Tashchiqiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 08:05:49

تىزىق (تولۇق)


‏‏ئۇنىڭ مېنى نوقۇپ ئويغىتىشى بىلەن كۆزۈمنى ئاچتىم، ئۇ توختىماي ئىسمىمنى چاقىراتتى ۋە مېنى ئالدىرىتاتتى، كېچىدىن بۇيان ئۇخلىماي بامداتتىن كېيىن ئارام ئالغاچقا بۇ نەچچە سائەتلىك ئۇيقۇدىن ئويغىنىش مېنىڭ ئاغرىپ تۇرىۋاتقان بەدەنلىرىم ئۈچۈن ئېغىر جازادەك تۇيۇلاتتى، ئۇنى ئەگەر ئىسمىمنى چاقىرمىسا ھەم جىم بولسا ئاندىن ئورنۇمدىن تۇرىدىغانلىقىم بىلەن بېسىقتۇرغاندىن كېيىن تاھارەت ئېلىشقا كىرىشتىم. مېنى كونترول قىلىۋاتقىنى مەركىزى نېرۋا سىستىمامنىڭ ئاغرىققا ئازاب بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇش نېرۋىلىرى بولغاچقا مەن ھەتتا بۇ سەپەردىن يېنىۋېلىپ ئۆيدە راھەتلىنىپ ئۇخلاشتەك يامان نىيەتلەر بىلەن بولۇپ كەتكىنىمدە ئۇ يەنە ئەزرائىلدەك ئىشىك تۈۋىدە پەيدا بولۇپ مېنىڭ بۇ يەردىكى مەۋجۇتلىقىمنى ياتاق ئۆيگە سۈرىۋەتتى. ئۆپكە سىغىمچانلىقى ناھايىتى تۆۋەن بۇ يولدىشىمنىڭ يەنە مېنىڭ ئىسمىمنى تەلەپپۇز قىلىشىدىن ئېسەنكىرەپ، كىيىنىپ تەييار بولدۇم. ئۇنىڭ مەن ياخشى كۆرۈپ ھېيتلىق سوۋغا قىلىپ بەرگەن «ئەرەب مەرۋايىتى» ماركىلىق خۇشبۇينى تارىتىپ ،يېڭى ئاياغلىرىنى كىيىپ تەييار بولغىنى مەن ئۈچۈن چىراغلارنى ئۆچۈرۈپ، ئۇنى سىرتتا ساقلاپ تۇرۇشۇمنىڭ ئاخىرقى سىگنالى ئېدى.

‏«ئۇيغۇر» نومۇر تاختىسىنى تاقاپ، سىلىقلىق بىلەن توختىغان «لەيلا» بىلەن يۈرۈپ كەتتۇق، سەپەر دۇئالىرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن يولدىشىمنىڭ قەھۋە سېتىۋېلىش پىلانىغا باش لىڭشىتقىنىمچە سائەتتىن 8:56 نى كۆردۈم، پىلانلانغان ۋاقىتتىن بۇرۇن يولغا چىقالىغان ئىدۇق. ئۇ گاز پونكىتلىرىنىڭ بىرىدە قەھۋەگە توختىغاندا «لەيلا» نىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىغۇم كەلدى. ئۇ مېنىڭ «كۈندىشىم» ئىدى،  يولدىشىمغا خۇشاللىق بىلەن ھەمراھ بولاتتى، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ساياھەت قىلاتتى، مۇزىكىلىرىدىن بىرگە ھۇزۇر ئالاتتى، ئۇنىڭ ساناقسىز تىلىفۇنلىرىنىڭ شاھىدى، ئۇنىڭ پۇل قاپچۇقىنىڭ قانۇنلۇق ئىگىسى ئىدى. يولدىشىم ئۇنىڭ گۈزەل تۇرۇشىنى، دائىملا سالامەت بولىشىنى تىلەپ تۇراتتى ھەمدە ئۇنى ئالىي دەرىجىلىك ۋاننىلارغا ئاپىرىپ يۇيۇندۇراتتى، دائىم «مېنىڭ لەيلام يېقىندىن بۇيان باشقىچە ئاۋازلارنى چىقىرىۋاتىدۇ، مېنىڭ لەيلامغا ئەڭ ئېسىل تائام كېرەك» دەپ يۈرەتتى، ھەتتا تەپ تارتماستىن باشقا دوستلىرىغا كۆز ئالدىمدىلا تېلېفۇن قىلىپ ئۇنىڭ توغرۇلۇق ئۇزۇندىن-ئۇزۇن پاراڭ سېلىشىپ كېتەتتى، تورلاردىن مەخسۇس ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەسەرلەرنى ئوقۇپ كېتىشلىرىمۇ بار تېخى!

‏«لەيلا»غا بولغان قىزغىنىشلىرىمنى شارتىلداپ كېسىلگەن رەختلەر ۋە شىرىلداپ مېڭىۋاتقان كىيىم تىكىش ماشىنىسىغا بولغان قىزىقشلىرىم بېسىپ كەتتى. كۈن بويى يىغلاپ چىققان بۇ ناتونۇش چوڭ ئاپاش ماڭا چوقۇم بىر قۇر كىيىم تىكىپ بېرىدىغانلىقىنى دەپ، ساقلاپ قويغان رەختلىرىنى مىنۇتتا تەييار قىلىپ،مېنى ئۆلچەشكە چۈشتى. مەن خۇشال ئىدىم، كەڭ-كەڭرى تىكىلگەن پاختا رەختلىك شالۋار-كەمىزگە ئامراقتىم، سۆزلىرىمىزنى ئانچە چۈشىنىشىپ كەتمەيدىغان، پات-پات «اللەھۇ ئەكبەر» دەپ تۇرىدىغان بۇ چوڭ ئاپاشنىڭ كىيىم پىچىشلىرىغا ئۇنىڭ ئۈچ ياشلىق ھەم ئىككى ياشلىق نەۋرە قىزلىرى بىلەن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە قىزىقىپ قاراپ تۇراتتىم.  چوڭ ئاپاش كىيىملەرنى پىچىپ تەييار قىلىپ مۇشۇ كىچىلا ماڭا پۈتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، پۇشۇلدىغان ھالدا تىكىشنى باشلىۋەتتى. كىيىملەرنىڭ چاكلىرىنى تۇتاشتۇرغۇچى يىپلار تىزىلىپ چىقماقتا، ئۈچ ياشلىق نەۋرە قىز ۋانىفا ئۇنىڭ بىلەن، بۇنىڭ بىلەن ئوينىشىپ ماشىنا بېشىدا قاراپ تۇراتتى. پات-پات ئۆزىلا ئۇقىدىغان بىر تىلدا سۇئال سوراپ قوياتتى،چوڭ ئاپاشمۇ مەن چۈشەنمەيدىغان تىلدا بىر نەرسىلەرنى دەپ قوياتتى.

‏بۈگۈن ئۇلارنىڭ ئۆيى مۇسبەتلىك بولغاچقا كىرگەن-چىققان پەتىچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى، ھەر قېتىمدا بۇ كۆڭلى يۇمشاق چوڭ ئاپاش يۇرتىدا ئۆلۈپ كەتكەن كۇي ئوغۇلنىڭ سۆزىنى قىلىپ كۆڭلىنى بۇزۇپ، بىرەر قۇر ھال ئېيتاتتى، مەن چۈشەنمەيدىغان تىلدىكى پەتىچىلەرنىڭ اللەتائەلا دېگەن سۆزنى كۆپ تەكرارلىنىشىدىن ئاپاشنىڭ تەسەللى تېپىپ جىمىپ قالغانلىقىنى كۆرەتتىم. ۋانىفا مۇددىتىدىن بۇرۇن تۇغۇلۇپ قالغان بولۇپ، ئاپىسىنىڭ دەپ بېرىشىچە دوختۇرلار ئۇنى ئۇزاق ياشىيالمايدۇ، ياشىغان تەقدىردىمۇ بەلكىم پالەچ چوڭ بولىشى مۇمكىن دەپ ھۆكۈم چىقىرىپتۇ، لېكىن بۇ ئوماق قىز ھازىر ئىنتايىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلگىلى تۇرۇپتۇ، سەكرەپ-تاقلاپ، ئاپىسىنىڭ كەينىدىن قالماي، ئاشخانىلارنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىپ، تېخى كىچىك سىڭلىسىنى ئانچە-مۇنچە ئۇرىۋىلىپ يۈرۈپتۇ. كىچىك سىڭلىسى ۋافىيا بولسا تۇغما پىگمېنت كەملىك كېسەللىكى بىلەن دىئاگنوز قويۇلۇپ، چاچلىرى، تېرىلىرى ھەتتا كۆزلىرىنىڭ رەڭگىمۇ ئۆزگىچە ھالدا كۈن بويى سوئاللارنى سوراپ، بەكمۇ خۇشال ياشايدىكەن، «ماما پالى، ماما ئاپى، ماما دودو» دېگەندەك چۈچۈك سۆزلەر بىلەن ئۆينى ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولدۇرۇپ، تورۇسلارنى كۈلكىلەر بىلەن بېزىۋىتىپتۇ. ئۇلارغا قاراپ ئاپام ماڭا دەپ بەرگەن ھېكايەم ئەستىن كەچتى، 40 كۈنلۈك ئىكەنمەن، تۇنجى پەرزەنت بولغاچقا ئاساسەن ئاپام-دادامنىڭ تەجرىبە ئوبىيېكتى بولۇپ ياشاۋاتقان چاغلىرىمكەن، قىزىل مېنى قاپلىۋاپتۇ، ئاپام قوشنا ئاپاشلارغا كۆرسىتىپتۇ، ئۇلار مېنىڭ ئەھۋالىمنىڭ يامانلىقىدىن ئېغىزلىرىنى ئېچىپ ئاپلا دەپ قاپتۇ، ئەسلى قىزىلنى دوختۇردىن باشقا ھېچكىمگە كۆرسەتمىسە ئاسان ساقىيىپ كېتىدىكەنتۇق، شۇ ئاپلالار مېنىڭ قىزىلىمنى تېخىمۇ قىزىللاشتۇرۇپتۇ، ھەتتا بۇرۇنلىرىمنىڭ ئىچىمۇ قىزىلغا تولۇپ نەپەسلىنىشىم ناھايىتى قىيىنلىشىپ سەكراتقا چۈشۈپ قاپتىمەن. ئۇزۇن يوللۇق ماشىنا ھەيدەيدىغان دادام ئۆيدە يوق، ياپ-ياش ئاپام بىلەن مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان يەنە بىر ئاپام ئىككىسى يىغلاپ تۈگىشىپ كېتىپتۇ ئۇ كېچە. تاڭ ئېتىپتۇ، اللەنىڭ قۇدرىتى بىلەن نەپسىم ئېچىلىپ ساقايغىنى تۇرۇپتىمەن، ھەم ھازىرغىچە سالامەت ياشاۋاتىمەن.

مېنى ئۆز پەرزەنتىدىن چارە كۆرگەن، لېكىن بىر ئۆمۈر پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن ئاشۇ رەھمەتلىك ئاپام مەن يۈزىنى كۆرەلمىگەن ھالدا ئاشقازان راكى بىلەن ۋاپات بولدى، كىچىك سىڭلىمنىڭ بايانىدا ئۇ ئاپام ھەتتا ئاخىرقى تىنىقلىرىدا مېنى سوراپتۇ، سىڭلىمغا ئىمالار بىلەن ئۇقتۇرۇپ، ياستۇقنىڭ ئاستىدا ساقلىغان پۇلىنى سىڭلىمغا بېرىپتۇ... بۇ ئاپامنى پاتىگۈل ئاپا دەپ چاقىراتتۇق، ھاياتقا قىزغىن مۇھەببەتلىك، ناھايىتى خۇشخۇي، چاققان، كۈچلۈك، نېمىلا قىلسا بەك ياخشى قىلىدىغان، رەھبەرلىك روھىغا باي پاتىگۈل ئاپام بىلەن ھازىرقىدەك يازنىڭ ئۇزۇن كۈنلىرى بەك مەنىلىك ئۆتەتتى. بىزنى قوشنىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بەستە سېلىپ قويۇپ ئىشلارنى تالاشتۇرۇپ قىلدۇراتتى، ئەڭ ھورۇن، گەپ ئاڭلىماس بالىلارمۇ ياز كۈنلىرىدە بىزنىڭ ئۆگزىگە يېيىلىدىغان پەمىدۇرلارنى بىر-بىرىدىن قىزغىنىپ يۈرۈپ يۇيۇپ-تازىلاپ، كىچىك چېلەككە قاچىلاپ، ئارغامچىغا چىگىپ ئۆگزىدىكى قوماندان پاتىگۈل ئاپامغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە ھەرقاچان تەييار تۇراتتى.  

‏ئارغامچىلار بىر-بىرىگە ئۇلىناتتى، كىچىك چىلەكلەر بىر-بىرلەپ يۇقىرىغا سۇنىلاتتى، ئۆگزە يېرىم كۈننىڭ ئىچىدىلا ئوتتۇرىدىن كېسىلگەن قېپ-قىزىل  پەمىدۇرلار بىلەن لىق تولاتتى. شۇ ئۆگزە مەن ئۈچۈن بىر خالىي دۇنيا ئېدى، دادام يىراق يولغا كەتكەندە ئاپام ۋە پاتىگۈل ئاپاملارنىڭ دەۋىتى بىلەن، مەن ئەڭ ئامراق مايسەن ئۆرۈكلەرنىڭ ئۈچكىلىرىنى تاشلىۋەتمەي، ياز بويى يىغاتتىم، ئاندىن ھويلىدا چاقساممۇ بولىدىغان ئۈچكىلەرنى ئالاھىتەن ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، بىر بۇلۇڭنى تېپىپ، تاشلىرىم بىلەن پىششىق خىشنىڭ ئۈستىدە چېقىشقا باشلاتتىم، مېغىزلارنى پۈتۈن چىقىرىش مەقسىتىدە تۈجۈپىلەپ يىغىپ كېتەتتىم، پات-پات يولغا ياكى ھويلىغا بويۇنداپ قاراپ قوياتتىم خۇددى دادام كاماز ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئىشىكنىڭ ئالدىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولىدىغاندەك. مېغىزلارنى توپلاش ۋەزىپىسىنى بىر نەچچە كۈندە ئورۇنلاپ بولاتتىم ھەمدە شۇ پاتىگۈل ئاپامنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە يىپ-يىڭنە تەييارلاپ، تىزىق تىزىشقا باشلاتتىم. بۇنى دادامغا ئەۋەتىدىغان ۋە ياكى ساقلايدىغان بولۇپ، ئۇ مېنىڭ دادامغا بولغان سېغىنىشىمنىڭ سىمۋولى ئېدى. شۇنداق قىلىپ كۈنلەر قاتار-قاتار تىزىلىپ ئۆتەتتى، ھەركۈنى يېڭىلىقلار بار ئېدى، ھەتتا ئېشىپ قالغان تاماقنى قىزىتسىمۇ ئاجايىپ يېيىشلىك قىلىۋېتىدىغان پاتىگۈل ئاپام بىلەن شۇ تاماقلارنى تالىشىشمۇ بەك كۆڭۈللۈك ئېدى، ئۇ بىزگە ھەرگىز بەرمەيتتى، تۈگرە دېگەندەك يېڭى تەييارلىغان تاماقلارنى بىزگە زورلاپ يېگۈزەتتى، ئۆزى ئاۋۇ تالاشتا قالغان قىزىتىلغان تائامنى بىزگە كۆز-كۆز قىلىپ يەپ كېتەتتى، ئۇۋالچىلىق ھېس قىپ كېتەتتۇق ئۆزىمىزگە. داداممۇ قايتىپ كېلەتتى، ھەيۋەتلىك ماشىنىسىغا بىزنى سېلىپ، ئىدارىدىكى تەڭتۈشلارغا كۆرسەتكەن ھالدا ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ چىقىپ كېتەتتۇق.

مېنىڭ گەرچە ماشىنىغا  چىقسام بېشىم قايىدىغان ئەجەللىك ئاجىزلىقىم بولسىمۇ سەپەر قىلىشنى بەك ياخشى كۆرەتتىم، يول بويى تاغلار تىزىلىپ ئۆتەتتى،مەن ھەرخىل تەسەۋۋۇرلارنى قىلاتتىم، كۆرگەن كىنولىرىمدىكى پىرسوناژلارنى ئاشۇ تاغلاردا ياشايدىغاندەك ئويلايتتىم، بەش ياشلىق كىچىك قىزبالا ئۇنىڭدىن جىق يەنە نېمىلەرنى خىيال قىلالايدۇ دەيسىز. رەنا بىلەن ياسىننى، غېرىپ بىلەن سەنەمنى، فەرھاد بىلەن شېرىننى شۇ تاغلارنىڭ يوشۇرۇن ئۆڭكۈرلىرىدىكى ئاجايىپ قەلئەلەردە ياشىتاتتىم، ئۇ تاغلاردىكى تاشلارنى كۈزىتەتتىم، قۇم بارخانلىرى ۋە ئاي بىلەن خىيالىمدا بەسلىشىپ بەيگىگە چۈشەتتىم، ئۇلار ھەرقاچان بىز بىلەن بەسلىشىپ ماڭاتتى، دائىملا بار ئېدى. مەن ئاي، تاغ، قۇم بارخانلىرىنىڭ ھەم ئاپامنىڭ چىڭ قۇچاقلاپ ئولتۇرۇشلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا مېنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغان جاي يەنى چوڭ ئاپاملارنىڭكىگە يېرىم كېچىلەردە كەلگەن بولاتتىم. كىچىكلىكىمدە مەنمۇ بەك جىق سۆزلەرنى ئۇقۇپ كەتمىگەچكە ھەم سۆز ئىجاد قىلىش ئىلھامىم ئەڭ ساپ ۋاقىتتا بولغاچقا چوڭ ئاپامنى ئۆز تىلىم بويىچە ھۇشئانام، چوڭ دادامنى توكتوك دادام دەپ چاقىراتتىم، مېنىڭ كودىمدا ھۇش دېگەن چىرايلىق دېگەننى، توكتوك دېگەن چوڭ دادامنىڭ تاقايدىغان كۆزەينىكىنى بارماقلىرىم بىلەن چېكىپ ئوينىغاندا چىقىدىغان توك-توك ئاۋازنىڭ سىمۋولى ئېدى. گەرچە بۇ ئىككىيلەننىڭ باشقا نەۋرىلەر تەرىپىدىن قويۇلغان باشقا خاس ئىسىملىرى بولسىمۇ مېنىڭ قويغان ئىسمىمنىڭ ھەيۋىسى ئۇلارنىڭكىدىن بېسىپ چۈشۈپ، مەندىن كېيىنكى ھەممە نەۋرىلەر ماڭا ئەگەشكەن ئېدى، مېنىڭ تۇنجى ئېجادىيتىم ۋە پاتېنىت ھوقۇقۇم ئەنە شۇنداق دۇنياغا كەلگەن، شۇندىن بۇيان باشقا ئىجادىيەت ياكى ماڭىلا خاس ئۇقۇملارنى بىلگىنىمنى ياكى باشقىلارنىڭ شۇ قەدەر سادىقلىق ۋە قەتئىيلىك بىلەن مېنى قوللاپ باققىنىنى بىلمەيمەن.

‏ھۇشئاناملارنىڭكىدە مەيلى قىش، مەيلى ياز ھەممىسى كۆڭۈللۈك ئېدى، يوغان چىۋىنلەر يوغان پۇتلىرىدا ئويناپ يۈرگەن يېراق تۇغقىنىمىز بىزنى يوقلاپ تاغارلاپ مېۋىلەرنى ئېلىپ بىرەر ئايلارچە تۇرۇپ كېتەتتى، يازنىڭ چىڭقى چۈش ۋاقىتلىرىدا ھەممە ئۇخلاشقا ئۈندىلىپ، ئۇيقۇغا چۈشكەن چاغدا ھويلىدىكى يوغان كارىۋاتتا ئۇيقۇغا كەتكەن ئاشۇ تۇغقىنىمنىڭ پۇتلىرىدا گىدىيىپ تىزىلىپ تۇرۇپ كەتكەن چىۋىنلەرنى تاماشا قىلىش مەن ئۈچۈن ئۇيقۇدىنمۇ ئەۋزەل ئېدى، ئۇلار بەكلا قەيسەر ھەم ھارماس ئېدى، قوغلىنىپ كەتسە كۆڭلىگە ئالماي يەنە قوناتتى، مەن پارقىراق پۇت تېرىسى، پارقىراق چىۋىنلەر ھەم پارقىراق كۈن نۇرى ئاستىدا چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋاقتىمنى شۇنداق بىر قىزىقىش، چىۋىنلەرنىڭ نېمىشقا ئادەم ھەم نەرسىلەرگە قونۇۋالىدىغانلىقىغا خىيالەن جاۋاب ئىزدەش ۋە تۇغقىنىمىزنىڭ پۇتىنىڭ نېمىشقا ھەددىدىن زىيادە چوڭ ئىكەنلىكىنى ئويلاش قاتارلىق ئىشلار بىلەن قاتار تولدۇرىۋىتەتتىم. مەيلى چوڭ ياكى كىچىك ۋاقتىمدا بولسۇن تولا ئىشلار توغرىلىق ئويلىنىپ، سۇئال سوراپ يۈرەتتىم، شۇنچىلىك جىق ئىشلارنى چۈشەنمەيتتىم، مەن ئۈچۈن ھېس-تۇيغۇ ۋە تەسەۋۋۇر چەكسىز ئىدى، ھەممە نەرسىلەرنى ھېس-تۇيغۇ بىلەن كۆرۈپ ھەم تۇتۇپ چىقاتتىم، قۇدۇق ماڭا ئۆلۈم تۇيغۇسىنى بېرىپ ھەر كەچلىكى تولا چۈشۈمگە كىرىپ تۇراتتى، تاغامنىڭ ھويلىسىدىكى ياۋا قىزىل مېۋە مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدا دائىملا ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى قەدىمى پەرىلەرنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن كالېندار بىلەن بىرگە ئىدى، باشقا مىللەتلەر قانداق ئادەملەردۇ دەپ ئويلايتتىم، مۇئەللىملەرنىڭ گېپىنى قىلىپ بېرىدىغان چوڭ ھەدەشلەرنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇلارنى ئاپئاق كىيىم كىيگەن، ئېگىز جايدا تۇرىدىغان سىرلىق ئىنسانلار دەپ خىيالەن رەسىمىنى سىزاتتىم، ھەتتا تاماقلارمۇ مەن ئۈچۈن ھېس-تۇيغۇ ئىدى، شويلا كېسەللىككە ۋەكىللىك قىلاتتى، گۈرۈچ شورپىسى ۋە سۇيۇق ئاش سەپەردىن كەلگەنلەر، پولو ۋە لەڭپۇڭ رامزاننىڭ تۇيغۇسى ئىدى. ھويلىدىكى كارىۋاتنىڭ تېگىگە كىرىپ يېرىم كۈن قاراڭغۇلۇقتا مىدىر-سىدىر قىلماي ئولتۇرۇپ جىق نەرسىلەرنى خىيال قىلاتتىم، ھەتتا ھەممەيلەن مېنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىمنى جەزملەشتۈرۈپ، ھازا ئېچىپ ئولتۇرغاندا تۇيۇقسىز كارىۋاتنىڭ ئاستىدىن بىر نەرسە ئىزلىگەن تاغام مېنى تېپىۋالغانىدى ۋە پۈتۈن ئۆيدىكىلەر خوشلۇقىدا مېنى جىق يەيدىغان نەرسىلەر بىلەن مۇكاپاتلاپ كەتكەنتى.  ھۇشئانامنىڭ تۇيغۇسى خاتىرجەملىك، توكتوك دادام بولسا ھۆرمەت ئىدى. ھۇشئانام ھەممە ئىشلاردا ماڭا خاتىرجەملىك ھىس قىلدۇراتتى، توكتوك دادام بولسا مېنى بەك ھۆرمەتلەيتتى، مەن ئۆگەنگەن نەرسىلەرنى دەپ بەرسەم قۇلاق سالاتتى، چوڭ بولغان چاغدا قانداق ئادەم بولىدىغانلىقىم، تويۇمدا ئالتۇن تاج تاقايدىغانلىقىم ھەم ئاپام داداملارنى سېغىنىپ يېڭى ئۈگەنگەن ئېلىپبەلىرىم بىلەن يازغان سالام خەتلىرىمنى بەكمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاپ، ماڭا ئاشۇ ئالتۇن تاجىنى ئۆزى سوۋغا قىلىدىغانلىقىغا، سالام خېتىمنى پوچتىدىن ئەتىسىلا سېلىۋىتىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرەتتى. پەقەت كونا پۇللارنى بەرمەيتتى، دائىملا شاراقشىپ تۇرىدىغان يېڭى پۇللارنى ھۆرمەت بىلەن قولۇمغا تۇتقۇزاتتى، ھېيىتلاردا ھەرخىل  قىممەتتىكى يېڭى پۇللارنى رېتى بىلەن تىزىپ، يېڭى كونۋېرتقا سېلىپ، ئىسمىمنى يېزىپ يەنە شۇ ھۆرمەت بىلەن ھېيتلايتتى،ھەممە نەرسىلەر پاكىز ئىدى، خۇشبۇي ئىدى، گۈزەل ھەم پاك ئىدى.

«تەييار بولۇڭ، ماڭىمىز» دېگەن ئۇچۇر بىلەن چوڭ ئاپاشنىڭ كىيىملەرنى سىناپ بېقىشقا قىلغان ئىماسى مېنى تەڭلا خىيالدىن ئويغاتتى، يولدىشىم ئوننەچچە سائەت ھەپىلىشىپ قىلغان كامېرا تۈرى ۋە چوڭ ئاپاشنىڭ ئۈچ سائەتتىن بۇيان ھەپىلىشىپ تىكىپ چىققان كىيىمى تەييار بولغان ئىدى، شۇنداق سىپتا تىكىلگەن ئوماق گۈللۈك، كۆك رەڭلىك راھەت كىيىمنى كېيىپ ھەممەيلەنگە بىر قۇردىن كۆرسىتىپ چىقتىم، ھەممەيلەننىڭ پارقىراپ كەتكەن چىرايىدا تەبەسسۇم ئوينىدى، ئۇلار مەن ئۈچۈن خۇشال ئىدى، مەنمۇ ئۇلار ئۈچۈن خۇشال ئىدىم، چوڭ ئاپاشنىڭ ماڭا مەستلىكى كېلىپ مەڭزىلىرىمگە يېنىشلاپ سۆيۈپ، يىغلاپ كەتتى، «سەن خۇددى ئۆزۈمنىڭ قىزىمدەك، ساڭا جىق ياخشى دۇئالارنى قىلىمەن» دەپ چىڭ قۇچاقلايتتى.

‏يولدىشىمنىڭ تەييار بولغان «لەيلا» يەنى تويوتا ماشىنىسى ئاي يورۇقىدا كۈلرەڭ پارقىراپ بىزنى ساقلاپ تۇراتتى، بامداتقا ئاز قالغان چاغدا بۇ خۇش پېئىللىق ئۆيىدىكىلەر ۋە يېڭى شەھەر بىلەن  خوشلىشىپ يولغا چىقتۇق، قاتار تىزىلغان يۇلتۇزلار ۋە ھەيۋەتلىك ئاسمان بىزنى قارشى ئالدى.«لەيلا» قايتىدىن ئىشىكىمىز ئالدىدا سىلىق توختىغاندا سائەت 8:47 كۆرسەتتى، چۈشۈمدەك تۇيۇلغان بىر كۈن ئۆتۈپ كېتىشكە ئازلا قالغاندا، مەن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك ئېيتتىم، نۇرغۇن تۇنجىلار مۇشۇ كۈن ۋە كېچىدە مۇشۇنداق تۇغۇلغان ئىدى، يىللار مابەينىدىكى تۇنجى ئۆلچىنىپ تىكىلگەن كىيىم، يېڭى ھەم تۇنجى قېتىملىق شىتاتلار ئارا ئۇزۇن سەپەر، تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنماق ئۈچۈن تىزىلغان قۇرلار...

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 10:35:23

داۋاملىق يېزىڭە، ھەجەپ راھەت بىلىندى بۇ تېما

Tashchiqiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 12:15:01

تەشەككۈر، مەن تۇيغۇلىرىمنى يەنە داۋاملىق ئورتاقلىشىشقا تىرىشىمەن:)

gaqa يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 16:10:37

بەك ئىسىل !!!  ئوخشىتىشلىرىڭىز ، سۆز ئىشلىتىشىڭىز ماڭا چەتئەل ئەدىبىياتىنىڭ نادىر ھىكايىلىرىنى ئەسلەتتى
تۈركىيەمۇ؟ قازاقىستانمۇ؟يا ئۆزبېكىستانمۇ؟
ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەخلەت ھىكايىلىرىنى كۆپ ئوقۇمىغىنىڭىز چىقىپ تۇرىدۇ!!!
رەھمەت سىزگە! بەكلا تاتلىق ھىكايىكەن....

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 19:10:58

ياخشىكەن

Tashchiqiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 04:51:36

مەن چوڭ بولغان جاي ئەزىزانە قەشقەر، ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر بولسا كەلگۈسدىكى ھىكايىلىرىمدە ئېنىق بولىدۇ. ئۆزۈم خۇشال تۇرمۇشنى ياخشى كۆرگەچكە يازماقچى بولغانلىرىم ھەم يازغانلىرىم سىلەرگىمۇ شۇ تۇيغۇنى ئەپ كەلسە مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئىنكاس.

saharkuyi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 13:56:45

gaqa يوللىغان ۋاقتى  2014-8-28 18:10 static/image/common/back.gif
بەك ئىسىل !!!  ئوخشىتىشلىرىڭىز ، سۆز ئىشلىتىشىڭىز ماڭا چ ...

ھەممە نەرسىنىڭ ياخشىسى ھەم يامىنى بولىدۇ. ئۆزىڭىز ياقتۇرمىغان مەلۇم بىر نەرسىنى بىر مىللەتكە باغلاپ تۇرۇپ ئىنكار قىلسىڭىز، ھاقارەتلىسىڭىز كۆڭلىڭىز بەلكىم كۆتۈرۈلۈپ قىلىشى ۋە ياكى پۇخادىن چىققاندەك بولۇشىڭىز مۇمكىن. لىكىن شۇ ئارقىلىق شۇ مىللەت كىشىلېرىگە بەرگەن ئازارىڭىزنى ئويلىسىڭىز ھەرگىزمۇ خۇشال بولمايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.

Tashchiqiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 16:05:51

saharkuyi يوللىغان ۋاقتى  2014-8-29 13:56 static/image/common/back.gif
ھەممە نەرسىنىڭ ياخشىسى ھەم يامىنى بولىدۇ. ئۆزىڭىز ياق ...

مەن مەمتىمىن ھوشۇر ئاكىنىڭ، ئەختەم ئۆمەر ئاكىنىڭ ۋە يەنە باشقا كۆپلىگەن مىللىتىم يازغۇچىلىرىنىڭ ھىكايىلىرىنى بەك ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيمەن، سىز نەقىل كەلتۈرگەن قېرىندىشىمىزنىڭ كۆزدە تۇتقىنى بەلكىم ھىسسىياتتىكى چىنلىققا بولغان نۇقتا بولىشى مۇمكىن. ھەقىقەتەنمۇ يەنە كۆپلىگەن ھىكايىلىمىزدا ھىسسىيات، تۇرمۇش چىنلىقىنى ھىس قىلىش سەل تەسرەك. مەن چەتئەلنىڭ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ھىكايىلىرىنىمۇ ئوقۇيمەن، ياخشىلىرىمۇ بار، يامانلىرىمۇ بار.مېنىڭ سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغنىم بەكلا ئاددى نەرسە، روھىمىزدىكى شاتلىق ھەم ئۇنىڭ مېنىڭ ھاياتىمدىكى بەزى مەنبەلىرى. ھەممەيلەنگە ئۆز-ئارا چۈشىنىش، مۇھەببەت ۋە خۇشاللىق تىلەيمەن.

gaqa يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 16:51:56

باشقا نىيتىممۇ يوق،ئۆزەممىغۇ باشلانغۇچتا ئىككى كوپلىت شىئر يازغاندىن كىيىن، بىر نەرسە يېزىپ باقمىغان.
گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك ،مىنىڭ دىگىنىم«ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەخلەت ھىكايىلىرىنى كۆپ ئوقۇمىغىنىڭىز چىقىپ تۇرىدۇ!!!»........دىمەك مەن مىللەتنىمۇ، يازغۇچىلارنىمۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئىجادىيەتلىرىنىمۇ كۆزدە تۇتقىنىم يوق .......مىنىڭ دىگىنىم پەقەت«ئەخلەت ھىكايىلىرى »{:87:}{:87:}{:87:}

بىراق ما ھىكايە بەك تاتلىقكەن!!!

Tashchiqiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 17:13:06

gaqa يوللىغان ۋاقتى  2014-8-29 16:52 static/image/common/back.gif
باشقا نىيتىممۇ يوق،ئۆزەممىغۇ باشلانغۇچتا ئىككى كوپلى ...

مەن سىزگە شۇ تاتلىق تۇيغۇ بەرگەن ھىسلىرىڭىزغا ھەۋەس بىلەن رەھمەت ئېيتىمەن . مەنمۇ دەل شۇ ئىزلەپ تېپىش تەسكە چۈشىدىغان شۇ تاتلىق، گۈزەل چاغلارنى قەلەمگە ئېلىشىمغا سەۋەپ بولغان كىچىكلىكىمدىكى ھاياتىمغا كۆپ شۈكرى قىلىمەن.
بەت: [1]
: تىزىق (تولۇق)