى قائىدىلىرىنىڭ تەلىپى ئۈچۈنلا، بەزىلىرى بىجىرىلىشتىن ئىلگىرى، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئىنىق چۈشەنچە بەرمەيدۇ،….
كىنىشكا – بىر تۈرلۈك ئىجتىمائىي سورتلاش مېخانىزمى، ئەسلىدىكى ماھىيىتى كىشلەرگە قولايلىق يارىتىش، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتۇر. بىراق، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنى بېجىرىشنىڭ ئۆزىلا بىر ئەڭ قېيىن مەسىلە بولۇپ قالدى. كىنىشكا ئاللىقاچان بىر تۈرلۈك ئىجتىمائىي كېسەللىككە ئايلىنىپ قالدى، ئۇ ئىجتىمائىي بايلىقلارنى خورىتىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئاستىن -ئۈستۈن قىلغىلى تۇردى. چىگىش، مۇرەككەپ بۇ كىنىشكىلار كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇكى بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى -مەنپەئەت. سىز ھەق ئالماي بىجىرىدىغان كىشىنىكىدىن نەچچىنى بىلىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ بەزى ئورگانلاردىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ كىنىشكا بېجىرىش ھەققى ئارقىلىقلا تۇرمۇشىنى قامدايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ ئىجتىمائىي كېسەللىكنى داۋالاش ئۈچۈن، تۈزۈمدىن قول تىقىپ، ئەشۇ كىنىشكا بېجىرىش بىلەن مەستخۇش بولۇپ كەتكەن ئۆسمە لەرنى كېسىپ ئېلىۋېتىش كېرەك.



جۇڭگوچە كىنىشكا بېجىرىش نىڭ قۇلۇپىنى قانداق ئېچىۋىتىمىز؟



بىرتۈرلۈك كىنىشكىنى بېجىرىش- بىرقىتىملىق مەمۇرىي تەستىق ئالغان بىلەن ئوخشاش. ھەربىر كىنىشكىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە بىر تۈرلۈك ھوقۇق ۋە بىر قېتىملىق ھەق يىغىش بار . كىشنىكىنىڭ تۈرى نۇرغۇن، كىنىشكا بېجىرىش تەرتىپلىرى چاكىنا، بۇ ئاۋام – پۇقرانى ھالسىرىتىپلا قويماي، يەنە بىر تەرەپتىن چىرىكلىك ۋە بيۇروكراتىزمنى كۈچەيتىۋىتىدۇ. ئادەمنى ئىزدىمەيلا ئىش بېجىرىش نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش چېكىگە يەتمەكچى بولساق، يەنىلا ھوقۇقنىڭ چەكلىمىسىگە دۇچار بولىمىز، ھەربىر قېتىملىق كىنىشكا بېجىرىش جەريانىنى ھوقۇقنىڭ ئاۋام ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىغا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە ھەردەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى كىنىشكا تۈرىنى ئازايتىش كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھوقۇقنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا زىيادە ئارىلىشىۋېلىشى بىلەن تەسىر كۆرسىتىشىنى ئاجىزلاشتۇرۇش مۇھىم.



فېڭ چىڭ ياڭ (风青杨 ) ئىمزاسىدىكى بۇ ماقالە سىنا تورىنىڭ مائارىپ قانىلىدىن تەرجىمە قىلىندى.
فېڭ چىڭ ياڭ – داڭلىق ئېقىم مەسىلىلىرى تەقرىزچىسى، كۇرسلۇق مەھسۇلات تىجارەتشۇناسى، ۋۇخەن خۇييىڭ تىيەنشىيا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ CEO سى.

aLKaMaL1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 15:04:06

بولۇپمۇ بىزلەرنىڭ كىنىشكا بىجىرىش يولىمىز بەك مۈشكۈل بولىۋاتىدۇ، غوجاملاردىن نەچچە قىتىملاپ
قوپال گەپلەرنى ئاڭلاپ، دوق قىلىشلارغا ئۇچراپ، يا 10
كىنىشكىدىن 4 تى ئۇيغۇرچە ئەمەس، شۇ سەۋەپتىنمۇ
نۇرغۇنلىرىمىز نۇرغۇن مەنپەئەتلەردىن قۇرۇق قىلىۋاتىمىز

Uyghuri يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 15:12:03

103 ئەمەس 104 دەڭ ،  يېشىل كارتا ( قولايلىق كارتا ) بۇمۇ تېخى يېقىندا يولغا قويۇلدى

sayaq1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 16:27:16

Uyghuri يوللىغان ۋاقتى  2014-8-31 15:12 static/image/common/back.gif
103 ئەمەس 104 دەڭ ،  يېشىل كارتا ( قولايلىق كارتا ) بۇمۇ تېخ ...

«بۇكارتا ئەمەلدىن قاپتۇ...» دېگەن گەپلەر غىل-پال قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى، بۇ گەپ راسمىدۇ قېرىنداشلار؟؟ بىلىدىغانلار ئۇچۇر بېرىۋەتسەڭلار.

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 17:35:52

{:92:}

Moostabit يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 17:54:34

بىر چەت ئەللىك   دوستۇمنىڭ ھەرخىل كىنىشكە سالدىغان سومكىسنى كۆرەپ بۇ بالاڭنىڭ سومكىسمۇ دەپ زاڭلىق قىغىنىنى ئويلىسام ھازىرمۇ كۈلگۈم كىلدۇ :lol

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 18:06:45

زادى چەتئەللەردە كىنىشكا بولمامدىغاندۇ ؟

كىچىك چاغلىرىمىزدا چەتئەلدە ماشنىغا نۇمۇر تاختا ئالمايدىكەن ، كىنىشكىمۇ كەتمەيدىكەن ، دىگەن گەپنى جىق ئاڭلاييتۇق ،،، بۇغۇ يالغانلا گەپ ئوخشايدۇ ...

honda يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 20:32:53

ما قولايلىق كارتا دىگىننى بىر ئاي سوكۇلداپ يۈرۈپ ئاران ئالدىم دىسە . ھىلى تور يوق دەۋاتقان ، ھىلى ماشىنكا بۇزۇق دەۋاتقان .................

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 21:35:23

ئۇنچىۋالامۇ جىق ئەمەسكەنغۇ ،
بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر تۇنۇشۇم ، ( تېخى ياش ) بىر سومكا كېنىشكىنى دۇكىنىمغا ئەكىرىپتۇ ،
- سايىلاپ بەرسىڭىز  ،  دەپ .
ساناپ باقسام ئاز كەم 40 تال كېنىشكە ئىكەن ،
- نىمانداق كۆپ كېنىشكە بۇ ، تاللا بازىرىدىن سېتىۋالدېىڭىزما ، دىسەم ،
ئۇ تەنە ئارلاش كۈلۈپ كەتتى ،
- قانداق قىلىمىز ئەمدى جۇڭگۇچىلىقتا ، دەيدۇ .
مەن دىدىم ،
-قارىغاندا بىرەر كۇرىستا ئىككى - ئۈچ كۈن ئۇقۇپ قويساڭلار ، يوغان كېنىشكىدىن بىرنىڭغا ئىگە بولىدىكەنسىلەردە ؟
- ۋاي نىمىسىنى دەيسىز ، بۇ كېنىشكە ئاۋارىچىلىقى دىمەيلا قۇيۇڭ .
- ئوتتۇز يېشىڭىزدا 40 دانە كېنىشكىگە ئىگە بۇلۇپسىز ، 60 ياشقا بارغۇچە گەپ يوق 400 تال كېنىشكىگە ئىگە بولغۇدەكسىز ، شۇنداق بولغاندا يېشىڭىز 100 دىن ئاشقاندا بۇ كېنىشكىللىرىڭىزنىڭ ھەربىر دانىسى نەچچە مىڭ ھەتتا نەچچە يۈزمىڭ يۈەنگە ياراپ قالامدۇ تېخى ،
ئۇ ئۇقۇتقۇچى يولداش گىپىمنى ئاڭلاپ ئاچچىق كۈلۈپ كەتتى .

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 00:11:07

ج خ مىنىستېرلىكى ئۆزى تارقاتقان كىملىكنى ئۆزى ئېتراپ قىلماي، يىشىل كارتا چىقاردى.
ئەسلىدە كىملىك نومۇرى بىر بولغاندىكىن، پىراۋا، بانكا كارتىسى، سۇغۇرتا كارتىسى قاتارلىق بىر قاتار كارتىلارنى كىملىك بىلەنلا ھەل قىلغىلى بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى.

SATAN يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 00:15:52

ئىنسانلارنى دەرىجىگە ئايرىپ كۆنتىرول قىلىش كىنىشكىسى

tayirT يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 09:13:58

ھەرئىككى ئۈچ يىلدا بىر  قايتىدىن ئوقۇپ ئالىدىغان كەسپى كىنىشكىلەر چۇ تېخى. ئۈنۈملۈك ۋاىتى نەچچە يىللا كېلىدۇ، ۋاقتى توشقاندا يەنە قايتا پۇل يىغىپ ئوقۇتۇپ تارقىتىدۇ.  ئوقۇتقىنىنىڭ تاينى يوق شۇ قېتىملىق كۇرسىغا قاتنىشىپ بەرسىلا ئىمتىھان ۋاقتى جاۋابىنى بىللە تارقىتىپ يىغىۋالىدۇ .
رەسمىيەتكە تولغان بۇدۇنيا  :(

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 16:25:59

تۇغۇلۇش كېنىشكىسى، قېرىش كېنىشكىسى، ئۆلۈش كېنىشكىسى :lol
ئىشىنىڭلار ھە ما گەپكە.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 18:43:47

ئەڭ يېڭى كىنىشكا نېمە ؟ جاۋاب: قۇلايلىق كارتا (كىنىشكىسى):lol:lol:lol

puhra يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 22:11:35

يېشىل كارتىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق رەسمىيەتلەر كېتىدىكەن ؟ ھازىر مۆمۈن پۇخرا كارتىسى دەيدىكەنغۇ.{:92:}{:92:}{:92:}

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 08:59:09

puhra يوللىغان ۋاقتى  2014-9-1 22:11 static/image/common/back.gif
يېشىل كارتىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق رەسمىيەتلەر كېتىدىكە ...

ئۇنى ئەمەلدىن قالدى دەپ سۆزلەۋاتقانغۇ ؟ (كوچا پارىڭى ئەمەس، رادىيو-تېلېۋىزىيىدە)

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 09:06:23

ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى قىستايدىغان كىنىشكىنىڭ ھەممىسى جۇڭگودىن تېپىلىدۇ .
ھېلىقى تۇغۇش ئىجازەت كېنىشكىسى دەيدىغان بىرنىمىسى باتتى ، خۇددى مۇشۇلا ئىجازەت قىلسا ئاندىن تۇغىدىغان .
ئىككىنجى بالام تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن بىجەمىگەن ، ھازىرغىچە شۇ كىنىشكىنىڭ جىدىلىنى قىلىدۇ ، شۇنى بىجەمىسەڭ نوپوسقا ئالمايمىز دەيدۇ . ئۇنى بىجىرىدىغان يەرگە باسام بۇرۇن نىمىشقا بىجەمىگەن دەپ بېشىمنى ئاغرىتتى ، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ قىيداپ نوپوسقا ئالدۇمىدىم .

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 09:17:00

asalam يوللىغان ۋاقتى  2014-9-2 09:06 static/image/common/back.gif
ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى قىستايدىغان كىنىشكىنىڭ ھەممىسى جۇ ...

:lol  راست بۇ كىنىشكىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشىمۇ بار  ئەل ئارىسىدا ...

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 11:34:08

مۇشۇ كىنىشكە -پنىشكىلەرنى تولىلىقىدىن ،مەندەبىرساندۇق بار دادامدىن قالغان  شۇ 30دەك قىزىل ،يېشىل ،كۆك ،قاراكۆك .يەنە بىرقانداق رەڭلىك كىنىشكە ،گۇۋانامىلىرىمنى ساقلايمەن .پۇلۇمنى ئوغرىلىسا مەيلىكى ،شۇ ساندۇقۇمنى ئالمىسۇن دەيمەن .ناۋادا ئوتكەتسا قانداق قىلارمەن دەپ قالدىم .:funk:{:118:}{:99:}

FIRKAT يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 15:53:05

راستىمنى دىسەم جۇڭگولۇق بولۇپ قالغىنىمدىن قالتىس «پەخىرلىنىمەن».
ئاھالىلەر كومىتىتىدا خىزمەت قىلغىنىمدىن تېخىمۇ «پەخىرلىنىمەن».
بەت: [1] 2
: جۇڭگولۇقلارنىڭ ھېلىقىدەك كىنىشكىسىدىن نەچچىسى بار