[خەتلىك فىلىم] يامغۇردىن ئىلگىرى
فىلىم نامى: يامغۇردىن ئىلگىرى
ئېنگىلىزچە نامى: Before the Rain
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 1994-يىلى
دۆلىتى: ماكېدونىيە / فرانسىيە / ئەنگىلىيە
تۈرى: ۋەقەلىك / ئۇرۇش
تىلى: ماكېدونچە / فرانسۇزچە / ئېنگىلىزچە / ئالبانچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
IMDB نومۇر: 8.0
رازمىرى: 1280x720
چوڭلىقى: 1.3GB
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 01:48:47
رېژىسسور: Milcho Manchevski
سىنارىست: Milcho Manchevski
باش روللاردا: Katrin Cartlidge, Rade Serbedzija, Grégoire Colin
فىلىم ھەققىدە:
بۇ فىلىم مۇستەقىل ئەمما ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۈچ بۆلەك ھېكايىدىن تەركىب تاپقان.
1. بۆلەك: سۆز (words)
ماكېدونىيەدىكى بىر پراۋوسلاۋىيە دىنى موناستېرىدىكى كرىل ئىسىملىك ياش مۇناخ سۈكۈتكە قەسەمياد قىلغان ئېدى. مەلۇم بىر كۈنى بىر ئالبانىيەلىك مۇسۇلمان قىز سامىنە قوشنا كەنىتتىكى بىر پراۋوسلاۋىيە دىنى مۇرتىنى ئۆلتۈرۈشكە چېتىلىپ قېلىپ، بۇ موناستېرغا قېچىپ كېلىپ پاناھلىنىدۇ. گەرچە ياش مۇناخ گەپ قىلمىسىمۇ ھەمدە ئۇلار ئۆز ئارا بىر-بىرىنىڭ تىلىنى چۈشۈنىشمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئاستا-ئاستا بىر-بىرىنى ياقتۇرۇپ قېلىشىدۇ. ئېپىسكوپ بۇلارنى بايقاپ قالغاندىن كېيىن، ئۇ ئىككەيلەننى موناستېردىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ياش مۇناخ كرىل، سامىنەنى ئېلىپ لوندوندىكى فوتوگراف تاغىسىنىڭ يېنىغا كەتمەكچى بولىدۇ. ئەمما سامىنەنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ تېپىۋالىدۇ. سامىنەنىڭ ئاكىسى مۇسۇلمان سىڭلىسىنىڭ بىر پراۋوسلاۋىيە دىنى مۇرتىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى قوبۇل قىلالماي،سىڭلىسى سامىنەنى ئۆلتۈرۋېتىدۇ.
2.بۆلەك: چىراي (Faces)
ئالېكىس كېركوف لوندوندىكى مەلۇم بىر نەشرىياتنىڭ فوتوگرافى بولۇپ، پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئېدى، ئۇ ئۇرۇش ئوتى ئىچىدىكى بوسنىيەدىن يېڭىلا قايتىپ كەلگەن بولۇپ، خىزمەتدېشى ئەن بىلەن توي قىلماقچى ئېدى، ئەمما ئەننىڭ يولدىشى بار ئېدى، ئەنمۇ ئالېكىسنى ياخشى كۆرگەن بىلەن، ئەمما ئېرى نىكنى تاشلىۋېتەلمەي، ئارلىقتا قالغان ئېدى. ئەننىڭ ئېرى بىر رېستوراندا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلىدۇ، ئالىكىسمۇ دۆلىتى ماكېدونىيەگە قايتىپ كېتىدۇ.
3.بۆلەك: سۆرەت (Pictures)
ئالېكىس 16 يىلدىن بېرى قايتىپ باقمىغان دۆلىتى ماكېدونىيەگە ئۆزى يالغۇز قايتىپ كېلىدۇ. يۇرتىدىكى كىشىلەر يەنىلا بۇرۇنقىدەك قىزغىن بولۇپ، ئەمما بۇ يۇرت ئۇرۇش سايىسى ئىچىدە ئېدى، ماكېدونىيەلىكلەر بىلەن ئالبانىيەلىكلەرنىڭ توقۇنىشى ۋاقتىنچە تىنىچ بولسىمۇ، ئەمما ھەر ۋاقىت يەنە يۈز بېرىشى مۇمكىن ئېدى. ئالېكىس بولسا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان زىدىيەتلەرنى توسۇشقا كۈچەۋاتاتتى. ئەمما سامىنەنىڭ خاتالىقى تۈپەيلى، بىر مەيدان توقۇنۇشتىن ساقلىنىش تەس ئېدى. قىرغىن قىلىشىشنى كۆرۈشنى خالىمىغان ئالېكىس، سامىنەنى قۇتقۇزۇپ چىقىدۇ، ئەمما سامىنەنى ئاكىسى ئېتىۋېتىدۇ. لوندوندىكى ئەن يولدىشى نىكتىن ئاجرىشىپ ماكېدونىيەگە ئالېكىسنى ئىزدەپ كېلىدۇ، ئەمما ئەن ماكېدونىيەگە كېلىپ كۆرگىنى ئالېكىسنىڭ دەپنە مۇراسىمى بولىدۇ.
بۇ فىلىم 1995-يىللىق ئوسكاردا ئەڭ نادىر چەتئەل تىلىدىكى فىلىم مۇكاپاتىدا نامى ئاتالغان. ئۇنىڭدىن باشقا كىنو فېستىۋاللىرىدا 17 تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ 2 تۈردە نامى ئاتالغان.
كەسمە رەسىملەر:
http://download.kowruk.cn/image/befortherain/01.jpg
http://download.kowruk.cn/image/befortherain/02.jpg
http://download.kowruk.cn/image/befortherain/03.jpg
http://download.kowruk.cn/image/befortherain/04.jpg
http://download.kowruk.cn/image/befortherain/05.jpg
بۇ بەتكە كىرىپ، چۈشۈرىمەن دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، شۈنلېيدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.
قوشۇمچە:
«كۆۋرۈك كىنو توربېكىتى» كۆرەرمەنلەرگە قولايلىق يارىتىش ۋە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن كومپيۇتېرغا قاچىلىنىدىغان PC تېرمىنالىنى ئىشلەپ تارقاتتۇق، تېرمىنالدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەر ئوڭشالدى، ئەلالاشتۇرۇلدى، تېرمىنالىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بۇ تور ئادرېسىدىن كۆرەلەيسىز: http://www.kowruk.cn/player
تېرمىنال كۆرۈنمە يۈزىدىن كەسمە رەسىملەر:
http://download.kowruk.cn/image/befortherain/06.jpg
http://download.kowruk.cn/image/befortherain/07.jpg يانفۇن تېرمىنالىنى قاچان تارقىتىسز؟؟؟شۇنىمۇ ئويلىشۇپ قويسىڭىز بولىتى........ EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 12:31 static/image/common/back.gif
يانفۇن تېرمىنالىنى قاچان تارقىتىسز؟؟؟شۇنىمۇ ئويلىشۇپ ...
iOS ۋە Android ئۈچۈن ئىشلىنىۋاتىدۇ، ھازىر لايىھە باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ. فىلىمىڭلارنى كۆرۈپ باقتىم، خەتلىرى سەل كىچىك چىقىپ قاپتۇ، قۇتيارنىڭكىدەك چوڭراق قىلىپ تەڭشىسەڭلار :
kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 12:40 static/image/common/back.gif
iOS ۋە Android ئۈچۈن ئىشلىنىۋاتىدۇ، ھازىر لايىھە باسقۇچىد ...
WP نىمۇ ئويلىشىپ قۇيارسىلە رەھمەت، ياخشى فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىدىكەنسىلەر، چۈشۈرىۋالاي كومپىيوتېر تېرمىنالىنى چۈشۈرگەن. قاچىلاش مەشغۇلاتى قىلسام شۇ پېتى قېتىۋالدى. ھېچقانداق ئىنكاس يوق. قايتا قوزغىتىپ سىنىساممۇ ئوخشاش.
ۋىندوۋس 8.1 كۆزنەك ئىدى. يانفۇن نۇسخىسنى ئىشلىسەڭلار ياخشى بۇلاتتى pis-pas يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 14:06 static/image/common/back.gif
فىلىمىڭلارنى كۆرۈپ باقتىم، خەتلىرى سەل كىچىك چىقىپ قا ...
بولىدۇ، يېڭى پىرىسلاپ تارقاتقان فىلىملەرنىڭ خېتى ئىلگىركىلىرىدىن سەل چوڭ، ئەمما ماۋۇنىڭدەك بەك چوڭ قىلىۋاتمىدۇق، بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، ئېكراننىڭ جىق يېرىنى خەت ئىگلىۋېلىپ ياخشى بولمايدىكەن. تىرمىنالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاي دىسەم ،پەقەت مىدىر سىدىر قىلمايدا؟:P تېرمىنالدا مەلۇم بىر سىننى قويسا يېڭى بىر كۆزنەكتىن ئېچىلىدىكەن،بولسا ئەسلى كۆزنەكتىنلا قويۇلىدىغان قىلىشنى ئويلىشىپ باقساڭلار،مەسلەن يوۋكۇنىڭ قويغۇچىسىدەك.
مەلۇم بىر سىننى چەككەندە يەنە بىر بەتكە كىرىپ ئاندىن يەنە بىر قېتىم قويۇشنى تاللايدىكەنمىز،مۇشۇ بىر قەدەمنى قىسقارتىۋەتسەڭلار،مۇناسىۋەتلىك سىننى قويۇلىۋاتقان سىننىڭ يان تەرىپىدە تەۋسىيە قىلساڭلار. ياخشى فىلىمنى يوللاۋەردىڭىز ، بىزمۇ چۈشۈرۈپ كۆرىۋەردۇق ....
قۇرۇق رەھمەت دەۋېرىشتىن خىجىل بوپقالدىم .{:148:} مەن چۈشۈرۈشنى باسساممۇ جىملا تۇردىغۇ ؟ سېستىمامدا مەسلە يوقتى بولمىسا.... رەھمەت چۇشەندۇرشىڭىزدىن ياخشى كىنودەك قىلىدۇ ، كورۇشكە باشلىدىم ئەمىسە yigana523 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 15:42 static/image/common/back.gif
تېرمىنالدا مەلۇم بىر سىننى قويسا يېڭى بىر كۆزنەكتىن ئې ...
تەكلىپىڭىزگە رەھمەت، بىز ئويلىشايلى. :) asalam يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 15:42 static/image/common/back.gif
ياخشى فىلىمنى يوللاۋەردىڭىز ، بىزمۇ چۈشۈرۈپ كۆرىۋەردۇ ...
تۈزۈت قىلماڭ، تور بېكىتىمىزنى زىيارەت قىلىپ، فىلىم چۈشۈرۋالغىنىڭىزنى بىزنى قوللىغىنىڭىز. :) رەھمەت.
لېكىن بەك ئاستا چۈشىۋاتىدۇ. ئېلان قىلغان كىنولارنىڭ ھەممىسى شۇنداق، مېنىڭ تور سۈرئىتىممۇ بەك ئاستا ئەمەستى بولمىسا. تېرمىنالنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش بۇيرۇقىنى بەرسەم قاراپ تۇرىدۇ ، مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى بېسىپ كۆرۈنگەن تىزملىكتىن 以管理员身份运行 نى چەكسەم نورمال قاچلاندى . سېستىما كۆزنەك 8.1 سۈرئەت ئاستا ئەمەسقۇ ، بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا چۈشۈپ بولدى .
بەت:
[1]