Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 20:59:45

بالىلاردىكى كىكەچلىكتىن ياردەم سورايمەن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇغقانلار،مېنىڭ قىزىم 4 ياشقا كىرگۈچە نورمال سۆزلەيتتى،كىيىن-كىيىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئاز-ئاز كىكەچلەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلدى،خۇددى ئەركىلەپ سۆزلەۋاتقاندەك. ئەنە ئوڭشىلار،مانا ئوڭشىلار دەپ بىرەر يىل ئۆتۈپ قارىساق كىكەچلىشى ئوڭشالمىدى. باشقىلاردىن ئاڭلىغان بويىچە بەزەنبىر ئۇششاق چارىلەرنى قىلىپ باقتۇق،مەسىلەن سوغۇقى ئېشىپ كەتكەن ئىھتىماللىققا قارىتا ئىسسىقلىق قىلىپ بېرىش دىگەندەك.يەنە بىر گەپ قىزىمنىڭ بۇرۇن قۇلىقى ئاقاتتى،بۇمۇ كىكەچلىك بىلەن باغلىنىشلىقمىدۇ؟
  قىزىم ھازىر چوڭىيىپ قالدى.بۇ يىل تولۇقسىزغا چىقىدۇ.دەرستە ياخشى،ئەمما تېشىغا چىقىرىشتىن ئەنسىرەيدىغان خاھىش ئېغىر،دەرستە بىر كىكەچلەپ قالسا قورقۇپ شۈك تۇرىۋالىدىكەن،شۇنىڭ بىلەن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەن ھالەت شەكىللىنىپ قالدى.
مەن ئىزدىنىشنىڭ كونا ئىخلاسمىنى ھەم يېڭى ئەزاسى بولغاچقا،قارىسام بۇ مۇنبەردە مۇنەججىم كىشىلەر،ھەكىملەر،باشتىن ئىسسىق-سوغۇق ئۆتكەن پىشقەدەملەرگىچە باردەك.شۇڭا مۇشۇ ھەقتە ماڭا تەجىرىيبەڭلاردىن ئىككى شىڭگىل ئايىمىساڭلار!
كىكەچلىك تۇغما بولمىسا ئۇ قانداق سەۋەبلەردىن بولىدۇ؟ داۋاسى بارمۇ؟ مەخسۇس داۋالاش تەدبىرلىرى ياكى ئائىلىدە داۋالاش تەدبىرلىرى دىگەندەك ئۇسۇللار بولسا ئەقىل كۆرسىتىپ ياردەم قىلساڭلار…!
دانىشمەنلىرىمىزنىڭ ياردىمىنى كۈتىمەن…

taz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 21:50:52

پىسخىكىلىق سەۋەبتەك تۇرىدۇ. پىسخىكا دوختۇرىغا كۆرسىتىپ بېقىڭ ئابدۇراخمان!

taz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 21:51:13

پىسخىكىلىق سەۋەبتەك تۇرىدۇ. پىسخىكا دوختۇرىغا كۆرسىتىپ بېقىڭ ئابدۇراخمان!

Apple يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 22:19:27

99%قۇلاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئادەتتە ئادەم گەپنى نورمال ئاڭلىيالمىسا كىكەچلىك كەپ چىقىدۇ.پۈتۈنلەي ئاڭلىمىسا گاچابۇپقالىدۇ.
گاچىلارنىڭ %95تى قۇلىقى ئاڭلىمىغاچقا گاچا بوپ قالىدىكەن تەكشۇرسە ئاۋاز پەردىسى ساق چىقىدۇ ياخشىراق دۇختۇرغا كۆرسىتىپ قۇلىقىنى داۋالىتىڭلا قۇلىقى ئوڭشالسا تىلى چۇقۇم ئوڭشىلىدۇ.

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 22:22:50

taz يوللىغان ۋاقتى  2014-08-29 21:50:52 static/image/common/back.gif
پىسخىكىلىق سەۋەبتەك تۇرىدۇ. پىسخىكا دوختۇرىغا كۆرسىتى
بىر قېتىم خانىمنىڭ سورىغان سۇئالىغا تېز جاۋاپ بېرەلمىسە «بولە گاچا قايلاپ تۇماي !…» دەپ سىلكىشلەپتىكەن،ئۆيگە دىمەي كەپتىكەن،كىيىن ساۋاقداشلىرىدىن ئاڭلاپ قالدىم،ھېس قىلىشىمچە شۇنىڭدىن كىيىن سەل ئېغىرلاپ قالدى،ئېيتقىنىڭىز دۇرۇستەك قىلىدۇ.

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 22:25:55

Apple يوللىغان ۋاقتى  2014-08-29 22:19:27 static/image/common/back.gif
99%قۇلاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئادەتتە ئادەم گەپنى نورمال
كىچىكىدە قۇلىقى ئاقاتتى،«ماۋۇ ئاق قۇلاق،ماۋۇ ساق قۇلاق» دەپ ئەركىلەيتتى. ھازىر ئانچە ئاقمايدۇ،ئاڭلىشى نورمال،پەقەت سۆزلىشىدە قىينچىلىق بار، ئاندىن قىزىق يېرى:ناخشا ئوقۇسا كىكەچلىمەيدۇ…

koklam0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 22:33:03

ناخشا ئوقۇسا كىكەچلىمىگىنىگە قارىغاندا پىسخكىلىق مەسىلىكەن.

koklam0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 22:34:22

پىسخىكا مەسلىھەتچىسى ئەلى قۇربان مۇئەللىم بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىڭ يا

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 07:48:48

دوختۇرغا ياكى تىۋىپقا كۈرۈنگەن تۈزۈك ، جىسمانىي مەسىلە بولمىسا موللامغا ئۇقۇتىۋاتسىمۇ ياخشى بۇلۇپ قالىدۇ ،ئۇقۇيدىغان ئايەتنى ئۆزىڭىز بىلىۋېلىپ ئۆزىڭىز ئۇقۇسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ....

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 08:02:03

قۇلاق ئېقىشتا چوقۇم بىر سەۋەپ بار، شۇڭا نېمەلىكىن بولسا بۇ نۇقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلماي، چوڭراق دوختۇرخانىدا قۇلاقنى مۇنتىزىمراق بىر قېتىم تەكشۈرۈتۈپ بېقىڭ. ئۇنىڭدا مەسىلە چوڭ بولمىسا، پىسخىكا جەھەتتىن يول تۇتۇپ باقارسىز، تىزراق ساقىيىپ كېتىشىگە تىلەكداشمەن.

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 08:13:47

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-08-30 07:48:48 static/image/common/back.gif
دوختۇرغا ياكى تىۋىپقا كۈرۈنگەن تۈزۈك ، جىسمانىي مەسىل
ھە،بۇنى ئويلاشقان بولساممۇ ئىشەنچ قىلالماپتىكەنمەن.سىناپ باقايمىكىن ئەمىسە…
رەھمەت!

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 08:14:59

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-08-30 08:02:03 static/image/common/back.gif
قۇلاق ئېقىشتا چوقۇم بىر سەۋەپ بار، شۇڭا نېمەلىكىن بولس
رەھمەت مەسلىھەتىڭىزگە!

sad~da يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 08:20:47

ئادەتتە ئۆي ئىچىدە سىلەر بىلەن ياكى ئۇكىللىرى بىلەن پاراڭلاشقاندىمۇ شۇنداق قىلامدۇ؟

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 09:19:50

sad~da يوللىغان ۋاقتى  2014-08-30 08:20:47 static/image/common/back.gif
ئادەتتە ئۆي ئىچىدە سىلەر بىلەن ياكى ئۇكىللىرى بىلەن پا
ئۆيدە ئانچە ئەمەس،بولۇپمۇ تەڭتۇشلىرى بىلەن ئوينىغاندا خېلى راۋان،چوڭلار گەپ سورىسا،مەكتەپتە مۇئەللىملىرى سۇئال دورىسا دۇدۇقلاپ كىتىدۇ.خاپا بولۇپ يىغلىسا بەك ئېغىرلاپ قالىدۇ.شۇڭا بىزگە گەپ قىلغاندا كۆزىگە قاراپ تۇرىۋالماي باشقا تەرەپكە قاراپ جىددىيلەشتۈرمەسلىككە تىرىشىمىز.
ئۆزى بەك ئەقىللىق،مۇنەججىم،دەرسلەردە ياخشى.ئەمما قورقۇنچاق.

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 09:31:34

مەنمۇ شۇ سەۋەپلىك ئالى مەكتەپتە ئوقۇمىغان ،بۇنىڭ سەۋەپلىرى كۆپىنچە  نەۋرە تۇققانلارنىڭ تويلىششىدىن كېلىپ چىقىدىكەن ،ئۈزۈل -كېسىل ساقايمايدىكەن ،بۇنىڭغا بىمار ئامال بار جىددىيچىلىكتىن ساقلىنىشى.ئۆزى ىخوشال بولىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشى،يەنە ھىكايە ،رومان ،پوۋېست لارنى ئۈنلۈك ئوقۇپ بېرىشى بىلەن بىرگە ‹‹ راببىش رەھلى سەدىرى،ۋەيەسسىرلى ئەمىرى،ۋەھلۇل ئۇقدەتەن مىللىسانى يەپقەھۇ قەۋلى›› مۇشۇ ئاياتنى ئوقۇپ ئاللاھتىن شىپالىق تىلەڭلەر.مەنمۇ ئاللانىڭ شىپاسى ۋە ئكزۈمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن خېلى يامان ئەمەس ،جىىديلەشمىسەملا باشقىلار كېكەچلەيدىغىنىمنى بىلەلمەيدۇ.ئاللادىن قىزىڭىزغا شىپالىق تىلەيمەن،  يەنەبىر گەپ سوغۇق تەبىئەتلىك نىرسىلەردىن پەرھىز تۇتقاي،ئۇيغۇرتىبابات دورىلىرىدىن ‹‹ مەجۈنى ئاقىر قەرھا›› نى تەييارلاپ بېرىڭ ،بەك ئاچچىق دۇرا شۇنداقتىمىۇ باشقىلارنىڭ مەسخرىسىدىن تاتلىق

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 09:55:00

izdan0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-08-30 09:31:34 static/image/common/back.gif
مەنمۇ شۇ سەۋەپلىك ئالى مەكتەپتە ئوقۇمىغان ،بۇنىڭ سەۋە
سىزگە كۆپ تەشەككۈر! كىتابلارنى ئۈنلۈك ئوقۇتۇپ بېرىۋاتىمەن،ئەمما يىتەرلىك ئەمەس.تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ باقاي.سىز دىگەن دورىنى چوقۇم تېپىپ يىگۈزىمەن.يەنە بىر تەشەككۈر!
ئاندىن سىزدىن سورىۋالاي،ئاۋۇ ئايەتنىڭ تولۇقى قۇرئاننىڭ قايسى سۈرىسىدە بار؟ ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويسىڭىز…

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 10:25:09

بۇنىڭ سەۋەپلىرى بەك نۇرغۇن ،قۇلاقنىڭ تەسىرى بۇلىدۇ ،پىسخىكىلىق تەسىرمۇ بۇلىدۇ ،يەنە باشقىلار مەسىلەن   كىچىكىدە ئەركىلەپ ياكى بىراۋنى دوراپ دېگەندەك .  بۇلسا دوختۇرياكى تىۋىپقا مەسلەھەتكە سېلىڭ .  
  ئۇندىن قالسا مەن سىزگە بىر ئەقەل كۆرسىتەي  ،بۇنى بىز سىناپ بەك ئوبدان ئۈنۈمىنى كۆرگەن :
بالىڭىز ئېغىزىغا ئۇششاق شېغىل تاشتىن چوڭلىقى بادام مېغىزىدەك بولسا ياكى كىچىكرەك بولسا بۇلىدۇ لىكىن ،بەك كىچىك بولسا بولمايدۇ ،ئۆزى گەپنى تۇلۇق تالەپپۇز قىلالايدىغان مىقداردا سېلىۋېلىپ  گېزىت ،شئېر ،بولسا ئايات ياكى خەنزۇچە ،ئېڭگىلىزچە تېكىستلەرنى ئوقۇشنى بىرنەچچە ئاي ،ئۈزۈلدۈرمەي ئوقۇسۇن ،%90ئوڭشىلىدۇ .
يەنە بىرئامال بالا ئەينەككە قاراپ بەزىدە يادلىۋالغانلىرىنى،بەزىدە تېكىستلەرنى دىكلىماتسىيەقىلسۇن بۇنىڭ ئۈنۈمى ئاستا،لىكىن يامان ئەمەس .
يانەبىرى بالا سىلەر نىڭ چىرايغاقاراپ سىلەرگە تېكىستلەر ئوقۇپ بەرسۇن ،ئاندى سىلەر شۇ ئوقۇغاننى قولۇڭلارغا ئېلىپ بالىدىن شۇ توغرىلىق سوئال سوراڭلار ،بۇچاغدا باشتا سىلەر ھەم بالا ئالماشتۇرۇپ كۆزىڭلارنى يومۇڭلار لىكىن ،بىرلا ۋاقىتتا بولسا بولمايدۇ  كىيىن بالا ھەم سىلەر كۆزىڭلارنى ئاچساڭلار بۇلىدۇ .بالا بۇنى باشقا كىشىلەر بىلەن بىللە قىلسىمۇ بۇلىدۇ . بۇنىڭ ئۈنۈمى قالتىس 100لىك ساقايمىسىمۇ ،كىىن ،بۇنىڭ رولى بەك بولىدىكەن . بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىزسىناپ باققا ن بالىغا قايسى ماس كەلسە شۇنى ئىشلىتىڭلار ،بۇئۇسۇللارنى يەنە باشقىچە قىلىپ باقساڭلارمۇ بۇلىدۇ .ناۋاداتۇلۇق 100لىك ساقايمىسۇ ،بالىغا زور پايدىسى بار .ھەممىسى سىناقتىن ئۆتكەن ئۇسۇللار .

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 10:28:44

ئاۋۇ ئۇسۇللارنى مىنىڭ ئوقۇتقۇچى بۇرادىرىم شۇنداق بالىلارغا سىناپ شۇنداق ھەتتا بىرتۇرىۋالسا   تا     تا    پا   پا        لاپ تېلىقىپ توختىمايدىغانلارنىمۇ خېلى تۈزۈك ئۇڭشىغان .

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 12:17:48

dillani يوللىغان ۋاقتى  2014-8-30 10:25 static/image/common/back.gif
بۇنىڭ سەۋەپلىرى بەك نۇرغۇن ،قۇلاقنىڭ تەسىرى بۇلىدۇ ،پ ...

رەھمەت سىزگە! خېلى ئەتراپلىق،ئەستايىدىل جاۋابلارغا ئېرىشىپ كۆڭلۈم ئىشەنچكە تولدى. ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ شىپاھلىق بېرىىشى ئاندىن،كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ دىگەندەك ئىزدىنىشتىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياخشى مەسلىھەتلىرى ۋە ياخشى تىلەكلىرى بىلەن ياخشى بولۇپ كەتكەي !
بەت: [1]
: بالىلاردىكى كىكەچلىكتىن ياردەم سورايمەن