yultuz8 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 16:20:45

ahirni  saklap  kaldim ...

bardam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 21:21:21

توخوتور ئەپەندى ئاخىرىنى يوللاڭ ،ساقلاپ قالدۇق

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 21:23:59

1. توختورنىڭ ھېكايىسىنىڭ داۋامىنى ساقلاپ قالدۇق ؛
2. ھېكايە ئېسىل چىقىپتۇ... ھازىرقى 50-60 كويلۇق كىتابتىن بۇنچىلىك ھوزۇرلانغىلىمۇ بولمايدۇ...:lol:lol

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 21:41:11

باللا تىلفۇن سۇغا چۈشۈپ بولدى ،بۇنىڭ يەنە ئاخىرى يوقتۇ؟

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 10:40:04

ساقلاپ  قالدۇق       بىر يىزىڭە  بۈگۈن  

yultuz8 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 16:19:52

ahirni. yezinga. bir...:o

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 18:58:44

ئەسلىدە بۇ پاراڭنى بىرمۇ  ئادەممۇ ئوقۇمىسىمۇ ئاخىرغىچە يېزىۋىېتىش ئىرادىسىگە كەلگەن ، ئارلىقتا بىر ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۇشۇپ قېلىپ يېزىشىتىن ۋاز كەچكەن . لېكىن نىملا بولمىسۇن مەن ھازىر بىر ئاتا بولۇپ قالغان  ئادەم ، مېنىڭ ھەر بىر ھەركىتىم  بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا بالامغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ، شۇڭا مەن يەنىلا بۇ پاراڭنىڭ ئاخىرىنى چىقىرۋەتسەم ياخشى بولغۇدەك دەپ ئويلاپ قالدىم .بالامنىڭمۇ بىر ئىشلارنى باشلىسا قىينچىلىقلارغا يولۇقسىمۇ ماڭا ئوخشاش ئاخىرىنى چىقىرىدىغان چىدامغا ئىگە بولۇشىنى ئۇمۇت قىلىمەن .
شۇنداق بەزى ئىشلاردىن ۋاز كەچمەي بولمايدۇ ، لېكىن ۋاز كىچىش بەك ئوڭاي ئىشقا ئايلىنىپ قالسا تېخىمۇ بولمايدۇ .

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 19:09:30

tohotur يوللىغان ۋاقتى  2014-9-5 20:58 static/image/common/back.gif
ئەسلىدە بۇ پاراڭنى بىرمۇ  ئادەممۇ ئوقۇمىسىمۇ ئاخىرغىچ ...

يازىلى  ئەمىسە....................................

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 19:19:09

شۇنداق قىلىپ ئالغىلى بىر ھەپتىدىن ئاشقان تېلفۇنۇم قاناس كۆلىدىكى ھېلقى غەليتە مەخلۇققا ئولجا بولۇپ كەتتى .ئايىلىم ئىككىمىز كىمنىڭ پالۇبىسىدىن سالپايغانچە قايتىپ كەلدۇق. نىمىشقىكىن موشۇنداق زىيان بولغاندا شەيتىنىم تۇتۇپ ھىجاراپ ئۆزەمنى تۇتۇۋالالمايلا قالدىم . كۆڭلۇممۇ ئانچە پاراكەندە ئەمەس ئىدى . بۇ ئىش ئايالىم ئۇچۇن تاسادىپى ئىش بولسىمۇ ئەمما مەن ئۇچۇن بىر تەقدىر ئىدى . بۇ ئىشلار لەۋھۇلمەھپۇزدا قەلەمگە ئېلىنىپ سىياھلار قۇرۇپ بولغان ئىشلار ، ئاللاھقا مىڭ قەتلە شۇكرى  مېنىڭ بەش ياشلىق بالام بىلەن باجامنىڭ ئۇچ ياشلىق بالسىمۇ پالۇبىدا بىز بىلەن بىللە چىقىپ چېپىپ يۇرگەن ئىدى . ھازىر ئويلىسام مېنى سۇر باسىدۇ ، بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار ئالاھىدىرەك ھەم كۆپ بولغاچقا مېنىڭ تەغدىر توغۇرسىدىكى ئىزدىنىشلىرىممۇ بىر قەدەر ئەتىراپلىق ھەم چۇشەنچەم بىر باشقا چىققان ئىدى . گەرچە تەغدىر توغۇرسىدىكى قاراشلىرىمنى ئەمەلىي تۇرمۇشقا تەدبىقلاشتا يەنىلا ئىنسانى ئاجىزلىقلىرىم چېلىقسىمۇ ئەمما ھەر ھالدا تەغدىر ھەقىدە ھەر ئويلانسام كۆڭلۇمدە خاتىرجەملىك ۋە ئەمىنلىك پەيدا بولاتتى .
كىمەدىكى مۇلازىم قازاق قىزى تورۇكشىپ چۇشۇپ كىتىۋاتقان تېلفۇنغا قاراپ قويۇپ ، بوپتۇ بۇ بىر سەدىقەڭىزلەر بولسۇن دەپ قويدى ، مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن كۇلۇمسىرەپ قويدۇم .ئەمىليەتتە بۇنىڭ سەدىقە بولمايدىغانلىقى ماڭا ئايان ئىدى .
       قومۇلدىن بىللە بولغان سەپەردا بىر ئائىلە ئاكا ئاچىلىرىم  تېلفۇننىڭ ئىشىنى ئاڭلاپ بىزگە تەسەللى بەردى ھەم ئۆز ئورنىنى ئۆتۇنۇپ بەردى ، ۋە بالىڭىزنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدىمۇ دەپ سوراپ قويدى ، توغرا بالامنىڭ بۇ ئىشقا قانداق ئىنكاس بىلدۇرىدىغانلىقىنى سوراپ باقايچۇ :بالام تېلفۇن كۆلگە چۇشۇپ كەتكەنگە كۆڭلىڭىز يېرىم بولدىمۇ ،  ھە ياق مەن بەك خوشال بولدۇم ھېلىمۇ ياخشى مېنىڭ تېلفۇنىمنى ئەكەلمەپتىكەنمىز بولمىسا مېنىڭ تېلفۇنۇم سۇغا چۇشۇپ كىتەتتىكەن .
بەلكىم تورداشلارنىڭ ئىسدە بار مەن ئىلگىركى ئىدارىنىڭ ئاشخانىسىدا ئۇماش ئىچىرۇپ گالۋاڭ قىلىپ قويغان تېلفۇننى بالامغا بىرىپ مومىسىنىڭ تېلفۇن نومۇرىدىن بىر ئۇندىدار نومۇرى قىلىپ بەرگەن ئىدىم ،ئۆيدىكى ۋايفاي شارائىتىدا كەچكىچە رەسىمگە تارتىپ  ئۆزىنىڭ «بەش دوستىغا» دوسلار چەمبىرىكىگە يوللاپ قوياتتى ،ئۇنى خوش بولسۇن دەپ ئۇرۇق تۇققانلار توپىغا بالامنىمۇ قوشۇپ قويغان ئىدىم . بۇرۇنقى تىلفۇنۇم ئېچ ت س ماركىلىق تىلفۇن ئىدى . ئەنجۇرنىڭ كونا نەشىرلىرى بولۇپ ئۇيغۇرچىىنى تونۇماي كاتاك چىقىۋالاتتى .ئەمما كاساپەتنىڭ رەسىم سۇرەتنىڭ سۇزۇكلىكى بوپ قوياتتىچۇ بۇ تېلفۇن ،ئەينى ۋاقىتتا ئىككى مىڭ يەتتە يۇز كويغا ئالغانچۇ بۇ تۋلفۇننى ، قاناسقا بارىدىغاندا دەل بۇ تېلفۇننىڭ موشۇ رەسىمگە تارتىش ئىقتىدارى ياخشى دەپ ئېلىۋالماقچى بولغان ،كىيىن ئىشنىڭ توللىقىدا ئۇنتۇپ قاپتىكەنمىز .ھازىر بولسا بۇ ئىش بالامنىڭ كاللىسدا قالغان ئىكەندە ناۋادا مېنىڭ تېلفۇنۇمنى ئاپپارغان بولسا رەسىمگە تارتقان بولسا قاناسقا چۇشۇپ بېلىققا يەم بولدىغىنى مېنىڭ تېلفۇنۇم بولاتتىكەن دىمەكچى بۇ قۇمباش ..............

بالام تېپىپ بېقىڭغا پالتىىسى چۇشۇپ كەتسە

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 20:03:44

ھازىرچە بالىڭىزغا رەھمەت دەپ تۇرساق بولغىدەك ئەمسە {:90:}{:90:}

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 20:15:13

بالام ھېلقى كارتۇن فىلىمدىكى راستچىل بالىنىڭ  پالتىسى سۇغا چۇشۇپ كەتكەندە كۆلدىكى پەرىشتە چىقىپ نىمە دەيدۇ ، بۇ ئالتۇن پالتا سېنىڭمۇ دەيدۇ ، ئۇنداقتا ھازىر تېلفۇنىمىز قاناس كۆلىگە چۇشۇپ كەتتى ، قاناسقا مۇئەككەل پەرىشتە تېلفۇنىمىزنى ئاچىقىپ بەرگەن بولسا بەك ياخشى بولاتتى ،ھەي پەرىشتە تېلفۇنىمىزنى ئاچىقىپ بەر ، بالام توختىماي توۋلاشقا باشلىدى . مەن  بالامغا قاراپ ھازىرنىڭ ئۆزىدە پەرىشتە چىقىپ بۇ ئالما تېلفۇن سىزنىڭمۇ دىسە نىمە دەپ جاۋاپ بەرسەك بولار بالام ، بىزنىڭ ئەمەس دەيمىز بىزنىڭ تېلفۇنىمىز خاۋى ماركىلىق تېلفۇن مىڭ كەيگىلا كەلگەن .ناۋادا پەرىشتە ئىككىنچى قېتىم چىقىپ سامسۇڭ ماركىلىق تېلفۇننى ئاچىقىپ بەرسە بىزنىڭ دەينىڭمۇ يە ؟ ياق ياق ئۇمۇ بىزنىڭ ئەمەس دەيمىز ..........زىياننىڭ دەىستىدىن ئىچى پۇشۇپ ئولتۇرغان ئايىلىم بالام ئىككىمىزنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز كۇلىۋەتتى .

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 20:22:25

ئەمىليەتتە باللا قاناس كۆلىنىڭ چوڭقۇرلىقى بىر يۇز قىرىق نەچچە مىتردىن ئاشدىغۇ دەيمەن . تېلفۇن سۇدا تىك ھالدا چۆكۇپ كەتمەي بەلكى لەيلەپ چۆكىدىكەن دەڭلار ، بەلكىم كىنوغا ئامراق دوسلارنىڭ ئىسىدە بولۇشى مۇمكىن ،تىتانىك دىگەن كىنونىڭ ئەڭ ئاخىردا ھېلقى مومايغا ئايلانغان تىتانىك گۈزىلى بوينىدىكى مىدالىئوننى بوينىدىن ئېلىپ چوككىدە بىرنى سۆيۇپ دېڭىزغا تاشلايدىغۇ ،نەق ئاشۇنداق لەيلەپ چوكىدىكەن ، تېلفۇن مىدالىئوندىن چوڭراق بولغاچقا تېخىمۇ بەكرەك لەيلەيدىكەن .بىرەر مىتىر لەيلىگەندىن كىيىن تېلفۇن ئاستا ئاستا كۆزدىن يۇتتى . بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن .

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 20:37:41

ھېلقى غۇلجۇلۇق بىر جۇپلەرنىڭ گىپى تېخىمۇ قىززىق ، مانا ھە توخوتۇر ئاكا  بىرەر يۇز يىلدىن كىيىن تېلفۇنىڭىزنى قاناس كۆلىدىن سۇزۇپ ئېلىپ بۇرۇنقى ئادەملەر مانداق ياشىغان ئانداق ياشىغان دەپ تەتقىقات ئېلىپ بارسا  ، مەن كۇلۇپ قويغۇنۇمچە ئويلىنىپ قالدىم ،زادى قانداق رەسىملەرنى تارتقان بولغىيدىم بۇ خاۋىي تېلفۇندا ئۆزەمغۇ ئۇيغۇر تىل يېزىقىنىڭ ئىشلىتىلش ئەھۋالاتلىرىغا ئوتتەك قىزىقىمەن . تارتقان نەرسىلىرىممۇ شۇ دائىردىكى رەسىم سۇرەتلەر بولسا كېرەك . كىيىنكى ئەۋلاتلار راستىنلا سۇزىۋالارمۇ دەيمەن ، بۇ شاپىلاقچىلىك نەرسىنى سۇزۇپ نىمىمۇ قىلار .تېلفۇنىمىدا زادى مېنىڭ سۇپۇتىمنى چۇشۇرىدىغان نەرسىلەر يوقتۇ ؟ ۋاي خۇدايىم بۇنىمە غەم ئەمدى جەنۇپلارغا بارغانلار تېلفۇنىمدىن بىر پىشكەلچىلىك چىقىپ قالمىسۇن دەپ ئەنسىرىسە مەن بىچارە شۇ تاپتا بىرەر يۇز يىلدىن كىيىن ناۋادا كىيىنكى ئەۋلاتلا تېلفۇنىمنى سۇزىۋالسا سەتلىشپ يۇرمەي دەپ ئەنىسىرگىنىمنى قارا ، ئەنسىرەي دىسە ئىش دىگەن تولا نەرسىكەن جۇما ...................
كىم بىلىدۇ ئېرتىش دەرياسىنىڭ سۇيىنى قومۇلغا يۆتكەيدىغاننىڭ قۇرۇلۇشنىڭ ئاللىقاچان باشلانغاننىڭ گىپى بار  بىركۇنلەردە قومۇلدىكى ئۆستەڭدە پۇتۇمنى چىلاپ ئولتۇرۇپ بۇ خاۋىي تېلفۇنىمىنى ئۆزەم تېپىۋالامدىم تېخى.

بەش مىنۇتلار ئۆتكەندىن كىيىن ئايالىم ئاستا ماڭا قاراپ تېلفۇن ئۇرۇپ باقامسىز يە تېلفۇنىڭىزغا دەپ قالدى .ياق ياق  ناۋادا بىرسى تېلفۇننى ئالسا قورقۇپ ھوشۇمدىن كىتىمەن . بالامنىڭ ئالدىدا قورقۇش دىگەن سۆزنى تىلغا ئېلىپ بولۇپ سەل خىجىل بولۇپ قالدىم ، بولىدۇ ئۇرۇپ باقايلى غەلىتە مەخلۇق تېلفۇننى ئېلىپ  مېنى ئۇيغۇتىۋەتتىڭ تاشلىغىنىڭ ئاران مىڭ سوملۇق خاۋىي ،پوق دەپ تىلېفۇن ئۇردۇڭمۇ دەپ قاقشاپ كەتسە ............

yultuz8 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-6 08:58:31

بالىلارغا  ئۈلگە  بۇلۇش چوڭلارنىڭ  مەسئۇلىيتى ...بۇ  روھىڭىزنى  بوپ قالغۇسى.....قېنى  ئاخىرنى  داۋاملىق  يېزىڭ ......

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-6 09:21:53

:lol يېزىڭە ھە!!!!

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-6 09:59:25

tohotur يوللىغان ۋاقتى  2014-9-5 20:37 static/image/common/back.gif
ھېلقى غۇلجۇلۇق بىر جۇپلەرنىڭ گىپى تېخىمۇ قىززىق ، مانا ...

ئاران مىڭ سوملۇق خاۋىي تىلفۇن بولغان بىلەن  ئىچىدىكى رەسىملەرنى سەن كۆرۇپ باقسۇن دەپ  تاشىلدىم دىمەمسىز :lol

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-6 10:18:34

:lol

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-6 15:50:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tohotur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-6 15:54  

بولدى خوتۇن ئەمدى ئۇنىڭنى ئۆچەر ! مەن ئۆيدىن چىققاندا ئاللاغا تەۋەككۇل قىلىپ  ئاللاغا يۇزلىنىپ ئىشىكتىن چىققان .ئەمدى يەنە غىدىڭ غىدىڭ قىلساڭ تاياغىڭنى يەپ قالىسەن ، ئاللاغا شۇكرىكى بۇبەلكىم  قەدەر بىلەن قىلغان دۇگايىم ئېلىشىپ بىزگە ئەڭ يىنىك تەگكەن ئوق بولۇشى مۇمكىن ، ئاللاغا يەنە شۇكرىكى ئۇيغۇردا بۇنى مېلى بارنىڭ مېلىغا دەپ چۇشەندۇرىدۇ ، ئەمدى ئاغزىڭنى يۇم ، ئاللادىن كەلگەننى قوبۇل قىلماق سەبرى قىلماق زورۇردۇر .ئاللاھقا شۇكىرىلەر بولسۇنكى  بىز ساق سالامەت ئۆزىمىزنى قايتا ئۆرۇمچىدە كۆردۇق. ئەتە بالىنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق موزىيغا ئاپىرىپ كىلەي دەيمەن .

كىيىنكى ماۋزۇ :

ئىككىنچلەپ ئايالىمنىڭ گىپگە كىرىدىغان  بولسام ...................


taz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-6 16:43:31

داۋامىنى چاققانراق يىزىڭ توخوتۇر! ساقلاپ قالدۇق.

yultuz8 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 07:08:11

ۋاي ئاللا...
بەت: 1 2 3 4 [5] 6 7 8
: ئەلۋىدا قاناستا قالغان تىلفۇنۇم