ئىسكەندەرنىڭ ئاخىرقى ۋەسىيتى
ۋاقىتكى،ئىسكەندەر ئۇزنىڭ ئۇمۇر قۇياشنىڭ زاۋالىققا يەتكەنلىكىنى چۇشەندى.ئۇزنىڭ دۇنيادىن كىتىدىغان.جاھانى،ياق،بەلكى جاننى تەرك ئىتدىغان ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلدى. دەۋرانىڭ بۇ داراسى ئەجەل جامىدىن ئولۇم زەھرنى ئىچۋاتقان مۇشۇ ئېغىر كۇندە ئۇزنى كىچىك ۋاقىتىتىن باشلاپ بېقىپ ،چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقان ئانسىنى يادىغا ئالدى،ئانسى يادىغا يىتىش بىلەنلا ئۇنىڭ ھۇجۇدىغا ئاجايىپ بىر ئوت تۇتاشتى.ئۇ كوزلىرنى ئېچىپ خالايىققا قاراپ،خۇدى ئەجەل شىۋىرغىندەك سوغۇق بىر ئاھ چەكتى.ئاندىن ئانسىغا خەت يېزىپ ،قەغەز يۇزنى قارا قىلىش ئارقىلىق ئوز ۋەسيتىلىرنى بايان قىلىش ئۇچۇن كاتىپ، قەغەز ۋە قەلەم كەلتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.سەھپىلەرگە گۇھەرلەرنى چاچقۇچى قەلمى چاققان بىر كاتىپ بۇ دەرتلىك سەھپىنى ئېچىپ.قەلەمنى تەيارلىدى.
ئۇنۇڭغا ئىسكەندەر ئوز ھىكمەتلىرنى بايان قىلدى.كاتىپ قالدۇرماستىن يېزىشقا باشلىدى. خەت مۇنداق باشلاندى.
بۇ خەت بولسا پۇتۇنلەي دەرتلىك سەھپىلەردىن ئىبارەتتۇر.تەڭرى بەدەن ئىچگە جان جەۋھىرنى سالغۇچى ۋە ئۇزى بەرگەنىنى يەنە قايتۇرۇپ ئالغۇچىدۇر.ئۇ دېڭىزدا يۇقالغانلارنىڭمۇ يول باشچىسى ،چول-باياۋانلاردا ئولگەنلەرنىڭمۇ ھىمايچىسىدۇر.ئۇ گادايلىقنى پادىشالىقتىن ئەزەز قىلغان .جاھان شاھلىرى بولسا ئۇنىڭ ئالدىدا ئەرزىمەس پۇچۇق يارماقتۇر.تەڭرىنىڭ تەقدىردىن خەۋەر تاپقاندا ئەمەل ۋە مەنسەپنىڭ ھەشەمەتلىرى ھىچ نىمگە ئەسقاتمايدۇ.ئۇنىڭ ھەربىر قازا ۋە تەقدىرگە نۇرغۇن ھىكمەتلەر يۇشرۇنغان.ئۇنى ئەقىل ھەرقانچە پىكىر قىلسىمۇ بىلىپ بۇلالمايدۇ.تەڭرىنىڭ ئۇزىلا چەكسىز ئۇلۇغلۇق ئىگىسىدۇر.ئۇنىڭ ھەم باشلىنىشى يوقتۇر، ھەم ئاخرى يوقتۇر.مەن تەڭرىنىڭ ھەمدۇ سانالىرنى مۇشنچىلىك بايان قىلدىم،ئەمدى ۋەسىيتىمنى باشلاي.مەندەك ئەجەل قۇشنى ئىلكىدە ئاجىز بولغان بىچارە ناتىۋانىڭ بۇ بۇزۇلغان تىنىمنىڭ جېنى ھەم ۋۇجۇدۇم گۇھرنىڭ كېنى سەن ئانامغا دەيدىغانلىرىم تۇۋەندىكىچە.مەن سىنىڭدىن بولغان ئايرىلىپ،يىراق يەرلەردە يۇرۇپ،سىنى جۇدالىق دەردى ۋە پۇرقەت ئازابىدا قويدۇم.بېشىمغا بىھۇدە خىيالار كىرۋېلىپ، مىنىڭ ھۇنرۇم جاھاننى بوي سۇندۇرۇشتىن ئىبارەت دەپ قاردىم.لىكىن قىلغانلىرىمنىڭ ھەمىسى خام خىيال ئىكەن.چۇنكى ،كوڭلۇم ھەۋەس شارابلىرنى ئىچىش بىلەن مەست بۇلۇپ قالغان ئىكەن.مىڭەمگە ھوش ۋە ئەقىل پەيدا بولغاندا ،پۇرسەت ئۇتۇپ كىتىپتۇ.ئىسىت،سەن ئۇچۇن ئوغۇل بالىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلالىمىساممۇ،ساڭا قۇلۇق بىجا كەلتۇرۇپ ئوتسەمچۇ! كاشكى،سىنىڭ بۇسۇغاڭدىكى تۇپراق بۇلۇپ ،مۇشنىڭ ئوزنى پادىشالىق دەپ بىلگەن بولسامچۇ!مانا ئەمدى مىنىڭ ئۇ ئارمانلىرىمنى ئىشقا ئاشرشۇمغا پەلەك ھەستخورلۇق قىلىپ،تەقدىر يول بەرمەيۋاتىدۇ،بۇ خىجالەتچىلىك ئۇچۇن ئەمدى ئۇلەر ۋاختىمدا ئۇزەمنى ئولتۇرۋالغىنىمنىڭ نىمە پايدىسى .ئەگەر سىنىڭ رازلىقىڭ مەن بىچارنىڭ كوڭلىگە تەسكىن بەرمىسە ،مىنىڭدەك ناتىۋانىڭ ھالىغا ۋاي! يۇز قېتىملاپ ۋاي! مەن گەرچە سىنىڭ ئەمىر پەرمانىڭىنى تۇتالمىغان بولساممۇ ،لىكىن سەن مىنىڭ بۇ ئىلتىماسىمنى قۇبۇل قىلغايسەن :بۇ خېتىم قۇلۇڭغا تەگكەندە مىنىڭ ھەممە ئەھۋالىم ساڭا ئايان بۇلدۇ.بۇ چاغدا سىنىڭ ھاياتىڭغا ھاياجان چۇشۇپ،جىسمىڭ پارە-پارە بولغۇدەك ھالەتكە يىتشى مۇمكىن ،بىراق سەن جاھان ئەھلى ئىچدىكى بىر ئەقىللىق ئانا،شۇنداقلا خەلقىم ئالدىدا مىنىڭ ۋدسىيتىمنى ئادا قىلدىغان بىردىن بىر كىشى .شۇڭا تەقدىرماڭا ھەرقانداق قىسمەتنى يازسا،ئۇنڭغا سەنمۇ ماڭا ئوخشاش رازى بولساڭ ،كوڭۇل رىشتىڭنى مەندىن ئۇزۇپ،تەڭرىگە باغلىساڭ،كاچات ئۇرۇش بىلەن يۇزلۇرۇڭنى ئىپاردەك قارا قىلمىساڭ ۋە بۇ ئىپار ئۇستىگە ئاپئاق چاچلىرىڭنى كاپۇردەك چۇۋۇمىساڭ.مەن ئۇچۇن ماتەم ئاھاڭلىرنى توۋلاش بىلەن جاھاننى ماتەم تۇندەك قارا قىلمىساڭ.قۇياشتەك ئىچىڭنى ھارارەرتكە تولدۇرۇپ سۇبھىدەك يىرتمىساڭ قۇياش گۇيا نۇر رىشتىلىرنى چاچقىنىغا ئوخشاش ئاپئاق چاچلىرىڭنى سارغايغان يۇزلۇرۇڭگە چۇۋىمىساڭ،باشقىلادەك،يەنى ئوغۇل ماتىمى تۇتقان باشقا ئانىلاردەك يۇزلۇرۇڭنى تاتلاپ،يارا قىلمىساڭ،ئەگەر سەۋرى قىلىشقا تاقىتىڭ ،تاقەت قىلىشقا قۇۋتىڭ يەتمىسە،سەن تەيارلىق قىلىپ بىر چوڭ مەرىكە تۇزگىن .ئۇ مەركىگە ھىساپسىز كوپ لەزەتلىك تائاملارنى تەيارلا .ئاندىن پۇتكۇل ئەتراپقا جاي سالدۇرۇپ،ھەممە كىشنى ئايۋىنىڭغا تەكلىپ قىلغىن،ئۇلار يىغىلغاندا داستىغاندا ئولتۇرغۇزۇپ ئاندىن مۇلازىملارغا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئاش تارتىشنى بۇيرىغىن ھەممەيلەنىڭ ئالدىغا ئاش تارتىلىپ بولغاندا،سەن چاكارچىغا تاپشۇرغىن.ئۇ جاكارچى:«بۇ دۇنيادىن ئىبارەت گۇمبەز ئىچدە ھىچقانداق ئۇرۇق تۇقان،يېقىن يۇرۇقلىرى ئولمىگەن كىشى بولسا،ئاشۇ كىشى بۇ تائاملاردىن يىسىۇن»دەپ جاكارلىسۇن.شۇندىن كىيىن سەن داستىخىنىڭغا قاراپ باق بىرەر ئادەم ئاشقا قول سۇنامدۇ -يوق.ئەگەر بىرەر ئادەم ئاشقا قول ئۇزتالىسا،سەنمۇ مىنىڭ ماتىمىمنى تۇتۇپ ئازاپ چەككىن. ئەگەر ئۇ تائاملارغا ھىچكىم قول ئۇزارتمىسا ۋە ئۇنى يىمسە، بۇنىڭدن جاھاندا يېقىنلىرى ئۇلۇپ تۇپراققا كىرمىگەن بىرمۇ ئادەمنىڭ يوقلۇقى مەلۇم بۇلدۇ.ھاياتنىڭ قائىدىسى شۇنداق ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن ،بۇ ئىشتىن ئۇزەڭگە تەسەللى تاپقىن.مىنىڭ ماتىمىم،دەرددىن قۇتلۇپ،پۇتكۇل ئالەم ئەھلى بىلەن ھەمدەرتد بولغىن. سەن ھەرقانچە بەختىيار ۋە يول باشچى بولساڭمۇ،لىكىن يەنىلا باشقىلارغا ئوخشاشلا تەڭرىنىڭ بەندسسىسەن.شۇڭا ئۇزەڭنى بارچە خالايىق بىلەن ئوخشاش بىلگەيسەن ھەق رىزاسى ئۇچۇن تىرىشقايسەن.مەن خاھى ياخشى بۇلاي خاھى يامان بۇلاي بەرىبىر بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتىم .ئەجەل ماڭا ئامان بەرمىدى.گەرچە مەقسەت گۇھرنى قولغا كەلتۇرەلمىگەن بولساممۇ، لىكىن ئەمدى.پۇشايمان قىلغىنىم بىلەن پايدىسى يوق .ساڭا بىر نەچچە كۇنلۇك پۇرسەت بولسىلا،ھەقنى ئۇنتما.تائەت بىلەن بولغان مۇبارەك ۋاقىتلىرىڭدا بۇ ئولگەن غېرىپ ئوغلىڭنى ياد قىلغىن،دۇئا بىلەن روھىمنى شاد قىلغىن»
ئىسكەندەر پۇتكۇل مەقسەتلىرنى سوزلەپ تۇگەتتى.بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاراق ئىچىگە يېزىلدى. ئاندىن ئۇنى قاتلاپ ئورغاندىن كىيىن،ھەمراھلىرغا بىرىپ،كوڭۇل تىلەكلىرنى مۇنداق بايان قىلدى:
-كىچە-كۇندۇز توختىماي مېڭىپ ،بۇ مەكتۇپنى ئانامغا يەتكۇزۇڭلار.ئەمدى مىنىڭ قۇياشىمنى ئىپاردەك قاپ قارا بۇلۇت قاپلايدۇ.ئاپتىپىم ئۇچدۇ،سىلەر مىنىڭ بېشىمدا ئىزتىراپقا چۇشمەڭلار.ھازا ماتىمىمنى تۇتىمىز دەپ جاھاننى خاراپ قىلماڭلار.جەستىمنى تاۋۇتقا سېلىپ، كىچە-كۇندۇز دىمەستىن تىز ئىلگىرلەڭلا.بارلىق تىرشچانلىقلارنى كورسىتۇپ،جىسمىمنى ئىسكەندىريەگە ئېلىپ بېرىڭلار.تىرىك ۋاختىمدا ئۇ يەر ماڭا ۋەتەن بولغاندى.ئولكۇمگىمۇ شۇ جاي دەپنىگاھ بولسۇن.مىنى تاۋۇتقا سالغان ۋاختىڭلاردا چۇقۇم بىر قۇلۇمنى تاۋۇتنىڭ سىرتىغا چىقرىپ قۇيۇڭلار.كىشلەرئۇنڭغاھەيرەت كوزلۇرى بىلەن،ياق بەلكى ئىبرەت كوزلىرى بىلەن نەزەر سالسۇن.قۇلۇمنىڭ بۇ پەنجىلىرى ۋە قاتار تىزلىپ تۇرغان بارماقلىرى جاھاندىن ۋە جاھان ئەھلىدىن ئۇزلدى.
مەن گەرچە بۇ قولۇرۇمغا پۇتكۇل جاھان مەمىلكىتىنى ھەم بارلىق دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقلارنىڭ بايلىقلىرنى كىرگۇزگەن بولساممۇ،لىكىن ئەجەلنىڭ قولىرى ئولۇم سەپىرنىڭ ناغىرسىنى چالغاندا،بۇ جاھاندىن قولۇرۇم خۇددى چىنار شېخىغا ئوخشاش قۇپقۇرۇق ھالدا كەتتىم،ھىچ نەرسىنى بىللە ئېلىپ كىتەلمىدىم،شۇڭا ئالەم ئەھلى مىنىڭ قۇلۇمنى كۇرۇپ ئىبرەت ئالسۇن.بۇ ئالەمنىڭ بايلىقلىرغا ئارتۇقچە ھېرسىمەن بولمىسۇن.
ئىسكەندەر بۇ سوزلەرنى ئېيتىپ تۇگتىش بىلەنلا كوز يۇمدى. ئۇ پانىي ئالەمنى ئىشخال قلغاندى.ئەمدى باقىي ئالەمنى ئېلىش ئۇچۇن يۇرۇش قىلدى.
مەنبە:مۇقەدەس نەسھەت ۋە ۋەسيەتلەر:دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.
ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئالىكساندىر ماكودونىسكى () ئارىستوتىلنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان ئىكەن تىلىمىزنىڭ پاساھىتى !!! مۇقەدەس نەسھەت ۋە ۋەسيەتلەر دېگەن كىتابنى قەيەردىن تاپقىلى بولىدۇ؟ Kamdidar يوللىغان ۋاقتى 2014-8-28 15:40 static/image/common/back.gif
دېگەن كىتابنى قەيەردىن تاپقىلى بولىدۇ؟
كىتاپخاندىن. ھە ،كىتاپخانىدا با، كۈرۈلدى ئۈرۈمچى 3 . دوختۇرخانىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى شەخسى كىتابخانىدا بار بولۇشى مۇمكىن.
بەت:
[1]