iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 22:10:17

سۈۋەرەكتىن ياردەم

ئەسسالام ئەزىزلەر
بىرەر يىلچە بولدى ئۆيۈمدە سۈۋەرەك پەيدا بولغىلى،دەسلەپ كۆپ ئەمەستى،ئۆيۈمدە بىر يېرىم ياشقا كىرگەن بالام بار،كىچىك بالا نىمىنى كۆرسە قىزىقىپ ئېغىزىغا تىقىپ باقىدۇ ئەمەسمۇ ! يەنە كېلىپ سۈۋەرەك يوقىتىش دورىلىرى بالامنى ھاۋادىن زەھەرلەپ قويمىسۇن دەپ دەپ بۇ مەخلۇقلار بىلەن تىنچلىقتا بىللە ئۆتۈپ كېلىۋاتقانتۇق،يېقىندىن بېرى بۇلار بەك كۆپىيىپ كەتتى،بۈگۈن توڭلاتقۇ ئىچىدىمۇ كۆردۈم، بىر نەچچە خىل دورا قويسام ئۈنۈمى تازا ياخشى ئەمەس،ئەمىن سۈۋەرەكخورىنى مەن تۇرۇۋاتقان بۇ جايدىن تاپالمىدىم،نەدە ساتىدىغانلىقىنى،ئۈنۈمىقانداقلىقىنىمۇ بىلمەيمەن …
ئۈنۈمى ۋە قىرىش كۈچى ياخشى دورىلار بالامغا زىيىنى بولمايدىغان،تۆۋەن زەھەرلىك،بىنا ئۆي ئەمەسمۇ،دەرىزىنى كۆپ ئېچىپ كەتمەيمىز كۈندە بوران چىقىۋاتقاندا …مۇشۇنداق دورا ۋە سۈۋەرەك يوقىتىش ئۇسۇللىرى بولسا تەۋسىيە قىلىڭلا دوستلار ، پىكىر ئالماشتۇرايلى،مۇشۇ تېمىغىمۇ نۇرغۇنلىرىمىز ئېھتىياجلىق بولۇشىمىز مۇمكىن،مۇنبەردىمۇ بۇ توغرىدا ھېچقانداق تېما يوقكەن
ئۈنۈمى ، قىرىش كۈچى يۇقىرى،بوۋاقلار ۋە بالىلارنى زەھەرلىمەيدىغان تۆۋەن زەھەرلىك دورا ۋە ياخشى ئۇسۇللارنى ئەالماشتۇرايلى

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 08:00:19

سۈۋەرەكتىن ياردەم ......:lol

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 08:12:22

بۇ نىجىسنىڭ ئەڭ ياخشى ئادەمگە بەدىنىگە زىيىنى يوق دۇرىسى ،سۇپۇن سۈيى ،لىكىن سەل ئاۋارىچىلىق.
ماتىريال: خالتا سۇپۇن(كىر سۇپۇن،ئۇنتاق سۇپۇن) ئىشغارلىق دەرىجىسى قانچە كۈچلۈك بولسا شۇنچە ياخشى ،مەسلەن (奇强) دەك،بۇ سۇپۇننى كىر يۇيۇش ئەمەس قۇلغا ئالسىمۇ قىزىپ كىتىدۇ ئالقان. ئاندىن ئېلمان سۇ
ئۇسۇلى :ئېلمان سۇغا (كىچىك داستا يىرىم داس بولسا بۇلىدۇ) خالتا سۇپۇننى تازا قۇيۇپ ئارلاشتۇرۇپ (قۇيۇقلىقى قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە ياخشى) ئاۋۇ نەرسە كۆپ كۈرىلدىغان ئۇرۇنلارغا كۈندە نەچچە قېتىم سىپىپ بەرسە بۇلىدۇ ،پۈركىگىچە گۈلگە سۇ پۈركىيدىغان سۇ چىچىش تاپانچىسىدەك ناسۇسلىق قۇتىدىن پايدىلانسىڭىز بۇلىدۇ.
ئۈنىمى ئىنتايىن ياخشىكەن،ھەم ئادەم بەدىنىگە ئاساسەن زىيانسىز.

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 08:16:19

بۇ يىل بىنا ئۆيلەردە سۈۋەرەكئاپىتى بولدىمۇ نىمە؟مېنىڭ تەجىربەم ئاشخانىڭىزدا سەي-كۆكتات شۆپىكلىرى قونۇپ قالمىسۇن،ئاشخانىدىكى چىنە-قاچا يۇيىدىغان داس نىڭ ئەتراپى سۈرۈرەكنىڭ تۇخۇم تۇغىدىغان ئۇۋىسىكەنشۇ جايغا دورا چېچىڭ،مېنىڭ ئۆيۈمدىمۇ رامىزان مەزگىلىدە شۇنداق كۆپىيىپ كەتكەن .،ھەركەت ھالىتىنى كۈزىتىپ يۈرۈپ ئاشخانىدا بولۇپمۇ نەمرەك جايدا كۆپىيدىغانلىقىنى بىلىپ قالدىم ،ھازىر ىېلى تىنجىپ قالدى

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 08:23:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-8-28 08:35


http://img4.imgtn.bdimg.com/it/u=1551934786,1167115962&fm=21&gp=0.jpg
چاچقىچە ماۋۇنىڭدەك قۇتىدىن پايدىلىنىپ چاچاسىڭىز بۇلىدۇ،سۇپۇنئادەتتە سۈۋەرەك يۇقىتىش دۇرىسىدەك بەدەنگە زىينى بۇلمىغاندىكىن ،چاچقانداسەل ئايىمايراق چېچىڭ! ناھايتى نەچچە خالتا سۇپۇن جىق كىتىدۇ.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 08:29:49

سۈۋەرەكتىن ياردەم سورىماي تورداشلاردىن سۈۋەرەك يوقۇتۇشقا ياردەم سوراڭ

axpazman يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 08:42:32

ئەمىن سۈۋەرەك خورىنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى،مەن ئىشلىتىپ باققان.ئۇيغۇرلارئاچقان چوڭراق تاللابازارلىرىدىن تاپقىلى بولىدۇ.

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 10:02:09

ئۆينى پاكىز تۇتساقلا بۇ غەممۇ يوق، مايھاراق تاما بار يەردىمۇ جىق بۇلىدىكەن بۇ …ئەڭ مۇھىمى ئاشخانا تازلىقى.

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 10:15:24

ئەمىن سۈۋەرەكخورىنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى، ئارمان ياكى ئىخلاس دېگەندەك چوڭراق دۇكاندا بار، ئۈچ ئۆيگە ئىشلىتىپ باققان

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 10:16:23

ئەمىن سۈۋەرەكخورى بولىدىكەن ، بىزنىڭ ئۆيدىمۇ نەچچە يىلبۇرۇن سەۋەرۈك بېسىك كېتىپ، شۇنى بىر قېتىم ئىشلەتكەن، شۇندىن بېرى بۇ نەرسە قايتا پەيدا بولمىدى،
بىلىشىمچە ئەمىن سۈۋۈرەكخورى
يۇقۇرى پەن تېخنىكىلىق ، پاتېنت ھوقۇقىدىكى دورىكەن .

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 10:28:48

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-8-28 10:40

ھازىر بازاردا ئەمىن سۈۋەرەكخورىنىڭ ئورالمىسىغا ئوخشاش قىلىپ ئەل ئەمىن ماركىسىدىكى سۈۋەرەكخور كۆپ ئۇچرايدىغان بوپقالدى ، ئىلگىرى ئەمىننى بىر قېتىمئىشلىتىپ بىراقلا ئىككى يىلدىن ئۇشۇق خاتىرجەم بوپكىتىپكەنمىز ، ئۆي كۆچۈپ قارىساق يېڭى ئۆيدە ئاز تولا پەيدا بوپقالدى بازارغا چىقىپ قارىسام مەن يۇقۇرىدا دىگەن ماركىدىكىسى باركەن ، ساختىمۇ بىلەلمىدىم

saktikin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 10:59:38

uqkun1 يوللىغان ۋاقتى2014-08-28 10:28:48 static/image/common/back.gif
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-8-28 10
سۈۋەرەكيوقىتىدىغان ئەڭ   ئۈنۈملۈكدوراھاشارەتيوقىتىدىغاندېھقانچىلىقدورىسىقۇتىسىبۇرۇنقىھۆتەلدورىسىنىڭقۇتىسىبىلەنتەڭ،بىربوتولكادورىنىڭيېرىمىنىبىرداسسۇغا   تەڭشەپ    ئەۋرەزيوللىرىغاقۇيىۋەتسەئۆزىڭىزنىڭ ئۆيىدىلائەمەسپۈتكۈل كارىدوردابىريىلغىچەسۈۋەرەك جانباقالمايدۇ

sad~da يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 11:35:01

بۇنۇڭ دەردىنىتاتقان مەنلام ئوخشايمەن دىسەم ماڭا ئوخشايدىغانلار باركەن .
مەن ئالدىنقى يىلى تورداشلار دىگەندەك ئەمىن سۈۋەرەك چېچىش سۇيۇقلىغىنى ئىشلەتكەن ئىدىم باھاسى 28 يۈئەن كىچىك باللارغىمۇ تەسىر قىلمايدىكەن ئۈنمىمۇ ياخشى ئىكەن .
بۇ قېتىم ئۈيۈمنى يەنە سۈۋەرەك قاپلاپ كىتىم بۇلاق بېشىدىكى يۇرتۇم تاللابازىرىدىن 5 سومغا بەش خالتا سۈۋەرەك ئۆلتۈرۈش دارىسى ئېلىپ سۈۋەرەكلەر كۆپرەك ماڭىدىغان جايلارغا چېچىپ قويغان ئىدىم ئۈنۈمى شۇنداق قالتىس بولدى ھازىر ئىزدىسەممۇ تاپالمايمەن ئۇ كاساپەتنى

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 12:19:45

مۇنبەردە سۈۋەرەك ھەققىدە ياردەم سورالغان ئىككى تېما بار
ئىپلاس ھاشارەت
http://bbs.izdinix.com/thread-39951-1-1.html
سۈۋەرەكنى قانداق يوقاتقىلى بولىدۇ؟
http://bbs.izdinix.com/thread-47122-1-1.html

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 13:40:57

ئۆيدىكى يوڭ گىلەمنى كۈيە يەپ تاز قىلىپ قويغىلى تۇرۇپتۇ، بۇنىڭغا قانداق قىلىش كېرەك. قىشتا قارغا بېسپ قېقىپ سۈپۈرۈپ نافتالىننى ئۇندەك قىلىپ كۈيە يىگەن چايغا سېپىۋەتكەن ،لىكىن يەنىلا ئۈنۈمى ياخشى بولماپتۇ. بۇ گۇي نەك ئاستا يىگەندىكىن بىلمەك تەسكەن. بۇنىڭ چارىسى بامۇ؟

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 14:21:04

سۇۋارەك ئاساسەن بىر بىنا، بىر زال بىر مەھەللە ياكى رايۇندا بىراقلا پەيدە بولۇپ بىر ئۆيدىن قوغلىسا ۋاقتىنچە يەنە بىر ئۆيگە كۆچىدۇ، يەنە ئۇ ئۆي دورا چېچىپ ئۆي تازىلاپ يوقاتسا يەنە بىر ئۆيگە كۆچىدۇ، بىنا ئۆيدا ئولتۇرغان خوشىنىلار ئۆزئارا دىيىشىۋېلىپ بىرلا ۋاقىتتا سۇۋارەك دورىسىنى چېچىپ ، ئاشخانىدىكى بۇس تارتقۇ، ئوچاق بېشى ، قاچا قۇمۇچ يۇيۇدىغان راكۇن، يۇندا كۆلچىكىنىڭ ئاغزى قاتارلىق ماي يىغىلىپ قالىدىغان جايلارنى تەل تۆكۈس پاكىز يۇيۇپ دېزىنفىسىلىيىۋەتسە ئاندىن بىراقلا يوقايدۇ، بولمىسا قوغلاشماق ئوينىغاندەك ئىش بولىدۇ، ئاساسلىقى ئاشخانا بىلەن ئوبۇرنىنىڭ تازىلىقىنى چىڭ تۇتسا ئۆزلىكدىن يوقاپ قايتا يولىمايدىغان بولىدۇ.

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 15:14:52

ئەمىن سۈۋەرەكخورىنى تەۋىسىيە قىلمەن

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 16:29:09

بۇ سۈۋەرەكخور دىگەن ئاجايىپ ۋەھشى دورىكەن. ئۇ بىئولوگىيلىك قورالدەك رول ئوينايدىكەن، جىقراق ھەركەت قىلدىغان يېرىگە مۇندالا پۈركەپ قويسىڭىز ھەممىسى ئۈچ كۈنگە قالماي قىرلىپ كىتىدىكەن. ۋابا تارقتىش رولىنى ئۆتەيدىكەن.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 16:40:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-8-28 16:53

سۈۋەرەك يۇقۇتۇش دورىسىنى ئادەم پۇل خەجلەپ ئۈز بەدىنىگە زىيان سالدىغان نەرسە سېتىۋالغانلىق دەپ كۆرگەن،ئازراق ئىشلىتىڭلار سۈۋەرەكخورنى{:89:}

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 17:01:30

hoopeelover
گىلەم ئاستىغا ياڭاق يوپۇرمىقى سېلىپ قويسىڭىزلا كۇپايە
بەت: [1] 2
: سۈۋەرەكتىن ياردەم