لاتا شېئىر (63) تاماكا
لاتا شېئىرى (63) تاماكائەسلى تېما : http://bbs.izdinix.com/thread-59669-1-1.html
چەكسەم تۇتۇن شورىدىم ، شورىمىدىم مەن قاننى ،
پۈلىۋەتتىم ئىس بىلەن ، يۈرەكتىكى فىغاننى .
ناخشا ئېيتىش ھارامدۇ ر، ھارام ئەمەس تاماكا ،
ھەرەمدىمۇ كۆردىممەن ، كەيىپ -ساپا قىلغاننى .
خۇمار بۇلۇپ قالغان مەن ئامالىم يوق تاشلاشقا ،
ئۇنى چىقىرىپ ھارامغا ،قىينىمىغىن بۇجاننى .
مەكروھ دەيدۇ بەزىلەر ، ھاراملىققا دەلىل يوق .
ھالال دەيمەن چۈنكى مەن ، چۈشەنمەيمەن ئىماننى .
ئوغۇرلارمۇ «كەسپى» نى ، جاپالىق دەپ ھالال دەر ،
ھالال دەيدۇ جالاپمۇ ، ئىپپىتىنى ساتقاننى .
ھارام ئەمەس تاماكا سوراپ بېقىڭ بەڭگىدىن ،
مەدىيلەيمىز «ھالال»دەپ پەتىۋانى تاپقاننى .
كۆپ سۆزلىمە ئەي لاتا ، قۇلۇڭدا بار تاماكا .
زىناخور دە ئىمامنى ، بارلىق سىنى توسقاننى .
ھالال نىمە ؟ ھارامچۇ ؟ مىنىڭ ئانچە كارىم يوق ،
ھالال ساناپ قىلىمەن دائىم كۆڭلۈم تارتقاننى ،
ئۆلپەت بولسا كىم ماڭا شۇ تەقۋادار - داموللام ،
مۇناپىق دەپ تىللايمەن ، مىنى چەكلەپ باسقاننى .
ھارام بولسا نىمە قورق ؟ كىسەل بولسام دوختۇر بار ،
كۆرمىگەنمۇ كىسەلگە ، ئاسما ئۇكۇل ئاسقاننى ،
قورقۇتماڭلار موللاملار ، ئۇدۇنيادىن - ئازاپتىن ،
ئۇ دۇنياغا بارغىچە يىگەچ تۇراي تاپقاننى .
:lol:lol:lol{:112:} ھېلىقى يازغۇچىمىز بۇنۇڭدىن ئىلھاملىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ئەمدى
:lol sad~da يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 11:27 static/image/common/back.gif
ھېلىقى يازغۇچىمىز بۇنۇڭدىن ئىلھاملىنىپ قالسا ئەجەپ ئە ...
بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ ،يەنە بىر ھىكايە يازسا...تېخىمۇ داڭلىق بوپ كېتىدۇ مۇمكىن بولسا مۇشۇ لاتا شىئىرلار توپلىمىنى چۈشۈرۋالغىلى بۇلارمۇ ........ لاتا شىئىرلار توپلىمى بارمۇ ؟ Uyghur يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 13:05 static/image/common/back.gif
بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ ،يەنە بىر ھىكايە يازسا...تېخىمۇ ...
ئالامەت :lol نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى بولمىش ئۇزدىل ئەپەندىنىڭ مۇنبەردىشىمىز لاتىنىڭ ئىلھامىنى كەلتۇرۇپ قويغىنى ياخشى بۇلۇپتۇ :lol:lol:lol:lol:lol ۋاھ ئۇزۇن بولغان مۇنبەر شېئىرسىراپ قالغىلى :lol لاتا ئاكا ھارمىغايلا ئۇزدىلجاننىڭ يازمىلىرى ھەقىقەتەن يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالىدىكەن، مانا مۇنبەردىشىمىز لاتىنىڭ بىر ئوبدان ئىلھامىنى كەلتۈرۈپ قويۇپتۇ ئەمەسمۇ، ئۇزدىلجاننى قوش مۇكاپاتلاشنى كەسكىن تەلەپ قىلىمەن. ئۇزدىلجاننىڭ يازمىلىرى ھەقىقەتەن يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالىدىكەن، مانا مۇنبەردىشىمىز لاتىنىڭ بىر ئوبدان ئىلھامىنى كەلتۈرۈپ قويۇپتۇ ئەمەسمۇ، ئۇزدىلجاننى قوش مۇكاپاتلاشنى كەسكىن تەلەپ قىلىمەن. Uyghur يوللىغان ۋاقتى 2014-08-30 13:05:39 static/image/common/back.gif
بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ ،يەنە بىر ھىكايە يازسا...تېخىمۇ
ئىلھاملىنىپ!:lol:lol:lol
بەت:
[1]