salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-14 21:10:49

جاھاندا ئۇ چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك ئەنسىزلىك بولمىسا كېرەك:lol سىلنىڭغۇ ئاغدىن كېتىپتۇ. مېنىڭمۇ تىمساقنىڭ ئاغزىدەك ئېچىلىپ قالغان. نېمە دەپ سورىماڭلار. بىر يىلى ئويتاغ دىگەن يەرگە خىزمەتداشلار بىلەن ساياھەتكە چىقىپ قالدۇق. مەنمۇ ساياھەتنىڭ تاغدا بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، مەتۇلۇق قىلىپ پۇتۇمغا پەتەڭگە (خىرام ئاياغ)  كېيىۋالغان گەپ. بىر قانچىمىز ھە_ھۇ دېيىشىپلا ناھايىتىمۇ يىراق تاغنىڭ چوققىسىدىن ئىقىپ چۈشكەن   ئەر

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-14 21:29:08

ئەركەك سۇدىن ئىچىدىغان كىشى دەپ تاغقا يامىشىپ كەتتۇق. ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەتۇلۇقۇم كۈچىنى كۆرسەتتى. كاساپەت ئۇندا_بۇندا كەتمىدى، پۇتۇمنىڭ بەش بارمىقى شۇنداقلام چىقىپ قالدى. ئۇ خىل ھالەتتىكى ئاياغنى كىيىپ يول ماڭماق بەسى مۈشكۈلكەن. بولۇپمۇ تاغقا ياماشماق. تاس قالدىم قارىغاينىڭ تارىشاقلىرىدا مىخلاپ كەيگىلى .    چىقىشنىغۇ چىقتىم بىراق چۈشكەندە ئىتنىڭ كۈنىنى  كۆردۇم. 25مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرمۇ بۇنىڭدىن ئۆتە بولماس...
شۇڭا تەۋسىيەرىم:
دالا ساياھىتىگە چىقىپ قالساڭلار، ياخشىسى ساياھەت ئايىغى، پادىچىلار ئىشتىنى، ئۇچاڭلارغا ساپ  يىپ  مايكا كىيىۋىلىڭلار، بۇنىڭغا كۆنمىسەڭلار بىر سومكىغا يىپ _يىڭنە، مىخ_بولقا، ئامبۇر_كۇلاچ ... ئىلىۋاساڭلارمۇ بولىدۇ.

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 18:09:55

شۇنداق قىلىپ يا ئالدىغا يا كەينىگە ماڭالماي تۇرغاندا قولۇمدىكى ئەتتىگەن خالتىغا سېلىپ ئېلىۋالغان تەنھەركەت چاپىنى ئىسىمگە كەلدى . ئەسلىدە قاناستىن يېنىپ ئۈرۇمچىگە كەلگەندە چاپان چارىنى كىيىشنىڭ لازىمى كەتكەن ئىدى .شۇڭا تۆنۇگۇن ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىغا بارغاندا كۆرەڭلەپ كىتىپ چاپاننى ئۆيدە تاشلىۋېتىپ ماڭغان ئىدىم ، كىم بىلسۇن بۇ ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسىغا بىر نەرسە دەپ بولمايدىكەن دەڭلار ،ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىغا بارغۇچە يامغۇر يېغىپ كەتتى ، سەل سوغاق ئۆتكەن ئىدى ، بۇگۇن ھەر ھالدا ئىسسىق ھەم ھاۋا ئوچۇق بولسىمۇئەمما چاپاننى بىر خالتىغا سېلىپ ئېلىۋالغان ئىدىم .
ياخشى ئىت ئۆلىگىنى كۆرسەتمەيدۇ . ھالا بۇگۇن مۇساپىرچىلىقتا بۇ تەنھەركەت ئىشىتىنىم يىرتىلىپ بىر يەرگە باردى . موشۇ چاپاننى ئەپلەپ ئەكىلىپ بەلدىن بىر باغلايمىزدە ئۈرۈمچىنىڭ بالاڭزىلىرىدىن قېلىشمايدىغان بالاڭزىغا ئايلىنىمىز ، ئاندىن ئىككى كۆزنى بىر يەرگە ئەكىلىپ قانداق بالاڭزا گەپ بارمۇ دەيدىغان بولساق ، مەن بىرتەرەپتىن ئويلاپ بىر تەرەپتىن بۇ كەڭ ھەم كۆرۇمسىز تەنھەركەت چاپىنىمنى بىلىمگە باغلىدىم ، بالاڭزىلارغا ئوخشىمايدىغىنى بالاڭزىلار چاپان بىلەن كاسسىنى ئوراپ چاپاننىڭ ئىككى يېڭىنى كىندىكنىڭ ئاسىتىدىن باغلىسا مەن ئىشتاننىڭ ئېغىدىن ئالدىغا بىر غېرىچ كەينىگە بىر غېرىچ يىرتىلغان  ئاچارامنى توساش ئۇچۇن چاپاننى توغرىسىغا ئوراپ چاپاننىڭ ئىككى يېڭىنى يانپاشنىڭ بىر يېرىگە توغرا كەلتۇرۇپ باغلىدىم ، كىنوغا ھېرىسمەن تورداشلارغا مەلۇم ،ۋاللاتسى دەيمىز ماۋۇ ئەنگىليە خان جەمەتىنىڭ ئەسكەرلىرى دەيمىز يوپكاكىيىدىغۇ ئۆزى ، دەل شۇنداق قاملاشقان يوپكا بولدىكى سېتىۋالغاننىڭ ياقى تۇنجى قېتىم بۇ تەنھەركەت چاپىنىمدىن رازى بولدۇم . بوپتۇ توخوتۇر ، بىر ئۆمۇر ئۆزەڭنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىڭدىن پەخىرلىنىپ كەلدىڭ ، بۇگەن بالاڭغا موزۇينى كۆرسىتىش ئۇچۇن ، ئانچە مۇنچە شوتلاندىيە پاسۇنىدا يۇرۇپ قويساڭ نىم بوپتۇ ؟

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 19:19:11

بوپتۇ توخوتۇر موشۇ پېتىم يوپكاڭنى كەيگەن پېتى شوتلاندىيە گە بېرىپ ئەنگىليەدىن ئايرىلىش ئۇچۇن بىر بېلەت تاشلاپ كىلەمسەن يە ؟{:92:}
دادا سەن چاپىنىڭنى قانداق كىيىۋالدىڭ . بالام بۇ دىگەن بالاڭزىلاردەك كىيىش بولدى تولا گەپ سورىما ئەمدى ، يولدىن ئۆتسەكلا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق موزىيغا كەپ قالدىكەنمىز ، بۇ دىگەن ئۆرۇمچى بويىنچە ئون چوڭ مەنزىرىلىك ئورۇننىڭ بىرسى ھە ، تېخى سائەت سەككىز بولماپتىغۇ .بىز موزىينىڭ ئالدىدا ساقلاپ رەسىمگە چۇشكەچ  ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق موزىينىڭ بىكارلىق ئېچىۋېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق ، بىز كەلگەندە ھېچكىم يوقتى .بىردەمدە بىكارنىڭ دىسە ئۆچرەتتە تۇرىدىغانلار كىلىپ ئۆزىنىڭ ئۆچرەت مەدىنيىتىنى نامايەن قىلىپ ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كىتىپتۇ .ئامال يوق ئۆچرەتنىڭ قۇيرىقىغا تىزىلدىم . ئەنە شۇلاردىن بىرسى سۆزلىىشىپ قالدىم ، بىلدىمكى ئۇمۇ بۇ يەرگە يىراق سەپەرلەردىن كەلگەندەك تۇرىدۇ ، ئۇ ماڭا تۆنۆگۇن ھەپتىنىڭ بىرى پەن تېخنىكا سارىيىنى ئېكىسكورسىيە قىلىغىلى باردۇق بالام بىلەن ، تۆنۇگۇن بۇ يەر موزىي تاقاقكەندۇق ، بۇگۇن ھەپتىنىڭ ئىككىسى ئېچىپتىكەن بالامنى ئېلىپ بۇ يەرگە كەلدىم ، ھە ئۇنداق بولسا مەنمۇ بالامنى پەن تېخنىكا موزىيىغا ئېلىپ بارسام بولغۇدەك دىسەم ، ئەمما پەن تېخنىكا موزىيى ھەر ھەپتىنىڭ ئىككىسى ھاردۇق قىلىدىكەن  دەپ قالدى . ھۆرمەتلىك ئېكىسكورىسىيەچى ناۋادا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق موزىي بىكارلىق بولمىغان بولسىمۇ بالاڭنى ئېلىپ كىلەمتىڭىز دەپ سورىماقچى بولۇپ توختاپ قالدىم  ، ئىشقىلىپ بۇلاردا بىكارلىق نەرسىگە بولغان ئىنتىلىش ھەر ۋاقىت قايناق ھالەتتە تۇرامدىكىن دەيمەن .ئىدارىدىكى يەمەنجۆشلەرمۇ شۇ ، جۇجەم دىدىم جۇجەم دەپ كىتىدۇ ، باشتا بۇ خەق جۇجەمگە نىمانچە ئامراق دەپ ھەيران قالاتتىم ، كىيىن شۇنى ھىس قىلدىمكى ئاق كۆڭۇل ئۇيغۇر دىقانلىرى جۇجەمنى ساتمايدىكەن ، مەيلى ئادەم ياكى ھايگان يىسۇن ھاي دىمەيدىكەن .بۇنى ئىسلام دىنى ياكى ھازىرقى قانۇن جۇجەمنى بىكارغا بىرىسەن دىگەن ئەمەس بۇ پەقەت مىللىتىمىزدىكى ئەڭ پاكىز ئەڭ ئىزگۇ ئاق كۆڭۇللۇك . كىيىن تۇرپان تەرەپلەردە بىر جۇجەمنىڭ تـۇۋىگە  يامان ئىتتىن بىرنى باغلاپ بىكىرىغا ئولىشىىپ گىجىلدىشىپ كىتىدىغانلارغا پۇلغا يە دەپتۇ دەپمۇ ئاڭلىدىم ، خوي ئىش قىپتۇ شۇ تۇرپانلىق ، ئاق  كۆڭۇللۇكنىڭمۇ چېكى باردە .
شۇنداق قىلىپ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق موزىيىنى بالام بىلەن ئالا قويماي خاتىرجەم ئايلاندىم  ، ھەي قېنى بىزنىڭ ئۇچ يۇز يىلغا يېققىن ھۆكۆم سۇرگەن قارا خانلار سەلتەنەتىمىز ئۇچۇن ئايرىم بىر بۆلۇم ئاجراتمامدۇ دەيمەن ، قېىنى بىزنىڭ ئالتە يۇز يىل ھۆكۆم سۇرگەن تۇرپان ئىددىقۇت خانلىقىمىز ئۇچۇن مەخسۇس بىر بۆلۇمچە ئاجراتمامدۇ دەيمەن ،ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ۋە باشقا دەۋىر دەۋىرلەردىن كەلگەن سەلتەنەتلىك تارىخلار ئۇچۇن ئايرىم ئايرىم بۆلۇمچىلەرنى ھاسىل قىلمامدۇ دەيمەن ، موزۇينىڭ بۇخىل ھالىتىنى كۆرۇپ ئىچىم ئاچچىق بولدى ، بۇنى موزىي دىگەندىن كۆرە مەنىۋى ئۇستازىم موللا موسا سايرامىنىڭ سۆزى بويىچە  موزىيچە دىسەك بولغۇدەك ، بۇنى موزىي دىيىشكە تېخى بالدۇرلۇق قىلىدىكەن . شۇنداق قىلىپ بالام بىلەن ناھايىتى تىزلا كۆرۇپ بولدۇم .
بۇ موزىيچە دە ھەر ھالدا ئۇيغۇر تىلىغا خېلى ھۆرمەت بىلدۇرۇلگەن ئىكەن .ئەمما كۆزۇم بىخەتەر چىقىش ئېغزى دىگەن ئۆلچەملىك چىراقلىق  ئاسما بەلگىدىكى خەنسوچە ۋە ئېنگىلىزچە سۆزگە كۆزۇم چۇشۇپ كۆڭلۇم يەنە يېرىم بولدى ، تۆنۇگۇن تېخى ياڭخاڭ مەسچىتتە بىخەتەر ئېغىز دەپ ئۇيغۇرچە ئاسما بەلگە كۆرگەن ئىدىم ، ئەسلىدە مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر بايلىرى قىلغان بىر ئاق كۆڭۇللۇك ئىكەندە بۇ ، ئەمىليەتتە ياڭخاڭ مەسىچىتتىلا ئەمەس پۇتكۇل ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەبىر ئامىۋى سورۇنلاردا چوقۇم ئۇيغۇر چە خەنسوچە بىخەتەر چىقىش ئېغىزى دىگەن چىراقلىق ئاسما بەلگە بولۇشى كېرەك ئىدى ، ئۇيغۇرنىڭ جېنىمۇ جاندە ، شۇنداق نەرگىلا بارساق قازاننىڭ قۇلىقى تۆت ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۆكۆمەت قاچانمۇ موشۇنداق خەلىقنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك بەلگىلىرىنى ئەمىلىي ئەھۋالغا مۇۋاپىق ، ئاپتۇنۇمىيە قانۇنىغا ئۇيغۇن ھالدا قېلىپلاشتۇرۇپ چىقار دەيمەندە ، يەنە بىزنىڭ شەھەر شارائىتىمىزدىكى ھەر قايسى بىنا ئۆيلىرىمىزنىڭ  ئۇيغۇرچە ئادىرىسىنىڭ قېلىپلاشماسلىقىمۇ  تەرەققىيات دەپ جار سېلۋاتقانلارنى مەسخىرە قىلىپ بۇلۇڭ بۇلۇڭلاردا كۆزگە تاشلىنىپ ئۇيغۇر پۇقرالار ئۇچۇن ئاۋارچىلىق ئۇسىتگە ئاۋارچىلىق ئېلىپ كەلمەكتە .

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 19:33:38

ھېي بىر بۆلۇك ئىنكاس يازمام تەستىقلانماپتىغۇ ؟

gepnoz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 21:34:49

ھەي راستىنىلا دەپسىز ، مۇشۇ يېڭى شەھەرلەر قۇرۇلغاندىن بېرى ،جۈجەملىرىمىزنى 7 ~ 8 تونۇمايدىغانلار كېلىپ شاخلىرىنى قاراماييولغا تەگكۈدەك ئىگىۋىتىدىغان بوپقالدى ، بىر كۈنى ئىشىكتىن سىرتقا چىقسام ئىككى تونۇمايدىغان جۈجەملىرىمنى بەھۇزۇر ئەگكىلى تۇرۇپتۇ ، ھوي «زاخۇيسىر ! » دېسەم زالى دەيدۇ ، ھوي ما ئاتا مىراس جۈجىمەم ماۋۇ نىمە خالىغانچە چوقۇلايسىلەر ؟ بوۋام تىككەندە سۇ قۇيۇشقانمۇ ھەقاسىڭ ؟ كۆزەينىكىڭلەدىن قارىسام 15 يىل ئوقۇغاندەك تۇرۇشىسەن ! سوراپ يىيىشسەڭ بولمامدۇ  دېسەم ، يولىغا 2 مېتىر مېڭىپ ، يەرگە چۈشۈپ كەتسە كارىڭ يوقكە يىسەك گەپقىلامسەن دەيدۇ ! ئېي بالاڭزا ! ئۆيدە توخۇي ، كەپتە ، توشقان ، قوي ، ئۆشكە ، قۇرت يەنە قۇڭغۇز بار ، شۇلار ھەممىسى مۇشۇنىڭغا قاراشلىق ، سۈپۈرۈپلا ئەكىرىپ بېرىمە دېسەم ، بۇ گېپىڭمۇ ئورۇنلۇق دەپ كېتىشتى … ئا ئىشىك ئالدىمدىكى جۈجەم بوش ئەمەستى دەيمە ! نەچچە يۈز يىللىق تارىخى با دەپ خەتلىك تاختايلىرىمۇ با ! بىرە تال شېخىنى ئۇشتۇقويسا دۆلەت قەدىمىي يادىكارلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان دەپ ئەرز قىلۇردۇم تېخى !
ھەراس جۈجەمگە ئىت باغلايدۇ دېگەن مەھەللە تۇرپان بويىچە بىزنىڭ مەھەللە شۇ ، ئەمما ئىت باغلىمايدۇ بىرسىمۇ ، پەقەتلا ياخشى كۆرىمىز جەننەت مۈگىسى دەپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسلى ساھىل مۇساپىرلا يىسۇن سورىمايلا دەپ ئىشىكنىڭمۇ تېشىغا تىكىقويساق ، ساھىللا يىگىچە «مىليونىر» غوجاملا شېخىنى ئۇشتۇقويسا ئەلۋەتتە ئىككى ئېغىز گەقىمىساقمۇ سەت بۇلۇر …

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 22:19:48

جۇجەم دىسە نىمە دەيدىكى دەپتىمەن ، ئۇژمە دىمەكچىكەنغۇ ،  
بىر ھىكايە ئىسىمگە كىلىپ قالدى ،
ساۋۇت داموللا توقسۇن يېزىسنىڭ تىزەك قاغا دىگەن يىرگە تۇققان يوقلىغىلى چىقىپتۇ، شۇ يەردە يول بۇيدىكى ئۇژمىدىن شېخىنى ئىگىپ يىگىلى تۇرۇپتۇ ،دەل شۇ ۋاقىتتا بىر چەتتە تۆت بەش ياشلار ئەتراپىدىكى بىر بالا  
بايلاي يەيدىكەن شېخىنى ژىيىپ
كەمبەغەللەي يەيدىكەن تۇپىدىن تىيىپ
دەپ قوشاق ئۇقۇپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ساۋۇت داموللا دىگەن بۇ كىشى بۇ بالنى تۇغما تالانتلىق ئىكەن دەپ قاراپ ئاتا ــ ئانىسدىن سوراپ ئېلىپ كىتىپ تەربىيلەپ چىقىپتۇ . بۇ بالا كىيىن دۇنياغا داڭلىق شائىر ، يازغۇچى بۇلۇپ چىقىپتۇ .
دەپ بېقىڭلارچۇ، بۇ بالا كىمدۇ ?

Uyghuri يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 23:05:06

tohotur يوللىغان ۋاقتى  2014-9-15 19:33 static/image/common/back.gif
ھېي بىر بۆلۇك ئىنكاس يازمام تەستىقلانماپتىغۇ ؟

سىز قاچانمۇ بىر ئىملاغا دىققەت قىلارسىز ھە !!!!
قاچان قارىسا  ئۇيغۇر تىل يېزىقى دەپ چۈشۈسىز ئەمما ئاددىيسى بىر ئىملاغا دىققەت قىلمايسىز ،

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 04:01:00

بۇ پاراڭنى شۇنىڭ بىلەن موشۇ يەردە توختىتاي بارغانسېرى يازاي دىگەننى يازالماي دىگەندەك ، ئويلىغان ئىچكى تۇيغۇلىرىمنى تولىمۇ يازغۇم بار ئىدى .ئەمما بۇ مۇمكىن بولمىدى . ئەسلىدە بەك ئەركىن يازغان بولسا بۇ پاراڭ بەلكىم بۇنداق باشلىنىپ بۇنداق ئاياغلاشمىغان بولاتتى .بىراق ئۆز كۆڭلىمدىكدەك يازساممۇ بولماستىن ئاۋارچىلىققا قالىدىغاندەكرەك ھىس قىلدىم . ھازىرقى يازغانلىرىمدىن بولسا ئۆزەم ئانچە رازى بولۇپ كەتمىدىم.

ئاخىرىدا بىراك قىلىنغان بىر قانچە ماۋزۇلارنى يېزىپ قوياي ،

دابازادىكى مىس تۆگە ئالدىدىكى غەزەپ

ئاھ ئالالمىغان مى سەن تېلفۇن

ئىسىتىمالچىلار جەميىتىدىكى تېڭىرقاش

ئەلەك ئالغىلى چىقىپ ماشىنا ئېلىش
...............................................................................................................

بۇنداق ئىچكى تۇيغۇ دىگەندەك نىمىلەرنى يېزىشقا يەنىلا ئۇيغانغاندىن كىيىن دىگەننى يازغان بۇرادىرىم دىليار ئوبۇلقاسىم ئۇستىكەن .ئۇنىڭ بالدۇرراق قايتىپ چىقىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن .

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 23:53:20

تېخى يېزىلمىغان ماۋزۇلاردىن نۇرغۇن «ھبكايە»لەرنى ھىس قىلدىم.  يازماسلىقىڭزنى تاللىغانلىقىڭغا ھورمەت قىلىمەن.  

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 10:59:46

كىم دەيدۇ ئەخماقانە ئىشلاردا ھېكمەت يوق دەپ ، موشۇ ياشقىچە ياشاپ ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلغان ئىكەنمىز ئۇنىڭمۇ بىر ئاساسى سەۋەبى بولماي قالاتتىمۇ ؟ ھەممە ئادەم ئەقىللىق بولۇپ كەتسە بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى قانداق يۇرۇشىدۇ دەيمەن . شۇنداق ئىنسان  بەزىدە گۇناھتىن خالى بولالمىغاندەك ، (ئاللاھىم ئۆزەڭ ساقلا ) بەزىدە شۇنداق ھاماقەتلىك ئەخمەقلىقلاردىنمۇ خالى بولالمايدىكەن ، مۇنداق ئويلاپ باقسام بەزىدە شۇ ھاماقەتلەرچە ئىشلارمۇ مەنگە ۋە ئائىلەمدىكىلەرگە ئاز بولمىغان خوشاللىقلارنىمۇ ئاتا قىلىپتۇ . تېخى  بىر قانچە يىلدىن كىيىنمۇ توخوتۇرنىڭ ھاماقەتلىكى ھېيت بايراملاردا بىر جايغا يىغىلغاندا تېلغا ئېلىنىپ مەززە قىلىپ كۇلۇشۇپ كىتىدۇ .قارىغاندا ھاماقەتلىكمۇ ئىنسان ھاياتىنىڭ بىر قىسمى بولسا كېرەك .

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 11:13:45

گەپنى خوتەنلىكنىڭ يۇمۇرىدىن باشلايمىز

بىر كۇنى بىر خوتەنلىكتىن نىمىشقا سائەت تاقىمايسەن دەپ سورىسا ،ۋاقىت قاچان ئۈرۈمچى ۋاقتىدىن خوتەن ۋاقتىغا ئۆزگەرگەندە تاقايمەن .دەپتۇ ، قارىماققا خوتەنلىك بۇ بالىنىڭ جاۋابى ئادەمگە كۈلكە بېغىشلايدۇ ، نۇرغۇن يىللاردىن كىيىن مەن ئۆزلۇك خاسلىق كشىلىك قىممەت قاراش دىگەنلەرگە بېرىپ ئۇسكەن چېغىمدا بۇ خوتەنلىك بالىنىڭ جاۋابى ماڭا ئەمدى كۈلكىلىك تۇيۇلمىدى . گەرچە مەنمۇ ۋاقىت قاچان ئۈرۇمچى ۋاقتىدىن قومۇل ۋاقتىغا ئۆزگەرگەندە تاقايمەن دىمىگەن بولساممۇ ئەمما ئاي يىللار ئۆتۇپ يېڭى سېتىۋالغان ماشىنىغا قوشۇمچە قىممەت بېجى ئېلىش تۇغۇرسىدىكى تۇزۇمنى ئانچە بەك خۇشلىماي قالدىم . شۇنىڭ بىلەن ئايىلىمغا قاراپ شۇنداق دىدىم . قاچان ماشىنىنىڭ قوشۇمچە قىممەت بېجى يوقالسا ئاندىن ماشىنا سېتىۋالايلى .بولمىسا توكسىكىلىتنى ھەيدەپ يۇرۇۋىرىمەن . مەن موشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ماشىنىنىڭ قوشۇمچە قىممەت بېجى تۇزىمىگە ئېتراز بىلدۇرمەكچى بولدۇم.{:99:}

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 14:57:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tohotur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-14 15:04  

شۇنداق قىلىپ مەن ھىساپتا بۇ ماشىنغا قوشۇمچە قىممەت بېجى ئالدىغان ئىشقا نارازلىقىمنى بىلدۇرۇپ يۇرۇۋەردىم .ئايىلىمنىڭ ئۇگۇلنىپ تۇرۇپ ئېيتقان ماشىنا ئېلىش تەلىۋىنى كەسكىن رەت قىلىپ قاچان دۆلەت ماشىنا قوشۇمچە قىممەت بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىكەن ئەنە شۇ چاغدا ئالىمەن دەپ چىڭ تۇردۇم .ئەمىليەتتە ماشىنا ئالماسلىقىمنىڭ سەۋەبى بۇلا ئەمەس ئىدى . كاللامدا لاڭشەنپىڭنىڭ يەنە باشقىلارنىڭ ماشىنا سېتۋېلىش ئۆي سېتېۋېلىشنىڭ ئەخمەقلىقى ھەقىدىكى بايانلىرىغا چىن قەلبىمدىن قايىل ھەم مايىل ئىدىم . لېكىن موشۇ ئايال خەق دىگەن مەن ئوقۇغان لاڭشەنپىڭنى ئوقۇمىسا ، ئۇ پەقەت بىزنىڭ ئۆيدىكى ئەمەلىي قاتناش قىيىنچىلىقىنى زارلاپ داتلاپ سۆزلەيتتى .بولۇپمۇ ھېيىت بايرام كۇنلەردە تېخىمۇ شۇنداق ئىدى . ئايالىمنىڭ زارلاشلىرى ئەۋجىگە چىققاندا مەن ئۇنى باشلاپ ماشنا سېتىش ئورۇنلىرىغا بېرىپ چۆگۇلەپ قوياتتىم . موشۇنداق قىلسام ئايىلىم خېلى تەسكىن تېپىپ قالاتتى . موشۇنداق قۇرۇق بازار چۆگۇلەشتىن تۆت بەش قېتىم بولغاندا ئايىلىم يەنە زارلىنىپ ماشنا كۆرۇپ كەلمەكچى بولدۇق ، ئاشۇ توياتا دۇكىنىغا كىرگەندە ئايىلىم ماڭا بىر ماشىنىنى كۆرسەتكەندەك قىلغان مەنمۇ بۇ ماشىنىنى ماختاپ خېلى بوپ قالغىدەك دىگىنىمنى بىلىمەن . ھەيدىسە موشۇنداق ماشىنىنى ھەيدىسە دىگەندەك گەپلەرنىمۇ قىلغان بولسام كېرەك. بىر كەمدە ئۇ ھىجىيىپ يېنىمغا كەلدى . قاراڭ تۆت تۇمەن قارار ھەقنى تاپشۇرىۋەتتىم .ئەمدى بۇ ماشىنىنى ئالساقمۇ ئالىمىز ئالمىساقمۇ ئالىمىز . ئەسلىدە بۇ تادان خاتۇن مېنىڭ قۇرۇق بازارار چۆگۇلەش تەدبىرىمگە قارىتا بۇ قېتىم سومكىسغا تۆت تۇمەن نەق پۇلنى سېلىپلا چىقىپتىكەندە . مەن گويا ئۆزەمنىڭ ماشىنا قوشۇمچە قىممەت بېجىغا بولغان ئېترازىمغا يۇز كىلەلمەيدىغاندەك ، لاڭشەنپىڭغا يۇز كىلەلمەيدىغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم . ماقۇل خاتۇن سىزنىڭ دىگىنىڭىز بويىنچە بولسۇن ، سىز قېلىچنىڭ سېپى بولۇڭ مەن قېلىچنىڭ ئۇچى بولاي ،  مەن ئۇنىڭ قارار ھەقنى تاپشۇرۇپ بولغانلىقىنى ئاڭلاپ ئەمدى ئارتۇق گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىقىنى ھىس قىلدىم .

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 15:16:42

ئىچىمدىكى غەزەپنى بىلىندۇرمەي ماشىنىنى ئاستا ھەيدەپ مېڭۋاتىمەن .بۈگۈن ئۆيگە بىر بېرىپ باقايلى .ما ئۆيدە سەن ئەرمۇ ياكى مەن ئەرمۇ بىر كۆرسەتمەيدىغان بولسام . ئەمما بۇ ماشىنا سىزگىمۇ يارىدىغۇ ، تېخى ئالساق ئالايلى دىدىڭىزغۇ ، ئەمما مەن .............. بۇ گۇينىڭ سومكىسىغا تۆت تۇمەننى سېلىپ چىققانلىقىنى نەدىن بىلەي . زادى موشۇ ئايال خەقنىڭ ھىيلە مىكىرسى قىرىق بىر  ئىشەككە يۈك بولىدۇ .

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 17:04:21

ئۆيگە يېققىن قالغاندا ئايىلىم يەيدىغان تايىقىنى ئويلاپ دەككە دۇككىگە چۇشتى .ئەمما ئەمما سىزماشىنىنى ھامان بىر كۇنى ئالمىز بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى دىگەن ئىدىڭىز ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ماشىنا ئالىدىغان پۇلمۇ تەييار بولغىلى بىر نەچچە يىل بوپكەتتى ، شۇ بۇگۇن ئاللاھ بىزگە نىسىپ قىپتۇ. ئەستاغپۇرۇللا ما خوتۇننىڭ كاسىلداپ كەتكەنلىكىنى مەن ئايىلىمغا ئالىيىپ قويۇپ ماشىنىنى داۋاملىق ئاستۇ ھەيدىگىلى تۇردۇم . ئۆزىنىڭ بۇگۇن تاياقتىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ئېنىق ھىس قىلغان ئايىلىم ماڭا قاراپ قويۇپ بوپتۇ بۇ قەدەر يېڭى گۇزەل ماشىنا ئۇچۇن تاياق يىسەممۇ يەي ،ئەرزىيدۇ .مەن سەل ھەيرانلىق بىلەن ئايىلىمغا كۆزۇمنىڭ قۇيرۇغىدا قاراپ قويدۇم. لېكىن نىمىلا بولمىسۇن بۇگۇن بۇ ماشىنا بىزنىڭ بولدى ، بىر يېڭى ماشىنىلىق بولۇش دىگەن كۇندىلا بولۇۋىرىدىغان ئىش ئەمەس .ئۇرسىڭىزمۇ بۇگۇن ئۇرمايسىز .بۇگۇن دىلچى غىزالىق چايخانىسىغا بېرىپ راۋرۇس تەبرىكلەپ كىلەيلى ، ئەتە تاياق يەپ دوختۇرخانىدا ياتساممۇ مەيلى .خاتۇننىڭ بۇ جۇرئەتلىك سۆزلىرى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى . ھەم سەل پەل قايىلمۇ بولۇپ قالدىم .دېمىسىمۇ شۇ ئەمەسمۇ ، بۇنى ئۇرغان بىلەنمۇ بەرىبىر قارار ھەق (دىڭجىن )نى تاپشۇرۇپ بولدۇق ، ئەمدى ئاللاغا شۇكرى ئېيتىپ تېنىچلىق ئامانلىق تىلەپ ماشىنىنى ھەيدەيلى قېنى . ئۆيگە قايتىپ كىلىپ ماشىنىنىڭ قالغان كېمىنى تولدۇرۇش ئۇچۇن ئۇ  كارتا بۇ كارتا ، ھەتتا مەخپى تىقىپ قويغان پۇللىرىمغىچە تېپىشتۇرۇشقا باشلىدىم .
بۇ كۇنى ئەنە شۇنداق ئالدىراشلىقتا ئۆتتى .خەۋىپسىزلەندۇرۇش ھەققى  ، دىگەنلەرنى تۆلىمەي ماشىنىنى ئىزدىن قوزغىغىلى بولمايدىكەن .ئەمما ئۆزەم ئەڭ ئۆچ ماشىنا قوشۇمچە قىممەت بېجىنى تۆلەشكە ئالدىرمىدىم .
شۇنداق قىلىپ ئاچچىقىم يېنىپ يېڭى ماشىنىنىڭ ھوزۇرىنى سۇرۇشكە باشلىدىم . بىر نەچچە كۇنگىچە كۆنەلمەي قىزىل چىراقتا ئوتنى ئۆچۇرۇپ قويۇپ دىگەندەك بىرەر ھەپتىلەردىن كىيىن كۆنۇپمۇ قالدىم .تېخى ئالدىمدىكى مىدىق ماشىنىلارنى ئانچە مۇنچە يانداپمۇ قويىدىغان بولۇپ قالدىم .

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 20:26:03

tohotur يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 17:16 static/image/common/back.gif
ئىچىمدىكى غەزەپنى بىلىندۇرمەي ماشىنىنى ئاستا ھەيدەپ م ...

ھى...ھى...ھى.....................

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 20:50:19

tohotur يوللىغان ۋاقتى  2014-9-14 15:17 static/image/common/back.gif
شۇنداق قىلىپ ئوڭغا ئايلىنىپ سولغا چۆرگىلەپ بىرنىمىلەر ...

رەسمى قىززىق گەپتىن بىر نى قىلىۋاپسىلە توخوتوراخۇن.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 20:52:38

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-9-14 23:10 static/image/common/back.gif
جاھاندا ئۇ چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك ئەنسىزلىك بولمىسا كېرە ...

سىلىمۇ ئاخىرىنى  ئاز-تولا يزىپ قويۇڭلا!

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 20:55:35

ساياھەتكە چىققاندا: ئامال بار پادىچىلار شىمى، ساياھەت ئايىقى ياكى تەنھەرىكەت ئايىقى، كۆينەككە ئامال بار بىشىر كۆينەك كىيسەك بولغۇدەك.

ئىشتاننىڭ ئىچىگە ئەرلەر سانجار كۇسار كىيمەي، تىزنىڭ ئۈستىنگە كەگۈدەك كۇسار كىيسە بولغىدەك. كۇسار يىرتىلىپ، توخوتوراخۇننىڭ مۇزىيى ھەقسىز ئىچىلىپ قالغاندەك كۆنگە قىلىشتىن ساقلانساق يامان بولماس.:lol:lol:lol

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 21:02:49

tohotur يوللىغان ۋاقتى  2014-10-15 19:04 static/image/common/back.gif
ئۆيگە يېققىن قالغاندا ئايىلىم يەيدىغان تايىقىنى ئويلا ...

مىنىڭچە خوتنىڭلىنى ئۇرۇشنىڭ ئەكسىچە ئالاھىدە مۇئامىلە قىلغانسىلەر دەيمەن، چۈنكى  يازماڭلىدىن قارىغاندا خوتونغا 502 دەك ئامراق تۇرىسىلەر!
بەت: 1 2 3 4 5 6 [7] 8
: ئەلۋىدا قاناستا قالغان تىلفۇنۇم