DDV يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 13:30:33

قايتىپ كەل، ئاپا

قايتىپ كەل، ئاپا
ھېكايە
ئابابەكرى ئابدۇقادىر
مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ قوشۇلۇشى، مەكتىپىمىزدىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قوللاپ بېرىشى بىلەن مەكتىپىمىزدە «ئۈمىد ئەدەبىيات كۇرۇژۇكى»نى قۇرۇۋالدۇق. ئەمدىكى نىشانىمىز مەلۇم دەرىجىدە ئەدەبىي دىتى بار ئوقۇغۇچىلارنى بايقاپ، يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئەدەبىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئىدى.
بىر كۈنى ئىشخانىدا كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرسام، ئىشىك يېنىك چېكىلىپ، مەن مەسئۇل بولغان سىنىپتىكى بىر قىز ئوقۇغۇچۇم كىرىپ كەلدى. ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدىم.
— مۇئەللىم، بىر پارچە ئەسەر يېزىپ باققانىدىم. ۋاقتىڭىز بولسا كۆرۈپ باققان بولسىڭىز؟-دېدى.
— بولىدۇ. كۆرۈپ باقاي،-دېدىم. ئۇ ئۇزاتقان ئىككى ۋاراق ئارگىنالنى ئېلىپ تۇرۇپ. ئىشخانىدا مەندىن باشقا ئادەم بولمىغاچقا، دېرىزە تۈۋىگە كىلىپ ئەسەرنى ئوقۇش ئۈچۈن ئاچتىم:
«ئاپا! سەن مېنىڭ نەزەرىمدە ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ سۆيۈملۈك، ئەڭ مېھرىبان، پەرىشتىدەك ئىنسان ئىدىڭ. مەن سېنىڭدەك ئاپامنىڭ بولغىنىدىن ھەر ۋاقىت خۇشال ئىدىم. سەندىن پەخىرلىنەتتىم. كەلگۈسۈمنى ئىنتايىن گۈزەل تەسەۋۋۇر قىلاتتىم.
لېكىن سەن مېنى ۋە چۆچۈرىدەك ئۈچ ئۇكامنى يېتىملىك كوچىسىغا ئىتتىرىپ قويۇپ، دادامنى تۈگىمەس دەرد ئىچىگە تاشلاپ، ئۆز قولۇڭ بىلەن مىڭ تەسلىكتە بەرپا قىلغان 15 يىللىق گۈلدەك ئۆيۈڭنى خانىۋەيران قىلىپ، پۇلدار بىر ئادەمنىڭ كەينىدىن كېتىپ قالدىڭ. سەن كەتكەندىن كېيىن بىچارە دادام تۈگىشىپلا كەتتى. ئىلگىرى ھەمىشە خۇشال-خۇرام يۈرىدىغان، مېنى ۋە سەبىي ئۇكىلىرىمنى چوڭقۇر ئاتىلىق مېھرى بىلەن ئەركىلىتىپ، بىزگە ھاياتنىڭ نەقەدەر شېرىن، دۇنيانىڭ نەقەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئالەمشۇمۇل بەخت قوينىدا يايراتقان شۇ جاپاكەش دادام ھازىر خۇددى نەچچە ئون يىل كېسەل تارتقان ئادەمدەك ئورۇقلاپ، بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدى. ئىلگىرى ئىشتىن كىلىپ بىر مىنۇتمۇ جىم تۇرماي ساڭا ياردەملىشىپ، ئۆينىڭ ئېغىر-يېنىك ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىدىغان دادام ھازىر ئۆيگە كەلسىلا تاماكىنى ئۈزمەي چېكىپ، بىر نۇقتىغىلا قاراپ ئېغىر ئۇھسىنىپ ئولتۇرىدىغان، گاھى كۈنلىرى تەڭ كېچىدە ئېغىر مەست پېتى كېلىدىغان بولۇۋالدى. ھەر قېتىم دادامنىڭ ھەسرەت تۇمانلىرى قاپلىغان چىرايىنى كۆرگىنىمدە، ئىچ-ئىچىمدىن ئەلەملىك بىر يىغا خۇددى فونتاندەك ئېتىلىپ چىقىدۇ. كۆز ياشلىرىمنى زادىلا توختىتالماي قالىمەن. تېخى ئانا مېھرىگە تولۇق قانمىغان سەبىي ئۇكىلىرىمنىڭ سېنى ھەر ۋاقىت ئاپا دەپ چاقىرغىنىدا خۇددى بىرى يۈرىكىمنى ئامبۇردا قىسىپ تولغاۋاتقاندەك زىڭىلداپ ئاغرىپ كېتىدۇ. قولۇم-قوشنىلارنىڭ، ساۋاقداشلىرىمنىڭ چىرايىمغا مەنىلىك قاراشلىرىنى كۆرگىنىمدە دورا ئىچىپلا ئۆلۈۋالغۇم كېلىپ كېتىدۇ.
ئاپا! ئىلگىرى ھەممە ئادەمنىڭ ھەۋىسى كېلىدىغان، ھەمىشە بەخت كۈلكىسى ياڭراپ تۇرىدىغان ئۆيىمىز مانا ھازىر سەن يوق چۆلدەرەپلا قالدى. ئۆيىمىزلا ئەمەس، شادلىق قوينىدا ئەللەيلىنىپ چوڭ بولغان بىغۇبار قەلبىمىزمۇ چۆلدەرەپ، يۈرەك-باغرىمىز لەختە-لەختە قانغا تولۇپ كەتتى.
ئاپا! سەندىن ئۆتۈنەي، بىزنى يېتىملىكتىن، پانىي ئالەمدىكى دوزاخ ئازابىدىن قۇتقۇز، تېزرەك كىلىپ بىزنى باغرىڭغا باس، جېنىم ئاپا...»
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بۇ ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئائىلىسىدە يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغان ئىدىم. لېكىن بۇ ئىشنى ماڭا مۇناسىۋەتسىز دەپ ئويلىغاچقا كارىم بولمىغانىدى. ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىنى ئوقۇپ، يۈرەك-باغرىم ئېچىشىپ كەتتى. ئۆپكەمنىڭ ئۆرۈلۈپ، دىمىقىمنىڭ ئېچىشقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆزۈمدىن بىر نەچچە تامچە ياشنىڭ تۆكۈلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

بۇ ھېكايە «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 9-8-سانى (قوشما سان)دا ئېلان قىلىنغان.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 19:03:12

ژورناللاردىن تورغا چىقىرىۋەرسە بۇلامدۇ ؟

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 19:06:40

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-8-28 19:03 static/image/common/back.gif
ژورناللاردىن تورغا چىقىرىۋەرسە بۇلامدۇ ؟

ئاپتور ئۆزى چىقارسا بولارمىكىن.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 19:20:22

ھە

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 19:23:10

ئەمدى ئۈزۈڭلار يازغانلىرىنى ھەقسىز بىزگە سۇنۇۋېتىپسىلە ھە {:90:}
بەت: [1]
: قايتىپ كەل، ئاپا