tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 07:04:19

مەشھۇر كىشىلەر قانۇنى

خوشاللىق قانۇنى : سەرەڭگە يانچۇقىڭىزدا كۆيۇپ كەتكەندە ، خوشال بولسىڭىز بولىدۇ ، تەلىيىڭىزگە يانچۇقىڭىز پورۇخ ئامبىرى بولۇپ قالماپتۇ .(چېخوف)
قايغۇ قانۇنى : مۇۋاپىق قايغۇرۇش ھېسىياتنىڭ چوڭقۇرلىقىنى ئىپادىلەيدۇ ، زىيادە قايغۇرۇش ئەقلى قابىلىيەتنىڭ كەملىكىدىن دېرەك بېرىدۇ .(شېكېسپېر)
مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش قانۇنى : پەقەت پۇلداردىن چىرايلىق بولسىڭىز ، چىرايلىقتىن پۇلىڭىز كۆپ بولسا ، بىلىمدارغا قارىغاندا ناخشىنى ياخشى ئېيترلىسىڭىز،
بۇ سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىڭىز .(جياڭ فېڭ )
كۇتۇپخانا قانۇنى : ئۇمۇمەن ، كۇتۇپخانا بولغاندىلا كىتاب ئوقۇيدىغانلار كۇتۇپخانا بولغاندىمۇ كىتاب ئوقۇمايدىغانلاردۇر. (خۇ شى )
مۇھەببەت قانۇنى : مۇھەببەت تولىمۇ تويماس كېلىدۇ . بەخىتكە ئېرىشكەن تۇرۇقلۇق ، راھەتباغقا كىرىشنى ئويلايدۇ ؛ راھەتباغقا كىرگەندە ، جەننەتكە كىرىشنى ئويلايدۇ .(ھيۇگۇ)
مەجنۇنلىئۇق قانۇنى : مەجنۇن ئادەم ھەم گاس ، ھەم ئەخمەق كېلىدۇ .(بالزاك)
ئاياللار قانۇنى : ئاياللار تۇنجى سۆيگۇنىنى بىر ئۆمۇر سۆيىدۇ ، بىراق ئۆز تېنى ئارقىلىق ئەمەس ، بەلكى گۇزەل ئەسلىمىلەر ئارقىلىق ياد ئېتىدۇ .(گوركىي)
بەخىتسىزلىك قانۇنى : ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇلارنى كۆڭلىگە پۇككەن تۇرۇقلۇق ئارزۇسىغا يېتەلمەسلىك ئەڭ چوڭ بەختسىزلىك ، نامرات تۇرۇقلۇق يېتەرلىك ئەركىنلىك ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ سەمىمىي ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغان ئاشۇرالىغان كىشىلەر تەلەيلىك كىشىلەردۇر.(شېكېسپېر)
خەتەر قانۇنى : زىيادە سەمىمىي ئەخمەقلەر ھەرقانداق دۈشمەندىنمۇ خەتەرلىك .(كرېلوف)
ئورەككە چۈشۈپ كېتىش قانۇنى : مەڭگۇ ئورەك ئىچىدە يېتىپ ،ئەزەلدىن ئاسمانغا قاراپ باقمىغان كىشىلەر ئورەككە چۈشۈپ كەتمەيدۇ.(گېگىل)
سوئال قانۇنى : جاۋاب بېرىش ئەڭ قېيىن بولغان سوئال جاۋابى ئېنىق سوئالدۇر . (سۇبوتا)
ئادەم - ھايۋان قانۇنى : ئادەم ھايۋان بولۇپ قالغاندا ، ھايۋاندىنمۇ بەتەر ۋەھشىيلىشىپ كېتىدۇ . (تاگور)
مەنبە: ئۆزەمنىڭ بۇرۇن يىغىپ ساقلىغان خاتىرەمدىن.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 07:28:36

خەتەر قانۇنى : زىيادە سەمىمىي ئەخمەقلەر ھەرقانداق دۈشمەندىنمۇ خەتەرلىك .(كرېلوف)

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 07:28:54

پارولنىڭ يۇمۇرلىرىدىنكەن

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 09:13:21

نادان،دۆت دوستۇڭ نادانلىقىدىن ساڭا دۈشمىنىڭ يەتكۈزەلمەيدىغان خەتەرنى يەتكۈزىدۇ

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 11:24:59

پاتمايدىغان قۇياش يوق .
ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 17:22:28

دۈشمىنىڭ ساڭا بىۋاستە دىيەلمىگەننى ساڭا يەتكۈزگۈچى سىنىڭ دۈشمىنىڭدۇر ، دىگەنتى بىر ئاقىل ، مەن ئىشىنىشكە ئامالسىز قالدىم ...

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 18:47:02

تېرە بولمىسا تۈك نەدە ئۆسىدۇ. (ماۋ زىدوڭ)
تولۇق ئوتتۇرىدىكى سىياسەت كىتابىمىزدىن ئۈزۈندە.

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 19:32:13

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-8-29 17:22 static/image/common/back.gif
دۈشمىنىڭ ساڭا بىۋاستە دىيەلمىگەننى ساڭا يەتكۈزگۈچى سى ...

سىزنىڭ دۈشمىنىڭىز سىزنىڭ غورورىڭىزغا تەككۈدەك گەپتىن بىرنى سىزگە بىۋاستە دېمەي بەلكى سىزنىڭ يېقىن ئادىمىڭىزگە دېدى،
شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ يېقىن ئادىمىڭىز كېلىپ سىزگە يەتكۈزدى..بۇۋاقىتتا بۇ يېقىن ئادىمىڭىز دۈشمىنىڭىز بىلەن ئوخشاش ھالغا ياكى
ئۇنىڭدىنمۇ بەتەر ھالغا كېلىپ قالدى.
بەت: [1]
: مەشھۇر كىشىلەر قانۇنى