DDV يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 13:32:34

رۇبائىيلار

رۇبائىيلار
ئابابەكرى ئابدۇقادىر
ھاياتلىق مەشئىلى دېھقاندۇر ئەسلى،
چېھرى ھەم گوياكى باھار، ياز پەسلى.
ئۇ شۇنداق ساددا ھەم سۆيۈملۈك ئىنسان،
كۆڭلىدە يوق پەقەت ھىيلىسى-قەستى.

ئۆز تەرىڭ، ئەجرىڭدىن يېتىشتۈرگىن باغ،
شۇندىلا خاتىرجەم چاينايسەن گۆش-ياغ.
قولۇڭنى ئۇزارتساڭ بىراۋ مۈلكىگە،
چۈشىدۇ يۈزۈڭگە ئۆچمەس قارا-داغ.

كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمىگىن دوستۇم،
بىھۇدە ھىجىيىپ كۈلمىگىن دوستۇم.
كۈن چۈشسە بېشىڭغا ئەگەر بىر كۈنى،
يېشىڭنى يامغۇردەك تۆكمىگىن دوستۇم.
بۇ رۇبائىيلار «كۆكبۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ 2006-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
بەت: [1]
: رۇبائىيلار