DDV يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 15:10:35

يۈزى قېلىن ئوغرىلار

يۈزى قېلىن ئوغرىلار
ئوبزور
ئابابەكرى ئابدۇقادىر
باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىم ئىدى. بىر كۈنى تەنەپپۇس ۋاقتىدا ۋاسكىتبول مەيدانىنىڭ چېتىدىكى گار تۈۋىدە بىر كىتابنى تالىشىپ ئوقۇۋاتقان يۇقىرى يىللىقنىڭ بىر قانچە ئوقۇغۇچىسىنى كۆرۈپ قالدىم ۋە ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارنى شۇنچە قىزىقتۇرۇۋالغان كىتابنى كۆردۈم. ئۇ بالىلارنىڭ ئوقۇۋاتقىنى «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» ناملىق كىتابنىڭ 10-قىسمى ئىكەن. ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئوقۇۋاتقىنى «توختى مەدىكار» ناملىق چۆچەك ئىدى. چۆچەك مېنىمۇ قىزىقتۇرۇۋالدى. ئەمما شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇ كىتابنى ئوقۇش پۇرسىتى بولماي قالدى. دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىندى. كىتابقا قىيالماسلىق ئىچىدە كىتاب ئىسمىنى ئېسىمدە چىڭ تۇتۇۋالغاندىن كېيىن سىنىپقا كىرىپ كەتتىم.
ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدە ھېلىقى كىتابنى كۆرۈپ قالدىم ۋە قوشنىمىزغا دەپ ئۇ كىتابنى ئارىيەت ئېلىپ چىقىپ، يېرىم كۈن ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم. ئۆزۈم شۇ كىتابتىكى چۆچەكلەردە تەسۋىرلەنگەن پادىچى بالىلار بىلەن بىللە قوي بېقىۋاتقاندەك، شاھلارنىڭ چاھار باغلىرىدا سەيلى قىلىۋاتقاندەك، ئاجايىپ-غارايىب دۇنياغا بېرىپ قالغاندەك ھېسسىياتتا ئىدىم. قىسقىسى، قەلبىم ئاللىقانداق ھاياجانلىق تۇيغۇلارغا غەرق بولغان ئىدى.
ئەنە شۇ مىنۇتتىن باشلانغان كىتابخۇمارلىق تا ھازىرغىچە مەندىن يىراقلاپ كەتمىدى. خۇشاللىق مىنۇتلاردىمۇ، ئازاب ئىچىدە ئۆتكەن ۋاقىتلاردىمۇ كىتابتىن ئايرىلىپ باقمىدىم.
كىتاب بىلەن ياشاۋاتقان شۇنچە يىللاردىن بۇيان قانچە پارچە كىتاب-ژۇرنال ئوقۇغىنىمنى ساناپ بېرەلمەيمەن ھەم ئوقۇغان ھەربىر پارچە ئەسەرنىڭ قەلبىمگە بەخش ئەتكەن ھۇزۇرىنى ئۇنتۇيالمايمەن.
بالىلىقىم بىلەن خوشلىشىپ يىگىتلىك دەۋرىمنى كۈتۈۋالغاندىن كېيىن، ئۆزۈممۇ باشقىلارنى دوراپ ھېكايە-شېئىرلارنى يېزىپ گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇردۇم. قەلبىمنىڭ پىنھان يەرلىرىدىكى ھېس-تۇيغۇلىرىم گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان چاغدىكى خۇشلۇقۇمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىش مۈشكۈلدۇر. پەقەت يۈرىكىمنىڭ تەسۋىرلىگۈسىز شادلىق ئىچىدە ئويناقلاپ سوققان چېغىدا ئاشۇ ئېلان قىلىنغان يازمىلىرىمنى تالاي كېچىلەردىكى شېرىن ئۇيقۇمدىن ۋاز كېچىپ يېزىپ چىققانلىقىم ھازىرقىدەك ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.
ئۆزۈم بىر نەرسە يېزىپ ئېلان قىلدۇرۇپ، ئەدەبىياتنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكىنى ئاز-تولا تېتىپ باققاچقا، بۇ كوچىدىكى ئوغرىلىققا ھەيران قالاتتىم ۋە شۇنداق ئوغرىلارغا نەپرەت ئوقۇيتتىم. يېقىندا ئوغرىلىنىپ ئېلان قىلىنغان ئىككى پارچە شېئىر بىلەن بىر پارچە ھېكايىنى كەينى-كەينىدىن ئۇچرىتىپ قالدىم.

1
مەن ئۈچۈن سەن ئەمدى ئۇنتۇلغان بىر چۈش
كېرىمجان سۇلايمان
بىلمەيمەن، قانداقچە كىردىڭ چۈشۈمگە،
بىلمەيمەن، كەتتىڭ ھەم قانداقچە ئۇزاپ.
بىلمەيمەن، يەتتىڭمۇ مېنىڭ قەدرىمگە،
بىلمەيمەن، ۋە ياكى بەردىڭمۇ ئازاب؟

بىلمەيمەن، ئىشقىمنى قىلدىممۇ ئىزھار،
بىلمەيمەن، قانداقچە بولىدۇ سۆيۈش؟
بىلمەيمەن، ھەممىنى بىلمەيمەن زىنھار،
مەن ئۈچۈن سەن ئەمدى ئۇنتۇلغان بىر چۈش.

بۇ شېئىر «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1989-يىللىق 10-سانىدىن ئېلىندى.
ئۇنتۇلغان چۈش
گۈلشەن ئەبەيدۇللا
بىلمەيمەن، قانداقچە كىردىڭ قەلبىمگە،
بىلمەيمەن، كەتتىڭ ھەم قانداقچە ئۇزاپ.
بىلمەيمەن، يەتتىڭمۇ مېنىڭ قەدرىمگە،
بىلمەيمەن، ۋە ياكى بەردىڭمۇ ئازاب؟

بىلمەيمەن، كۆردۈممۇ شادلىق سېنىڭدىن،
بىلمەيمەن، قانداقچە بولىدۇ سۆيۈش؟
بىلمەيمەن، ھەممىنى بىلمەيمەن زىنھار،
مەن ئۈچۈن سەن ئەمدى ئۇنتۇلغان بىر چۈش.

بۇ شېئىر «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1997-يىللىق 6-سانىدىن ئېلىندى.
گۈلشەن ئەبەيدۇللا ئىسىملىك بۇ «شائىرە» كېرىمجان سۇلايماننىڭ « مەن ئۈچۈن سەن ئەمدى ئۇنتۇلغان بىر چۈش» ماۋزۇلۇق شېئىرىنىڭ ماۋزۇسىنى ئۆزگەرتكەن ۋە شېئىرنىڭ 2-كۇپلېتىنىڭ 1-مىسراسىنى ئالماشتۇرغاندىن باشقا يېرىگە چېقىلماي، ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋەسىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرنال «شىنجاڭ ياشلىرى»دا ئېلان قىلدۇرغان.

2
سۆيەلمىگەن قىزغا بەخت تىلەش
كامىلجان ھەسەن
چۆللەر مېنىڭ، بوستان سېنىڭ بولسىكەن،
ئەفغان مېنىڭ، خەندان سېنىڭ بولسىكەن.
بىر كېچىدە بولۇپ قالساق بىر جۈپ قۇش،
قەپەس مېنىڭ، ئاسمان سېنىڭ بولسىكەن.
ياماشقاندا ئەڭ خەتەرلىك داۋانغا،
پەيمان مېنىڭ، دەرمان سېنىڭ بولسىكەن.
ھالقىپ ئۆتسەك چېگرىسىدىن كۆڭۈلنىڭ،
سوغۇق مېنىڭ، گۈلخان سېنىڭ بولسىكەن.
مەن تىلەيمەن يەنە شۇنداق ئارماندا،
جەڭگاھ مېنىڭ، ئايۋان سېنىڭ بولسىكەن.

بۇ شېئىر «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1999-يىللىق 9-سانىدىن ئېلىندى.
سۆيەلمىگەن قىزغا بەخت تىلەش
مۇھەممەتتۇرسۇن يۈسۈپ نىھال
ئاچچىق مېنىڭ، تاتلىق سېنىڭ بولسىكەن،
ئازاب مېنىڭ، شادلىق سېنىڭ بولسىكەن.
تەڭرى مېنىڭ تىلىكىمگە يەتكۈزسە،
كېسەل مېنىڭ، ساقلىق سېنىڭ بولسىكەن.
نەس باسقاندا ئىككىمىزنىڭ بىرىنى
قارا مېنىڭ، ئاقلىق سېنىڭ بولسىكەن.
رىسقىم ئۈچۈن ئۇرۇق چاچسام باھاردا،
سامان مېنىڭ، ئاشلىق سېنىڭ بولسىكەن.
ئەجەل كەلسە ئىككىمىزنىڭ بىرىگە،
ئۆلۈم مېنىڭ، ياشلىق سېنىڭ بولسىكەن.

بۇ شېئىر «كروران» ژۇرنىلىنىڭ 2002-يىللىق 5-6- (قوشما) سانىدىن ئېلىندى.
كامىلجان ھەسەن قەلىمىدىكى شېئىر 11 بوغۇملۇق، 10 مىسرالىق شېئىر بولۇپ (بولسىكەن) رادىفتا يېزىلغان. مۇھەممەتتۇرسۇن يۈسۈپ نىھال قەلىمىدىكى شېئىرمۇ 11 بوغۇملۇق، 10 مىسرالىق شېئىر بولۇپ ئۇمۇ ئوخشاشلا (بولسىكەن) رادىفتا يېزىلغان (ئۆزگەرتىپ كۆچۈرۈلگەن).
مۇھەممەتتۇرسۇن يۈسۈپ نىھال ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋەسىدىكى مەتبۇئاتلاردا بىر تۈركۈم شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان ھەم «مۇھەببەت دەرياسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان شائىر تۇرۇپ بۇ شېئىرنى نېمىشقا ئۆزگەرتىپ كۆچۈرگەندۇ؟ شېئىر يا ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن بىر قېتىم ئىشلىتىۋالاي دەيدىغان ئىلمىي ماقالە بولمىسا؟
يېزىقچىلىقنىڭ دەرد-ئازابلىق دەقىقىلىرىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ باققان بىر قەلەم ئىگىسىنىڭ كۆچۈرمىكەشلىك قىلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئەگەر مۇھەممەتتۇرسۇن يۈسۈپ نىھال كامىلجان ھەسەن قەلىمىدىكى ئەسلى شېئىرنى ياقتۇرۇپ قېلىپ خاتىرىسىگە كۆچۈرۈۋالغان بولسا شېئىر ئۆزگەرمەس ئىدى. ياكى تەقلىد قىلىپ يېزىپ باققان بولسا ئىزاھات بېرەر بولغىيتتى...
كىتابخانلارغا مەلۇمكى، ياخشى يېزىلغان بىر پارچە شېئىر ئوقۇرمەنگە مەنىۋىي ئوزۇق، بەدىئىي زوق ۋە ئىستېتىك لەززەت بېغىشلىيالايدۇ. خۇشبۇي ھىدقا تويۇنغان بىر دەستە گۈلدەك روھىي ئازادىلىك ئاتا قىلالايدۇ. تەپەككۇر قۇشىنى روھىيەت بوشلۇقلىرىدا ئەركىن پەرۋاز قىلدۇرالايدۇ.
كىچىك ۋاقتىمدىن باغلاپ شېئىرغا ئاشىق ئىدىم. گېزىت-ژۇرناللاردىكى شېئىرلارنىڭ بىرىنى قالدۇرماي ئوقۇپ چىقاتتىم. كىتابخانىغا كىرسەممۇ ئاۋۋال شېئىرلار توپلاملىرىنى كۆرەتتىم ۋە سېتىۋېلىپ ئوقۇيتتىم. روھىيىتىمدىكى قانداقتۇر بىر سىقىلىش، قاغجىراش پەقەت شېئىر ئوقۇش ئارقىلىقلا ئارام تاپاتتى. گەرچە ئۆزۈم تۈزۈك شېئىر يازالمىساممۇ يۈرىكىمدە شېئىرغا نىسبەتەن بىر ئوت گۈرۈلدەپ كۆيەتتى. شېئىرنى ھۆرمەت قىلاتتىم. قەدىرلەيتتىم. ئەتىۋارلاپ ساقلايتتىم. شۇڭىمۇ شېئىرغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتىم سەۋەبلىك بۇ ئىككى شېئىر ئوغرىسىنى ئۇچرىتىپ، غەزىپىم تېشىپ، چىشلىرىم غۇچۇرلاپ كەتتى.
ئاقىۋەت گۈلشەن ئەبەيدۇللا ئىسىملىك ناتونۇش كۆچۈرمىكەشنى ۋە ئۆزى شائىر تۇرۇپ شېئىردەك سۆيۈملۈك سەنئەتكە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان مۇھەممەتتۇرسۇن يۈسۈپ نىھال ئىسىملىك بۇ «شائىر»نى قەلبىمدىكى لەنەت تۆۋرۈكىگە مىخلىۋەتتىم.

3
بۇنىڭدىن يەتتە يىل مۇقەددەم تەشنالىق بىلەن كۈتكەن «تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ 2002-يىللىق 4-سانىنى قولۇمغا ئېلىپ ئىشتىياق بىلەن ئوقۇشقا باشلىدىم. مەكۇر سان ژۇرنالنىڭ 70-بېتىگە بېسىلغان ئەسقەر ئوسمان ئاپتورلۇقىدىكى «ئىشتانسىز قالغان ئايال» ماۋزۇلۇق ھېكايىنى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم-يۇ، كەينىدىنلا ئالدانغاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم. چۈنكى مەن بۇ ھېكايىنى بۇرۇن باشقا بىر ژۇرنالدا ئوقۇغاندەكلا ئېسىمدە بار ئىدى. شۇ ھامان ئۆيۈمدىكى بارلىق ژۇرناللارنى ئاختۇرۇپ چىقتىم. ئەمما بۇ كۆچۈرۈلمە ھېكايىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى تاپالمىدىم. بۇ ھېكايە ئەسلى ئاپتور يازغان نۇسخىسىدىن كۆپ ئۆزگەرتىۋېتىلگەن ئىدى. ئەسقەر ئوسماننىڭ بۇ قىلمىشىغا قولۇمدا كۆرسەتكۈدەك نەق پاكىت بولمىغاچقا سۈكۈت بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشقا توغرا كەلدى.
كۈنلەر ئۆتۈپ مانا بۈگۈن «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 1996-يىللىق 4-سانى قولۇمغا چىقىپ قالدى. ژۇرنالنى ئوقۇۋېتىپ ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ «كۆيۈك ئاپتاپ» ماۋزۇلۇق ھېكايىسىنى ئوقۇدۇم. تۇرۇپلا ئەسقەر ئوسماننىڭ «تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ 2002-يىللىق 4-سانىدا ئوقۇغان «ئىشتانسىز قالغان ئايال» ماۋزۇلۇق ھېكايىسى ئېسىمگە كىلىپ، ئۇ ژۇرنالنى تېپىپ، ئىككى ھېكايىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ، بىرمۇ-بىر سېلىشتۇرۇپ چىقتىم.
«تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 1996-يىللىق 4-سانىدىكى ياسىنجان سادىق چوغلان ئاپتورلىقىدا ئېلان قىلىنغان «كۆيۈك ئاپتاپ» ماۋزۇلۇق ھېكايىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
ئايتۇراخان ئىسىملىك چىرايلىق بىر چوكان ئاتا-ئانىسىنىڭ زورلىشى بىلەن ئۆزىدىن نەچچە ئون ياش چوڭ بىر پىخسىق بايغا ياتلىق بولىدۇ. باي ئايتۇراخانغا بىر كۆينەكلىك رەخت ئېلىپ بېرىشكىمۇ چىدىمايدىغان، ھەر ۋاقىت تاپقان پۇلىنى پوكىنىغا بېسىپ ياتىدىغان ئادەم بولۇپ، ئايتۇراخان بۇ پىخسىق ئېرىدىن نەچچە قېتىم ئاجرىشىپ كېتىشنى ئويلىسىمۇ، لېكىن ئۆزىگە ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان بىرەر يېقىن ئۇرۇق-تۇغقىنىنىڭ يوقلۇقى سەۋەبلىك ئېرى بىلەن ئامالسىز ئۆي تۇتۇشقا مەجبۇربولىدۇ.
بىر بازار كۈنى ئايتۇراخان ئېرى بىلەن ئۆيىدىكى بۇقىنى سېتىش ئۈچۈن بازارغا بارىدۇ. ئۇلار بۇقىنى 650 يۈەنگە سېتىپ بولۇپ، ئىككىسى بىر قاچىدىن لەڭپۇڭ ۋە بىر تالدىن گىردە بىلەن غىزالانغاندىن كېيىن، ئېرى 100 يۈەن پۇلنى ئېلىۋېلىپ، قالغان 550 يۈەن پۇلنى ئايتۇراخانغا تۇتقۇزۇپ، ئۆزىنى ساقلاپ تۇرۇشنى ئېيتىپ بازارغا كىرىپ كېتىدۇ. دەل شۇ چاغدا بۇقىنى سېتىش جەريانىدا ئايتۇراخانغا تىكىلىپ قاراپ كەتكەن 30 ياشلار ئەتراپىدىكى چېقىر كۆز يىگىت ئايتۇراخاننى شېرىن-شېكەر سۆزلەر بىلەن ئالداپ، ئۇنىڭغا 100 يۈەن پۇلنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ ئايتۇراخانغا بىللە بولۇشنى ئېيتىدۇ. نەچچە يىلدىن بۇيان ئېرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن ئايتۇراخان چېقىر كۆزنىڭ تاتلىق سۆيۈشلىرىدىن مەست بولىدۇ ھەم 100 يۈەن پۇلغا ئېرىشكەنلىكىنى، شۇ پۇلغا مەھەللىدىكى ئاياللارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتكۈدەك بىر كۆڭلەكلىك رەخت ئېلىشنى ئويلاپ ھەممىنى ئۇنتۇيدۇ...
ئايتۇراخان ئېسىگە كەلگەندە چېقىر كۆز يىگىت ھېچيەردە كۆرۈنمەيدۇ. ئۇ چۆچۈپ يانچۇقىنى ئىزدىگەندە پۇلى ساق چىقىدۇ.
«تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ 2002-يىللىق 4-سانىدا ئەسقەر ئوسمان ئاپتورلىقىدا ئېلان قىلىنغان «ئىشتانسىز قالغان ئايال» ماۋزۇلۇق ھېكايىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
ھاۋاخان ئىسىملىك چوكاننىڭ قېينىئاتىسى ئاغرىپ قېلىپ 3-كۈنى ھاۋاخاننىڭ ئېرى دادىسىنى يېزىلىق دوختۇرخانىغا ئاپىرىدۇ. دوختۇرلار 500 يۈەن ئۆتكۈزۈشنى ئېيتقاچقا، ھاۋاخان ئەر-خوتۇن پۇل تاپالماي ئۆيىدىكى كالىسىنى بازارغا ئاپىرىپ 1600 يۈەنگە ساتىدۇ. ئېرى 100 يۈەن پۇلنى ئېلىپ قېلىپ 1500 يۈەن پۇلنى ئايالىغا بېرىدۇ. ھاۋاخان پۇلنى ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ ياقا ئىلغۇچ بىلەن پۇختا ئېتىۋالىدۇ. ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئۇلاغ بازىرى ئالدىدىن بىر قاچىدىن لەڭمەن يەپ بولۇپ، يەتتە ياشلىق بالىسىغا تاتلىق-تۇرۇم ئالماقچى بولۇپ ماڭغاندا ھاۋاخاننىڭ تاھارىتى قىستاپ كېتىپ، ئۇلاغ بازىرى كەينىدىكى جىگدىلىككە كىرىپ ھاجەت قىلىپ، قايتىش ئۈچۈن ماڭغاندا ئۇلاغ بازىرىدا ئۆزىگە تىكىلىپ قاراپ كەتكەن ھېلىقى يىگىت كىلىپ ھاۋاخاننى ئالداپ ئۇنىڭ بىلەن كۆڭۈل ئاچىدۇ...
يىگىت ئىشىنى تۈگىتىپ بولۇپ ھاۋاخاننىڭ ئىشتىنىنى ئېلىپ ماڭىدۇ. ھاۋاخان ئورنىدىن تۇرۇپ يىگىتنى قوغلاپ مېڭىپ ئېرى بار يەرگە كىلىپ قالىدۇ. ئۇ ئېرىگە پۇلنى بۇلاڭچى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئەر-خوتۇن ئىككىسى بىرلىكتە بۇلاڭچىنى قوغلايدۇ ۋە جىگدىلىكنىڭ بىر چېتىدە ھاۋاخاننىڭ جىگدە شېخىغا ئېسىپ قويۇلغان قىزىل رەڭلىك تاۋار ئىشتىنىغا يولۇقىدۇ. ھاۋاخان بېرىپ ئىشتاننى قولىغا ئېلىپ يانچۇقىنى ئاختۇرىدۇ. ئېرى شۇ ھامان بىر ئىشنى سېزىپ قېلىپ كەكە سېپىدەك جىگدە ياغىچىنى ئۇشتۇپ ئېلىپ ھاۋاخاننى ئۇرىدۇ. ھاۋاخان ئېرىگە راست ئىشنى دەيدۇ. ئېرى ئاچچىقىدا ھاۋاخاننى تالاق قىلىۋېتىپ كېتىدۇ. ھاۋاخان ئېرىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يالۋۇرىدۇ، ئېرى كېتىۋېرىدۇ...
ئەسقەر ئوسمان ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ «كۆيۈك ئاپتاپ» ماۋزۇلۇق ھېكايىسىنى كۆچۈرۈش جەريانىدا ئايتۇراخان دېگەن ئىسىمنى ھاۋاخانغا، بۇقىنى كالىغا، 650 يۈەننى 1600 يۈەنگە، قۇرۇق تۆت تامنى جىگدىلىككە ئۆزگەرتكەندىن باشقا، «كۆيۈك ئاپتاپ» ناملىق ھېكايىدە چېقىر كۆز يىگىت كېتىپ قالغاندىن كېيىن تۆت تام ئىچىدە خىيال سۈرۈپ قالغان ئايتۇراخاننى «ئىشتانسىز قالغان ئايال» ھېكايىسىدە ئېرىدىن ئاجراشتۇرىدۇ. «كۆيۈك ئاپتاپ» ماۋزۇلۇق ھېكايىدىكى چېقىر كۆز يىگىتنى «ئىشتانسىز قالغان ئايال» ماۋزۇلۇق ھېكايىدا بۇلاڭچىغا ئۆزگەرتىپ، باشقىلارنىڭ مىڭ تەستە يېزىپ چىققان ئەسىرىنىڭ ئۇ يەر-بۇ يەرلىرىگە ئازراق گىرىم قىلىپلا قىلچىلىك تەپتارتماستىن «تۇرپان» ژۇرنىلىدەك پاكىز چىقىۋاتقان بىر ژۇرنال بېتىنى بۇلغاشقا پېتىنغان.
قەلەمكەشلەرگە مەلۇمكى، بىر پارچە ئەسەرنى ئاپتور بىر مۇنچە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ ئاندىن يېزىپ چىقىدۇ. ھەر قانداق بىر پارچە ئەسەر شۇ ئەسەر ئاپتورىنىڭ باغرىنى يېرىپ چىققان بالىسىغا ئوخشايدۇ. ئۆزىنىڭ مىڭ تەستە يېزىپ پۈتتۈرگەن ھەر قانداق ئەسىرىنى باشقىلارنىڭ نامىدا، يەنە كىلىپ ئۆزگەرتىلگەن ھالەتتە كۆرۈش ھېچقانداق بىر ئاپتورغا ئاسان چۈشمەيدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدا ئوغرىلىق قىلغۇچىغا نىسبەتەن بېرىلىدىغان قانۇنىي جازانىڭ ئۆلچىمى ئېنىق كۆرسىتىلگەن ۋە جىنايەت ئۆتكۈزگۈچى ئۆز جىنايىتىگە لايىق ھالدا جازاغا تارتىلىپ كەلگەن. ئەمما ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى تېخى ئۇيغۇر مەتبۇئاتچىلىقىغا تولۇق سىڭىپ كىرمىگەچكە ھەم كىرگەن ھالەتتىمۇ كېرىمجان سۇلايمان، كامىلجان ھەسەن ۋە ياسىنجان سادىق چوغلاندەك كەڭ قورساقلىق قىلىپ ئوغرىغا نىسبەتەن ھېچقانداق قارشى پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەچكە، گۈلشەن ئەبەيدۇللا، مۇھەممەتتۇرسۇن يۈسۈپ نىھال ۋە ئەسقەر ئوسماندەك ئوغرىلار تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا ياخشى تەسىر پەيدا قىلغان سۆيۈملۈك ژۇرناللىرىمىز بېتىنى پېتىقداپ يۈرۈشكەن.
نۆۋىتى كەلگەندە ئوغرىلىق قىلىش ئەخلاقنى دەپسەندە قىلىش بولۇپ ئوغرىلارغا ئەخلاق توغرىسىدا سۆزلەش خۇددى ئېشەكنىڭ قۇلىقىغا ساتار چالغان بىلەن باراۋەردۇر. شۇنداقتىمۇ باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش ھەر ھالدا توغرا دەپ ئويلايمەن.
ئاخىرىدا يېزىقچىلىقتىن ئىبارەت بۇ جاپالىق كوچىغا كىرگەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ۋىجدانى بىلەن ئىش كۆرۈشىنى، كىشىلەرنىڭ روھىغا مەنىۋىي ئوزۇق بېغىشلايدىغان ئەدەبىياتقا ھاقارەت قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن!

بۇ ئوبزور «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 19:33:15

ئوغرى دىگەننىڭ يۈزى قېلىن بولىدۇ ئەلۋەتتە.ھېچ بولمىسا ئوغىرلىق قىلىۋاتقان چاغدا شۇنداق.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 22:12:21

مىنىڭچە باشتىكى شئىر كۈچۈرۈشتىن باشقا ئىش قىلمىغان قېىلىنكەن ،ئوغرىلىق ،بۇلۇپمۇ خەلقى ئالەم دە رەسۋابۇلۇش ،بەك سەت ئىش .
ئاۋۇ كىيىنكىسىنى كۈچۈرۈش دىيىشكەبۇلۇپمۇ    بولسىكەن   ،مەنچە بۇنى تەقلىدىچىلىق   دىتىشكە بولۇرمۇ .   كىينكىسىنىمۇ    شۇنداق دىيىشكە بولغىدەك دەپ ئۇيلىدىم .مەن ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇمىغان .لىكىن شۇنداقراقئويلىدىم .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 07:44:13

توختى پوكان ۋە كۇسار ئوغرىسى دىگەن ھىكايىگىمۇ ئوخشاپ قالىدىكەن .....


ئەمما ئۇ ھىكايىنىڭ تىلى راۋانتى ...

ئوخشاش ۋەقەلىكنى ئوخششىمىغان تەسۋىرلەر بىلەن ئىپادىلەپ بەرسە ئۇمۇ ئوغرىلىق قىلغانغا كىرمەس ....
بەت: [1]
: يۈزى قېلىن ئوغرىلار