umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 20:03:05

لەۋسۇرخ ( ئۇمۇن)

لەۋسۇرخ

ئۇمۇن

(ھىكايە)


قۇيۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىزغۇچ نۇرى بۇلۇتلارنى قۇچاقلاۋاتقاندا چوڭ يول بويىدىكى تىرەك ياپرىقى شامال بىلەن سۆيىشىۋاتاتتى.تار ۋە گۇڭگا كوچىنىڭ چىگىشلىنىپ كەتكەن ئىلىكتىر سىملىرى ئۈستىدە بوينىدىن تا قۇيرۇقىغىچە قارا سىزىقى بار ئاق كەپتەر يەنە بىر ئىلىكتىر تۈۋرىگە قونغان پۆپەك پايپاقلىق كۆك كەپتەرگە قاراپ قانات قىقىۋاتاتتى.يىڭى ياتقۇزۇلغان ئاسفالىت  يامغۇر ياغسا ھوشۇققىچە لايغا پاتىدىغان ئەگرى كوچىغا خىلى يارقىن تۈس بەرگەنىدى.بۇ يەردە ئەسلى ئاسفالىت يوق ئىدى ئالەم بىنا بولغاندىن تا ھازىرغىچە توپىغا چىلىشىپ ياتقان بۇ تۇپراقتا ئاسفالىت يوق ئىدى. ئاسفلىت ياتقۇزۇلغان شۇ كۈن بۇ كوچىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مەنىلىك بىر كۈن بولسا كىرەك،بىراق ئۇ ھاياتىدىكى بۇ ئۆزگۈرۈشنى مەڭگۈ  ھىس قىلالمايدۇ.ئەمما بىز ھەرقانداق نەرسىنىڭ بىزنى ئۆزگەرتىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ياكى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلالايمىز.مانا بۇ خىل ھىس قىلىشىڭ ئۆزى كىشىگە چىدىغۇسىز ئازاپ ۋە قايغۇلارنى تۆكۇپ ئۆتىدۇ.
ۋىلىسپىتنىڭ ئادەمنى سەسكەندۇردىغان چىقىراق ئاۋازىدىن قېچىپ يولنىڭ ئوڭ يىقىغا قەدىمىمنى ئاتتىم.چاچلىرى قاردەك ئاقارغان ئاق كۆينەكلىك بوۋاي گۆش سىلىنغان خالتىنى ۋىلىسپىتنىڭ تورمۇزىغا ئاسقىنىچە يىنىمدىن ئۆتۇپ كەتتى.تار كوچىنىڭ سول يىنىدىكى قىزىل سىرلانغان دەرۋازىدىن كىرگىنىمدە لىققىدە تىرىلغان ھال رەڭ ناماششەمگۈلى ۋە يەردىكى قارا ئۇرۇقلار كۆزۇمگە چىلىقتى.كۈز كەپتۇدە دىگەن خىيال بىلەن چايخانىدىكى ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم.چايخانىغا سېلىنغان ئەسكى يۇڭ كىگىز ،قاچا قويىدىغان ياغاچ ئىشكاپنىڭ تۆپىسىدىكى قارا ساندۇق،پۇتۇمنىڭ يىنىدىكى مىس رەڭ چۆگۈن پۈتۈن چايخانىدىكى كۆزگە ئەڭ چىلىقىدىغان بويۇملار ئىدى.سەۋەپسىزلا ئورنۇمدىن تۇردۇم ۋە چايخانا ئىشىكىنىڭ قارشىسىدىكى كىچىك ئۆيگە كىرىپ ئوتۇن يارىدىغان پالتىنى ئالدىمدە باياقى ياغاچ ئورۇندۇققا يەنە كىلىپ ئولتۇردۇم.قويۇن يانچۇقۇمدىن قەلەيدىن ياسىتىۋالغان تاماكا قىپىمنى ئىلىپ تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇردۇم.كىچىنىڭ سالقان ھاۋاسى ئىككى تال تۈگمىسى ئىچىۋىتىلگەن كۆينىكىمنىڭ ئىچىگە كىردى.ئويلۇغۇم يوق نەرسىلەرنى ئويلىماسلىققا تىرىشىپ دىققىتىمنى چىچىشقا ئۇرۇنساممۇ پەنجىرە پەردىسىنى ئويناۋاتقان شامال دىققىتىمنى مەلۇم بىر نۇقتىغا يىغىش ئۈچۈن ھەركەتلىنەتتى.دىققىتىمنى يانالا ئىلىپ قاچاتتىم يۇ پەنجىرىنىڭ ئاق پەردىسى  چايقىلىپ خىيالار قوينىغا ئاجىز كاللامنى چۈمكەپ قوياتتى.
پەردىنىڭ ئۇسۇل ئويناۋاتقاندا يىنىك كۆتۇرىلىشى ئۆي ئىچىنى غۇۋاغىنا كۆرسۈتۇپ  ئۆتەتتى.تويدىن ساق بىر يىل كىيىن ئالغان مىس رەڭ ساندۇقنىڭ ئۈستىدىكى يوتقان-كۆرپىلەر كۆزۇمگە چىلىقتى.
توي كىچىسى يىپىنغان يوتقاننىڭ قول كەشتىللىرى جىلۋىسىنى تىخىچە يوقاتمىغان ئىدى.لىكىن مۇھاببىتىمىزنىڭ جىلۋىسىنى بارا بارا سۇسلاپ كىتىۋاتقاندەك ھىس قىلاتتىم.مۇھاببىتىمىزنىڭ سۇسلاشقىنى ئۇنۇڭ ماڭا تەۋە ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتنىڭمۇ سۇسلاشقىنىدىن دىرەك بەرمەيدۇ ئەلۋەتتە.بىراق تەۋە بولغۇچى بىلەن ئىگىدارلىق قىلغۇچى ھەر ئىككى تەرەپ بۇ ھەقىقەتنى ئىتراپ قىلغاندا ئاندىن بۇ ھەقىقەت كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
يوتقاننىڭ شەھۋانىي ھالىتىدىن ئايالىمنىڭ يوتقاندىكى ھالىتىنى خىيالىي تەسسەۋۋۇر قىلىشقا باشلىدىم.پۇشۇلداپ نەپسىنى يۇزۇمگە ئۇرغان چاغدا چاچلىرىنى قانغۇدەك پۇرىغۇم كىلەتتى.بىراق ئۇنۇڭ يىقىنقى كۇنلەردىن بۇيان قىزغىنلىقى بارا بارا سۇسلاۋاتاتتى.قىزغىنلىقىنىڭ سۇسلىشىش ئەركەكلىكىمنىڭ ئۇنى تولۇق رازى قىلالمىغانلىقىدىمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.ئەركەكلەر ئاياللىرىنى رازى قىلالمىسا بۇنداق ئاياللارنىڭ تالاغا قاراش نىسپىتى چوڭ بولىدۇ دەپ قەيەر بىريەردە ئوقۇغۇنۇم ئىسىمدە ياكى بۇنى ئاغىنىلەرنىڭ پاراڭلىرىدىن ئاڭلىۋالغاندىمەن.بىراق ئويلىغىنىمدەك ئۇ راسلا ئۆزگۈرەۋاتاتتى.تۇنۇگۇن تىخى ياتاق ئۆيدىكى قارا ئىشكاپتىن لەۋسۇرۇخ تىپىۋالدىم.تويدىن كىيىن ئۇنۇڭ لەۋسۇرۇخ ئىشلەتكىنىنى كۆرۇپ باقمىغان ئىدىم.ھازىرغىچىمۇ كۆرۇپ باقمىدىم.مۇنا بۇ ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋال.ئۇنۇڭ لەۋسۇرۇخ سۇرگەن ھالىتىنى مەن كۆرمىسەم كىم كۆرىدىغاندۇ؟ئۇ قايسى چاغدا لەۋسۇرۇخنى سۇرۇپ كىم بىلەن كۆرىشىدىغاندۇ؟كاللامدىن ھىچبىر مەنتىقىلىق  سەۋەپ نەتىجە ھاسىل قىلالمىدىم.لەۋسۇرۇخ سۇرگەن ھالىتىنىڭ ماڭا ئۇچۇرماسلىقى مىنىڭ ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتىم بولماي نىمە؟ئۇ لەۋسۇرۇخنى ماڭا ئەمەس باشقا بىرسى ئۈچۈن سۇرىدۇ.دىمەك ئۇنۇڭ مەندىنمۇ موھىم بىر يىقىنى بار.
قولۇمدىكى تاماكا ئاللا بۇرۇن كۇلگە ئايلىنىپ كىتىپتۇ.كاللامدا يانا لەۋسۇرۇخ ئايلىنىپ يۇرەتتى.دىرىزە پەنجىرىسىدىكى ئاپئاق پەردە ئۈستىدە غىل پال لەۋسۇرۇخ ئىزىنى كۆرگەندەك بولدۇم.لەۋسۇرۇخ ئىزى بارا بارا كىڭىيىۋاتاتتى .ئاۋۋال پەردىنى ئاندىن پەنجىرە بارا بارا ئۆينى ئۆز ئىچىگە ئالدى.لەۋسۇرۇخ مەن تەرەپكە قاراپ چوڭۇيۇپ  كىلىۋاتاتتى.پۇتكۈل چايخانا،ياغاچ ئورۇندۇق ۋە مەن لەۋسۇرۇخنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتۇق.تويۇقسىز لەۋسۇرۇخ قايتىدىن كىچىكلەشكە باشلىدى كىچىكلىگەش توختىماي يۈگرەۋاتاتتى يۈگرىگەنچە كىچىكلەۋاتاتتى.ئۇ يۈگرىگەن جاينىڭ ھەممىسىگە لەۋ سۇرۇخ ئىزى بىسىلىپ ماڭاتتى.يوللار،ناماششەم گۇلى،چىراق،يوتقان ھەممە يەرگە لەۋسۇرۇخ ئىزى بىسىلدى بارا بارا لەۋسۇرۇخ كارۋات تەرەپكە قاراپ مىڭىشقا باشلىدى.كارۋاتتا چىرايىنى ئىنىق كۆرگىلى بولمايدىغان بىراق بەدىنى قاۋۇل بىرى ياتاتتى.لەۋ سۇرۇخ ئۇنۇڭ كۆينىكىنىڭ ياقىسىغا كىيىن بوينىغا ئاندىن لىۋىگە بىسىلدى.
بىشىم ئىككى قولۇمدىن چۈشۇپ كەتكىنى ئۈچۈن مۈگۈدەپ قالغان جايىمدىن ئۇيغۇنۇپ كىتىپتىمەن.باياقى چۈشۈم بىلەن قوشۇلۇپ لەۋ سۇرۇخ كاللامدا تىخىمۇ سىرلىق بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى.ئاياللارنىڭ نىمە ئۈچۈن لەۋسۇرۇخ سۇرىدىغانلىقى كاللامدىن ئۆتمەيتتى.بىراق ئۇنۇڭ قارشى تەرەپنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلەتتىم.ئۇلاردىكى مەقسەت بىلەن تاللىغان ئۇسۇل ھەقىقەتەن قىززىقارلىق ئىدى.ئەركەكلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن لەۋسۇرۇخ سۈرەتتى يۇ لەۋسۇرۇخنىڭ باشقىلارغا نىسبەتەن قانداق گۈزەللىك بىرىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتتى.بەلكىم لەۋسۇرۇخ بىلەن لىۋىمنى غۇنچىدەك قىلۋالسام ئەرلەرنىڭ مىنى سۆيگۈسى كىلىپ دىققىىتىنى ماڭا بىرىدۇ دەپ ئويلىشى مومكىن.بۇ ئاياللاردىكى تىپىك شەھۋەت خىيالى بولماي نىمە؟
بۇ چاغدا شەپەقنىڭ قىزىل نۇرى  كىچىنىڭ سۈرلۈك قارا رەڭگىگە ئورۇن بوشاتقان بولۇپ پەقەت كوچا چىرىقىنىڭ ھويلىغا چۈشكەن سۇس نۇرى بىلەن كۆز ئالدىمنى غۇۋا ئىلغا قىلغىلى بولاتتى.كاللامدا يانا ھىلىقى لەۋسۇرۇخ ھۆكۇم سۇرىۋاتاتتى.نىممە ئۈچۈنلۈكىنى بىلمەيمەن توغرىسى بىلگىممۇ يوق مەيدەمنىڭ ئاستىدىكى كەڭ بىر بوشلۇق ئاچچىق گازغا تۇنجۇقتۇرغان بۇرۇندەك ئىچىشىشقا باشلىدى.
ئۇ مىنىڭ مۇھەببىتىمدىن قۇسۇر تاپالمايىتتى،مەن بولسام ئۇنۇڭدىن مىنى ياخشى كۆرىدىغىنىغا ئائىت دەلىل تاپالمايىتتىم.بەلكىم سەۋەپ تاپالمايىتتىم دىسەم تىخىمۇ ئورۇنلۇق بولىدىغاندۇ؟بەلكىم ئۇ مىنى قانداقلارچە ياخشى كۇرۇپ قالغانلىقىنى ئويلاپ ئىچىنغاندۇ؟!ئىچىنىشىنى خاتالىق دەپ كىسىپ ئىيىتالمايمەن.ئەگەر بىر كۈنلەر كىلىپ ئۆزۈمنى ياخشى كۆرۇپ قالسام  ئۆزمگە ئىچىنغان بولاتتىم.بەلكى ئىچىنماسلىقىم مومكىن،چۈنكى ئۆزۈمنى ياخشى كۆرۇپ قالغان چاغ چوقۇم ئۆزۈمنىڭ ئۆلچۈمىگە ئۆزۈمنىڭ يەتكەن چىغى بولىشى مومكىن.ئۇ چاغدا باشقىلارنىڭ مىنى ياخشى كۆرۇپ قىلىشىغا ياكى ئۆزۈمنىڭ ئۆزۈمنى ياخشى كۆرۇپ قىلىشىغا نىسبەتەن ئىچىنىش كەلىمىسى ئارتۇقچە بولاتتى.ئۆزۈمنىڭ ئۆزۈمگە نىمىگە ئىچىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.بىراق ھاياتىمدا ئىچىنىش كەلىمىسى  كىچىك سالماقنى ئىگىلىمەيدۇ.بەلكىم كاتتا ماشىنا،ئىسىل داچا ياكى مۇۋاپىقيەت قازانغان خىزمەت تۇرمۇشى بولغان كىشى ياكى كۈندە مەھەللىمىزدىن ئۆتىدىغان ئەسكى تۈسكە يىققۇچى ئۆزىدىن ئىچىنماسلىقى مومكىن.ئەسكى تۈسكە يىققۇچىنى قىتىۋىلىشىمدىكى سەۋەپ ئۆتكەندە ھىچقانداق دەردىم يوق دەپ مەغرۇر كۈلگەن ھالىتى كۆز ئالدىمغا كىلىپ قالدى.دەردىم يوق دىگەن ئادەمدىن ئۆزىدىن ئىچىنىشنى كۈتۈش بىمەنىلىك ئەمەسمۇ؟
مىنىڭ نىمە دەردىم بارلىقىنى بۈگۈنگىچە ئويلاپ باقماپتىمەن.ئۆزمدىن دەردىم نىمە دەپ سوراپمۇ باقماپتىمەن.ئۇنداقتا مىنىڭ دەردىم نىمە؟
.ئايالىمنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغان خىزمىتى ۋە گۈزەللىكى نىمە ئۈچۈن مىنىڭ ھاياتىمنى بىر تىنغا ئەرزىمەس قىلىپ قويىدۇ؟!كاللامغا  چاقماق تىزلىكىدە كەلگەن بۇ سوئالدىن ئەندىكىپ كەتتىم.سوئالىمغا بىرىلگەن ھەرقانداق جاۋاپ جاۋاپسىزلىقتىن ئادىل ئەمەس ئىدى.جاۋاپلارنىڭ ھەرقاندىقىغا تۈگۈمەس مەسخىرە ۋە  ئاچچىق رىئاللىقنىڭ كۆمۈلگەنلىكىنى بىلەتتىم. ئايالىمغا بىرنىمە دىيەلىشىم مومكىن ئەمەس ئىدى.توغرسى دىيەلمەيتتىم.بۇ جۈرئەتسىزلىكتىن ئەمەس بەلكى دىيىشنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىقىدىن ئىدى.
بۈگۈنكىدەك  لەۋسۇرۇخنى باشقىلار  ئۈچۈن سۈرگۈدەك ھالغا كەلگەندە نىمىمۇ دىيەلەيمەن.ئۇنۇڭ ئاياللىق نازاكىتىدىكى مۇۋاپىقىيەت ئەرلىكىمدىكى جاسارەتكە پارازىت ئىدى.ئۇ قانچە ئىلگىرلىگەنسىرى مەن شۇنچە چىكىنەتتىم.ئۇنىڭ مۇۋاپىقيىتى مىنىڭ مەغلۇبىيىتىم بولاتتى. پارلاق  نۇقتىنىڭ يىنىدا ئاجىز يورۇقلۇق ئەلۋەتتە كۆزگە چىلىقمايدۇ.مانا مەن ئاشۇ چىلىقماسلىقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتاتتىم.بۈگۈنگە كىلىپ ئۇ لەۋسۇرۇخنى باشقىلارغا سۈرۇپ بىرىۋاتقاندا بولسا مەغلۇبىيىتىم ئەرلىك غورۇرۇمغا تەسلىم بولۇش توغۇرسىدا ۋەز ئىيتىۋاتاتتى.نىمىنى خاتا قىلغانلىقىم ئۈستىدە ئويلىنىشنى ھاجەتسىزدەك ھىس قىلدىم.چۈنكى مەن ھىچنىمە قىلالمىغان ئىدىم.ئەلۋەتتە ھىچنىم قىلمىغانلىقىم ئۈچۈن خاتا قىلىشنىڭ نىمە ئىكەنلىكى ماڭا نىسبەتەن بەرىبىر ئىدى.خاتا قىلىش مىنى مۇۋاپىقيىتىمگە يىقىنلاشتۇرالىشى ھەتتا خاتا قىلىش مىنىڭ ئورنىمنى ئۆزگەرتەلىشى مومكىن.ئەپسۇس مەن ھەتتا خاتا قىلىشنىمۇ قالماشتۇرالمىغان ئىدىم.
ئىچىم ئاچچاق.غەزەپتىن چىشلىرىم كىرىشكەن بولسىمۇ ئويلۇنۇشتىن ھىچ توختاپ قالالمايۋاتاتتىم.نىمىگە غەزەپلىنىۋاتقانلىقىم ھەتتا ئۆزۈمگىمۇ ئايان ئەمەس ئىدى.لىكىن غەزەپلىنىۋاتاتتىم.خوتۇنۇمغا ياكى خوتۇنۇمنىڭ ئاشنىسىغا،بەلكى ئۆزۇمگە،تىخىمۇ پەلسەپەلەشتۇرسەم ئاخىرى چىقمايدىغان تەغدىرگە غەزەپلىنىۋاتقان بولۇشۇم مومكىن.مۇمكىن بولغان بولسا ئىدى پۇتۇن دۇنيانى پارتىلتىپ كۇمپەيكۇم قىلىۋەتكەن بولاتتىم.كۇلى كۆككە سورۇلغان دۇنيانىڭ ئاستىدىن ھىچنىمە ئۈنۈپ چىقمىسا  پۇخادىن چىقاتتىم.
تۇيۇقسىز باياقى كۆرۇمسىز قىزىل ئىشىك تاراقشىشقا باشلىدى.كەينىدىن تاقىلدىغان ئىگىز پاشنىلىق ئاياق ئاۋازى كەلدى.  ئالدىمدا زىلۋا بىر گەۋدىنىڭ ماڭا قاراپ كۈلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇم بۇ كۈلكە شۇنچىلىك رەھىمسىز ۋە چۈشكۈن كۇلكە ئىدىكى بۇ تەبەسسۇمنى مىڭلىغان تۇرۇلگەن قاشلارغا،كىرىشكەن چىشلارغا تىگىشۋىتىشكە تامامەن رازى ئىدىم.بۇ كۇلكە تالايلىغان مەسخىرىلەرنى ئىسىمگە سالاتتى.ھەرقىتىملىق كۇلكىدىن كىيىن پۈتۈن بەدىنىم قارا تەرگە ۋە قورقۇنۇچقا يەم بولاتتى.ماڭىلا ئاتالغان  رەزىل ئەمما يىقىملىق بۇ كۈلكىنىڭ مەقسىتى مىنى دەپسەندە قىلىش . كۈلكە  مىنى قانچە دەپسەندە قىلسا شۇنچە رەسۋالىشاتتى قانچە رەسۋالاشقانسىرى شۇنچە دەپسەندە بولاتتىم.
تۇيۇقسىز كوچا چىرىقىنىڭ شەھۋەت چاچرايدىغان سۇس سىرىق نۇرىدا ئايالىمنىڭ لىۋىدىكى قىزىل سۇرۇخنى كۆرۇپ قالدىم.پۇت قولۇم ماڭا بوي سۇنمايتتى .جىسمىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىنىرگىيە ئورۇندۇق يىنىدىكى قارا پالتىنى ئالدىدە ئالدىمدىكى گۇزەل سىماغا قارىتىپ ئاتتى.تەبەسسۇمىنى بويلاپ ئىقىۋاتقان قىزىل قان قىزىل لەۋسۇرخ بىلەن بىرلىشىۋاتقان چاغدا ئالەمنى كۇمپەيكۇم قىلىۋەتكەنلىكنىڭ شاتلىقىنى سۈرىۋاتاتتىم.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 23:54:16

مۇنداق ئىشلارنى بىلدىم ;
1-سىزبۇھېكايىنى خوتەندە يېزىپسىز .(بەلكىم ئارتۇقچەياكى توغرابۇلىشى ناتايىندۇر)
2-سىز تۇلىمۇ تارقورساق كىشىكەنسىز .
3-تۇلىمۇ قاراقورساقكەنسىز .
4-گۇمانخورلۇقتاباشقىلارغا پەقەت ئىشەنمەسلىكنىلاقەسەم قىلغانكەنسىز .
5-بۇتۇلىمۇ ياخشى يېزىلغان ھېكايىكەن .
6-سىز بىزنى ئايالىڭىزنى چۈشىنىڭ ،ئايالىڭىزبىلەن سىردىشىڭ دەپ قورقۇتقاندەك قىلىسىز .
7-گەپنى گۇڭگىلاشتۇرۇشقا تىرىشىدىكەنسىز .   
8-يۇقاقىلارنى ھەممىسى سىز ھەجۋىلىمەكچى بولغان ئۇلۇغ ئەركەكلەرمىكىندەك .
ئاخىرقى يەكۈن ئاياللار ئالغائىلگىرلىسە ،ئۆزىنى يەنىمۇ تۈزەشتۇرىدىغان بۇلىدۇ بۇچاغدا بىز ئۇنى يەنىمۇ قولشىمىز لازىمكى ،ئەرلىكىمىزدىن ،ئۇنىڭ ساداقىتىدىن ،ئۇنىڭ پاكلىقىدىن گۇمانلايماي بەلكى ئۇنى چۈشىنىش لازىم .دەپسىزماقۇل بۇلىدۇ .

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 23:55:16

ئۇمۇن  نىڭ مەنىسى نىمىدۇر .

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 00:00:11

مۇنبەرنامىڭىزنى   ئۇ    مۇن   دەپ ئوقۇيمىزمۇ    ،ئۇ مۇ ياخشى ،گۈزەل دېگەندەك مەنىدە .99نى قوشۇپ چۈشەنسەمبۇلامدىكىن .

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 10:52:44

ھىكايىدىكى ئادەمنى سىرىتتىن كۆرۇپ تەسۋىرلىسەم مۇنداق بولىدىكەن .
بىر ياش ناماز شام ۋاختىدا، يولدىن ئۆتۇپ بىر چايخانىغا كىردى، بىر پالتىنى ئىلىپ يىنىغا قويۇپ قويدى، بىردەمدىن كىيىن ،يولدا كىتىپ بارغان بىر سەتەڭگە پالتىنى قارىتىپ ئاتتى، پالتا ئۇ سەتەڭنىڭ ئۇستى بىشىنى قانغا بويىۋەتتى .
{:87:}{:87:}

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 12:46:06

يەنە بىر تەھرىرلەپ باقسىڭىز ياخشى بولاتتىكەن.ھىكاينىڭ دەسلىۋىدىلا(قۇيۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى.....)،يەنە ماۋۇ يەرلىرىنى قوبۇل قىلالمىدىم(بوۋاي گۆش سىلىنغان خالتىنى ۋىلىسپىتنىڭ تورمۇزىغا ئاسقىنىچە)

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 12:49:32

چەتئەل ھىكايلىرىنى ئوقوغاندەك بىرخىل تۇيغۇغا كىپ قالدىم.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 18:42:31

ئۇمۇن ئارزۇ ئۆمىد دىگەن مەنىدە ، قەدىمى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ئىدى ، تۈركى تىللار دىۋانىدا بار ، بەزى يۇرتلاردا چوڭلار ھىلىھەم ئىشلىتىۋاتىدۇ
  ئاپامنىڭ دىيىشىچە : سەن بىرسىگە بىر نەرسە بىرىمەن دەپ قويۇپ بەرمىسەڭ ئۇ كىشى ئۇمۇنۇپ قالىدۇ
بەت: [1]
: لەۋسۇرخ ( ئۇمۇن)